تاڭ ئارقاندىلا، پۈتۈن باش كاھىنلار بىلەن خەلق ئاقساقاللىرى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەسلىھەتلەشتى. |
ئۇلار ئۇنى باغلاپ ئاپىرىپ، ۋالىي پونتىئۇس پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى. |
ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئۇنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ ئىشلارغا پۇشايمان قىلدى ۋە باش كاھىنلار بىلەن ئاقساقاللارغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى قايتۇرۇپ بېرىپ: |
ــ مەن بىگۇناھ بىر جاننىڭ قېنى تۆكۈلۈشكە ساتقۇنلۇق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم، ــ دېدى. بۇنىڭغا بىزنىڭ نېمە كارىمىز؟ ئۆز ئىشىڭنى بىل! ــ دېيىشتى ئۇلار. |
يەھۇدا كۆمۈش تەڭگىلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىگە چۆرىۋەتتى ۋە ئۇ يەردىن كېتىپ، تالاغا چىقىپ، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى. |
باش كاھىنلار كۆمۈش تەڭگىلەرنى يىغىۋېلىپ: ــ بۇ خۇن تۆلۈمى بولغان [تەڭگىلەردۇر]، ئۇلارنى ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە قويۇش ھارام، ــ دېيىشتى. |
ئۇلار ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، بۇ پۇللار بىلەن ياقا يۇرتلۇقلارغا يەرلىك بولسۇن دەپ، ساپالچىنىڭ بىر پارچە ئېتىزلىقىنى سېتىۋالدى. |
شۇڭا بۇ يەر ھازىرغىچە «قانلىق ئېتىز» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. |
شۇ ئىش بىلەن يەرەمىيا پەيغەمبەر تەرىپىدىن بۇرۇن ئېيتىلغان مۇنۇ بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: ــ «ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن باھالاپ بېكىتكەن باھاسىنى، يەنى ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى ئۇلار ئېلىشتى، |
ۋە پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتكەندەك، ساپالچىنىڭ ئېتىزىنى سېتىۋېلىشقا خەجلەشتى». |
ئەمدى ئەيسا ۋالىينىڭ ئالدىغا تۇرغۇزۇلدى. ۋالىي ئۇنىڭدىن: ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئېيتقىنىڭدەك، ــ دېدى ئەيسا. |
لېكىن باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز-شىكايەت قىلغاندا، ئۇ بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. |
بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئۇنىڭغا: ــ ئۇلارنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدىن قىلغان شۇنچە كۆپ شىكايەتلىرىنى ئاڭلىمايۋاتامسەن؟ ــ دېدى. |
بىراق ئۇ [پىلاتۇسقا] جاۋابەن [شىكايەتلەرنىڭ] بىرسىگىمۇ جاۋاب بەرمىدى. ۋالىي بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران قالدى. |
ھەر قېتىملىق [ئۆتۈپ كېتىش] ھېيتىدا، ۋالىينىڭ خالايىق تەلەپ قىلغان بىر مەھبۇسنى ئۇلارغا قويۇپ بېرىش ئادىتى بار ئىدى. |
ئەينى ۋاقىتتا، [رىملىقلارنىڭ] بارابباس ئىسىملىك ئاتىقى چىققان بىر مەھبۇسى [زىنداندا] ئىدى. |
خالايىق جەم بولغاندا، پىلاتۇس ئۇلاردىن: ــ كىمنى سىلەرگە قويۇپ بېرىشىمنى خالايسىلەر؟ بارابباسنىمۇ ياكى مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى |
(چۈنكى ئۇ [باش كاھىن قاتارلىقلارنىڭ] ھەسەتخورلۇقى تۈپەيلىدىن ئۇنى تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى). |
پىلاتۇس «سوراق تەختى»دە ئولتۇرغاندا، ئايالى ئۇنىڭغا ئادەم ئەۋەتىپ: ــ ئۇ ھەققانىي كىشىنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمىغىن. چۈنكى تۈنۈگۈن كېچە ئۇنىڭ سەۋەبىدىن چۈشۈمدە كۆپ ئازاب چەكتىم، ــ دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. |
لېكىن باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار بولسا خالايىقنى ماقۇل قىلىپ، بارابباسنى قويۇپ بېرىشنى ۋە ئەيسانى يوقىتىشنى تەلەپ قىلدۇردى. |
ۋالىي جاۋابەن ئۇلاردىن يەنە: ــ سىلەرگە بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىنى قويۇپ بېرىشىمنى خالايسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. بارابباسنى، ــ دېيىشتى ئۇلار. |
پىلاتۇس ئەمدى: ــ ئۇنداق بولسا، مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانى قانداق بىر تەرەپ قىلاي؟ ــ دېدى. ھەممەيلەن: ــ ئۇ كرېستلەنسۇن! ــ دېيىشتى. |
