< Hosea 9 >

1 Rejoice not, O Israel, for joy, like the peoples; for thou hast gone a whoring from thy God, thou hast loved hire upon every cornfloor.
ئى ئىسرائىل، يات ئەل-يۇرتلاردەك خۇشال بولۇپ شادلىنىپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى سەن خۇدايىڭدىن چەتنەپ پاھىشىلىككە بېرىلدىڭ؛ ھەربىر خاماندا سەن پاھىشە ھەققىگە ئامراق بولۇپ كەتتىڭ.
2 The threshing-floor and the winepress shall not feed them, and the new wine shall fail her.
خامان ۋە شاراب كۆلچىكى ئۇلارنى باقالمايدۇ؛ يېڭى شاراب ئۇنى يەرگە قارىتىپ قويىدۇ.
3 They shall not dwell in the LORD’S land; but Ephraim shall return to Egypt, and they shall eat unclean food in Assyria.
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا تۇرىۋەرمەيدۇ؛ ئەفرائىم بەلكى مىسىرغا قايتىدۇ، ئۇلار ئاسۇرىيەدە ھارام تاماقنى يەيدۇ.
4 They shall not pour out wine [offerings] to the LORD, neither shall they be pleasing unto him: their sacrifices shall be unto them as the bread of mourners; all that eat thereof shall be polluted: for their bread shall be for their appetite; it shall not come into the house of the LORD.
ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھېچ «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيمايدۇ، ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرى ئۇنىڭغا ھېچ خۇرسەنلىك بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ نېنى ماتەم تۇتقۇچىلارنىڭ نېنىدەك بولىدۇ؛ ئۇنى يېگەن ھەركىم «ناپاك» بولىدۇ؛ بۇ نان ھەرگىز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرمەيدۇ.
5 What will ye do in the day of solemn assembly, and in the day of the feast of the LORD?
ئەمدى «جامائەتلەرنىڭ [ئىبادەت] سورۇنلىرى» كۈنىدە، «پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتى» بولغان كۈنىدە قانداق قىلارسىلەر؟
6 For, lo, they are gone away from destruction, [yet] Egypt shall gather them up, Memphis shall bury them: their pleasant things of silver, nettles shall possess them: thorns shall be in their tents.
چۈنكى مانا، ئۇلار ھەتتا ھالاكەتتىن قاچقان بولسىمۇ، مىسىر ئۇلارنى يىغىۋېلىپ، ئاندىن مېمفىس شەھىرى ئۇلارنى كۆمۈپ قويىدۇ. ئۇلارنىڭ قەدىرلىك كۈمۈش بۇيۇملىرىنى بولسا، چاققاقلار ئىگىلىۋالىدۇ؛ ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىنى يانتاق-تىكەنلەر باسىدۇ.
7 The days of visitation are come, the days of recompence are come; Israel shall know it: the prophet is a fool, the man that hath the spirit is mad, for the multitude of thine iniquity, and because the enmity is great.
ئەمدى ھېسابلىشىش كۈنلىرى كەلدى، يامانلىق قايتۇرىدىغان كۈنلەر كەلدى؛ ئىسرائىل بۇنى بىلىپ يەتسۇن! سېنىڭ قەبىھلىكىڭنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن، زور نەپرىتىڭ بولغىنى تۈپەيلىدىن، پەيغەمبەر «ئەخمەق»، روھقا تەۋە بولغۇچى «ساراڭ» دەپ ھېسابلىنىدۇ.
8 Ephraim [was] a watchman with my God: as for the prophet, a fowler’s snare is in all his ways, [and] enmity in the house of his God.
پەيغەمبەر بولسا ئەفرائىم ئۈستىگە خۇدايىم بىلەن بىللە تۇرغان كۆزەتچىدۇر؛ بىراق ئۇنىڭغا بارلىق يوللىرىدا قىلتاقلار قويۇلغان، خۇداسىنىڭ ئۆيىدىمۇ نەپرەت ئۇنى كۈتمەكتە.
9 They have deeply corrupted themselves, as in the days of Gibeah: he will remember their iniquity, he will visit their sins.
