< Isaiah 65 >

1 I have heard those that made no supplication; I have been found by those who sought me not; I said, Here I am, here I am, To a people that called not upon my name.
ئەزەلدىن مېنى ئىزدىمىگەنلەرگە مېنى سوراش يولىنى ئاچتىم؛ مەن ئۆزۈمگە ئىنتىلمىگەنلەرگە ئۆزۈمنى تاپقۇزدۇم. مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالمىغان يات بىر ئەلگە مەن: ــ «ماڭا قارا، ماڭا قارا» ــ دېدىم.
2 I have spread out my hands all the day To a rebellious people, That walketh in an evil way, According to their own devices;
بىراق يامان يولدا ماڭىدىغان، ئۆزىنىڭ پىكىر-خىيالىغا ئەگىشىپ ماڭىدىغان، ئاسىيلىق قىلغۇچى بىر خەلققە بولسا مەن كۈن بويى قولۇمنى ئۇزىتىپ ئىنتىلىپ كەلدىم.
3 To a people that provoke me to my face continually; That sacrifice in gardens, And burn incense on tiles;
يەنى باغلاردا قۇربانلىق قىلىپ، ئۇلارنى خىشلىق سۇپىلار ئۈستىدىمۇ كۆيدۈرۈپ، كۆز ئالدىمدىلا زەردەمگە تېگىدىغان بىر خەلق؛
4 That sit in sepulchres, And lodge in caverns; That eat swine's flesh, And have broth of unclean things in their vessels;
ئۇلار قەبرىلەر ئارىسىدا ئولتۇرىدۇ، مەخپىي جايلاردىمۇ تۈنەپ ئولتۇرىدۇ؛ ئۇلار چوشقا گۆشىنى يەيدۇ، قازان-قاچىلىرىدا ھەرقانداق يىرگىنچلىك نەرسىلەرنىڭ شورپىسى بار.
5 Who yet say: Stand by thyself! come not near to me, For I am holier than thou! These are a smoke in my nose, A fire that burneth continually.
ئۇلار: «ئۆزۈڭ بىلەن بول، ماڭا يېقىنلاشقۇچى بولما؛ چۈنكى مەن سەندىن پاكمەن» ــ دەيدۇ؛ مۇشۇلار دىمىغىمغا كىرگەن ئىس-تۈتەك، كۈن بويى ئۆچمەي تۇرىدىغان ئوتتۇر!
6 Behold, it stands recorded before me; I will not keep silence, but will requite; I will requite it into their bosoms;
مانا، مېنىڭ ئالدىمدا پۈتۈكلۈك تۇرىدۇكى: ــ مەن سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ بەلكى ھەم سىلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىڭلارنى، شۇنداقلا تاغ چوققىلىرىدا ئىسرىق ياققان، دۆڭلەر ئۈستىدىمۇ مېنى ھاقارەتلىگەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى بىرلىكتە قايتۇرىمەن، ــ شۇلارنى ئۆز قۇچاقلىرىغا قايتۇرىمەن؛ بەرھەق، مەن ئىلگىرىكى قىلغانلىرىنى ئۆز قۇچاقلىرىغا ئۆلچەپ قايتۇرىمەن.
7 Your iniquities, and the iniquities of your fathers together, saith Jehovah, Who burnt incense on the mountains, And dishonored me on the hills, I will pour the full recompense of their former deeds into their bosom.
8 Thus saith Jehovah: As when juice is found in a cluster, Men say, “Destroy it not, for a blessing is in it”; So will I do, for the sake of my servants, and will not destroy the whole;
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ساپاق ئۈزۈمنىڭ «سارقىندى شىرنە»سى كۆرۈنگەندە، خەقلەرنىڭ: «ئۇنى چەيلىۋېتىپ ۋەيران قىلمىسۇن، چۈنكى ئۇنىڭدا بەرىكەت تۇرىدۇ» دېگىنىدەك، مەن ئۆز قۇللىرىمنىڭ سەۋەبىدىنلا شۇنداق قىلىمەنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلمايمەن.
9 I will cause a stem to spring forth from Jacob, And from Judah a possessor of my mountains; My chosen shall possess the land, And my servants shall dwell there.
شۇنداق قىلىپ مەن ياقۇپتىن بىر نەسىلنى، يەھۇدادىنمۇ تاغلىرىمغا بىر ئىگىدارنى چىقىرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ تاللىغانلىرىم [زېمىنغا] ئىگە بولىدۇ، مېنىڭ قۇللىرىم شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ.
