< Genesis 14 >

1 It happened in the days of Amraphel, king of Shinar, Arioch, king of Ellasar, Kedorlaomer, king of Elam, and Tidal, king of Goiim,
شىنارنىڭ پادىشاھى ئامرافەل، ئەللاسارنىڭ پادىشاھى ئارىئوق، ئېلامنىڭ پادىشاھى كېدورلايومەر ۋە گويىمنىڭ پادىشاھى تىدالنىڭ كۈنلىرىدە شۇ ۋەقە بولدىكى،
2 that they made war with Bera, king of Sodom, and with Birsha, king of Gomorrah, Shinab, king of Admah, and Shemeber, king of Zeboiim, and the king of Bela (that is, Zoar).
ئۇلار بىرلىشىپ سودومنىڭ پادىشاھى بېرا، گوموررانىڭ پادىشاھى بىرشا، ئادماھنىڭ پادىشاھى شىناب، زەبوئىمنىڭ پادىشاھى شەمئېبەر ۋە بېلا (يەنى زوئار)نىڭ پادىشاھىغا قارشى ھۇجۇمغا ئاتلاندى.
3 All these joined together in the Valley of Siddim (that is, the Salt Sea).
بۇ [بەشىنىڭ] ھەممىسى كېلىشىپ سىددىم ۋادىسىغا، يەنى «شور دېڭىزى» ۋادىسىغا يىغىلدى.
4 Twelve years they served Kedorlaomer, and in the thirteenth year, they rebelled.
ئۇلار ئون ئىككى يىل كېدورلايومەرگە بېقىندى بولدى، ئون ئۈچىنچى يىلغا كەلگەندە، كېدورلايومەرگە قارشى ئىسيان كۆتۈردى.
5 In the fourteenth year, Kedorlaomer and the kings allied with him came and attacked the Rephaim in Ashteroth Karnaim, and the Zuzim in Ham, and the Emim in Shaveh Kiriathaim,
ئون تۆتىنچى يىلى كېدورلايومەر ۋە ئۇنىڭغا ئىتتىپاقداش بولغان پادىشاھلار ھەممىسى يىغىلىپ، ئاشتاروت-كارنائىم دېگەن يەردە رەفايىيلارغا، شۇنداقلا ھام دېگەن يەردە زۇزىيلارغا، شاۋەھ-كىرىئاتايىمدا ئېمىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى يەڭدى؛
6 and the Horite, in the hills of Seir, to El Paran, which is near the desert.
ئاندىن ئۇلار ھورىيلارنى ئۇلارنىڭ سېئىر تېغىدا مەغلۇپ قىلىپ، چۆلنىڭ يېنىدىكى ئەل-پارانغىچە سۈرۈپ-توقاي قىلدى.
7 They returned, and came to En Mishpat (that is, Kadesh), and attacked all the country of the Amalekites, and also the Amorites, that lived in Hazazon Tamar.
ئارقىدىنلا، ئۇلار ئەن-مىشپاتقا (يەنى قادەشكە) يېنىپ كېلىپ، ئامالەكلەرنىڭ پۈتكۈل يۇرتىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى؛ ھازازون-تاماردا ئولتۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىمۇ ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ قىلدى.
8 The king of Sodom, and the king of Gomorrah, and the king of Admah, and the king of Zeboiim, and the king of Bela (that is, Zoar) came out; and they took up battle positions in the Valley of Siddim
شۇنىڭ بىلەن سودومنىڭ پادىشاھى، گوموررانىڭ پادىشاھى، ئادماھنىڭ پادىشاھى، زەبوئىمنىڭ پادىشاھى ۋە بېلانىڭ (يەنى زوئارنىڭ) پادىشاھى چىقىپ، سىددىم ۋادىسىدا ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلىشقا سەپ تىزدى؛
9 against Kedorlaomer king of Elam, and Tidal king of Goiim, and Amraphel king of Shinar, and Arioch king of Ellasar; four kings against the five.
مۇشۇ [بەشەيلەن] ئېلامنىڭ پادىشاھى كېدورلايومەر، گويىمنىڭ پادىشاھى تىدال، شىنارنىڭ پادىشاھى ئامرافەل، ئەللاسارنىڭ پادىشاھى ئارىئوق قاتارلىقلار بىلەن سوقۇشتى؛ يەنى تۆت پادىشاھ بىلەن بەش پادىشاھ ئۆزئارا سوقۇشتى.
10 Now the Valley of Siddim was full of tar pits; and the king of Sodom and the king of Gomorrah fled, and they fell there, and those who remained fled to the hills.
سىددىم ۋادىسىدىكى ھەممىلا يەردە قارىماي [ئورەكلىرى] بار ئىدى. سودوم ۋە گوموررانىڭ پادىشاھلىرى قېچىپ، ئورەكلەرگە چۈشۈپ كەتتى. ئەمما قالغانلار بولسا تاغقا قېچىپ كەتتى.
11 They took all the possessions of Sodom and Gomorrah, and all their food, and left.
[غالىب كەلگەن تۆت پادىشاھ بولسا] سودوم بىلەن گوموررانىڭ ھەممە مال-مۈلكىنى ۋە بارلىق ئوزۇق-تۈلۈكىنى ئېلىپ كەتتى.
