ئەمما فىلىستىيلەر جەڭ قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى يىغدى. ئۇلار يەھۇداغا تەۋە سوكوھدا جەم بولۇپ، سوكوھ بىلەن ئازىكاھ ئوتتۇرىسىدىكى ئەفەس-داممىمدا چېدىرلارنى تىكتى. |
سائۇل بىلەن ئىسرائىللارمۇ جەم بولۇپ ئېلاھ جىلغىسىدا چېدىرلىرىنى تىكىپ فىلىستىيلەر بىلەن جەڭ قىلغىلى سەپ تۈزدى. |
فىلىستىيلەر بىر تەرەپتىكى تاغدا، ئىسرائىللار يەنە بىر تەرەپتىكى تاغدا تۇراتتى؛ ئوتتۇرىسىدا جىلغا بار ئىدى. |
شۇ ۋاقىتتا فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدىن گاتلىق گولىئات ئىسىملىك بىر چېمپىيون پالۋان چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى ئالتە گەز بىر غېرىچ ئىدى. |
بېشىغا مىس دۇبۇلغا، ئۇچىسىغا قاسىراقلىق ساۋۇت كىيگەنىدى. ئۇنىڭ بۇ مىس ساۋۇتى بولسا بەش مىڭ شەكەل كېلەتتى. |
پاچاقلىرىغا مىستىن تىزلىق باغلىغان، ئۆشنىسىگە مىس ئاتما نەيزە قىستۇرىۋالغانىدى. |
ئۇنىڭ نەيزىسىنىڭ سېپى بولسا باپكارنىڭ خادىسىدەك ئىدى؛ نەيزىسىنىڭ بېشى ئالتە مىڭ شەكەل كېلەتتى؛ قالقان كۆتۈرگۈچىسى ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭاتتى. |
ئۇ ئورنىدا تۇرۇپ ئىسرائىلنىڭ قوشۇنلىرىغا مۇنداق توۋلايتتى: ــ «سىلەر نېمىشقا جەڭ قىلىش ئۈچۈن سەپ تۈزگەنسىلەر؟ مەن فىلىستىي ئەمەسمۇ؟ سىلەر بولساڭلار سائۇلنىڭ قۇللىرىغۇ؟ ئاراڭلاردىن بىر ئادەمنى تاللاپ چىقىڭلار، ئۇ مەن بىلەن ئېلىشىشقا چۈشسۇن! |
ئۇ مەن بىلەن ئېلىشىپ مېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرەلسە، بىز سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار بولىمىز. لېكىن مەن ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ ئۆلتۈرسەم، سىلەر بىزنىڭ قۇللىرىمىز بولۇپ بىزنىڭ خىزمىتىمىزدە بولۇسىلەر». |
شۇ فىلىستىي يەنە سۆز قىلىپ: ــ مەن بۈگۈن ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلدىمغۇ؟ سىلەر بىر ئادەمنى چىقىرىڭلار، بىز ئېلىشايلى! ــ دېدى. |
سائۇل بىلەن ھەممە ئىسرائىل بۇ فىلىستىينىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئالاقزادە بولۇپ بەك قورقتى. |
داۋۇت يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەمدە ئولتۇرۇقلۇق يەسسە دېگەن ئەفراتلىق ئادەمنىڭ ئوغلى ئىدى. يەسسەنىڭ سەككىز ئوغلى بار ئىدى. سائۇلنىڭ كۈنلىرىدە ئۇ خېلى ياشىنىپ قالغانىدى. |
يەسسەنىڭ ئۈچ چوڭ ئوغلى سائۇل بىلەن جەڭگە چىققانىدى. جەڭگە چىققان ئۈچ ئوغۇلنىڭ تۇنجىسىنىڭ ئىسمى ئېلىئاب، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى ئابىناداب ۋە ئۈچىنچىسىنىڭ شامماھ ئىدى. |
داۋۇت ھەممىدىن كىچىكى ئىدى. ئۈچ چوڭ ئوغلى سائۇلغا ئەگىشىپ چىققانىدى. |
بەزىدە داۋۇت سائۇلنىڭ قېشىدىن ئۆز ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى بېقىش ئۈچۈن قايتىپ كېلەتتى. |
ئاشۇ فىلىستىي بولسا قىرىق كۈنگىچىلىك ھەر ئەتىگەن ۋە كەچتە چىقىپ تۇردى. |
يەسسە ئوغلى داۋۇتقا: ــ بۇ ئەفاھ قوماچنى ۋە بۇ ئون ناننى ئېلىپ لەشكەرگاھغا تېز بېرىپ ئاكىلىرىڭغا بەرگىن، |
