< Jeremiah 30 >

1 The word that hath been unto Jeremiah from Jehovah, saying,
پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا كەلگەن سۆز: ــ
2 'Thus spake Jehovah, God of Israel, saying, Write for thee all the words that I have spoken unto thee on a book.
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ساڭا ھازىر دەيدىغان مۇشۇ بارلىق سۆزلىرىمنى يازمىغا يازغىن؛
3 For, lo, days are coming — an affirmation of Jehovah — and I have turned back [to] the captivity of My people Israel and Judah, said Jehovah, and I have caused them to turn back unto the land that I gave to their fathers, and they do possess it.'
چۈنكى مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن خەلقىم ئىسرائىل ھەم يەھۇدانى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ئۇلارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا قايتۇرىمەن، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ.
4 And these [are] the words that Jehovah hath spoken concerning Israel and concerning Judah:
پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل توغرۇلۇق ۋە يەھۇدا توغرۇلۇق دېگەن سۆزلىرى تۆۋەندىكىدەك: ــ
5 Surely thus said Jehovah: A voice of trembling we have heard, Fear — and there is no peace.
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاڭلىتىلىدۇ ئالاقزادىلىك ھەم قورقۇنچلۇقنىڭ ئاۋازى، بولسۇن نەدە ئامان-تىنچلىق!
6 Ask, I pray you, and see, is a male bringing forth? Wherefore have I seen every man, His hands on his loins, as a travailing woman, And all faces have been turned to paleness?
سوراڭلار، شۇنى كۆرۈپ بېقىڭلاركى، ئەر بالا تۇغامدۇ؟ مەن نېمىشقا ئەمدى تولغاققا چۈشكەن ئايالدەك ھەربىر ئەر كىشىنىڭ چاتىرىقىنى قولى بىلەن تۇتقانلىقىنى كۆرىمەن؟ نېمىشقا يۈزلىرى تاتىرىپ كەتكەندۇ؟
7 Woe! for great [is] that day, without any like it, Yea, a time of adversity it [is] to Jacob, Yet out of it he is saved.
ئايھاي، شۇ كۈنى دەھشەتلىكتۇر! ئۇنىڭغا ھېچقانداق كۈن ئوخشىمايدۇ؛ ئۇ ياقۇپنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت كۈنىدۇر؛ لېكىن ئۇ ئۇنىڭدىن قۇتقۇزۇلىدۇ.
8 And it hath come to pass, in that day, An affirmation of Jehovah of Hosts, I break his yoke from off thy neck, And thy bands I draw away, And lay no more service on him do strangers.
شۇ كۈنىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭدىن ئېلىپ سۇندۇرۇۋېتىمەن، ئاسارەتلىرىڭنى بۇزۇپ تاشلايمەن، يات ئادەملەر ئۇنى ئىككىنچى قۇللۇققا چۈشۈرمەيدۇ.
9 And they have served Jehovah their God, And David their king whom I raise up to them.
شۇنىڭ ئورنىدا ئۇلار پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ھەمدە مەن ئۇلار ئۈچۈن قايتىدىن تىكلەيدىغان داۋۇت پادىشاھىنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ.
10 And thou, be not afraid, My servant Jacob, An affirmation of Jehovah, Nor be affrighted, O Israel, For, lo, I am saving thee from afar, And thy seed from the land of their captivity, And Jacob hath turned back and rested, And is quiet, and there is none troubling.
ئەمدى سەن، ئى قۇلۇم ياقۇپ، قورقما، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئالاقزادە بولما، ئى ئىسرائىل؛ چۈنكى مانا، مەن سېنى يىراق يەرلەردىن، سېنىڭ نەسلىڭنى سۈرگۈن بولغان زېمىندىن قۇتقۇزىمەن؛ ياقۇپ قايتىپ كېلىدۇ، ئارام تېپىپ ئازادە تۇرىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇنى قورقۇتمايدۇ.
11 For with thee [am] I, An affirmation of Jehovah — to save thee, For I make an end of all the nations Whither I have scattered thee, Only, of thee I do not make an end, And I have chastised thee in judgment, And do not entirely acquit thee.
چۈنكى مەن سېنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ مەن سېنى تارقىتىۋەتكەن ئەللەرنىڭ ھەممىسىنى تۈگەشتۈرسەممۇ، لېكىن سېنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرمەيمەن؛ پەقەت ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىپ تەربىيە-ساۋاق بېرىمەن؛ سېنى جازالىماي قويۇپ قويمايمەن.
12 For thus said Jehovah: Incurable is thy breach, grievous thy stroke,
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سېنىڭ زېدەڭ داۋالىغۇسىز، سېنىڭ ياراڭ بولسا ئىنتايىن ئېغىردۇر.
13 There is none judging thy cause to bind up, Healing medicines there are none for thee.
سېنىڭ دەۋايىڭنى سورايدىغان ھېچكىم يوق، ياراڭنى تاڭغۇچى يوقتۇر، ساڭا شىپالىق دورىلار يوقتۇر؛
14 all loving thee have forgotten thee, Thee they do not seek, For with the stroke of an enemy I smote thee, The chastisement of a fierce one, Because of the abundance of thy iniquity, Mighty have been thy sins!
