< Matthew 9 >

1 And he entered into a boat, and crossed over, and came into his own city.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېمىگە چۈشۈپ دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئۆزى تۇرغان شەھەرگە قايتىپ كەلدى.
2 And look, they brought to him a man who was paralyzed, lying on a bed. And Jesus, seeing their faith, said to the paralytic, "Son, cheer up. Your sins are forgiven."
ۋە مانا، كىشىلەر زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەيسا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ ھېلىقى پالەچكە: ــ ئوغلۇم، يۈرەكلىك بول، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، ــ دېدى.
3 And look, some of the scribes said to themselves, "This man blasphemes."
ئاندىن مانا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بەزىلىرى كۆڭلىدە: «بۇ ئادەم كۇپۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ!» دەپ ئويلىدى.
4 But Jesus, knowing their thoughts, said, "Why do you think evil in your hearts?
ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ئەيسا ئۇلارغا: ــ نېمە ئۈچۈن كۆڭلۈڭلاردا رەزىل ئويلاردا بولىسىلەر؟
5 For which is easier, to say, 'Your sins are forgiven;' or to say, 'Get up, and walk?'
«گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ ــ دېدى ۋە يەنە ئۇلارغا: ــ
6 But that you may know that the Son of Man has authority on earth to forgive sins..." (then he said to the paralytic), "Get up, and take up your mat, and go up to your house."
ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ــ ئۇ پالەچ كېسەلگە: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت، ــ دېدى.
7 And he arose and departed to his house.
ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيىگە قايتتى.
8 Now when the crowds saw it, they were afraid and glorified God who had given such authority to men.
بۇنى كۆرگەن توپ-توپ ئادەملەر قورقۇشۇپ، ئىنسانلارغا بۇنداق ھوقۇقنى بەرگەن خۇدانى ئۇلۇغلاشتى.
9 And as Jesus passed by from there, he saw a man called Matthew sitting at the tax collection office. He said to him, "Follow me." And he got up and followed him.
ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ ئالدىغا كېتىۋېتىپ، باج يىغىدىغان ئورۇندا ئولتۇرغان، ماتتا ئىسىملىك بىر [باجگىرنى] كۆردى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى. ۋە ماتتا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
10 And it happened as he sat in the house, look, many tax collectors and sinners came and were reclining with Jesus and his disciples.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئەيسا [ماتتانىڭ] ئۆيىدە مېھمان بولۇپ داستىخاندا ئولتۇرغاندا، نۇرغۇن باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارمۇ كىرىپ، ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى.
11 And when the Pharisees saw it, they said to his disciples, "Why does your Teacher eat with tax collectors and sinners?"
بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا: ــ ئۇستازىڭلار نېمىشقا باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىپ ئولتۇرىدۇ؟! ــ دېدى.
12 When he heard it, he said to them, "Those who are healthy have no need for a physician, but those who are sick do.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەيسا: ــ ساغلام ئادەملەر ئەمەس، بەلكى بىمارلار تېۋىپقا موھتاجدۇر.
13 But you go and learn what this means: 'I desire mercy, and not sacrifice,' for I came not to call the righteous, but sinners."
سىلەر بېرىپ [مۇقەددەس يازمىلاردىكى]: «ئىزدەيدىغىنىم قۇربانلىقلار ئەمەس، بەلكى رەھىم-شەپقەت» دېيىلگەن شۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىڭلار؛ چۈنكى مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، دېدى.
14 Then John's disciples came to him, saying, "Why do we and the Pharisees fast often, but your disciples do not fast?"
شۇ ۋاقىتلاردا، يەھيا [پەيغەمبەرنىڭ] مۇخلىسلىرى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ نېمىشقا بىز ۋە پەرىسىيلەر پات-پات روزا تۇتىمىز، لېكىن سىزنىڭ مۇخلىسلىرىڭىز تۇتمايدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى.
15 And Jesus said to them, "Can the friends of the bridegroom mourn, as long as the bridegroom is with them? But the days will come when the bridegroom will be taken away from them, and then they will fast.
ئەيسا جاۋابەن: ــ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى تويدا ھەمداستىخان ئولتۇغان چاغدا، توي مېھمانلىرى ھازا تۇتۇپ ئولتۇرسا قانداق بولىدۇ!؟ ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈندە روزا تۇتىدۇ.
16 And no one puts a piece of unshrunk cloth on an old garment; for the patch would tear away from the garment, and a worse hole is made.
ھېچكىم كونا كۆڭلەككە يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى ياماق [كىرىشىپ]، كىيىمنى تارتىپ يىرتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، يىرتىق تېخىمۇ يوغىناپ كېتىدۇ.
17 Neither do people put new wine into old wineskins, or else the skins would burst, and the wine pours out, and the skins ruined. No, they put new wine into fresh wineskins, and both are preserved."
شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇملارغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، [شارابنىڭ ئېچىشى بىلەن] تۇلۇملار يېرىلىپ كېتىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ ھەم تۇلۇملارمۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇملارغا قاچىلايدۇ؛ شۇنداق قىلغاندا، ھەر ئىككىلىسى ساقلىنىپ قالىدۇ.
18 While he told these things to them, look, a ruler came and worshiped him, saying, "My daughter has just died, but come and lay your hand on her, and she will live."
ئۇ [يەھيانىڭ مۇخلىسلىرىغا] بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، مانا بىر ھۆكۈمدار كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باش ئۇرۇپ: ــ مېنىڭ قىزىم ھازىرلا ئۆلۈپ كەتتى؛ ئەمما سىز بېرىپ ئۇنىڭغا قولىڭىزنى تەگكۈزۈپ قويسىڭىز، ئۇ تىرىلىدۇ، دېدى.
