< Leviticus 19 >

1 And the LORD spoke to Moses, saying,
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
2 Speak to all the congregation of the children of Israel, and say to them, Ye shall be holy: for I the LORD your God [am] holy.
سەن ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە سۆز قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ «مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار مۇقەددەس بولغاچقا، سىلەرمۇ مۇقەددەس بولۇشۇڭلار كېرەك.
3 Ye shall fear every man his mother and his father, and keep my sabbaths: I [am] the LORD your God.
سىلەر ھەربىرىڭلار ئاناڭلار بىلەن ئاتاڭلارنى ئىززەتلەڭلار؛ مېنىڭ شابات كۈنلىرىمنى بولسا، ئۇلارنى تۇتۇشۇڭلار كېرەك. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
4 Turn ye not to idols, nor make to yourselves molten gods: I [am] the LORD your God.
سىلەر ئەرزىمەس بۇتلارغا تايانماڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قۇيما بۇتلارنى ياسىماڭلار. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
5 And if ye offer a sacrifice of peace-offerings to the LORD, ye shall offer it at your own will.
سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىناقلىق قۇربانلىقىنى كەلتۈرۈشنى خالىساڭلار، قوبۇل قىلىنغۇدەك يول بىلەن ئۇنى سۇنۇڭلار.
6 It shall be eaten the same day ye offer it, and on the morrow: and if aught shall remain until the third day, it shall be burnt in the fire.
سىلەر ئۇنى سۇنغان كۈنى ۋە ئەتىسى ئۇ يېيىلسۇن؛ ئۈچىنچى كۈنىگە قالغىنى بولسا ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن.
7 And if it shall be eaten at all on the third day, it [is] abominable; it shall not be accepted.
ئەگەر ئۇنىڭدىن بىر قىسمى ئۈچىنچى كۈنى يېيىلسە قۇربانلىق ھارام ھېسابلىنىپ قوبۇل قىلىنمايدۇ.
8 Therefore [every one] that eateth it shall bear his iniquity, because he hath profaned the hallowed thing of the LORD; and that soul shall be cut off from among his people.
كىمكى ئۇنىڭدىن يېسە ئۆز گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنغان نەرسىنى ناپاك قىلدى؛ ئۇنداق كىشى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
9 And when ye reap the harvest of your land, thou shalt not wholly reap the corners of thy field, neither shalt thou gather the gleanings of thy harvest.
سىلەر زېمىنىڭلاردىكى ھوسۇلنى يىغساڭلار، سەن ئېتىزىڭنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە تامام يىغىۋالما ۋە ھوسۇلۇڭدىن قالغان ۋاساڭنى تېرىۋالمىغىن.
10 And thou shalt not glean thy vineyard, neither shalt thou gather [every] grape of thy vineyard; thou shalt leave them for the poor and stranger: I [am] the LORD your God.
ئۈزۈم تاللىرىڭنى پاساڭدىۋاتما ۋە ئۈزۈم تاللىرىدىن چۈشكەن ئۈزۈملەرنىمۇ تېرىۋالما، بەلكى بۇلارنى كەمبەغەللەر بىلەن مۇساپىرلارغا قويغىن. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
11 Ye shall not steal, neither deal falsely, neither lie one to another.
سىلەر ئوغرىلىق قىلماڭلار، ئالدامچىلىق قىلماڭلار، بىر-بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار.
12 And ye shall not swear by my name falsely, neither shalt thou profane the name of thy God: I [am] the LORD.
مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان قەسەم ئىچمەڭلار، ئۇنداق قىلساڭ خۇدايىڭنىڭ نامىنى بۇلغايسەن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
13 Thou shalt not defraud thy neighbor, neither rob [him]: the wages of him that is hired shall not abide with thee all night until the morning.
ئۆز قوشناڭغا زۇلۇم قىلما، ئۇنىڭكىنى ئۆزۈڭنىڭ قىلىۋالما. مەدىكارنىڭ ھەققىنى كېچىچە يېنىڭدا قوندۇرۇپ قالما.
14 Thou shalt not curse the deaf, nor put a stumbling-block before the blind, but shalt fear thy God: I [am] the LORD.
گاس كىشىنى تىللىما، كور كىشىنىڭ ئالدىدا پۇتلىشاڭغۇ نەرسىنى قويما؛ بەلكى ئۆز خۇدايىڭدىن قورققىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
15 Ye shall do no unrighteousness in judgment; thou shalt not respect the person of the poor, nor honor the person of the mighty: [but] in righteousness shalt thou judge thy neighbor.