10 And Sharon shall be a fold for flocks, And the valley of Achor a resting-place for herds, For my people that have sought me.
مېنى ئىزدىگەن خەلقىم ئۈچۈن، شارون بولسا يەنە قوي پادىلىرىغا قوتان، ئاخور بولسا كالا پادىلىرىغا قونالغۇ بولىدۇ.
11 But ye, who have forsaken Jehovah, And have forgotten my holy mountain, That prepare a table for Fortune, And fill the cup for Destiny,
بىراق پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، مۇقەددەس تېغىمنى ئۇنتۇغۇچى، «تەلەي» [دېگەن بۇت] ئۈچۈن داستىخان سالغۇچى، «تەقدىر» [دېگەن بۇت] ئۈچۈنمۇ ئەبجەش شارابنى قۇيۇپ قاچىلارنى تولدۇرغۇچىسىلەر،
12 Yourselves do I destine to the sword, And all of you shall bow down before the slaughter; Because I called, and ye answered not, I spake, and ye would not hear, But did that which is evil in my sight, And chose that in which I had no delight.
مەن سىلەرنى قىلىچقا «تەقدىر» قىلدىم، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار قىرغىنچىلىقتا باش ئېگىسىلەر؛ چۈنكى مەن چاقىردىم، سىلەر جاۋاب بەرمىدىڭلار؛ مەن سۆز قىلدىم، سىلەر قۇلاق سالمىدىڭلار؛ ئەكسىچە نەزىرىمدە يامان بولغاننى قىلىۋاتىسىلەر، مەن ياقتۇرمايدىغاننى تاللىغانسىلەر.
13 Therefore thus saith the Lord Jehovah: Behold, my servants shall eat, and ye shall be hungry; Behold, my servants shall drink, and ye shall be thirsty; Behold, my servants shall rejoice, and ye shall be confounded;
شۇڭا، رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مېنىڭ قۇللىرىم يەيدۇ، سىلەر ئاچ قالىسىلەر؛ مانا، مېنىڭ قۇللىرىم ئىچىدۇ، بىراق سىلەر ئۇسسۇز قالىسىلەر؛ مانا، مېنىڭ قۇللىرىم شادلىنىدۇ، سىلەر شەرمەندىلىكتە قالىسىلەر؛
14 Behold, my servants shall sing for gladness of heart, But ye shall shriek for sorrow of heart, And howl for anguish of spirit.
مانا، كۆڭلىدىكى شاد-خۇراملىقتىن قۇللىرىم ناخشا ئېيتىدۇ، سىلەر كۆڭۈلدىكى ئازابتىن زار-زار يىغلايسىلەر، روھ-قەلب سۇنۇقلۇقىدىن نالە-پەرياد كۆتۈرىسىلەر.
15 And ye shall leave your name for a curse to my chosen, And the Lord Jehovah shall slay you; But his servants will he call by another name.
ئىسمىڭلارنى مېنىڭ تاللىغانلىرىمغا لەنەت بولۇشقا قالدۇرىسىلەر. رەب پەرۋەردىگار سېنى ئۆلتۈرىدۇ، ھەم ئۇنىڭ قۇللىرىغا باشقا بىر ئىسىمنى قويۇپ بېرىدۇ.
16 Whoso blesseth himself in the land Shall bless by the true God; And he that sweareth in the land shall swear by the true God; For the former troubles are forgotten, And they are hid from mine eyes.
شۇنىڭ ئۈچۈن كىمكى ئۆزىگە بىر بەختنى تىلىسە، «ئامىن» دېگۈچى خۇدانىڭ نامى بىلەن ئاشۇ بەختنى تىلەيدۇ؛ كىمكى قەسەم ئىچمەكچى بولسا، ئەمدى «ئامىن» دېگۈچى خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىدۇ؛ چۈنكى بۇرۇنقى دەرد-ئەلەملەر ئۇنتۇلغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنى كۆزۈمدىن يوشۇردۇم.
17 For behold! I create new heavens, and a new earth; The former ones shall not be remembered, Nor shall they be brought to mind any more.
چۈنكى قاراڭلار، مەن يېڭى ئاسمانلارنى ۋە يېڭى زېمىننى يارىتىمەن؛ ئىلگىرىكى ئىشلار ھېچ ئەسلەنمەيدۇ، ھەتتا ئەسكە كەلمەيدۇ.
