< Ecclesiastes 4 >

1 So I returned, and considered all the oppressions that are done under the sun: and behold the tears of [such as were] oppressed, and they had no comforter; and on the side of their oppressors [there was] power; but they had no comforter.
ئاندىن مەن قايتىدىن زېھنىمنى يىغىپ قۇياش ئاستىدا دائىم بولۇۋاتقان بارلىق زورلۇق-زۇمبۇلۇقنى كۆردۈم؛ مانا، ئېزىلگەنلەرنىڭ كۆز ياشلىرى! ئۇلارغا ھېچ تەسەللى بەرگۈچى يوق ئىدى؛ ئۇلارنى ئەزگەنلەرنىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى بار ئىدى، بىراق ئېزىلگەنلەرگە ھېچ تەسەللى بەرگۈچى يوق ئىدى.
2 Wherefore I praised the dead who are already dead more than the living who are yet alive.
شۇڭا مەن ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن ئۆلگۈچىلەرنى تېخى ھايات بولغان تىرىكلەردىن ئۈستۈن دەپ تەرىپلىدىم؛
3 Yes, better is [he] than both they, who hath not yet been, who hath not seen the evil work that is done under the sun.
شۇنداقلا بۇ ئىككى خىل كىشىلەردىن بەختلىكى تېخى ئاپىرىدە بولمىغان كىشىدۇر؛ چۈنكى ئۇ قۇياش ئاستىدا قىلىنغان يامانلىقلارنى ھېچ كۆرۈپ باقمىغان.
4 Again, I considered all labor, and every right work, that for this a man is envied by his neighbor. This [is] also vanity and vexation of spirit.
ئاندىن مەن بارلىق ئەجىر ۋە بارلىق خىزمەتنىڭ ئۇتۇقلىرىدىن شۇنى كۆرۈپ يەتتىمكى، ئۇ ئىنساننىڭ يېقىنىنى كۆرەلمەسلىكىدىن بولىدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتۇر.
5 The fool foldeth his hands together, and eateth his own flesh.
ئەخمەق قول قوشتۇرۇپ، ئۆز گۆشىنى يەيدۇ.
6 Better [is] a handful [with] quietness, than both the hands full [with] toil and vexation of spirit.
جاپا چېكىپ شامالنى قوغلاپ ئوچۇمىنى توشقۇزىمەن دېگەندىن، چاڭگىلىنى توشقۇزۇپ خاتىرجەملىكتە بولۇش ئەلادۇر.
7 Then I returned, and I saw vanity under the sun.
مەن يەنە زېھنىمنى يىغىپ، قۇياش ئاستىدىكى بىر بىمەنىلىكنى كۆردۇم؛
8 There is one [alone], and [there is] not a second; yes, he hath neither child nor brother: yet [is there] no end of all his labor; neither is his eye satisfied with riches; neither [saith he], For whom do I labor, and bereave my soul of good? This [is] also vanity, yes, it [is] a grievous labor.
بىرسى يالغۇز، تىكەندەك بولسىمۇ، شۇنداقلا نە ئوغلى نە ئاكا-ئۇكىسى بولمىسىمۇ ــ بىراق ئۇنىڭ جاپاسىنىڭ ئاخىرى بولمايدۇ، ئۇنىڭ كۆزى بايلىقلارغا تويمايدۇ. ئۇ: «مەن بۇنداق جاپالىق ئىشلەپ، جېنىمدىن زادى كىمگە ياخشىلىق قالدۇرىمەن؟» ــ دېگەننى سورىمايدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە ئېغىر جاپادىن ئىبارەتتۇر.
9 Two [are] better than one; because they have a good reward for their labor.
ئىككى بىردىن ياخشىدۇر؛ چۈنكى ئىككى بولسا ئەمگىكىدىن ياخشى ئىنئام ئالىدۇ.
10 For if they fall, the one will lift up his fellow: but woe to him [that is] alone when he falleth; for [he hath] not another to help him to rise.
يىقىلىپ كەتسە، بىرسى ھەمراھىنى يۆلەپ كۆتۈرىدۇ؛ بىراق يالغۇز ھالەتتە يىقىلىپ كەتسە، يۆلىگۈدەك باشقا بىرسى يوق بولسا، بۇ كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي!
11 Again, if two lie together, then they have heat: but how can one be warm [alone]?
يەنە، ئىككىسى بىللە ياتسا، بىر-بىرىنى ئىللىتىدۇ؛ لېكىن بىرسى يالغۇز ياتسا قانداق ئىللىتىلسۇن؟
12 And if one prevaileth against him, two shall withstand him; and a three-fold cord is not quickly broken.
يەنە، بىراۋ يالغۇز بىر ئادەمنى يېڭىۋالغان بولسا، ئىككىسى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالايدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۈچ قات ئارغامچا ئاسان ئۈزۈلمەس.
13 Better [is] a poor and a wise child, than an old and foolish king, who will no more be admonished.
كەمبەغەل ئەمما ئاقىل يىگىت يەنە نەسىھەتنىڭ ئەتىۋارىنى قىلمايدىغان قېرى ئەخمەق پادىشاھتىن ياخشىدۇر؛
14 For out of prison he cometh to reign; whereas also [he that is] born in his kingdom becometh poor.
چۈنكى گەرچە ئۇ بۇ پادىشاھنىڭ پادىشاھلىقىدا كەمبەغەل بولۇپ تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئۇ زىنداندىن تەختكە ئولتۇرۇشقا چىقتى.
15 I considered all the living who walk under the sun, with the second child that shall stand up in his stead.
مەن قۇياش ئاستىدىكى بارلىق تىرىكلەرنىڭ ئاشۇ ئىككىنچىنى، يەنى [پادىشاھنىڭ] ئورنىنى باسقۇچىنى، شۇ يىگىتنى قوللايدىغانلىقىنى كۆردۇم.
16 [There is] no end of all the people, [even] of all that have been before them: they also that come after shall not rejoice in him. Surely this also [is] vanity and vexation of spirit.
بارلىق خەلق، يەنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان بارلىق پۇقرالار ساناقسىز بولسىمۇ، بىراق ئۇلاردىن كېيىنكىلەر يىگىتتىنمۇ رازى بولمايدۇ؛ بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتۇر.

< Ecclesiastes 4 >