گىبېئاھنىڭ كۈنلىرىدىكىدەك ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭقۇر بۇلغىغان، ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى جازالايدۇ.
10 I found Israel like grapes in the wilderness; I saw your fathers as the firstripe in the fig tree at her first season: but they came to Baal-peor, and consecrated themselves unto the shameful thing, and became abominable like that which they loved.
ــ چۆل-باياۋاندا ئۈزۈم ئۇچراپ قالغاندەك، مەن سەن ئىسرائىلنى تاپقان؛ ئەنجۈر دەرىخىدە تۇنجى پىشقان مېۋىنى كۆرگەندەك، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى ياخشى كۆرگەنمەن؛ ئاندىن ئۇلار «بائال-پېئور»نى ئىزدەپ باردى، ئۆزلىرىنى ئاشۇ نومۇسلۇق نەرسىگە بېغىشلىدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ «سۆيگۈچىسى»گە ئوخشاش يىرگىنچلىك بولدى.
11 As for Ephraim, their glory shall fly away like a bird: there shall be no birth, and none with child, and no conception.
ئەفرائىمنىڭ بولسا، شان-شەرىپى قۇشتەك ئۇچۇپ كېتىدۇ ــ خۇددى تۇغۇلۇش بولۇپ باقمىغاندەك، ھامىلە بولۇپ باقمىغاندەك، بويىدا ئاپىرىدە بولۇش بولۇپ باقمىغاندەك!
12 Though they bring up their children, yet will I bereave them, that there be not a man left: yea, woe also to them when I depart from them!
ھەتتا ئۇلار پەرزەنتلىرىنى چوڭ قىلغان بولسىمۇ، مەن لېكىن ئۇلارنى بىرىنى قالدۇرماي جۇدا قىلىمەن؛ بەرھەق، ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكىنىمدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
13 Ephraim, like as I have seen Tyre, is planted in a pleasant place: but Ephraim shall bring out his children to the slayer.
مەن كۆرگىنىمدە، ئەفرائىمنىڭ ئەھۋالى چىمەنزاردا تىكلەنگەن بىر «تۇر شەھىرى»دەك ئىدى؛ بىراق ئەفرائىم بالىلىرىنى قەتل قىلغۇچىغا چىقىرىپ بېرىدۇ.
14 Give them, O LORD: what wilt thou give? give them a miscarrying womb and dry breasts.
ئۇلارغا بەرگىن، ئى پەرۋەردىگار ــ زادى نېمە بەرگىنىڭ تۈزۈك؟ ــ ئۇلارغا بالا چۈشۈپ كېتىدىغان بالىياتقۇ، قۇرۇق ئەمچەكلەرنى بەرگىن!
15 All their wickedness is in Gilgal; for there I hated them: because of the wickedness of their doings I will drive them out of mine house: I will love them no more; all their princes are revolters.
ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكىنى گىلگالدىن تاپقىلى بولىدۇ؛ چۈنكى مەن شۇ يەردە ئۇلاردىن نەپرەتلەندىم؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى ئۆيۈمدىن ھەيدىۋېتىمەن؛ مەن ئۇلارنى يەنە سۆيمەيمەن؛ ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسى تەرسالىق قىلىدۇ.
16 Ephraim is smitten, their root is dried up, they shall bear no fruit: yea, though they bring forth, yet will I slay the beloved fruit of their womb.
ئەفرائىم ئەمدى ئۇرۇۋېتىلدى؛ ئۇلارنىڭ يىلتىزى قاغجىراپ كەتتى، ئۇلار ھېچ مېۋە بەرمەيدۇ؛ ھەتتا ئۇلار مېۋە بەرسىمۇ، بالىياتقۇسىنىڭ سۆيۈملۈك مېۋىلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن.
17 My God will cast them away, because they did not hearken unto him: and they shall be wanderers among the nations.
مېنىڭ خۇدايىم ئۇلارنى چەتكە قاقتى، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى؛ ئۇلار ئەللەر ئارىسىدا سەرسان بولىدۇ.

< Hosea 9 >