< Jeremiah 52 >

1 Zedekiah was twenty-one years old when he began to reign; he reigned eleven years in Jerusalem. His mother's name was Hamutal; she was the daughter of Jeremiah from Libnah.
زەدەكىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بىر يېشىدا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئون بىر يىل ھۆكۈم سۈردى. ئۇنىڭ ئانىسى لىبناھلىق يەرەمىيانىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى ھامۇتال ئىدى.
2 He did what was evil in the sight of Yahweh; he did everything that Jehoiakim had done.
ئۇ [پادىشاھ] يەھوئاكىمنىڭ قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل ئىشلارنى قىلدى.
3 Through Yahweh's anger, all these events happened in Jerusalem and Judah, until he drove them from before himself. Then Zedekiah rebelled against the king of Babylon.
پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمغا ھەم يەھۇداغا قاراتقان غەزىپى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆز ھۇزۇرىدىن ھەيدىۋەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا، تۆۋەندىكى ئىشلار يۈز بەردى. بىرىنچىدىن، زەدەكىيا بابىل پادىشاھىغا ئىسيان كۆتۈردى.
4 It happened that in the ninth year of the reign of King Zedekiah, in the tenth month, and on the tenth day of the month, Nebuchadnezzar, king of Babylon, came with all his army against Jerusalem. They camped opposite it, and they built a siege wall around it.
شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلى ئونىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە بابىل پادىشاھى نېبوقەدنەسار پۈتكۈل قوشۇنىغا يېتەكچىلىك قىلىپ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا كەلدى؛ ئۇلار ئۇنى قورشىۋېلىپ بارگاھ قۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا قاشا-پوتەيلەرنى قۇرۇشتى.
5 So the city was besieged until the eleventh year of King Zedekiah's reign.
شۇنىڭ بىلەن شەھەر زەدەكىيانىڭ ئون بىرىنچى يىلىغىچە مۇھاسىرىدە تۇردى.
6 By the ninth day of the fourth month the famine was so severe in the city that there was no food for the people of the land.
شۇ يىلى تۆتىنچى ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنى شەھەردە ئېغىر قەھەتچىلىك ھەممىنى باسقان ۋە زېمىندىكىلەر ئۈچۈنمۇ ھېچ ئاش-ئوزۇق قالمىغانىدى.
7 Then the city was broken into, and all the fighting men fled and went out of the city at night by the way of the gate that was between the two walls, by the king's garden, although the Chaldeans were all around the city. So they went in the direction of the Arabah.
شەھەر سېپىلى بۆسۈلدى؛ بارلىق جەڭگىۋار لەشكەرلەر قاچماقچى بولۇپ، تۈن كېچىدە شەھەردىن بەدەر تىكىۋېتىشتى. ئۇلار پادىشاھ باغچىسىغا يېقىن «ئىككى سېپىل» ئارىلىقىدىكى دەرۋازىدىن كېتىشتى (كالدىيلەر بولسا شەھەرنىڭ ھەممە تەرىپىدە بار ئىدى). ئۇلار [ئىئوردان جىلغىسىدىكى] «ئاراباھ تۈزلەڭلىكى»نى بويلاپ قېچىشتى.
8 But the army of Chaldeans pursued the king and overtook Zedekiah in the plains of the Jordan River valley near Jericho. All his army was scattered away from him.
لېكىن كالدىيلەرنىڭ قوشۇنى پادىشاھنى قوغلاپ يېرىخو تۈزلەڭلىكىدە زەدەكىياغا يېتىشتى؛ ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۇنىڭدىن تارقىلىپ كەتكەنىدى.
9 They captured the king and brought him up to the king of Babylon at Riblah in the land of Hamath, where he passed sentence on him.
ۋە ئۇلار پادىشاھنى تۇتۇپ، خامات زېمىنىدىكى رىبلاھ شەھىرىگە، بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ ئۇ [شۇ يەردە] ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى.
10 The king of Babylon slaughtered Zedekiah's sons before his own eyes, and at Riblah he also slaughtered all the leaders of Judah.
بابىل پادىشاھى زەدەكىيانىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قەتل قىلدى؛ ئۇ يەھۇدانىڭ بارلىق ئەمىرلىرىنىمۇ رىبلاھ شەھىرىدە قەتل قىلدى؛
11 Then he put out Zedekiah's eyes, bound him in bronze chains, and brought him to Babylon. The king of Babylon put him in prison until the day of his death.
ئاندىن زەدەكىيانىڭ كۆزلىرىنى ئويۇۋەتتى؛ بابىل پادىشاھى ئۇنى مىس كىشەنلەر بىلەن باغلاپ بابىلغا ئېلىپ كېلىپ، ئۆلگۈچە زىندانغا قاماپ قويدى.
12 Now in the fifth month, on the tenth day of the month, which was the nineteenth year of the reign of King Nebuchadnezzar, king of Babylon, Nebuzaradan came to Jerusalem. He was the commander of the king's bodyguards and a servant of the king of Babylon.
بەشىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە (بۇ بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ ئون توققۇزىنچى يىلى ئىدى) بابىل پادىشاھىنىڭ خىزمىتىدە بولغان، پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى.
13 He burned the house of Yahweh, the king's palace, and all the houses of Jerusalem; also every important building in the city he burned.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى، پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى ۋە شەھەردىكى بارلىق ئۆيلەرنى كۆيدۈرىۋەتتى؛ بارلىق بەھەيۋەت ئىمارەتلەرگە ئۇ ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋەتتى.
14 As for the walls around Jerusalem, all the army of the Babylonians who were with the commander of the bodyguards destroyed them.
ۋە پاسىبان بېگى يېتەكچىلىكىدىكى كالدىيلەرنىڭ پۈتكۈل قوشۇنى يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى پۈتكۈل سېپىلىنى ئۆرۈۋەتتى.
15 As for the poorest people, the rest of the people who were left in the city, those who had deserted to the king of Babylon, and the rest of the craftsmen— Nebuzaradan, the commander of the bodyguards, took some of them away into exile.
پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان زېمىندىكى ئەڭ نامرات كىشىلەردىن بىر قىسمىنى، شەھەردە قالغان باشقا كىشىلەرنى، بابىل پادىشاھى تەرەپكە قېچىپ تەسلىم بولغانلارنى ۋە قالغان ھۈنەرۋەنلەرنى ئەسىر قىلىپ ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى.
16 But Nebuzaradan, the commander of the bodyguards, left some of the poorest of the land to work the vineyards and fields.
لېكىن پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان زېمىندىكى ئەڭ نامراتلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۈزۈمزارلىقلارنى پەرۋىش قىلىشقا ۋە تېرىقچىلىق قىلىشقا قالدۇردى.
17 As for the bronze pillars that belonged to the house of Yahweh, and the stands, and the large bronze basin called “The Sea” that were in the house of Yahweh, the Chaldeans broke them into pieces and carried all the bronze back to Babylon.
كالدىيلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مىستىن ياسالغان ئىككى تۈۋرۈكنى، داس تەگلىكلىرىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مىستىن ياسالغان «دېڭىز»نى چېقىپ، بارلىق مىسلىرىنى بابىلغا ئېلىپ كەتتى.
18 The pots, shovels, lamp trimmers, bowls, and all the utensils of bronze with which the priests had served in the temple—the Chaldeans took them all away.
ئۇلار يەنە [ئىبادەتتە ئىشلىتىلىدىغان] ئىدىشلار، گۈرجەك-بەلگۈرجەكلەر، لاخشىگىرلار، قاچىلار، پىيالە-تەخسىلەر ھەم مىستىن ياسالغان بارلىق ئەسۋابلارنى ئېلىپ كەتتى؛
19 The basins and the incense burners, the bowls, pots, lampstands, pans, and basins that were made of gold, and those made of silver—the commander of the king's guard took them away as well.
داسلار، خۇشبۇيدانلار، قاچىلار، كۈلدانلار، چىراغدانلار، پىيالىلەر ۋە جام-قەدەھلەرنى بولسا، ئالتۇندىن ياسالغان بولسىمۇ، كۈمۈشتىن ياسالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى پاسىبان بېگى ئېلىپ كەتتى.
20 The two pillars, the large bronze basin known as “The Sea,” and the twelve bronze bulls that were under the stands, things that Solomon had made for the house of Yahweh, contained more bronze than could be weighed.
سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن مىستىن ياساتقان ئىككى تۈۋرۈك ۋە «دېڭىز»، شۇنداقلا ئۇنىڭ تەگىلىكى بولغان ئون ئىككى بۇقىنى ئۇ ئېلىپ كەتتى؛ چۈنكى بۇ مىس سايمانلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
21 The pillars were eighteen cubits high each, and a line around each one measured twelve cubits. Each was four fingers thick and hollow.
ئىككى تۈۋرۈك بولسا، ھەربىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئون سەككىز گەز، ئايلانمىسى ئون ئىككى گەز كېلەتتى؛ ھەربىرىنىڭ ئىچى كاۋاك بولۇپ، مىسنىڭ قېلىنلىقى تۆت بارماق ئىدى.
22 A capital of bronze was on top of it. The capital was five cubits high, with latticework and pomegranates all around. It was all made of bronze. The other pillar and its pomegranates were the same as the first.
تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى بېشى بولسا مىس بولۇپ، ئېگىزلىكى بەش گەز ئىدى؛ ئۇنىڭ پۈتۈن ئايلانمىسى تور شەكلىدە ھەم ئانار نۇسخىسى بىلەن بېزەلگەنىدى، ھەممىسى مىستىن ئىدى؛ ئىككىنچى تۈۋرۈكمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇمۇ ئانار نۇسخىسى بىلەن بېزەلگەنىدى.