بۇ ئون پارچە قۇرۇتنى ئۇلارنىڭ مىڭبېشىغا بېرىپ ئاكىلىرىڭنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ ئۇلارنىڭ كېپىل خېتىنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى. |
سائۇل، شۇ [ئۈچ ئوغۇل] ۋە ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى ئېلاھ جىلغىسىدا تۇرۇپ فىلىستىيلەرگە قارشى جەڭ قىلاتتى. |
داۋۇت بولسا ئەتىسى سەھەر قوپۇپ قويلارنى بىر باققۇچىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئاشلىق-تۈلۈكنى ئېلىپ يەسسە ئۇنىڭغا تاپىلىغاندەك، قوشۇن ئىستىھكامىغا يەتكەندە، جەڭگە چىقىدىغان لەشكەرلەر سۆرەن كۆتۈرۈۋاتقانىدى. |
ئىسرائىل ۋە فىلىستىيلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل تۇرۇپ سوقۇشقا سەپ تۈزدى. |
داۋۇت بولسا ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى يۈك-تاقلارغا قارىغۇچىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ سەپ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاكىلىرىدىن تىنچلىق سورىدى. |
ئۇ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغاندا، فىلىستىيلەردىن بولغان گولىئات دېگەن چېمپىئون پالۋان فىلىستىيلەرنىڭ سېپىدىن چىقىپ يەنە ھېلىقى گەپنى قىلدى؛ داۋۇت ئۇنى ئاڭلىدى. |
ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى بۇ ئادەمنى كۆرگەندە قېچىپ كېتىشتى ۋە بەك قورقتى. |
ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى بىر-بىرىگە: ــ چىقىۋاتقان بۇ ئادەمنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئۇ ئىسرائىلغا ھاقارەت قىلىش ئۈچۈن چىقىدۇ. شۇنداق بولىدۇكى، ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئادەمگە پادىشاھ كۆپ مال-مۈلۈك ئىنئام قىلىدۇ، ئۆز قىزىنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بېرىدۇ ھەم ئاتىسىنىڭ جەمەتىنى ئىسرائىل تەۋەسىدە باج-ئالۋاندىن خالاس قىلىدۇ، دېدى. |
داۋۇت ئۆز يېنىدا تۇرغان ئادەملەردىن: ــ بۇ فىلىستىينى ئۆلتۈرۈپ ئىسرائىلغا قىلىنغان شۇ ھاقارەتنى يوقاتقان كىشىگە نېمە قىلىنىدۇ؟ چۈنكى بۇ خەتنىسىز فىلىستىي زادى كىم؟ ئۇ قانداقسىگە مەڭگۈ ھايات بولغۇچى خۇدانىڭ قوشۇنلىرىغا ھاقارەت قىلىشقا پېتىنىدۇ؟ ــ دېدى. |
خالايىق ئۇنىڭغا ئالدىنقىلارنىڭ دېگەن سۆزى بويىچە جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنى ئۆلتۈرگەن كىشىگە مۇنداق-مۇنداق قىلىنىدۇ، دېدى. |
لېكىن ئۇنىڭ چوڭ ئاكىسى ئېلىئاب ئۇنىڭ ئۇ ئادەملەر بىلەن سۆزلەشكىنىنى ئاڭلاپ قالدى؛ ئېلىئابنىڭ داۋۇتقا ئاچچىقى كېلىپ: ــ نېمىشقا بۇ يەرگە كەلدىڭ؟ چۆلدىكى ئۇ ئازغىنە قوينى كىمگە تاشلاپ قويدۇڭ؟ مەن كىبىرلىكىڭنى ۋە كۆڭلۈڭنىڭ يامانلىقىنى بىلىمەن. سەن ئالايىتەن جەڭنى كۆرگىلى كەلدىڭ، دېدى. |
داۋۇت: ــ مەن نېمە قىلدىم؟ پەقەت بىر سۆز قىلسام بولمامدىكەن؟ ــ دېدى. |
داۋۇت بۇرۇلۇپ باشقىسىدىن ئالدىنقىدەك سورىدى، خەلق ئالدىدا ئېيتقاندەك ئۇنىڭغا جاۋاب بەردى. |
