< 1 Kings 7 >

1 Solomon took thirteen years to build his own palace.
سۇلايمان ئۆز ئوردىسىنى بولسا، ئون ئۈچ يىلدا ياساپ پۈتتۈردى.
2 He built the Palace of the Forest of Lebanon. Its length was one hundred cubits, its width was fifty cubits, and its height was thirty cubits. The palace was built with four rows of cedar pillars with cedar beams on the pillars.
ئۇ ياسىغان بۇ «لىۋان ئورمىنى سارىيى»نىڭ ئۇزۇنلۇقىنى يۈز گەز، كەڭلىكىنى ئەللىك گەز ۋە ئېگىزلىكىنى ئوتتۇز گەز قىلدى. كېدىر ياغىچى تۈۋرۈكىدىن تۆت قاتار ۋە تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە كېدىر لىملىرى قويۇلغانىدى.
3 The house was roofed with cedar that rested on beams. Those beams were supported by pillars. There were forty-five beams, fifteen in a row.
تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى لىم كۆتۈرۈپ تۇرغان ئۆگزىسىمۇ كېدىر ياغىچىدىن ئىدى. لىملار جەمئىي قىرىق بەش بولۇپ ھەر قاتاردا ئون بەشتىن ئىدى.
4 There were beams in three rows, and each window was opposite another window in three sets.
ئۇنىڭ ئۈچ قەۋەت دېرىزىسى بار ئىدى، ئۈچ قەۋەتتىكى دېرىزىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئىدى.
5 All the doors and posts were made square with beams, and window was opposite window in three sets.
بارلىق ئىشىكلەر ۋە كېشەكلەر تۆت چاسىلىق قىلىنغاندى؛ ئىشىكلەر ئۈچ كۆزنەكلىك بولۇپ، ئىشىكلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئىدى.
6 There was a colonnade fifty cubits long and thirty cubits wide, with a portico in front and pillars and a roof.
ئۇ ئۇزۇنلۇقىنى ئەللىك گەز، توغرىسىنى ئوتتۇز گەز قىلىپ، تۈۋرۈكلۈك بىر دەھلىز ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە بىر دەھلىز بار ئىدى، ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە تۈۋرۈكلۈك ئايۋان بار ئىدى.
7 Solomon built the hall of the throne where he was to judge, the hall of justice. It was covered with cedar from floor to floor.
ئاندىن كېيىن ئۇ سوراق سورايدىغان تەختى ئۈچۈن «سوراق دەھلىزى» دەپ ئاتالغان يەنە بىر دەھلىزنى ياسىدى. ئۇ دەھلىزنىڭ تېگىدىن تارتىپ تورۇسنىڭ لىملىرىغىچە كېدىر ياغىچى بىلەن قاپلانغانىدى.
8 Solomon's house in which he was to live, in another courtyard within the palace grounds, was similarly designed. He also built a house like this for Pharaoh's daughter, whom he had taken as a wife.
[سۇلايمان] ئۆزى ئولتۇرىدىغان ساراي، يەنى دەھلىزنىڭ ئارقا ھويلىسىغا جايلاشاقان ساراينىڭ لايىھىسى «[سوراق] ئۆيى»نىڭكىگە ئوخشاش ئىدى. سۇلايمان ئۆز ئەمرىگە ئالغان پىرەۋننىڭ قىزى ئۈچۈن شۇ دەھلىزگە ئوخشاش بىر ساراينى ياساتتى.
9 These buildings were adorned with costly hewn stones, precisely measured and cut with a saw and smoothed on all sides. These stones were used from the foundation to the stones on top, and also on the outside to the great court.
بۇ ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىچكىرىكى تاملىرىدىن تارتىپ چوڭ ھويلىنىڭ تاملىرىغىچە، ئۇلىدىن تارتىپ ئۆگزىنىڭ پەۋازىغىچە قىممەت تاشلاردىن، يەنى ئۆلچەم بويىچە ئويۇلۇپ ئاندىن ئىچ-تېشى ھەرە بىلەن كېسىلگەن تاشلاردىن ياسالغانىدى.
10 The foundation was constructed with very large, costly stones of eight and ten cubits in length.
ئۇللىرى بولسا چوڭ ۋە قىممەت تاشلاردىن، ئۇزۇنلۇقى ئون گەز ۋە سەككىز گەز بولغان تاشلاردىن قىلىنغانىدى.