19 And Jesus got up and followed him, as did his disciples.
ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى.
20 And look, a woman who had an issue of blood for twelve years came behind him, and touched the fringe of his garment;
ۋە مانا، يولدا خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال ئەيسانىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى سىلىدى.
21 for she said within herself, "If I just touch his garment, I will be made well."
چۈنكى ئۇ ئىچىدە «ئۇنىڭ تونىنى سىلىساملا، چوقۇم ساقىيىپ كېتىمەن» دەپ ئويلىغانىدى.
22 But Jesus, turning around and seeing her, said, "Daughter, cheer up. Your faith has made you well." And the woman was made well from that hour.
ئەمما ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇنى كۆرۈپ: ــ قىزىم، يۈرەكلىك بول، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال شۇ سائەتتە ساقايدى.
23 And when Jesus came into the ruler's house, and saw the flute players, and the crowd in noisy disorder,
ئەمدى ئەيسا ھېلىقى ھۆكۈمدارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، نەي چېلىۋاتقان ۋە ھازا تۇتۇپ ۋايساۋاتقان كىشىلەر توپىنى كۆرۈپ،
24 he said, "Go away, for the girl is not dead, but asleep." And they laughed at him.
ئۇلارغا: ــ چىقىپ كېتىڭلار، بۇ قىز ئۆلمىدى، بەلكى ئۇخلاۋاتىدۇ، دېدى. [شۇنى ئاڭلاپ] كۆپچىلىك ئۇنى مەسخىرە قىلدى.
25 But when the crowd was put out, he entered in, took her by the hand, and the girl arose.
كىشىلەر چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ قىزنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋىدى، قىز ئورنىدىن تۇردى.
26 And the report of this went out into all that land.
بۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتۈن يۇرتتا پۇر كەتتى.
27 And as Jesus passed by from there, two blind men followed him, calling out and saying, "Have mercy on us, son of David."
ئەيسا ئۇ يەردىن چىققاندا، ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىپ: ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسىز! ــ دەپ نىدا قىلىشتى.
28 And when he had come into the house, the blind men came to him, and Jesus said to them, "Do you believe that I am able to do this?" They told him, "Yes, Lord."
ئۇ ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، شۇ ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەيسا ئۇلاردىن: ــ سىلەر مېنىڭ بۇ ئىشقا قادىر ئىكەنلىكىمگە ئىشىنەمسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ئى رەببىم، ئىشىنىمىز، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.
29 Then he touched their eyes, saying, "According to your faith be it done to you."
ئۇ قولىنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: ــ ئىشەنچىڭلار بويىچە بولسۇن! دېۋىدى،
30 And their eyes were opened. And Jesus strictly commanded them, saying, "See that no one knows about this."
ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلدى. ئەيسا ئۇلارغا: بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماڭلار! دەپ قاتتىق تاپىلىدى.
31 But they went out and spread abroad his fame in all that land.
لېكىن ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپلا، ئۇنىڭ نام-شۆھرىتىنى پۈتكۈل يۇرتقا يېيىۋەتتى.
32 And as they went out, look, a mute man who was demon possessed was brought to him.
ئۇلار چىقىپ كېتىۋاتقاندا، كىشىلەر جىن چاپلاشقان بىر گاچىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.
33 And when the demon was cast out, the mute man spoke. And the crowds were amazed, saying, "Nothing like this has ever been seen in Israel."
ئۇنىڭغا چاپلاشقان جىننىڭ ھەيدىلىشى بىلەنلا، ھېلىقى ئادەم زۇۋانغا كەلدى. خالايىق ئىنتايىن ھەيرانۇھەس بولۇپ: ــ بۇنداق ئىش ئىسرائىلدا زادى كۆرۈلۈپ باقمىغان، ــ دېيىشتى.
34 But the Pharisees said, "By the prince of the demons, he casts out demons."
لېكىن پەرىسىيلەر: ــ ئۇ جىنلارنى جىنلارنىڭ ئەمىرىگە تايىنىپ قوغلايدىكەن، دېيىشتى.
35 And Jesus went about all the cities and the villages, teaching in their synagogues, and preaching the Good News of the Kingdom, and healing every disease and every sickness.
ۋە ئەيسا بارلىق شەھەر ۋە يېزا-قىشلاقلارنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، ئەرش پادىشاھلىقىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىدى ۋە ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ھەرخىل مېيىپ-ئاجىزلارنى ساقايتتى.
36 But when he saw the crowds, he was moved with compassion for them, because they were harassed and scattered, like sheep without a shepherd.
لېكىن ئۇ توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرۈپ ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتتى، چۈنكى ئۇلار خارلىنىپ پادىچىسىز قوي پادىلىرىدەك پاناھسىز ئىدى.
37 Then he said to his disciples, "The harvest indeed is plentiful, but the laborers are few.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇخلىسلىرىغا: ــ ھوسۇل دەرۋەقە كۆپ ئىكەن، بىراق [ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن] ئىشلەيدىغانلار ئاز ئىكەن.
38 Pray therefore that the Lord of the harvest will send out laborers into his harvest."
شۇڭا ھوسۇلنىڭ ئىگىسىدىن، ئۆز ھوسۇلىڭنى يىغىۋېلىشقا ئىشلەمچىلەرنى جىددىي ئەۋەتكەيسەن، دەپ تىلەڭلار، ــ دېدى.

< Matthew 9 >