< Leviticus 20 >

1 Yahweh spoke to Moses, saying,
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
2 “Say to the people of Israel, 'Anyone among the people of Israel, or any foreigner who lives in Israel who gives any of his children to Molech, must certainly be put to death. The people in the land must stone him with stones.
سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر ئىسرائىللارنىڭ بىرى ۋە ياكى ئىسرائىل زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ بىرى مولەك بۇتىغا نەسلىنىڭ بىرىنى بېغىشلىسا، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى كېرەك؛ زېمىندىكىلەر ئۇنى چالما-كېسەك قىلسۇن.
3 I also will set my face against that man and will cut him off from among his people because he has given his child to Molech, so as to defile my holy place and profane my holy name.
ۋە مەن ئۆز يۈزۈمنى بۇ كىشىگە قارشى قىلىمەن، چۈنكى ئۆزى ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ بىرىنى مولەك بۇتىغا بېغىشلاپ مۇقەددەس جايىمنى پاسكىنا قىلىپ، مېنىڭ نامىمنى بۇلغىغىنى ئۈچۈن ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن.
4 If the people of the land close their eyes to that man when he gives any of his children to Molech, if they do not put him to death,
ئەگەر زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار ئۆز نەسلىدىن بىرىنى مولەككە بېغىشلىغاندا شۇ كىشىگە كۆزلىرىنى يۇمۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىسا، شۇنداقلا ئۇنى ئۆلتۈرمىسە،
5 then I myself will set my face against that man and his clan, and I will cut him off and everyone else who prostitutes himself in order to play the harlot with Molech.
مەن ئۆزۈم يۈزۈمنى ئۇ كىشى بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قارشى قىلىمەن، ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار، يەنى مولەكنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن.
6 The person who turns to those who talk with the dead, or to those who talk with spirits so as to prostitute themselves with them, I will set my face against that person; I will cut him off from among his people.
جىنكەشلەر بىلەن سېھىرگەرلەرگە تايىنىپ، ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرىپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ يۈرگۈچىلەر بولسا، مەن يۈزۈمنى شۇ كىشىلەرگە قارشى قىلىپ، ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن.
7 Therefore consecrate yourselves and be holy, because I am Yahweh your God.
شۇڭا ئۆزۈڭلارنى پاك قىلىپ مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
8 You must keep my commands and carry them out. I am Yahweh who sets you apart as holy.
قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ مەن بولسام سىلەرنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.
9 Everyone who curses his father or his mother must surely be put to death. He has cursed his father or his mother, so he is guilty and deserves to die.
ئەگەر بىركىم ئۆز ئاتىسى ياكى ئانىسىنى قارغىسا، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىسە بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى قارغىغىنى ئۈچۈن ئۆز قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.
10 The man who commits adultery with another man's wife, that is, anyone who commits adultery with his neighbor's wife—the adulterer and the adulteress must both certainly be put to death.
ئەگەر بىركىم باشقىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلسا، يەنى ئۆز قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلسا، زىنا قىلغان ئەر بىلەن ئايال ئىككىسى ئۆلۈم جازاسىنى تارتمىسا بولمايدۇ.
11 If a man lies with his father's wife, he uncovers his father's nakedness. Both the son and his father's wife must certainly be put to death. Their blood is upon them.
ئەگەر بىرسى ئاتىسىنىڭ ئايالى بىلەن ياتسا، ئۆز ئاتىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىسى ئۆلۈم جازاسىنى تارتمىسا بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.
12 If a man sleeps with his daughter-in-law, both of them must certainly be put to death. They have committed perversion. They are guilty and deserve to die.
بىرسى ئۆز كېلىنى بىلەن ياتسا، ئىككىسى نىجىسلىق قىلغىنى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىنى تارتمىسا بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.
13 If a man sleeps with another man, as with a woman, both of them have done something detestable. They must surely be put to death. They are guilty and deserve to die.
بىرسى ئايال كىشى بىلەن ياتقاندەك ئەر كىشى بىلەن ياتسا ئىككىسى يىرگىنچلىك ئىش قىلغان بولىدۇ؛ ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىسە بولمايدۇ. ئۆز قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.
14 If a man marries a woman and also marries her mother, this is wickedness. They must be burned, both he and the women, so that there will be no wickedness among you.
ئەگەر بىرسى قىزى بىلەن ئانىسىنى قوشۇپ خوتۇنلۇققا ئالسا پەسەندىلىك قىلغان بولىدۇ. ئەر بىلەن ئىككى ئايال ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئاراڭلاردا ھېچ پەسەندىلىك ئىش بولمايدۇ.
15 If a man sleeps with an animal, he must surely be put to death, and you must kill the animal.
بىرسى بىر ھايۋان بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ئۇ ئۆلۈم جازاسىنى تارتسۇن، ھايۋاننىمۇ ئۆلتۇرۈڭلار.
16 If a woman approaches any animal to sleep with it, you must kill the woman and the animal. They must certainly be put to death. They are guilty and deserve to die.
ئەگەر ئايال كىشى بىر ھايۋاننىڭ قېشىغا بېرىپ مۇناسىۋەت قىلدۇرسا، ئايال بىلەن ھايۋاننىڭ ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار؛ ئۆز قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.