ئەمما بىرسى داۋۇتنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قېلىپ سائۇلغا يەتكۈزدى؛ ئۇ داۋۇتنى چاقىرتىپ كەلدى. |
داۋۇت سائۇلغا: ــ بۇ كىشىنىڭ سەۋەبىدىن ھېچكىمنىڭ يۈرىكى سۇ بولمىسۇن. سىلىنىڭ قۇللىرى بۇ فىلىستىي بىلەن سوقۇشقىلى چىقىدۇ، دېدى. |
سائۇل داۋۇتقا: ــ سەن بۇ فىلىستىي بىلەن سوقۇشقىلى بارساڭ بولمايدۇ! سەن تېخى ياش، ئەمما ئۇ ياشلىقىدىن تارتىپلا جەڭچى ئىدى، دېدى. |
داۋۇت سائۇلغا: ــ قۇللىرى ئۆز ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى بېقىپ كەلدىم. بىر شىر ياكى ئېيىق كېلىپ پادىدىن بىر قوزىنى ئېلىپ كەتسە، |
مەن ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ئۇنى ئۇرۇپ قوزىنى ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ ئالاتتىم. ئەگەر قوپۇپ ماڭا ھۇجۇم قىلسا مەن ئۇنى يايلىدىن تۇتۇۋېلىپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرەتتىم. |
قۇللىرى ھەم شىر ھەم ئېيىقنى ئۆلتۈرگەن؛ بۇ خەتنىسىز فىلىستىيمۇ ئۇلارغا ئوخشاش بولىدۇ. چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات بولغۇچى خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت كەلتۈردى ــ دېدى. |
داۋۇت سۆزىنى داۋام قىلىپ: ــ مېنى شىرنىڭ چاڭگىلىدىن ۋە ئېيىقنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار ئوخشاشلا بۇ فىلىستىينىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ، دېدى. سائۇل داۋۇتقا: ــ بارغىن، پەرۋەردىگار سېنىڭ بىلەن بىللە بولغاي، دېدى. |
ئاندىن سائۇل داۋۇتقا ئۆز جەڭ كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ، بېشىغا مىس دۇبۇلغىنى تاقاپ ۋە ئۇنىڭغا بىر جەڭ ساۋۇتىنى كىيگۈزدى. |
داۋۇت بولسا سائۇلنىڭ قىلىچىنى كىيىمنىڭ ئۈستىگە ئېسىپ، مېڭىپ باقتى؛ چۈنكى ئۇ بۇلارنى كىيىپ باقمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇلغا: ــ مەن بۇلارنى كىيىپ ماڭالمايدىكەنمەن؛ چۈنكى بۇرۇن كىيىپ باقمىغان، دەپ ئۇلارنى سېلىۋەتتى. |
ئۇ قولىغا ھاسىسىنى ئېلىپ، ئېرىقتىن بەش سىلىق تاش ئىلغاپ پادىچى خالتىسىنىڭ يانچۇقىغا سالدى؛ ئۇ سالغۇسىنى قولىغا ئېلىپ فىلىستىيگە يېقىن باردى. |
فىلىستىي بولسا چىقىپ داۋۇتقا يېقىنلاشتى، قالقان كۆتۈرگۈچىسىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭدى. |
فىلىستىي داۋۇتقا بىرقۇر سەپسېلىپ قاراپ مەسخىرە قىلدى. چۈنكى ئۇ تېخى ياش، بۇغداي ئۆڭلۈك ۋە كېلىشكەن يىگىت ئىدى. |
فىلىستىي داۋۇتقا: ــ سەن ھاسا كۆتۈرۈپ ئالدىمغا كەپسەن؟ سەن مېنى ئىت دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟ ــ دەپ ئۆز بۇتلىرىنىڭ ناملىرىنى تىلغا ئېلىپ داۋۇتنى قارغىدى. |
فىلىستىي داۋۇتقا يەنە: ــ بۇ ياققا كەل، مەن گۆشۈڭنى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە دالالاردىكى يىرتقۇچلارغا يەم قىلىمەن، دېدى. |
داۋۇت فىلىستىيكە: ــ سەن قىلىچ، نەيزە ۋە ئاتما نەيزىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ھۇجۇم قىلغىلى كەلدىڭ؛ لېكىن مەن سەن ھاقارەت قىلغان، ئىسرائىلنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئالدىڭغا ھۇجۇمغا چىقتىم ــ دېدى. |
