< Leviticus 18 >

1 Yahweh spoke to Moses, saying,
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
2 “Speak to the people of Israel and say to them, 'I am Yahweh your God.
سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ «مەن بولسام خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
3 You must not do the things that the people do in Egypt, where you lived previously. You must not do the things that the people do in Canaan, the land to which I am taking you. Do not follow their customs.
سىلەر ئىلگىرى تۇرغان مىسىر زېمىنىدىكىدەك ئىشلارنى قىلماڭلار ۋە ياكى مەن سىلەرنى ئېلىپ بارىدىغان قانائان زېمىنىدىكىدەك ئىشلارنى قىلماڭلار؛ ئۇلارنىڭ رەسىم-ئادەتلىرىدە يۈرمەڭلار،
4 My laws are what you must do, and my commandments are what you must keep, so that you walk in them, because I am Yahweh your God.
بەلكى مېنىڭ ھۆكۈملىرىمگە ئەمەل قىلىپ، قانۇن بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ شۇ بويىچە مېڭىڭلار. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
5 Therefore you must keep my decrees and my laws. If a person obeys them, he will live because of them. I am Yahweh.
سىلەر چوقۇم مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بىلەن ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇشۇڭلار كېرەك؛ ئىنسان ئۇلارغا ئەمەل قىلىدىغان بولسا ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھاياتتا بولىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
6 No one must sleep with any close relative to uncover his nakedness. I am Yahweh.
ــ ھېچكىم ئۆزىگە يېقىن تۇغقان بولغان ئايالغا يېقىنلىق قىلىپ ئەۋرىتىنى ئاچمىسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
7 Do not dishonor your father by sleeping with your mother. She is your mother! You must not dishonor her.
ئاناڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە، بۇ ئاتاڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكىنىڭ بولىدۇ؛ ئۇ سېنىڭ ئاناڭ بولغاچقا ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسەڭ بولمايدۇ.
8 Do not sleep with any of your father's wives; you must not dishonor your father like that.
ئاتاڭنىڭ ئايالىنىڭ ئەۋرىتىگىمۇ تەگمە، چۈنكى شۇنداق قىلساڭ ئاتاڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەندەك بولىدۇ.
9 Do not sleep with any sister of yours, whether she is the daughter of your father or the daughter of your mother, whether she was raised at your home or distant from you. You must not sleep with your sisters.
سەن ئاچا-سىڭلىڭنىڭ، بىر ئاتىدىن بولغان ياكى بىر ئانىدىن بولغان، ياكى شۇ ئۆيدە تۇغۇلغان ياكى باشقا يەردە تۇغۇلغان بولسۇن، ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە.
10 Do not sleep with your son's daughter or with your daughter's daughter. That would be your own shame.
سەن ئۆز ئوغلۇڭنىڭ قىزى ۋە ياكى قىزىڭنىڭ قىزىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەۋرىتى سەن ئۆزۈڭنىڭ ئەۋرىتىدۇر.
11 Do not sleep with your father's wife's daughter, who was born of your father. She is your sister, and you must not sleep with her.
سەن ئاتاڭنىڭ ئايالىنىڭ قىزىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ ئۇ ئاتاڭدىن تۇغۇلغان، سېنىڭ ئاچا-سىڭلىڭ، شۇڭا ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە.
12 Do not sleep with your father's sister. She is a close relative to your father.
سەن ئاتاڭنىڭ ئاچا-سىڭلىسىنىڭ ئەۋرىتىگىمۇ تەگمە، چۈنكى ئۇ ئاتاڭنىڭ بىرتۇغقىنىدۇر.
13 Do not sleep with your mother's sister. She is a close relative to your mother.
سەن ئاناڭنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ ئەۋرىتىگىمۇ تەگمە، چۈنكى ئۇ ئاناڭنىڭ بىرتۇغقىنىدۇر.
14 Do not dishonor the brother of your father by sleeping with his wife. Do not go near her for that purpose; she is your aunt.
ئاتاڭنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىنىڭ ئايالىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ ئۇلارنىڭ ئاياللىرىغا يېقىنلىق قىلما؛ چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ھامماڭدۇر.
15 Do not sleep with your daughter-in-law. She is your son's wife; do not sleep with her.
سەن كېلىنىڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ ئۇ سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ ئايالى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسەڭ بولمايدۇ.
16 Do not sleep with your brother's wife; do not dishonor him in this way.
سەن ئاكا-ئىنىلىرىڭنىڭ ئايالىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ چۈنكى بۇ ئۆز ئاكا-ئىنىلىرىڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەندەك بولىدۇ.
17 Do not sleep with a woman and her daughter, or with her son's daughter or her daughter's daughter. They are close relatives to her, and sleeping with them would be wicked.