11 Above were costly hewn stones precisely cut to size, and cedar beams.
ئۇللارنىڭ ئۈستىگە يەنە بېكىتىلگەن ئۆلچەم بويىچە ئويۇلغان قىممەت ئېسىل تاشلار ۋە كېدىر لىملىرى قويۇلغانىدى.
12 The great courtyard surrounding the palace had three rows of cut stone and a row of cedar beams like the courtyard of the temple of Yahweh and the temple portico.
چوڭ ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى تام ئۈچ قەۋەت ئويۇلغان تاش ۋە بىر قەۋەت يونۇلغان كېدىر لىملىرىدىن ياسالغانىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىنىڭ تېمى ۋە يەنە ئوردىدىكى دەھلىزىنىڭ تېمىمۇ شۇنداق ياسالغانىدى.
13 King Solomon sent for Huram and brought him from Tyre.
سۇلايمان پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ ھىرامنى تۇردىن كەلتۈردى.
14 Huram was the son of a widow of the tribe of Naphtali; his father was a man of Tyre, a craftsman in bronze. Huram was filled with wisdom and understanding and skill to do great work with bronze. He came to King Solomon to work with bronze for the king.
ئۇ كىشى نافتالى قەبىلىسىدىن بولغان بىر تۇل خوتۇننىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاتىسى تۇرلۇق بىر مىسكەر ئىدى. ھىرام مىسكەرچىلىكتە تۈرلۈك ئىشلارنى قىلىشقا تولىمۇ ئۇستا، پەم-پاراسەتلىك ۋە بىلىملىك ئىدى. ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلدى.
15 Huram fashioned the two pillars of bronze, each eighteen cubits high and twelve cubits in circumference.
ئۇ ئۆزى ئىككى تۈۋرۈكنى مىستىن ياسىدى. ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى ئون سەككىز گەز بولۇپ، ئايلانمىسى ئون ئىككى گەز ئىدى.
16 He made two capitals of polished bronze to set on the tops of the pillars. The height of each capital was five cubits.
بۇ تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇش ئۈچۈن مىستىن ئىككى تاجنى قۇيۇپ ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قويدى. بىر تاجنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز، ئىككىنچى تاجنىڭ ئېگىزلىكىمۇ بەش گەز ئىدى.
17 Checker latticework and wreaths of chain work for the capitals decorated the top of the pillars, seven for each capital.
تۈۋرۈكلەرنىڭ تۆپىسىدىكى تاجلار تورلارغا ئوخشاش زىننەتلىنىپ، زەنجىرلەر ۋە تورلانغان ھالقىلار بىلەن توقۇقلۇق ئىدى. بىر تاجنىڭ شۇنداق يەتتە قاتار تور ھالقىلىرى بار ئىدى، ئىككىنچى تاجنىڭمۇ ھەم شۇنداق يەتتە قۇر تور ھالقىلىرى بار ئىدى.
18 So Huram made two rows of pomegranates around the top of each pillar to decorate their capitals.
ئۇ يەنە ئانارلارنى، يەنى تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى ھەربىر تاجنى يېپىپ تۇرىدىغان تور ھالقىلارنىڭ ئۈستىگە ئىككى قاتار ئانارنى ياسىدى. ئۇ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تاجغىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق قىلدى.
19 The capitals on the tops of the portico pillars were decorated with lilies, four cubits high.
ئايۋاندىكى تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى تاجلىرى نىلۇپەر شەكىللىك بولۇپ، ئېگىزلىكى تۆت گەزدىن ئىدى.
20 The capitals on these two pillars also included, close to their very top, two hundred pomegranates in rows all around.
ئىككى تۈۋرۈكنىڭ تاجلىرىدىكى تور ھالقىلىرىغا يېقىن تومپىيىپ چىققان جاينىڭ ئۈستىدە قەۋەتمۇ-قەۋەت چۆرىدىگەن ئىككى يۈز ئانار نۇسخىسى بار ئىدى. ئىككىنچى تاجنىڭ چۆرىسىمۇ ئوخشاش ئىدى.
21 He raised up the pillars at the temple portico. The pillar on the right was named Jakin, and the pillar on the left was named Boaz.
ئۇ تۈۋرۈكلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىكى ئايۋانغا تىكلىدى. ئوڭ تەرىپىگە بىرنى تىكلەپ نامىنى «ياقىن»، سول تەرىپىگە بىرنى تىكلەپ، نامىنى «بوئاز» ئاتىدى.