پىلاتۇس: ــ نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە يامانلىق ئۆتكۈزۈپتۇ؟ ــ دەپ سورىدى. بىراق ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىشىپ: ئۇ كرېستلەنسۇن! ــ دەپ تۇرۇۋېلىشتى. |
پىلاتۇس سۆزلىۋېرىشنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى، بەلكى بۇنىڭ ئورنىغا مالىمانچىلىق چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، سۇ ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قولىنى يۇغاچ: ــ بۇ ھەققانىي ئادەمنىڭ قېنىغا مەن جاۋابكار ئەمەسمەن، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار مەسئۇل بولۇڭلار! ــ دېدى. |
پۈتۈن خەلق جاۋابەن: ــ ئۇنىڭ قېنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ۋە بالىلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە چۈشسۇن! ــ دېيىشتى. |
بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ئەيسانى بولسا قاتتىق قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستلەشكە [لەشكەرلىرىگە] تاپشۇردى. |
ئاندىن ۋالىينىڭ لەشكەرلىرى ئەيسانى ئۇنىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كىرىپ، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغدى. |
ئۇلار ئەيسانى يالىڭاچلاپ، ئۇچىسىغا پەرەڭ رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى. |
تىكەنلىك شاخچىلارنى ئۆرۈپ بىر تاج ياساپ، بېشىغا كىيدۈردى ۋە ئوڭ قولىغا بىر قومۇشنى تۇتقۇزدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ: «ياشىغايلا، يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دەپ مازاق قىلىشتى. |
ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشتى، قومۇشنى ئېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرۇشتى. |
ئۇنى شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، توننى سالدۇرۇپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى ۋە كرېستلەش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىشتى. |
ئۇلار تاشقىرىغا چىققىنىدا، كۇرىنى شەھىرىلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ ئەيسانىڭ كرېستىنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى. |
ئۇلار گولگوتا، يەنى «باش سۆڭەك» دېگەن يەرگە كەلگەندە، |
[ئەيساغا] ئىچىش ئۈچۈن كەكرە سۈيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئاچچىق شاراب بەردى؛ لېكىن ئۇ ئۇنى تېتىپ باققاندىن كېيىن، ئىچكىلى ئۇنىمىدى. |
لەشكەرلەر ئۇنى كرېستلىگەندىن كېيىن، چەك تاشلىشىپ كىيىملىرىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈۋالدى. |
ئاندىن ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا كۆزەتچىلىك قىلدى. |
ئۇلار ئۇنىڭ بېشىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە «بۇ ئەيسا، يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىدۇر» دەپ يېزىلغان شىكايەتنامە تاختىيىنى بېكىتتى. |
[ئەيسا] بىلەن تەڭ ئىككى قاراقچىمۇ كرېستكە مىخلانغان بولۇپ، بىرى ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى سول تەرىپىدە ئىدى. |
بۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ئۇنى ھاقارەتلەپ: |
ــ قېنى، سەن ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم، ئەمدى ئۆزۈڭنى قۇتقۇزە! خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، كرېستتىن چۈشۈپ باققىنا! ــ دېيىشتى. |
باش كاھىنلارمۇ، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار بىلەن بىرگە ئۇنى مەسخىرە قىلىپ: |
ــ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن، ئۆزىنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىمىش! ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىمىز. |
ئۇ خۇداغا تايانغان! خۇدا ئۇنى ئەزىزلىسە، ھازىر قۇتقۇزۇپ باققاي! چۈنكى ئۇ: «مەن خۇدانىڭ ئوغلى» دېگەنىدى، ــ دېيىشتى. |
ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كرېستلەنگەن قاراقچىلارمۇ ئۇنى شۇنداق ھاقارەتلەشتى. |
