< 1 Thessalonians 2 >

1 For you yourselves know, brothers, our visit to you wasn’t in vain,
چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، بىزنىڭ ئاراڭلارغا كىرگىنىمىز توغرۇلۇق بىلىسىلەركى، ئۇ بىكارغا كەتمىدى.
2 but having suffered before and been shamefully treated, as you know, at Philippi, we grew bold in our God to tell you the Good News of God in much conflict.
سىلەرگە يەنە شۇمۇ مەلۇمكى، گەرچە ئىلگىرى فىلىپپى شەھىرىدە قىيىن-قىستاق ۋە خارلىققا ئۇچرىغان بولساقمۇ، زور قاتتىق قارشىلىققا قارىماي خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە خۇدايىمىزنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن يۈرەكلىك بولدۇق.
3 For our exhortation is not of error, nor of uncleanness, nor in deception.
چۈنكى بىزنىڭ ئۆتۈنۈش-جېكىلەشلىرىمىزدە ھېچقانداق ئالدامچىلىق، ناپاك نىيەت ياكى ھىيلىگەرلىك يوقتۇر.
4 But even as we have been approved by God to be entrusted with the Good News, so we speak—not as pleasing men, but God, who tests our hearts.
ئەكسىچە، بىز خۇدا تەرىپىدىن خۇش خەۋەرنىڭ ئامانەت قىلىنىشقا لايىق كۆرۈلگەن ئادەملەر سۈپىتىدە بىز شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئادەملەرنى ئەمەس، بەلكى قەلبىمىزنى سىنىغۇچى خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن [خۇش خەۋەرنى] جاكارلايمىز.
5 For neither were we at any time found using words of flattery, as you know, nor a cloak of covetousness (God is witness),
چۈنكى سىلەر بىلگەندەك بىز ھېچقايسى ۋاقىتتا ئاراڭلارغا خۇشامەتچىلىك بىلەن ۋە ياكى تاماخورلۇققا نىقاب تاقاپ كەلمىدۇق ــ (بۇ ئىشتا خۇدا بىزگە گۇۋاھچىدۇر ــ
6 nor seeking glory from men (neither from you nor from others), when we might have claimed authority as apostles of Christ.
گەرچە بىز مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ سۈپىتىدە تەلەپ يۈكلىيەلەيدىغان بولساقمۇ، مەيلى سىلەر بولۇڭلار ياكى باشقىلار بولسۇن، ھېچبىر ئىنساندىن بىرەر ئىززەت-شۆھرەت ئىزدىگەن ئەمەس ئىدۇق.
7 But we were gentle amongst you, like a nursing mother cherishes her own children.
ئەكسىچە بىز ئاراڭلاردا خۇددى بالا ئىمىتىدىغان ئانا ئۆز بوۋاقلىرىنى كۆيۈنۈپ ئاسرىغاندەك سىلەرگە مۇلايىم مۇئامىلىدە بولدۇق.
8 Even so, affectionately longing for you, we were well pleased to impart to you not the Good News of God only, but also our own souls, because you had become very dear to us.
شۇ چاغدا، سىلەرگە شۇنداق تەلپۈنگەنىدۇق، سىلەرگە پەقەت خۇدانىڭ خۇش خەۋەرىنى تاپشۇرۇشنىلا ئەمەس، ھەتتا ئۆز جېنىمىزنى تاپشۇرۇشقىمۇ رازىمىز؛ چۈنكى سىلەر بىزگە ئىنتايىن قەدىرلىك ئىدىڭلار.
9 For you remember, brothers, our labour and travail; for working night and day, that we might not burden any of you, we preached to you the Good News of God.
چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، بىزنىڭ قانداق جاپالىق ئەمگەك قىلغىنىمىز ئېسىڭلاردا باردۇر؛ ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن كېچە-كۈندۈزلەپ مېھنەت قىلدۇق، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق.
10 You are witnesses with God how holy, righteously, and blamelessly we behaved ourselves towards you who believe.
ئېتىقادچىلاردىن بولغان سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەمەلىيەتلىرىمىزنىڭ قانداق ئىخلاسمەن، ھەققانىي ۋە ئەيىبسىز ئىكەنلىكىگە ئۆزۈڭلار ۋە خۇدانىڭ ئۆزىمۇ گۇۋاھچىدۇر.
