< 1 Kings 5 >

1 And Hiram king of Tyre sent his servants unto Solomon; for he had heard that they had anointed him king in the room of his father: for Hiram was ever a lover of David.
تۇرنىڭ پادىشاھى ھىرام سۇلايماننى ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلىنغان دەپ ئاڭلاپ، ئۆز خىزمەتكارلىرىنى ئۇنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى؛ چۈنكى ھىرام داۋۇتنى ئىزچىل سۆيگۈچى ئىدى.
2 And Solomon sent to Hiram, saying,
سۇلايمان ھىرامغا ئادەم ئەۋىتىپ مۇنداق ئۇچۇرنى يەتكۈزدى: ــ
3 Thou knowest how that David my father could not build an house for the name of the LORD his God for the wars which were about him on every side, until the LORD put them under the soles of his feet.
«ئۆزۈڭ بىلىسەنكى، ئاتام داۋۇتنىڭ دۈشمەنلىرىنى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ پۇتى ئاستىغا قويغۇچە، ئۇ ئەتراپىدا ھەر تەرەپتە جەڭ قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار خۇداسنىڭ نامىغا بىر ئىبادەتخانا ياسىيالمىدى.
4 But now the LORD my God hath given me rest on every side; there is neither adversary, nor evil occurrent.
ئەمدى ھازىر پەرۋەردىگار خۇدايىم ماڭا ھەممە تەرەپتىن ئارام بەردى؛ ھېچبىر دۈشمىنىم يوق، ھېچبىر بالا-قازا يوق.
5 And, behold, I purpose to build an house for the name of the LORD my God, as the LORD spake unto David my father, saying, Thy son, whom I will set upon thy throne in thy room, he shall build the house for my name.
مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئاتام داۋۇتقا: «مەن سېنىڭ ئورنۇڭغا ئۆز تەختىڭگە ئولتۇرغۇزغان ئوغلۇڭ بولسا، ئۇ مېنىڭ نامىمغا بىر ئىبادەتخانا ياسايدۇ» دەپ ئېيتقىنىدەك، مەن پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ نامىغا بىر ئىبادەتخانا ياساي دەپ نىيەت قىلدىم؛
6 Now therefore command thou that they hew me cedar trees out of Lebanon; and my servants shall be with thy servants; and I will give thee hire for thy servants according to all that thou shalt say: for thou knowest that there is not among us any that can skill to hew timber like unto the Zidonians.
ئەمدى مەن ئۈچۈن [ئادەملىرىڭگە] لىۋاندىن كېدىر دەرەخلىرىنى كېسىڭلار، دەپ يارلىق چۈشۈرگىن؛ مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭغا ھەمدەمدە بولىدۇ. سېنىڭ بېكىتكىنىڭ بويىچە خىزمەتكارلىرىڭغا بېرىلىدىغان ئىش ھەققىنى ساڭا تۆلەيمەن؛ چۈنكى ئۆزۈڭگە ئايانكى، دەرەخ كېسىشتە ئارىمىزدا ھېچكىم زىدوندىكىلەردەك ئۇستا ئەمەس».
7 And it came to pass, when Hiram heard the words of Solomon, that he rejoiced greatly, and said, Blessed be the LORD this day, which hath given unto David a wise son over this great people.
ھىرام سۇلايماننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندا ئىنتايىن خۇشال بولۇپ: ــ بۈگۈن بۇ ئۇلۇغ خەلق ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرۈشكە داۋۇتقا شۇنداق دانا بىر ئوغۇل بەرگەن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىلسۇن! ــ دېدى.
8 And Hiram sent to Solomon, saying, I have heard [the message] which thou hast sent unto me: I will do all thy desire concerning timber of cedar, and concerning timber of fir.
ھىرام سۇلايمانغا ئادەم ئەۋىتىپ: ــ سەن ماڭا قويغان تەلەپلىرىڭنى ئاڭلاپ قوبۇل قىلدىم. مەن سېنىڭ كېدىر ياغىچى ۋە ئارچا ياغىچى توغرۇلۇق ئارزۇ قىلغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىمەن؛
9 My servants shall bring them down from Lebanon unto the sea: and I will make them into rafts to go by sea unto the place that thou shalt appoint me, and will cause them to be broken up there, and thou shalt receive them: and thou shalt accomplish my desire, in giving food for my household.
مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم شۇلارنى لىۋاندىن دېڭىزغا ئاپىرىدۇ؛ مەن ئۇلارنى سال قىلىپ باغلاپ، دېڭىز بىلەن سەن ماڭا بېكىتكەن يەرگە يەتكۈزىمەن، ئاندىن شۇ يەردە ئۇلارنى يەشكۈزىمەن. شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئېلىپ كېتىسەن. بۇنىڭ ھېسابىغا سەن تەلەپلىرىم بويىچە ئوردىدىكىلىرىم ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك تەمىنلىگەيسەن، ــ دېدى.
10 So Hirah gave Solomon timber of cedar and timber of fir according to all his desire.
شۇنداق قىلىپ، ھىرام سۇلايمانغا بارلىق تەلىپى بويىچە كېدىر ياغاچلىرى ۋە ئارچا ياغاچلىرىنى بەردى.
11 And Solomon gave Hiram twenty thousand measures of wheat for food to his household, and twenty measures of pure oil: thus gave Solomon to Hiram year by year.
سۇلايمان ھىرامغا ئوردىدىكىلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە يىگىرمە مىڭ كور بۇغداي ۋە يىگىرمە بات ساپ زەيتۇن مېيىنى ئەۋەتىپ بەردى. ھەر يىلى سۇلايمان ھىرامغا شۇنداق بېرەتتى.
12 And the LORD gave Solomon wisdom, as he promised him; and there was peace between Hiram and Solomon; and they two made a league together.
پەرۋەردىگار سۇلايمانغا ۋەدە قىلغاندەك ئۇنىڭغا دانالىق بەرگەنىدى. ھىرام بىلەن سۇلايماننىڭ ئارىسىدا ئىناقلىق بولۇپ، ئىككىسى ئەھدە تۈزۈشتى.
13 And king Solomon raised a levy out of all Israel; and the levy was thirty thousand men.
سۇلايمان پادىشاھ پۈتۈن ئىسرائىلدىن ھاشارغا ئىشلەمچىلەرنى بېكىتتى، ئۇلارنىڭ سانى ئوتتۇز مىڭ ئىدى.
14 And he sent them to Lebanon, ten thousand a month by courses: a month they were in Lebanon, and two months at home: and Adoniram was over the levy.
ئۇ بۇلارنى نۆۋەت بىلەن ھەر ئايدا ئون مىڭدىن لىۋانغا ئەۋەتەتتى؛ شۇنداق قىلىپ، ئۇلار بىر ئاي لىۋاندا تۇرسا، ئىككى ئاي ئۆيىدە تۇردى. ئادونىرام ھاشارچىلانىڭ ئۈستىدە تۇراتتى.
15 And Solomon had threescore and ten thousand that bare burdens, and fourscore thousand that were hewers in the mountains;
سۇلايماننىڭ يەتمىش مىڭ ھاممىلى، تاغلاردا ئىشلەيدىغان سەكسەن مىڭ تاشچىسى بار ئىدى.
16 besides Solomon’s chief officers that were over the work, three thousand and three hundred, which bare rule over the people that wrought in the work.
ئۇنىڭدىن باشقا سۇلايماننىڭ مەنسەپدارلىرىدىن ئىش ئۈستىگە قويۇلغان ئۈچ مىڭ ئۈچ يۈز ئىش بېشى بار ئىدى؛ ئۇلار ئىشلەمچىلەرنى باشقۇراتتى.
17 And the king commanded, and they hewed out great stones, costly stones, to lay the foundation of the house with wrought stone.
پادىشاھ يارلىق چۈشۈرۈشى بىلەن ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى سېلىشقا يونۇلغان، چوڭ ۋە قىممەتلىك تاشلارنى كېسىپ كەلتۈردى.
18 And Solomon’s builders and Hiram’s builders and the Gebalites did fashion them, and prepared the timber and the stones to build the house.
ۋە سۇلايماننىڭ تامچىلىرى بىلەن ھىرامنىڭ تامچىلىرى ۋە گەباللىقلار قوشۇلۇپ تاشلارنى ئويۇپ، ئۆينى ياساش ئۈچۈن ياغاچ ھەم تاشلارنى تەييارلاپ قويدى.

< 1 Kings 5 >