ئەمدى كۈننىڭ ئالتىنچى سائىتىدىن توققۇزىنچى سائىتىگىچە پۈتكۈل زېمىننى قاراڭغۇلۇق باستى. |
توققۇزىنچى سائەتلەردە ئەيسا يۇقىرى ئاۋازدا: «ئېلى، ئېلى، لەما ساۋاقتانى؟» يەنى «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟» دەپ قاتتىق نىدا قىلدى. |
ئۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى ئاڭلاپ: بۇ ئادەم ئىلياس [پەيغەمبەر]گە مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ، ــ دېيىشتى. |
ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەيلەن دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ بىر پارچە بۇلۇتنى ئەكېلىپ، ئۇنى ئاچچىق شارابقا چىلاپ، قومۇشنىڭ ئۇچىغا سېلىپ ئۇنىڭغا ئىچكۈزۈپ قويدى. |
بىراق باشقىلار: ــ توختا! قاراپ باقايلى، ئىلياس [پەيغەمبەر] كېلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالارمىكىن؟ ــ دېيىشتى. |
ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يەنە بىر ۋارقىرىدى-دە، روھىنى قويۇۋەتتى. |
ۋە مانا، شۇ دەقىقىدە ئىبادەتخانىنىڭ [ئىچكىرى] پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى. يەر-زېمىن تەۋرىنىپ، تاشلار يېرىلىپ، |
قەبرىلەر ئېچىلدى (ئۇ تىرىلگەندىن كېيىن، [ئۆلۈمدە] ئۇخلاۋاتقان نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ تەنلىرىمۇ تىرىلدى؛ ئۇلار قەبرىلەردىن چىقتى ۋە مۇقەددەس شەھەرگە كىرىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆرۈندى). |
ئەمدى ئەيسانى كۆزەت قىلىۋاتقان يۈزبېشى ھەم يېنىدىكى لەشكەرلەر يەرنىڭ تەۋرىشىنى ۋە باشقا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقۇشۇپ: ــ ئۇ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! ــ دېيىشتى. |
ئۇ يەردە يەنە بۇ ئىشلارغا يىراقتىن قاراپ تۇرغان نۇرغۇن ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئەسلىدە ئەيسانىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، گالىلىيەدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەنىدى. |
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماگداللىق مەريەم، ياقۇپ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئانىسى مەريەم، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئانىسىمۇ بار ئىدى. |
كەچقۇرۇن، ئارىماتىيالىق يۈسۈپ ئىسىملىك بىر باي كەلدى. ئۇمۇ ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئىدى. |
ئۇ پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەيسانىڭ جەسىتىنى تەلەپ قىلدى. پىلاتۇس جەسەتنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇشقا ئەمر قىلدى. |
يۈسۈپ جەسەتنى ئېلىپ، پاكىز كاناپ رەخت بىلەن ئوراپ كېپەنلىدى |
ۋە ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن قىيادا ئويدۇرغان يېڭى قەبرىسىگە قويدى. ئاندىن قەبرىنىڭ ئاغزىغا يوغان بىر تاشنى دومىلىتىپ قويۇپ، كېتىپ قالدى |
(شۇ چاغدا ماگداللىق مەريەم بىلەن يەنە بىر مەريەممۇ ئۇ يەردە، قەبرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇراتتى). |
ئەمدى ئەتىسى، يەنى «تەييارلاش كۈنى» ئۆتكەندىن كېيىن، باش كاھىنلار بىلەن پەرىسىيلەر جەم بولۇشۇپ پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا كېلىپ: |
ــ جانابلىرى، ھېلىقى ئالدامچىنىڭ ھايات ۋاقتىدا: «مەن ئۆلۈپ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىمەن» دېگىنى ئېسىمىزدە بار. |
شۇنىڭ ئۈچۈن، قەبرى ئۈچىنچى كۈنىگىچە مەھكەم قوغدىلىشى ئۈچۈن ئەمر بەرگەيسىز. ئۇنداق قىلىنمىسا، مۇخلىسلىرى كېلىپ جەسەتنى ئوغرىلاپ كېتىپ، ئاندىن خەلققە: «ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدى» دېيىشى مۇمكىن. بۇنداق ئالدامچىلىق ئالدىنقىسىدىنمۇ بەتتەر بولىدۇ، ــ دېيىشتى. |
پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ بىر گۇرۇپپا كۆزەتچى لەشكەرنى سىلەرگە تاپشۇردۇم. قەبرىنى قۇربىڭلارنىڭ يېتىشىچە مەھكەم قوغداڭلار، ــ دېدى. |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار [كۆزەتچى لەشكەرلەر] بىلەن بىللە بېرىپ، تاشنى پېچەتلەپ، قەبرىنى مۇھاپىزەت ئاستىغا قويدى. |