23 So there were ninety-six pomegranates on the capital's sides, and one hundred pomegranates above the surrounding latticework.
ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ بېشىنىڭ يانلىرىدا توقسان ئالتە ئانار نۇسخىسى بار ئىدى؛ توردا جەمئىي بولۇپ يۈز ئانار نۇسخىسى بار ئىدى.
24 The commander of the bodyguards took prisoner Seraiah, the high priest, together with Zephaniah, the second priest, and the three gatekeepers.
پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان بولسا باش كاھىن سېرايا، ئورۇنباسار كاھىن زەفانىيا ۋە ئىبادەتخانىدىكى ئۈچ نەپەر ئىشىكباقارنىمۇ ئەسىرگە ئالدى.
25 From the city he took prisoner an officer who was in charge of soldiers, and seven men of those who advised the king, who were still in the city. He also took prisoner the king's army officer responsible for drafting men into the army, along with sixty important men from the land who were in the city.
ئۇ شەھەردىن لەشكەرلەرنى باشقۇرىدىغان بىر ئاغۋات ئەمەلدارنى، شەھەردىن تاپقان ئوردا مەسلىھەتچىلىرىدىن يەتتىنى، يەرلىك خەلقنى لەشكەرلىككە تىزىملىغۇچى، يەنى قوشۇننىڭ سەردارىنىڭ كاتىپىنى ۋە شەھەردىن ئاتمىش نەپەر يەرلىك كىشىنى تۇتتى.
26 Then Nebuzaradan, the commander of the bodyguards, took them and brought them to the king of Babylon at Riblah.
پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان بۇلارنى بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا، رىبلاھغا ئېلىپ باردى.
27 The king of Babylon put them to death at Riblah in the land of Hamath. In this way, Judah went out of its land into exile.
بابىل پادىشاھى خامات زېمىنىدىكى رىبلاھدا بۇ كىشىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇ يول بىلەن يەھۇدا ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىندى.
28 These were the people who Nebuchadnezzar exiled: In the seventh year, 3,023 Judeans.
نېبوقادنەسار سۈرگۈن قىلغان كىشىلەرنىڭ سانى مۇنداق ئىدى: ــ يەتتىنچى يىلى ئۈچ مىڭ يىگىرمە ئۈچ يەھۇدىي؛
29 In the eighteenth year of Nebuchadnezzar he took 832 people from Jerusalem.
نېبوقادنەسارنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى ئۇ يېرۇسالېمدىن سەككىز يۈز ئوتتۇز ئىككى كىشىنى سۈرگۈن قىلدى؛
30 In the twenty-third year of Nebuchadnezzar, Nebuzaradan, the commander of the king's bodyguards, exiled 745 Judean people. All the exiled people totaled 4,600.
نېبوقادنەسارنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى يىلى پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان يەھۇدىيلاردىن يەتتە يۈز قىرىق بەش كىشىنى سۈرگۈن قىلدى؛ جەمئىي بولۇپ سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ سانى تۆت مىڭ ئالتە يۈز كىشى ئىدى.
31 It happened later in the thirty-seventh year of the exile of Jehoiachin, king of Judah, in the twelfth month, on the twenty-fifth day of the month, that Awel-Marduk, king of Babylon released Jehoiachin king of Judah from prison. This happened in the year that Awel-Marduk began to reign.
شۇنداق بولدىكى، يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىن سۈرگۈن بولغان ئوتتۇز يەتتىنچى يىلى ئون ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنى شۇ ئىش يۈز بەردى: ئەۋىل-مېروداق بابىلغا پادىشاھ بولغان بىرىنچى يىلى، ئۇ يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىننىڭ قەددىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنى زىنداندىن چىقاردى؛
32 He spoke kindly to him and gave him a seat more honorable than that of the other kings who were with him in Babylon.
ئۇ ئۇنىڭغا مۇلايىم سۆز قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى بابىلدا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغان باشقا پادىشاھلارنىڭ ئورنىدىن يۇقىرى قىلدى؛
33 Awel-Marduk removed Jehoiachin's prison clothes, and Jehoiachin ate regularly at the king's table for the rest of his life,
شۇنىڭ بىلەن يەھوئاكىن زىنداندىكى كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئۆمرىنىڭ قالغان ھەربىر كۈنىدە ھەردائىم پادىشاھ بىلەن بىللە ھەمداستىخان بولۇشقا مۇيەسسەر بولدى.
34 and a regular food allowance was given to him every day for the rest of his life until his death.
ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولسا، بابىل پادىشاھىنىڭ ئۇنىڭغا بېغىشلىغان دائىملىق ئىلتىپاتى ئىدى؛ بۇ ئىلتىپات كۈندىلىك ئىدى، يەنى ئۇ ئۇنىڭغا تاكى ئالەمدىن ئۆتكىچە ئۆمرىنىڭ ھەربىر كۈنى مۇيەسسەر قىلىنغان.

< Jeremiah 52 >