22 On the top of the pillars were decorations like lilies. The fashioning of the pillars was done in this way.
تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستى نىلۇپەر شەكلىدە ياسالغانىدى. بۇنىڭ بىلەن تۈۋرۈكلەرنىڭ ئىشلىرى پۈتكەنىدى.
23 Huram made the round sea of cast metal, ten cubits from brim to brim. Its height was five cubits, and the sea was thirty cubits in circumference.
ئۇ مىستىن «دېڭىز» دەپ ئاتالغان يوغان داس ياسىدى. ئۇنىڭ بىر گىرۋىكىدىن يەنە بىر گىرۋىكىگىچە ئون گەز كېلەتتى. ئۇنىڭ ئايلامىسى ئوتتۇز گەز ئىدى.
24 Under the brim encircling the sea were gourds, ten in each cubit, cast in one piece with “The Sea,” when that basin was cast.
داسنىڭ گىرۋىكى ئاستى چۆرىدەپ قاپاق نۇسخىلىرى بىلەن زىننەتلەنگەنىدى. بۇلار داسنىڭ چۆرىسىنىڭ ھەربىر گېزىگە ئۇندىن، ئىككى قاتار قويۇلغان ئىدى. ئۇلار داس بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇيۇپ چىقىرىلغانىدى.
25 “The Sea” stood on twelve oxen, three looking toward the north, three looking toward the west, three looking toward the south, and three looking toward the east. “The Sea” was set on top of them, and all their hindquarters were toward the inside.
داس ئون ئىككى بۇقا شەكلى ئۈستىدە تۇرغۇزۇلغانىدى. بۇلارنىڭ ئۈچى شىمال تەرەپكە، ئۈچى غەرب تەرەپكە، ئۈچى جەنۇب تەرەپكە، ئۈچى شەرق تەرەپكە يۈزلەنگەنىدى. «دېڭىز» بۇلارنىڭ ئۈستىدە ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئارقىسى ئىچ تەرىپىدە ئىدى.
26 The sea was as thick as the width of a hand, and its brim was forged like the brim of a cup, like a lily blossom. The sea held two thousand baths of water.
داسنىڭ قېلىنلىقى ئالىقاننىڭ كەڭلىكىدەك بولۇپ، ئۇنىڭ گىرۋىكى پىيالىنىڭ گىرۋىكىدەك، شەكلى ئېچىلغان نىلۇپەردەك ئىدى. ئۇنىڭغا ئىككى مىڭ بات سۇ سىغاتتى.
27 Huram made the ten stands of bronze. Each stand was four cubits long and four cubits wide, and the height was three cubits.
ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ مىستىن ئون تەگلىكنى ياسىدى. ھەربىر تەگلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى تۆت گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز ئىدى.
28 The work of the stands was like this. They had panels that stood between frames,
بۇ تەگلىكلەر شۇنداق ياسالغانىدىكى، ئۇلارنىڭ [رەسىملىك] تاختىلىرى بار ئىدى؛ تاختىلىرى رامكىلار ئىچىگە ئورنىتىلغانىدى.
29 and on the panels and on the frames were lions, oxen, and cherubim. Above and below the lions and oxen were wreaths of hammered work.
رامكىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەسىم تاختايلىرىدا ۋە رامكىلارنىڭ ئۆزىدىمۇ شىرلار، بۇقىلار ۋە كېرۇبلارنىڭ سۈرەتلىك زىننەتلىرى بار ئىدى؛ شىرلار ۋە بۇقىلارنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى زەنجىرسىمان گۈل چەمبىرەك شەكلىدە زىننەتلەنگەنىدى.
30 Every stand had four bronze wheels and axles, and its four corners had supports beneath for the basin. The supports were cast with wreaths on the side of each one.
ھەربىر تەگلىكنىڭ مىس ئوقلىرى بىلەن تۆت چاقى بار ئىدى؛ تەگلىكنىڭ داسنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان تۆت بۇرجىكىدە جازىسى بار ئىدى؛ داس ئاستىدىكى پۇتلىرىنىڭ ھەر تەرىپىدە تورلانغان قۇيما گۈل شاخلىرى ئورنىتىلغانىدى.
31 The opening was round like a pedestal, a cubit and a half wide, and was within a crown that rose up a cubit. On the opening were engravings, and their panels were square, not round.