18 But ye shall be glad and exult forever In that which I create; For behold! I create Jerusalem a rejoicing, And her people a joy.
ئەكسىچە سىلەر مېنىڭ يارىتىدىغانلىقىمدىن خۇشاللىنىڭلار؛ مەڭگۈگە شاد-خۇراملىقتا بولۇڭلار، چۈنكى مەن يېرۇسالېمنى شاد-خۇراملىق، ئۇنىڭ خەلقىنى خۇشاللىق بەرگۈچى قىلىپ يارىتىمەن.
19 And I will exult in Jerusalem, And rejoice in my people; No more shall be heard therein The voice of weeping and the cry of distress.
ئۆزۈممۇ يېرۇسالېمدىن شاد-خۇراملىقتا بولىمەن، شۇنداقلا ئۆز خەلقىمدىن خۇشاللىنىمەن؛ ئۇنىڭدا نە يىغا ئاۋازى، نە نالە-پەريادلار ئىككىنچى ئاڭلانمايدۇ؛
20 There shall not be there an infant child, nor an old man, That hath not filled the measure of his years; For he that dieth a hundred years old shall die a youth, And the sinner dying a hundred years old shall be held accursed.
ئۇنىڭدا يەنە بىرنەچچە كۈنلۈك چاچراپ كەتكەن بوۋاق بولمايدۇ، ياكى ۋاقتى توشماي ۋاقىتسىز كەتكەن بوۋاي بولمايدۇ؛ يۈز ياشقا كىرگەن بولسا «يىگىت» سانىلىدۇ، شۇنىڭدەك گۇناھكار يۈز ياشقا كىرىپ ئۆلگەن بولسا «خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان» دەپ ھېسابلىنىدۇ.
21 They shall build houses, and inhabit them; They shall plant vineyards, and eat the fruit of them;
ئۇلار ئۆيلەرنى سالىدۇ، ئۇلاردا تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلىدۇ، ئۇلاردىن مېۋە يەيدۇ؛
22 They shall not build, and another inhabit; They shall not plant, and another eat; For as the days of a tree shall be the days of my people, Yea, long shall my chosen enjoy the work of their hands.
ئۇلار ياسىغان ئۆيلەردە، باشقا بىرسى تۇرمايدۇ؛ تىكىلگەن ئۈزۈمزارلاردىن، باشقا بىرسى مېۋە ئېلىپ يېمەيدۇ؛ چۈنكى خەلقىمنىڭ كۈنلىرى دەرەخنىڭ ئۆمرىدەك بولىدۇ؛ مېنىڭ تاللىغانلىرىم ئۆزلىرى ئۆز قولى بىلەن ياسىغانلىرىدىن ئۆز ئۆمرىدە تولۇق بەھرىمەن بولىدۇ.
23 They shall not labor in vain, Nor bring forth children for early death; For they are a race blessed by Jehovah, And their offspring shall remain to them.
ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمگىكى بىكارغا كەتمەيدۇ؛ ياكى ئۇلارنىڭ بالىلىرى تۇغۇلغاندا كېلەچىكى توغرۇلۇق ۋەھىمە مەۋجۇت بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان نەسىلدۇر، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ شۇنداق.
24 Before they call, I will answer; And while they are yet speaking, I will hear.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار نىدا قىلىپ چاقىرماستىنلا، مەن ئىجابەت قىلىمەن؛ ئۇلار دۇئا قىلىپ سۆزلەۋاتقىنىدىلا، مەن ئۇلارنى ئاڭلايمەن.
25 The wolf and the lamb shall feed together, And the lion shall eat straw like the ox, And dust shall be the food of the serpent. They shall not hurt, nor destroy, in all my holy mountain, Saith Jehovah.
بۆرە ھەم پاقلان بىلەن بىللە ئوزۇقلىنىدۇ؛ شىر بولسا كالىدەك سامان يەيدۇ؛ يىلاننىڭ رىزقى بولسا توپا-چاڭلا بولىدۇ. مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمنىڭ ھەممە يېرىدە ھېچ زىيانكەشلىك بولمايدۇ؛ ھېچ بۇزغۇنچىلىق بولمايدۇ، دەيدۇ پەرۋەردىگار.

< Isaiah 65 >