ھۆكۈم قىلغىنىڭلاردا ھېچ ناھەقلىق قىلماڭلار؛ نامراتقىمۇ يان باسماي، بايغىمۇ يۈز-خاتىرە قىلماي، بەلكى ئادىللىق بىلەن ئۆز قوشناڭ ئۈستىدىن توغرا ھۆكۈم قىلغىن.
16 Thou shalt not go up and down [as] a tale-bearer among thy people; neither shalt thou stand against the blood of thy neighbor; I [am] the LORD.
ئۆز خەلقىڭنىڭ ئارىسىدا گەپ توشۇغۇچى بولۇپ يۈرمە؛ قوشناڭنىڭ جېنىغا ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتكۈزمە. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
17 Thou shalt not hate thy brother in thy heart: thou shalt in any wise rebuke thy neighbor, and not suffer sin upon him.
سەن كۆڭلۈڭدە ئۆز قېرىندىشىڭدىن نەپرەتلەنمىگىن؛ قوشناڭدا [گۇناھ بولسا] سەن ئۇنىڭ سەۋەبىدىن بېشىڭغا گۇناھ كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەنبىھ-نەسىھەت بەرگىن.
18 Thou shalt not avenge, nor bear any grudge against the children of thy people, but thou shalt love thy neighbor as thyself; I [am] the LORD.
سەن ئىنتىقام ئالمىغىن ۋە ئۆز خەلقىڭنىڭ نەسلىگە ھېچ ئاداۋەتمۇ ساقلىمىغىن، بەلكى قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
19 Ye shall keep my statutes. Thou shalt not let thy cattle engender with a diverse kind: Thou shalt not sow thy field with mingled seed: neither shall a garment mingled of linen and woolen come upon thee.
سىلەر مېنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇڭلار. سەن ئۆز چارپايلىرىڭنى باشقا نەسىللەر بىلەن چېپىشتۇرما، ئېتىزىڭغا ئىككى خىل ئۇرۇق سالمىغىن، ئىككى خىل يىپتىن توقولغان كىيىمنى كىيمە.
20 And whoever lieth carnally with a woman that [is] a bond-maid betrothed to a husband, and not at all redeemed, nor freedom given her; she shall be scourged: they shall not be put to death, because she was not free.
ئەگەر بىر ئەر كىشى قىز-چوكان بىلەن يېتىپ مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ۋە ئۇ باشقا بىرى بىلەن ۋەدىلەشكەن دېدەك بولسا، بۇ دېدەكنىڭ ھۆرلۈك پۇلى تاپشۇرۇلمىغان بولسا، ياكى ئۇنىڭغا ھۆرلۈك بېرىلمىگەن بولسا، مۇۋاپىق جازا بېرىلسۇن. لېكىن قىز-چوكان ھۆر قىلىنمىغاچقا، ھەر ئىككىسى ئۆلتۈرۈلمىسۇن.
21 And he shall bring his trespass-offering to the LORD, to the door of the tabernacle of the congregation, [even] a ram for a trespass-offering.
ئەر كىشى بولسا ئۆزىنىڭ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن؛ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بىر قوچقار بولسۇن.
22 And the priest shall make an atonement for him with the ram of the trespass-offering before the LORD for his sin which he hath done; and the sin which he hath done shall be forgiven him.
كاھىن ئۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى ئۈچۈن كەلتۈرگەن قوچقارنى ئېلىپ ئۇنىڭ سادىر قىلغان گۇناھى ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ قىلغان گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ.
23 And when ye shall come into the land, and shall have planted all manner of trees for food; then ye shall count its fruit as uncircumcised: three years shall it be as uncircumcised to you: it shall not be eaten of.
سىلەر زېمىنغا كىرىپ ھەرخىل يەيدىغان مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىككەن بولساڭلار، مېۋىلىرىنى «خەتنىسىز» دەپ قاراڭلار؛ ئۈچ يىلغىچە بۇنى «خەتنىسىز» دەپ قاراپ ئۇنىڭدىن يېمەڭلار.