ھەر تەگلىكنىڭ ئىچىدە چوڭقۇرلۇقى بىر گەز كېلىدىغان «كىچىك تەگلىك» بولۇپ، ئاغزى دۈگىلەك ئىدى؛ كىچىك تەگلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم گەز ئىدى؛ ئاغزىنىڭ ئەتراپىدا نەقىشلەر بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ رامكىلىرى دۈگىلەك ئەمەس، بەلكى تۆت چاسىلىق ئىدى.
32 The four wheels were underneath the panels, and the axles of the wheels and their housings were in the stand. The height of a wheel was a cubit and a half.
تۆت چاقى رەسىملىك تاختايلىرى ئاستىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوقلىرى تەگلىككە بېكىتىلگەنىدى. ھەربىر چاقنىڭ ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى.
33 The wheels were forged like chariot wheels. Their housings, rims, spokes, and hubs were all cast metal.
چاقلارنىڭ قۇرۇلمىسى جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرىدەك ئىدى. ئۇلارنىڭ قازانلىرى، قاسقانلىرى، چېتىقلىرى ۋە ئوقلىرىنىڭ ھەممىسى مىستىن قۇيۇلغانىدى.
34 There were four handles at the four corners of each stand, forged into the stand itself.
ھەربىر تەگلىكنىڭ تۆت بۇرجىكىدە بىردىن تۆت تۇتقۇچى بار ئىدى؛ ئۇلار تەگلىكتىن چىقىپ تۇراتتى ۋە ئۇلار تەگلىك بىلەن تەڭ قۇيۇلغان.
35 In the top of the stands there was a round band half a cubit deep, and on the top of the stand its supports and panels were attached.
ھەربىر تەگلىكنىڭ تۆپىسىدە ئېگىزلىكى يېرىم گەز كېلىدىغان بىر يۇمىلاق جازا بار ئىدى. ھەربىر تەگلىكنىڭ تۆپىسىدە تىرەك ۋە رەسىملىك تاختايلار بار ئىدى. ئۇلار تەگلىك بىلەن تەڭ قۇيۇلغان.
36 On the surfaces of the supports and on the panels Huram engraved cherubim, lions, and palm trees that covered the space available, and they were surrounded by wreaths.
ئۇ مۇشۇ تىرەك ۋە رەسىم تاختايلىرىدىكى بوش ئورۇنلارغا كېرۇب، شىر ۋە خورما دەرەخلىرىنىڭ نۇسخىلىرىنى ۋە چۆرىسىگە تورلانغان گۈل شاخلىرىنى نەقىش قىلدى.
37 He made the ten stands in this manner. All of them were cast in the same molds, and they had one size, and the same shape.
شۇ تەرىقىدە ئۇ مۇشۇ ئون تەگلىكنى ياساپ بولدى. ھەممىسى بىر نۇسخىدا قۇيۇلۇپ، ئوخشاش چوڭلۇقتا ۋە شەكىلدە ئىدى.
38 Huram made ten basins of bronze. One basin could hold forty baths of water. Each basin was four cubits across and there was one basin on each of ten stands.
ئۇ مىستىن ئون داس ياسىغان بولۇپ، ھەربىر داسقا قىرىق بات سۇ سىغاتتى؛ ھەربىر داسنىڭ توغرىسى تۆت گەز ئىدى. ئون تەگلىكنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆپىسىدە بىردىن داس بار ئىدى.
39 He made five stands on the south-facing side of the temple and five on the north-facing side of the temple. He set “The Sea” on the east corner, facing toward the south of the temple.
ئۇ بەش داسنى ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ يېنىدا ۋە بەشنى ئىبادەتخانىنىڭ سول يېنىدا قويدى؛ مىس دېڭىزنى ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە، يەنى شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە قويدى.
40 Huram made the basins and the shovels and the sprinkling bowls. Then he finished all the work that he did for King Solomon in the temple of Yahweh:
ھىرام شۇلارغا تەئەللۇق داس، كۈرەك ۋە قاچا-قۇچىلارنىمۇ ياساپ تەييار قىلدى. شۇنداق قىلىپ ھىرام سۇلايمان پادىشاھ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ بارلىق قۇرۇلۇش خىزمىتىنى پۈتكۈزدى: ــ
41 the two pillars, and the bowl-like capitals that were on top of the two pillars, and the two sets of decorative latticework to cover the two bowl like capitals that were on top of the pillars.
