< Psalms 72 >

1 [A Psalm] of Solomon. Give the king thy judgments, O God, and thy righteousness unto the king’s son.
سۇلايمان ئۈچۈن: ــ ئى خۇدا، پادىشاھقا ھۆكۈملىرىڭنى تاپشۇرغايسەن؛ پادىشاھنىڭ ئوغلىغا ئۆز ھەققانىيلىقىڭنى بەرگەيسەن.
2 He shall judge thy people with righteousness, and thy poor with judgment.
شۇنداق بولغاندا ئۇ ئۆز خەلقىڭ ئۈچۈن ھەققانىيلىق بىلەن، ساڭا تەۋە ئېزىلگەن مۆمىنلەر ئۈچۈن ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛
3 The mountains shall bring peace to the people, and the hills, in righteousness.
تاغلار خەلققە تىنچ-ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئېدىرلىقلارمۇ ھەققانىيلىق بىلەن شۇنداق قىلىدۇ.
4 He shall judge the poor of the people, he shall save the children of the needy, and shall break in pieces the oppressor.
پادىشاھ خەلق ئارىسىدىكى ئېزىلگەنلەرگە ئادىل ھۆكۈملەرنى چىقىرىدۇ؛ ئۇ نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى قۇتقۇزىدۇ، زالىملارنى بىتچىت قىلىدۇ.
5 They shall fear thee while the sun endureth, and so long as the moon, throughout all generations.
شۇنداق بولغاندا كۈن ۋە ئاي يوق بولۇپ كەتمىسىلا، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا خەلق سەندىن ئەيمىنىدۇ.
6 He shall come down like rain upon the mown grass: as showers that water the earth.
ئۇ بولسا گويا يېڭىدىن ئورغان ئوتلاققا ياغقان يامغۇردەك، يەر سۇغىرىدىغان ھۆل-يېغىنلاردەك چۈشىدۇ.
7 In his days shall the righteous flourish; and abundance of peace, till the moon be no more.
ئۇنىڭ كۈنلىرىدە ھەققانىيلار روناق تاپىدۇ؛ ئاي يوق بولغۇچە تىنچ-ئامانلىق تېشىپ تۇرىدۇ.
8 He shall have dominion also from sea to sea, and from the River unto the ends of the earth.
ئۇ دېڭىزدىن-دېڭىزلارغىچە، [ئەفرات] دەرياسىدىن يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ.
9 They that dwell in the wilderness shall bow before him; and his enemies shall lick the dust.
چۆل-باياۋاندا ياشاۋاتقانلار ئۇنىڭ ئالدىدا باش قويىدۇ؛ ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى توپىلارنى يالايدۇ.
10 The kings of Tarshish and of the isles shall bring presents: the kings of Sheba and Seba shall offer gifts.
تارشىشنىڭ ۋە ئاراللارنىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭغا ھەدىيەلەر تەقدىم قىلىدۇ، شېبا ۋە سېبانىڭ پادىشاھلىرىمۇ سوۋغاتلار سۇنىدۇ.
11 Yea, all kings shall fall down before him: all nations shall serve him.
دەرۋەقە، بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىدۇ؛ پۈتكۈل ئەللەر ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛
12 For he shall deliver the needy when he crieth; and the poor, that hath no helper.
چۈنكى ئۇ پەرياد كۆتۈرگەن يوقسۇللارنى، پاناھسىز ئېزىلگەنلەرنى قۇتۇلدۇرىدۇ؛
13 He shall have pity on the poor and needy, and the souls of the needy he shall save.
ئۇ يوقسۇل-ئاجىزلارغا ئىچىنى ئاغرىتىدۇ، يوقسۇللارنىڭ جېنىنى قۇتقۇزىدۇ؛
14 He shall redeem their soul from oppression and violence; and precious shall their blood be in his sight:
ئۇلارنىڭ جېنىنى زۇلۇم-زومىگەرلىكتىن ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ، ئۇلارنىڭ قېنى ئۇنىڭ نەزىرىدە قىممەتلىكتۇر.
15 And they shall live; and to him shall be given of the gold of Sheba: and men shall pray for him continually; they shall bless him all the day long.
[پادىشاھ] ياشىسۇن! شېبانىڭ ئالتۇنلىرىدىن ئۇنىڭغا سۇنۇلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا توختاۋسىز قىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭغا كۈن بويى بەخت تىلىنىدۇ؛
16 There shall be abundance of corn in the earth upon the top of the mountains; the fruit thereof shall shake like Lebanon: and they of the city shall flourish like grass of the earth.
يەر يۈزىدىكى ھوسۇل مول بولىدۇ، ھەتتا تاغ چوققىلىرىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. [مىغ-مىغ] چۈشكەن مېۋىلەر لىۋاندىكى ئورمانلاردەك تەۋرىنىدۇ؛ شەھەردىكىلەر بولسا دالادىكى ئوت-يېشىللىقتەك گۈللىنىدۇ؛
17 His name shall endure for ever; his name shall be continued as long as the sun: and men shall be blessed in him; all nations shall call him happy.
ئۇنىڭ نامى مەڭگۈگە ئۆچمەيدۇ، ئۇنىڭ نامى قۇياش يوقالغۇچە تۇرىدۇ؛ ئادەملەر ئۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىگە بەخت تىلەيدۇ، بارلىق ئەللەر ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتىشىدۇ.
18 Blessed be the LORD God, the God of Israel, who only doeth wondrous things:
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، پەرۋەردىگار خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي! كارامەت ئىشلارنى ياراتقۇچى يالغۇز ئۇدۇر!
19 And blessed be his glorious name for ever; and let the whole earth be filled with his glory. Amen, and Amen.
ئۇنىڭ شەرەپلىك نامىغا مەڭگۈگە تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلسۇن! ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى پۈتكۈل دۇنيانى قاپلىغاي! ئامىن! ۋە ئامىن!
20 The prayers of David the son of Jesse are ended.
يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ دۇئالىرى شۇنىڭ بىلەن تامام بولدى.

< Psalms 72 >