سەن بىر ئايالغا ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ قىزىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ قىزى ۋە قىزىنىڭ قىزىنىمۇ [خوتۇنلۇققا ئېلىپ] ئەۋرىتىگە تەگمە. ئۇلار بىر-بىرىگە يېقىن تۇغقان بولغاچقا، مۇنداق ئىش پەسەندىلىكتۇر.
18 You must not marry your wife's sister as a second wife and sleep with her while your first wife is alive.
سەن ئايالىڭ ھايات ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئاچا-سىڭلىسىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ ئەۋرىتىگە تەگمە. ئۇنداق قىلساڭ خوتۇنۇڭغا كۈندەشلىك ئازابىنى كەلتۈرىسەن.
19 Do not sleep with a woman during her menstruation. She is unclean during that time.
سەن بىر ئايالنىڭ ئادەت كۆرۈپ ناپاك تۇرغان ۋاقتىدا يېقىنلىق قىلىپ ئەۋرىتىگە تەگمە.
20 Do not sleep with your neighbor's wife and defile yourself with her in this way.
سەن ئۆز قوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىپ ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ بىلەن ناپاك قىلما.
21 You must not give any of your children to put them into the fire, so that you sacrifice them to Molech, because you must not profane the name of your God. I am Yahweh.
سەن ئۆز نەسلىڭدىن ھېچبىرىنى مولەك مەبۇدىغا ئاتاپ ئوتتىن ئۆتكۈزسەڭ قەتئىي بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلساڭ خۇدايىڭنىڭ نامىنى ناپاك قىلغان بولىسەن. مەن ئۆزۈم پەرۋەردىگاردۇرمەن.
22 Do not sleep with other men as with a woman. This would be wicked.
سەن ئاياللار بىلەن بىرگە بولغاندەك ئەر كىشى بىلەن بىرگە بولما. بۇ ئىش يىرگىنچلىكتۇر.
23 Do not sleep with any animal and defile yourself with it. No woman must consider sleeping with any animal. This would be perversion.
سەن ھېچ ھايۋان بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ ئۆزۈڭنى ناپاك قىلما؛ شۇنىڭدەك ئايال كىشىمۇ مۇناسىۋەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر ھايۋاننىڭ ئالدىغا بارمىسۇن. بۇ ئىش نىجىسلىقتۇر.
24 Do not defile yourselves in any of these ways, for in all these ways the nations are defiled, the nations that I will drive out from before you.
سىلەر بۇ ئىشلارنى قىلىپ ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن چىقىرىۋاتقان تائىپىلەر بولسا شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ ئۆزلىرىنى ناپاك قىلغان
25 The land became defiled, so I punished their sin, and the land vomited out its inhabitants.
ۋە زېمىنىمۇ ناپاك بولغاندۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇ زېمىننىڭ قەبىھلىكىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىمەن، شۇنىڭدەك ئۇ زېمىنمۇ ئۆزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ.
26 You, therefore, must keep my commandments and decrees, and you must not do any of these detestable things, neither the native-born Israelite nor the foreigner who lives among you.
لېكىن سىلەر بولساڭلار مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بىلەن ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇڭلار؛ سىلەردىن ھېچكىم، مەيلى يەرلىك ياكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇق بولسۇن بۇ يىرگىنچلىك ئىشلاردىن ھېچبىرىنى قىلمىسۇن
27 For this is the wickedness that the people in the land have committed, those who lived here before you, and now the land is defiled.
(چۈنكى بۇ بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلارنى سىلەردىن ئىلگىرى شۇ زېمىندا تۇرغان خەلق قىلىپ كەلگەچكە، زېمىننىڭ ئۆزى ناپاك بولۇپ قالدى).
28 Therefore be careful so that the land does not vomit you up also after you have defiled it, as it vomited out the people who were before you.
شۇنداق قىلىپ زېمىننى ناپاك قىلساڭلار، زېمىن ئۆزى سىلەردىن ئىلگىرى ئۆزىدە تۇرغان ئەللەرنى قۇسۇپ چىقارغاندەك، سىلەرنىمۇ قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ.
29 Whoever does any of these detestable things, the persons who do such things will be cut off from among their people.
چۈنكى بۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنىڭ ھەرقاندىقىنى قىلغۇچى، ــ مۇنداق قىلمىشلارنى قىلغان ھەرقانداق كىشى ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
30 Therefore you must keep my command not to practice any of these detestable customs which were practiced here before you, so that you do not defile yourselves by them. I am Yahweh your God.'”
سىلەر مەن سىلەرگە تاپىلىغىنىمغا ئەمەل قىلىشىڭلار زۆرۈردۇر؛ ــ دېمەك، سىلەر ئۆزۈڭلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر تۇتقان شۇ يىرگىنچلىك رەسىم-قائىدىلەرنى تۇتۇپ، ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماسلىقىڭلار كېرەك. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.

< Leviticus 18 >