ئىككى تۈۋرۈك، ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى ئاپقۇرسىمان ئىككى باش ۋە بۇ ئىككى باشنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىككى تورنى ياسىتىپ پۈتتۈردى،
42 He made the four hundred pomegranates for the two sets of decorative latticework (two rows of pomegranates for each set of latticework to cover the two bowl-like capitals that were on the pillars);
شۇ ئىككى تور ئۈستىگە قايچىلاشتۇرۇلغان تۆت يۈز ئانارنى ياساتتى. بىر توردا ئىككى قاتار ئانار بولۇپ، تۈۋرۈك ئۈستىدىكى؛ ئاپقۇرسىمان ئىككى باشنى يېپىپ تۇراتتى.
43 the ten stands, and the ten basins on the stands.
ئۇ ئون داس تەگلىكى ۋە داس تەگلىكىگە قويۇلىدىغان ئون «يۇيۇش دېسى»نى،
44 He made the large basin called “The Sea” with its twelve oxen under it;
«مىس دېڭىز» ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئون ئىككى مىس بۇقىنى ياساتقۇزدى،
45 also the pots, shovels, basins, and all the other implements. Huram made them out of polished bronze, for King Solomon, for the temple of Yahweh.
قازانلارنى، كۈرەكلەرنى ۋە قاچا-قۇچىلارنىمۇ تەييار قىلدى. ھىرام پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئەمرى بىلەن ياسىغان بۇ ھەممە نەرسىلەر پارقىرايدىغان مىستىن ئىدى.
46 The king had cast them in the plain of the Jordan, in the clay ground between Succoth and Zarethan.
پادىشاھ ئۇلارنى ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدە، سۇككوت بىلەن زارەتاننىڭ ئوتتۇرىسىدا، [شۇ يەردىكى] سېغىزلايدا قېلىپ ياساپ، قۇيدۇرۇپ چىقتى.
47 Solomon did not weigh all the utensils because there were too many to weigh, because the weight of the bronze could not be measured.
بۇ نەرسىلەر شۇنچە كۆپ بولغاچقا، سۇلايمان ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىمىدى. شۇنىڭ بىلەن مىسنىڭ ئېغىرلىقى مەلۇم بولمىدى.
48 Solomon had made all the furnishings that were in the temple of Yahweh out of gold: the golden altar and the table on which the bread of the presence was to be placed;
سۇلايمان يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئىچىدىكى بارلىق ئەسۋابلارنى ياساتتى: ــ يەنى ئالتۇن خۇشبۇيگاھنى، «تەقدىم نان» قويۇلىدىغان ئالتۇن شىرەنى،
49 the lampstands, five on the right side and five on the left, in front of the inner room, were of pure gold, and the flowers, the lamps, and the tongs were of gold.
كالامخانا ئالدىدا تۇرىدىغان ساپ ئالتۇن چىراغدانلارنى (بەشنى ئوڭ يېنىدا، بەشنى سول يېنىدا) ياساتتى؛ ۋە شۇلارنىڭ گۈلسىمان زىننەتلىرىنى، چىراغلىرىنى، چىراغ قىسقۇچلىرىنى ئالتۇندىن ياساتتى؛
50 Solomon also had made the cups, lamp trimmers, basins, spoons, and incense burners, all of which were made of pure gold; he had sockets of gold made for the doors of the inner room (which was the most holy place), and for the doors of the main hall of the temple.
داس-پىيالىلىرىنى، پىچاقلىرىنى، قاچىلىرىنى، تەخسىلىرىنى ۋە كۈلدانلارنىڭ ھەممىسىنى ساپ ئالتۇندىن ياساتتى؛ ئۇ ئىچكىرىكى خانىنىڭ، يەنى ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ قاتلىنىدىغان، قوش قاناتلىق ئىشىكلەرنىڭ گىرەلىرىنى ۋە ئۆيدىكى مۇقەددەس جاينىڭ [ئىشىكلىرىنىڭ] گىرەلىرىنى ئالتۇندىن ياساتتى.
51 In this way, all the work that King Solomon directed for the house of Yahweh was finished. So Solomon brought in the things that were set apart by David, his father, and the silver, the gold, and the furnishings, and put them into the storerooms of the house of Yahweh.
سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن قىلدۇرىدىغان ھەممە قۇرۇلۇشلار تامام بولغاندا، ئۇ ئاتىسى داۋۇت [خۇداغا] ئاتىغان نەرسىلەرنى (يەنى كۈمۈش، ئالتۇن ۋە تۈرلۈك باشقا بۇيۇملارنى) ئەكەلتۈرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىلىرىگە قويدۇردى.

< 1 Kings 7 >