«دەل بۈگۈن پەرۋەردىگار سېنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرىدۇ. مەن سېنى ئۆلتۈرۈپ بېشىڭنى كېسىپ ئالىمەن؛ مەن لەشكەرگاھدىكى فىلىستىيلەرنىڭ جەسەتلىرىنىمۇ ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە دالالاردىكى يىرتقۇچلىرىغا يەم قىلىمەن. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل جاھان ئىسرائىلدا بىر خۇدانىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ |
ۋە بۇ پۈتكۈل جامائەت پەرۋەردىگارنىڭ نۇسرەت بېرىشىنىڭ قىلىچ، نەيزە بىلەن ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ؛ چۈنكى بۇ جەڭ بولسا پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر، ئۇ سېنى قولىمىزغا تاپشۇرىدۇ». |
فىلىستىي داۋۇتقا ھۇجۇم قىلغىلى قوپۇپ يېقىن كەلگەندە داۋۇت ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى فىلىستىي قوشۇنىنىڭ سېپىگە قاراپ يۈگۈردى. |
داۋۇت قولىنى خالتىسىغا تىقىپ بىر تاشنى چىقىرىپ سالغۇغا سېلىپ فىلىستىيگە قارىتىپ ئاتتى؛ تاش فىلىستىينىڭ پېشانىسىگە تەگدى. تاش ئۇنىڭ پېشانىسىگە پېتىپ كەتتى، ئۇ دۈم چۈشۈپ يەرگە يىقىلدى. |
شۇنداق قىلىپ داۋۇت فىلىستىينى سالغۇ ۋە تاش بىلەن مەغلۇپ قىلىپ ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى؛ داۋۇتنىڭ قولىدا ھېچ قىلىچ يوق ئىدى. |
داۋۇت يۈگۈرۈپ بېرىپ، فىلىستىينىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، قىلىچىنى قىنىدىن تارتىپ ئېلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ بېشىنى ئالدى. فىلىستىيلەر ئۆز باتۇرىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپلا، بەدەر قاچتى. |
ئىسرائىللار بىلەن يەھۇدالار بولسا ئورنىدىن قوپۇپ سۆرەن سېلىشىپ فىلىستىيلەرنى جىلغىغىچە ۋە ئەكرون دەرۋازىلىرىغىچە كەينىدىن قوغلاپ كەلدى؛ ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيلەر شائارائىمغا بارىدىغان يولدا گات ۋە ئەكرونغىچە يېتىپ كەتكەنىدى. |
ئىسرائىل فىلىستىيلەرنى قوغلاشتىن يېنىپ كېلىپ ئۇلارنىڭ لەشكەرگاھىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. |
داۋۇت فىلىستىينىڭ بېشىنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى؛ ئۇنىڭ يارىغىنى بولسا ئۆز چېدىرىغا قويدى. |
سائۇل داۋۇتنىڭ فىلىستىينىڭ ئالدىغا چىققىنىنى كۆرگەندە قوشۇننىڭ سەردارى ئابنەردىن: ــ ئى ئابنەر، بۇ يىگىت كىمنىڭ ئوغلى؟ ــ دەپ سورىدى. ئابنەر: ــ ئى پادىشاھ، ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بىلمەيمەن، دېدى. |
پادىشاھ: ــ بۇ يىگىت كىمنىڭ ئوغلى ئىكەن دەپ سوراپ باققىن، دېدى. |
داۋۇت فىلىستىينى قىرىپ قايتىپ كەلگەندە ئابنەر ئۇنى پادىشاھنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى؛ فىلىستىينىڭ بېشى تېخىچە ئۇنىڭ قولىدا تۇراتتى. |
سائۇل ئۇنىڭدىن: ــ ئى يىگىت، كىمنىڭ ئوغلىسەن؟ دەپ سورىدى. داۋۇت: ــ مەن سىلىنىڭ قۇللىرى بەيت-لەھەملىك يەسسەنىڭ ئوغلىمەن، دەپ جاۋاب بەردى. |