11 As you know, we exhorted, comforted, and implored every one of you, as a father does his own children,
ۋە يەنە سىلەر بىلگىنىڭلاردەك، ئاتىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە نەسىھەت بەرگىنىدەك بىز ھەربىرىڭلارغا شۇنداق جېكىلەپ، رىغبەت-تەسەللى بېرىپ، سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىغا ۋە شان-شەرىپىگە چاقىرىۋاتقان خۇداغا لايىق ھالدا مېڭىشقا دەۋەت قىلدۇق.
12 to the end that you should walk worthily of God, who calls you into his own Kingdom and glory.
13 For this cause we also thank God without ceasing that when you received from us the word of the message of God, you accepted it not as the word of men, but as it is in truth, God’s word, which also works in you who believe.
خۇداغا يەنە شۇ سەۋەبتىن توختاۋسىز تەشەككۈر ئېيتىمىزكى، سىلەرنىڭ بىزدىن ئاڭلىغان خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا قۇلاق سالغىنىڭلاردا، ئۇنى ئىنسانلاردىن كەلگەن سۆز سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەمەلىي سۈپىتىدە، يەنى خۇدادىن كەلگەن سۆز-كالام دەپ ئۇنى قوبۇل قىلدىڭلار؛ ئۇ [سۆز-كالام] ھازىر ئىشەنگۈچى سىلەردە ئىشلىمەكتە.
14 For you, brothers, became imitators of the assemblies of God which are in Judea in Christ Jesus; for you also suffered the same things from your own countrymen, even as they did from the Jews
چۈنكى سىلەر، ئى قېرىنداشلار، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى مەسىھ ئەيسادا بولغان جامائەتلەردىن ئۈلگە ئالدىڭلار؛ ئۇلار [شۇ يەردە] يەھۇدىيلار تەرىپىدىن قانداق خارلىقلارغا ئۇچرىغان بولسا، سىلەرمۇ ئۆز يۇرتداشلىرىڭلار تەرىپىدىن ئوخشاش خارلىقلارغا ئۇچرىدىڭلار.
15 who killed both the Lord Jesus and their own prophets, and drove us out, and don’t please God, and are contrary to all men,
ئۇلار، يەنى شۇ يەھۇدىيلار، ئەسلىدە رەب ئەيسانى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن ۋە بىزنىمۇ زىيانكەشلىك قىلىپ قوغلىۋەتكەنىدى. ئۇلار خۇدانى نارازى قىلىپ، ۋە ھەممە ئىنسان بىلەن قېرىشىپ،
16 forbidding us to speak to the Gentiles that they may be saved, to fill up their sins always. But wrath has come on them to the uttermost.
«يات ئەللىكلەر»نىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇلارغا سۆزلىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھلىرىنى ئۈزلۈكسىز چېكىگە يەتكۈزمەكتە؛ لېكىن غەزەپ ئۇلارنىڭ بېشىغا تولۇقى بىلەن چۈشۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرىدۇ.
17 But we, brothers, being bereaved of you for a short season in presence, not in heart, tried even harder to see your face with great desire,
لېكىن بىز، ئى قېرىنداشلار، ئامالسىز سىلەردىن ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت جۇدالاشقان بولساقمۇ (تەندە بولسىمۇ، قەلبدە ئەمەس)، سىلەر بىلەن يەنە دىدار كۆرۈشۈشكە قەۋەتلا ئىنتىزارلىقىمىزدىن يېنىڭلارغا بېرىشقا تېخىمۇ بەك ئىنتىلدۇق!
18 because we wanted to come to you—indeed, I, Paul, once and again—but Satan hindered us.
شۇنىڭدەك يېنىڭلارغا بارغۇمىز بار ئىدى ــ ئەمەلىيەتتە مەنكى پاۋلۇس قايتا-قايتا تىرىشىپ باقتىم؛ بىراق بۇنىڭغا شەيتان توسقۇنلۇق قىلدى.
19 For what is our hope, or joy, or crown of rejoicing? Isn’t it even you, before our Lord Jesus at his coming?
چۈنكى بىزنىڭ ئىستەك-ئارزۇيىمىز، شادلىقىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا قايتىپ كەلگەندە پەخىرلىنىدىغان تاجىمىز نېمە بولىدۇ؟ بۇ دەل سىلەر ئۆزۈڭلار ئەمەسمۇ؟
20 For you are our glory and our joy.
چۈنكى سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز، بىزنىڭ شادلىقىمىز!

< 1 Thessalonians 2 >