سېنىڭ بارلىق ئاشنىلىرىڭ سېنى ئۇنتۇغان؛ ئۇلار سېنىڭ ھالىڭنى ھېچ سورىمايدۇ. چۈنكى مەن سېنى دۈشمەندەك زەرب بىلەن ئۇرغانمەن، رەھىمسىز بىر زالىمدەك ساڭا ساۋاق بولسۇن دەپ ئۇرغانمەن؛ چۈنكى سېنىڭ قەبىھلىكىڭ ھەددى-ھېسابسىز، گۇناھلىرىڭ ھەددىدىن زىيادە بولغان.
15 What! — thou criest concerning thy breach! Incurable [is] thy pain, Because of the abundance of thy iniquity, Mighty have been thy sins! I have done these to thee.
نېمىشقا زېدەڭ تۈپەيلىدىن، دەرد-ئەلىمىڭ داۋالىغۇسىز بولغانلىقى تۈپەيلىدىن پەرياد كۆتۈرىسەن؟ قەبىھلىكىڭنىڭ ھەددى-ھېسابسىز بولغانلىقىدىن، گۇناھلىرىڭ ھەددىدىن زىيادە بولغانلىقىدىن، مەن شۇلارنى ساڭا قىلغانمەن.
16 Therefore all consuming thee are consumed, And all thine adversaries — all of them — Into captivity do go, And thy spoilers have been for a spoil, And all thy plunderers I give up to plunder.
لېكىن سېنى يۇتۇۋالغانلارنىڭ ھەممىسى يۇتۇۋېلىنىدۇ؛ سېنىڭ بارلىق كۈشەندىلىرىڭ بولسا سۈرگۈن بولىدۇ؛ سېنى بۇلىغانلارنىڭ ھەممىسى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ؛ سېنى ئوۋ قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئوۋلىنىدىغان قىلىمەن.
17 For I increase health to thee, And from thy strokes I do heal thee, An affirmation of Jehovah, For 'Outcast' they have called to thee, 'Zion it [is], there is none seeking for her.'
چۈنكى مەن ساڭا تېڭىق تېڭىپ قويىمەن ۋە يارىلىرىڭنى ساقايتىمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ چۈنكى ئۇلار سېنى: «غېرىب-بىچارە، ھېچكىم ھالىنى سورىمايدىغان زىئون دەل مۇشۇدۇر» دەپ ھاقارەتلىگەن.
18 Thus said Jehovah: Lo, I turn back [to] the captivity of the tents of Jacob, And his dwelling places I pity, And the city hath been built on its heap, And the palace according to its ordinance remaineth.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ياقۇپنىڭ چېدىرلىرىنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ئۇنىڭ تۇرالغۇلىرى ئۈستىگە رەھىم قىلىمەن؛ شەھەر خارابىلىرى ئۇل قىلىنىپ قايتىدىن قۇرۇلىدۇ، ئوردا-قەلئە ئۆز جايىدا يەنە ئادەمزاتلىق بولىدۇ.
19 And gone forth from them hath thanksgiving, And the voice of playful ones, And I have multiplied them and they are not few, And made them honourable, and they are not small.
شۇ جايلاردىن تەشەككۈر كۈيلىرى ۋە شاد-خۇراملىق سادالىرى ئاڭلىنىدۇ؛ مەن ئۇلارنى كۆپەيتىمەنكى، ئۇلار ئەمدى ئازايمايدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ئاشۇرىمەن، ئۇلار ھېچ پەس بولمايدۇ.
20 And his sons have been as aforetime, And his company before Me is established, And I have seen after all his oppressors.
ئۇلارنىڭ بالىلىرى قەدىمدىكىدەك بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ جامائىتى ئالدىمدا مەزمۇت تۇرغۇزۇلىدۇ؛ ئۇلارنى خورلىغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن.
21 And his honourable one hath been of himself, And his ruler from his midst goeth forth, And I have caused him to draw near, And he hath drawn nigh unto Me, For who [is] he who hath pledged his heart To draw nigh unto Me? An affirmation of Jehovah.
ئۇلارنىڭ بېشى ئۆزلىرىدىن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈم سۈرگۈچىسى ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدىن چىقىدۇ؛ مەن ئۇنى ئۆز يېنىمغا كەلتۈرىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا يېقىن كېلىدۇ؛ چۈنكى يېنىمغا كەلگۈچى [جېنىنى] تەۋەككۈل قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
22 And ye have been to Me for a people, And I am to you for God.
ــ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن.
23 Lo, a whirlwind of Jehovah — Fury hath gone forth — a cutting whirlwind, On the head of the wicked it stayeth.
مانا، پەرۋەردىگاردىن چىققان بىر بوران-چاپقۇن! ئۇنىڭدىن قەھر چىقتى؛ بەرھەق، دەھشەتلىك بىر قارا قۇيۇن چىقىپ كەلدى؛ ئۇ پىرقىراپ رەزىللەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.
24 The fierceness of the anger of Jehovah Doth not turn back till His doing, Yea, till His establishing the devices of His heart, In the latter end of the days we consider it!
كۆڭلىدىكى نىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ تولۇق ئەمەل قىلغۇچە، پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى يانمايدۇ؛ ئاخىرقى كۈنلەردە سىلەر بۇنى چۈشىنىپ يېتىسىلەر.

< Jeremiah 30 >