< Job 8 >

1 Then Bildad the Shuhite answered,
ئاندىن شۇخالىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
2 “How long will you speak these things? Shall the words of your mouth be a mighty wind?
«سەن قاچانغىچە مۇشۇلارنى سۆزلەيسەن؟ ئاغزىڭدىكى سۆزلەر كۈچلۈك شامالدەك قاچانغىچە چىقىدۇ؟
3 Does God pervert justice? Or does the Almighty pervert righteousness?
تەڭرى ئادالەتنى بۇرمىلىغۇچىمۇ؟ ھەممىگە قادىر ئادىللىقنى بۇرمىلامدۇ؟
4 If your children have sinned against him, he has delivered them into the hand of their disobedience.
سېنىڭ بالىلىرىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلغان بولسا، ئۇ ئۇلارنىمۇ ئىتائەتسىزلىكىنىڭ جازاسىغا تاپشۇرغان، خالاس.
5 If you want to seek God diligently, make your supplication to the Almighty.
بىراق ئەگەر ئۆزۈڭ ھازىر چىن كۆڭلۈڭدىن تەڭرىنى ئىزدىسەڭلا، ھەممىگە قادىرغا ئىلتىجا قىلساڭلا،
6 If you were pure and upright, surely now he would awaken for you, and make the habitation of your righteousness prosperous.
ئەگەر سەن ساپ دىل ھەم دۇرۇس بولغان بولساڭ، شۈبھىسىزكى، ئۇ سەن ئۈچۈن ئويغىنىدۇ، چوقۇم سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭغا تولغان تۇرالغۇڭنى گۈللەندۈرىدۇ.
7 Though your beginning was small, yet your latter end would greatly increase.
سەن دەسلەپتە ئېتىبارسىز قارالغان بولساڭمۇ، بىراق سەن ئاخىرىدا چوقۇم تېخىمۇ گۈللىنىسەن.
8 “Please inquire of past generations. Find out about the learning of their fathers.
شۇڭا سەندىن ئۆتۈنەيكى، ئۆتكەنكى دەۋرلەردىن سوراپ باققىن، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئىزدىنىشلىرىگىمۇ كۆڭۈل قويغىن
9 (For we are but of yesterday, and know nothing, because our days on earth are a shadow.)
(چۈنكى بىز بولساق تۈنۈگۈنلا تۇغۇلغانمىز؛ كۈنلىرىمىز پەقەت بىر سايە بولغاچقا، ھېچنېمىنى بىلمەيمىز).
10 Shall they not teach you, tell you, and utter words out of their heart?
ساڭا كۆرسەتمە بېرىپ ئۆگەتەلەيدىغان ئۇلار ئەمەسمۇ؟ ئۇلار ئۆز كۆڭلىدىكىنى ساڭا سۆزلىمەمدۇ؟
11 “Can the papyrus grow up without mire? Can the rushes grow without water?
لاتقا بولمىسا يېكەنلەر ئېگىز ئۆسەلەمدۇ؟ قومۇشلۇقتىكى ئوت-چۆپلەر سۇسىز ئۆسەلەمدۇ؟
12 While it is yet in its greenness, not cut down, it withers before any other reed.
ئۇلار يېشىل پېتى بولۇپ، تېخىچە ئورۇلمىغان بولسىمۇ، ھەرقانداق ئوت-چۆپتىن تېز توزۇپ كېتىدۇ.
13 So are the paths of all who forget God. The hope of the godless man will perish,
تەڭرىنى ئۇنتۇغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقىۋەتلىرى مانا شۇنداقتۇر؛ ئىپلاسلارنىڭ ئۈمىدى مانا شۇنداق يوققا كېتەر.
14 whose confidence will break apart, whose trust is a spider’s web.
چۈنكى ئۇنىڭ تايانغىنى چۈرۈك بىر نەرسە، خالاس؛ ئۇنىڭ ئىشەنگىنى بولسا ئۆمۈچۈكنىڭ تورىدۇر، خالاس.
15 He will lean on his house, but it will not stand. He will cling to it, but it will not endure.
ئۇ ئۆز ئۇۋىسىغا يۆلىنىدۇ، بىراق ئۇ مەزمۇت تۇرمايدۇ؛ ئۇ ئۇنى چىڭ تۇتۇۋالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
16 He is green before the sun. His shoots go out along his garden.
ئۇ قۇياش ئاستىدا كۆكلىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ پىلەكلىرى ئۆز بېغىنى قاپلىغان بولسىمۇ،
17 His roots are wrapped around the rock pile. He sees the place of stones.
ئۇنىڭ يىلتىزلىرى تاش دۆۋىسىگە چىرمىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ تاشلار ئارىسىدا ئورۇن ئىزدىگەن بولسىمۇ،
18 If he is destroyed from his place, then it will deny him, saying, ‘I have not seen you.’
لېكىن [خۇدا] ئۇنى ئورنىدىن يۇلىۋەتسە، ئاشۇ يەر ئۇنىڭدىن تېنىپ: «مەن سېنى كۆرمىگەن!» ــ دەيدۇ.
19 Behold, this is the joy of his way. Out of the earth, others will spring.
مانا ئۇنىڭ يولىنىڭ شادلىقى! ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىغا باشقىلىرى تۇپراقتىن ئۈنىدۇ.
20 “Behold, God will not cast away a blameless man, neither will he uphold the evildoers.
قارا، خۇدا دۇرۇس ئادەمنى تاشلىمايدۇ، ياكى يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۇلارنى يۆلىمەيدۇ.
21 He will still fill your mouth with laughter, your lips with shouting.
ئۇ يەنە سېنىڭ ئاغزىڭنى كۈلكە بىلەن، لەۋلىرىڭنى شادلىق ئاۋازلىرى بىلەن تولدۇرىدۇ،
22 Those who hate you will be clothed with shame. The tent of the wicked will be no more.”
ساڭا نەپرەتلەنگەنلەرگە شەرمەندىلىك چاپلىنىدۇ، ئەسكىلەرنىڭ چېدىرى يوقىتىلىدۇ».

< Job 8 >