24 But in the fourth year all its fruit shall be holy to praise the LORD [with].
تۆتىنچى يىلى ئۇلارنىڭ ھەممە مېۋىلىرى پەرۋەردىگارغا مەدھىيە سۈپىتىدە مۇقەددەس قىلىپ بېغىشلانسۇن.
25 And in the fifth year shall ye eat of its fruit, that it may yield to you its increase: I [am] the LORD your God.
ئاندىن بەشىنچى يىلدىن تارتىپ سىلەر ئۇلارنىڭ مېۋىلىرىدىن يېيىشكە باشلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار [زېمىن] مەھسۇلاتلىرىنى سىلەرگە زىيادە قىلىدۇ. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
26 Ye shall not eat [any thing] with the blood: neither shall ye use enchantment, nor observe times.
سىلەر قان چىقمىغان نەرسىنى يېمەڭلار. نە پالچىلىق نە جادۇگەرلىك قىلماڭلار.
27 Ye shall not round the corners of your heads, neither shalt thou mar the corners of thy beard.
سىلەر بېشىڭلارنىڭ چېكە-چۆرىسىدىكى چاچنى چۈشۈرۈپ دۈگىلەك قىلىۋالماڭلار، ساقالنىڭ ئۇچ-يانلىرىنى بۇزماڭلار.
28 Ye shall not make any cuttings in your flesh for the dead, nor print any marks upon you: I [am] the LORD.
سىلەر ئۆلگەنلەر ئۈچۈن بەدىنىڭلارنى زەخىم يەتكۈزۈپ تىلماڭلار، ئۆزۈڭلارغا ھېچقانداق گۈل-سۈرەت چەكمەڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
29 Do not prostitute thy daughter to cause her to be a harlot: lest the land should fall to lewdness, and the land become full of wickedness.
سەن قىزىڭنى بۇزۇقلۇق-پاھىشىلىككە سېلىپ ناپاك قىلمىغىن. بولمىسا، زېمىندىكىلەر بۇزۇقلۇق-پاھىشىلىككە بېرىلىپ، پۈتكۈل زېمىننى ئەيش-ئىشرەت قاپلاپ كېتىدۇ.
30 Ye shall keep my sabbaths, and reverence my sanctuary: I [am] the LORD.
سىلەر مېنىڭ شابات كۈنلىرىمنى تۇتۇڭلار، مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى ھۆرمەتلەڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
31 Regard not them that have familiar spirits, neither seek after wizards, to be defiled by them: I [am] the LORD your God.
جىنكەشلەر بىلەن سېھىرگەرلەرگە تايانماڭلار، ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
32 Thou shalt rise up before the hoary head, and honor the face of the old man, and fear thy God: I [am] the LORD.
ئاق باش كىشىنىڭ ئالدىدا ئورنۇڭدىن تۇر، قېرىلارنى ھۆرمەت قىلغىن؛ خۇدايىڭدىن قورققىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
33 And if a stranger shall sojourn with thee in your land, ye shall not oppress him.
بىر مۇساپىر زېمىندا ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان بولسا سىلەر ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلماڭلار،
34 [But] the stranger that dwelleth with you shall be to you as one born among you, and thou shalt love him as thyself; for ye were strangers in the land of Egypt: I [am] the LORD your God.
بەلكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىر سىلەرگە يەرلىك كىشىدەك بولسۇن؛ ئۇنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن؛ چۈنكى سىلەرمۇ مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر بولغانسىلەر. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
35 Ye shall do no unrighteousness in judgment, in weight, in measure of length or of capacity.
سىلەرنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىڭلاردا، ئۇزۇنلۇق، ئېغىرلىق ۋە ھەجىم ئۆلچەشتە ھېچقانداق ناھەقلىك بولمىسۇن؛
36 Just balances, just weights, a just ephah, and a just hin shall ye have: I [am] the LORD your God, who brought you out of the land of Egypt.
سىلەردە ئادىل تارازا، ئادىل تارازا تاشلىرى، ئادىل ئەفاھ كەمچىنى بىلەن ئادىل ھىن كەمچىنى بولسۇن. مەن سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
37 Therefore shall ye observe all my statutes, and all my judgments, and do them: I [am] the LORD.
سىلەر مېنىڭ بارلىق قانۇن-بەلگىلىمىلىرىم ۋە بارلىق ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

< Leviticus 19 >