17 If a man sleeps with his sister, a daughter of his father or a daughter of his mother, and he uncovers her nakedness, and she sees his nakedness, it is a shameful thing. They must be cut off from the presence of their people, because he has slept with his sister. He must carry his guilt.
بىرسى ئاچا-سىڭلىسىنى، يەنى ئاتىسىدىن ياكى ئانىسىدىن بولغان قىزنى ئېلىپ، ئەۋرىتىگە تەگسە ۋە بۇ قىزمۇ ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسە ئۇياتلىق ئىش بولىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر-ئايال ئىككىسى ئۆز خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن؛ ئۇ ئۆز ئاچا ياكى سىڭلىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەچكە، ئۆز قەبىھلىكى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.
18 If a man sleeps with a woman during her menstrual period and has slept with her, he has uncovered the flow of her blood, the source of her blood. Both the man and woman must be cut off from among their people.
بىرسى ئادەت كۆرگەن ئاغرىق ۋاقتىدا بىر ئايال بىلەن بىرگە يېتىپ، ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۇنىڭ قان مەنبەسىگە تەگكەن، ئايالمۇ قان مەنبەسىنى ئېچىپ بەرگەن بولۇپ، ئىككىسى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
19 You must not sleep with your mother's sister, or with your father's sister, because you would disgrace your close relative. You must carry your own guilt.
سەن ئۆز ئاناڭنىڭ ئاچا-سىڭلىسى ۋە ئاتاڭنىڭ ئاچا-سىڭلىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ چۈنكى كىمكى شۇنداق قىلسا يېقىن تۇغقىنىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىلىسىنىڭ ئۆز قەبىھلىكى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.
20 If a man sleeps with his aunt, he has dishonored his uncle. They will bear responsibility for their sin, and they will die without children.
بىرسى تاغىسىنىڭ ئايالى بىلەن ياتسا تاغىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئىككىلىسى ئۆز گۇناھىنى ئۆز بېشىغا ئالىدۇ؛ ئۇلار پەرزەنتسىز ئۆلىدۇ.
21 If a man marries his brother's wife while his brother is still living, that is disgraceful. He has dishonored his brother, and I will take away from their children any property they may have inherited from their parents.
بىرسى ئاكا-ئىنىسىنىڭ ئايالىنى ئالسا پاسكىنا بىر ئىش بولىدۇ. ئۇ ئۆز بىرتۇغقان ئاكا-ئىنىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىلىسى پەرزەنتسىز قالىدۇ.
22 You must therefore keep all my statutes and all my decrees; you must obey them so that the land into which I am bringing you to live will not vomit you up.
سىلەر مېنىڭ بارلىق قانۇن بەلگىلىمىلىرىم بىلەن بارلىق ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ، بۇنىڭغا مۇۋاپىق ئەمەل قىلىڭلار؛ بولمىسا، مەن سىلەرنى ئېلىپ بېرىپ تۇرغۇزىدىغان زېمىن سىلەرنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ.
23 You must not walk in the customs of the nations that I will drive out before you, for they have done all these things, and I detest them.
سىلەر مەن ئالدىڭلاردىن ھەيدىۋېتىدىغان ئەللەرنىڭ رەسىم-قائىدىلىرى بويىچە ماڭساڭلار بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار بۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ كەلدى، ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ماڭا يىرگىنچلىك بولدى.
24 I said to you, “You will inherit their land; I will give it to you to possess, a land flowing with milk and honey. I am Yahweh your God, who has separated you from the other peoples.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە: «سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مىراس قىلىپ ئالىسىلەر؛ مەن شۇ سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان زېمىننى سىلەرگە بېرىمەن»، دەپ ئېيتقانىدىم؛ سىلەرنى باشقا خەلقلەردىن ئايرىم قىلغان خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
25 You must therefore distinguish between the clean animals and the unclean, and between the unclean birds and the clean. You must not defile yourselves with unclean animals or birds or with any creature that crawls along the ground, which I have separated as unclean from you.
شۇڭا سىلەر پاك ۋە ناپاك چارپايلارنى پەرق ئېتىپ، پاك ۋە ناپاك ئۇچار-قاناتلارنى تونۇپ، مەن سىلەر ئۈچۈن ئايرىپ، ناپاك قىلىپ بېكىتىپ بەرگەن جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن ھەرقاندىقى، چارپاي ياكى ئۇچار-قانات بولسۇن ياكى يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار.
26 You must be holy, for I, Yahweh, am holy, and I have separated you from the other peoples, for you belong to me.
سىلەر ماڭا خاس پاك-مۇقەددەس بولۇشۇڭلار كېرەك؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار پاك-مۇقەددەستۇرمەن، سىلەرنى ماڭا خاس بولسۇن دەپ بارلىق ئەللەردىن ئايرىم قىلغانمەن.
27 A man or a woman who talks with the dead or who talks with spirits must certainly be put to death. The people must stone them with stones. They are guilty and deserve to die.'”
جىنكەش ياكى سېھىرگەر بولغان ھەرقانداق ئەر ياكى خوتۇن كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىسە بولمايدۇ؛ خەلق ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلسۇن؛ ئۇلارنىڭ قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.

< Leviticus 20 >