12 They also took Lot, Abram's brother's son, who lived in Sodom, and his possessions, and departed.
ئۇلار يەنە ئابرامنىڭ جىيەنى لۇتنىمۇ ماللىرى بىلەن قوشۇپ ئېلىپ كەتتى؛ چۈنكى ئۇ سودومدا ئولتۇراقلاشقانىدى.
13 One who had escaped came and told Abram, the Hebrew. Now he lived by the oaks of Mamre, the Amorite, brother of Eshcol, and brother of Aner; and these were allies of Abram.
ھالبۇكى، قۇتۇلۇپ قالغان بىرسى بېرىپ بۇ ئىشلارنى ئىبرانىي ئابرامغا ئېيتتى. شۇ چاغدا ئۇ ئامورىي مامرەنىڭ دۇبزارلىقىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. مامرە بولسا ئەشكول ۋە ئانەرنىڭ ئاكىسى ئىدى؛ بۇ ئۈچەيلەن ئابرام بىلەن ئىتتىپاقداش ئىدى.
14 When Abram heard that his relative was taken captive, he mobilized his trained men, born in his house, three hundred and eighteen, and pursued as far as Dan.
ئابرام قېرىندىشىنىڭ ئەسىر بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئۆيىدە تۇغۇلغان، ئالاھىدە تەربىيىلەنگەن ئۈچ يۈز ئون سەككىز ئادەمنى باشلاپ چىقىپ، [تۆت پادىشاھنى] قوغلاپ دانغىچە باردى.
15 He divided his forces against them at night, he and his servants, and attacked them, and pursued them to Hobah, which is north of Damascus.
كېچىسى ئۇ ئادەملىرىنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى دەمەشقنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ھوباھ دېگەن جايغىچە قوغلاپ بېرىپ،
16 He brought back all the possessions, and also brought back his relative, Lot, and his possessions, as well as the women and the other people.
پۈتكۈل [ئولجا ئالغان] مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇۋالدى؛ ئۆز قېرىندىشى لۇتنى، ئۇنىڭ مال-مۈلكى ۋە خوتۇن-قىزلىرىنى، شۇنداقلا [بارلىق قالغان] ئادەملەرنى ياندۇرۇپ كەلدى.
17 The king of Sodom went out to meet him, after his return from the defeat of Kedorlaomer and the kings who were with him, at the valley of Shaveh (that is, the King's Valley).
ئابرام كېدورلايومەر ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقداش پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، قايتىپ كەلگەندە، سودومنىڭ پادىشاھى شاۋەھ ۋادىسى (يەنى خان ۋادىسى)غا ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى.
18 Melchizedek king of Salem brought out bread and wine; now he was priest of God Most High.
سالېمنىڭ پادىشاھى مەلكىزەدەكمۇ نان بىلەن شاراب ئېلىپ ئالدىغا چىقتى. ئۇ زات بولسا، ھەممىدىن ئالىي تەڭرىنىڭ كاھىنى ئىدى؛
19 He blessed him, and said, "Blessed be Abram by God Most High, Maker of heaven and earth:
ئۇ [ئابرامنى] بەخت-بەرىكەتلەپ: ــ «ئابرام ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ھەممىدىن ئالىي تەڭرى تەرىپىدىن بەرىكەتلەنسۇن!
20 and blessed be God Most High, who has delivered your enemies into your hand." And he gave him a tenth of everything.
شۇنداقلا دۈشمەنلىرىڭنى ئۆز قولۇڭغا تاپشۇرغان ھەممىدىن ئالىي تەڭرىگە ھەمدۇسانا ئوقۇلغاي!» ــ دېدى. ئابرام بولسا غەنىيمەت ئالغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۇنىڭغا بەردى.
21 Now the king of Sodom said to Abram, "Give me the people, and take the possessions for yourself."
ئاندىن سودومنىڭ پادىشاھى ئابرامغا: ــ ئادەملەرنى ماڭا بەرگەيلا، غەنىيمەتلەرنى ئۆزلىرىگە ئالغايلا، ــ دېدى.
22 Abram said to the king of Sodom, "I have lifted up my hand to God Most High, Maker of heaven and earth,
لېكىن ئابرام سودومنىڭ پادىشاھىغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بولسام ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ھەممىدىن ئالىي تەڭرى پەرۋەردىگارغا قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلغانمەنكى،
23 that I will not take a thread nor a sandal strap nor anything that is yours, lest you should say, 'I have made Abram rich.'
مەن سەندىن ھەتتا بىر تال يىپ نە بىر تال بوغقۇچىنىمۇ نە سېنىڭ باشقا ھەرقانداق نەرسەڭنى ئالمايمەن؛ بولمىسا، سەن كېيىن: «مەن ئابرامنى باي قىلىپ قويدوم» دېيىشىڭ مۇمكىن.
24 I will accept nothing from you except that which the young men have eaten, and the portion of the men who went with me: Aner, Eshcol, and Mamre. Let them take their portion."
شۇڭا يىگىتلىرىمنىڭ يېگەن-ئىچكىنى، شۇنداقلا ماڭا ھەمراھ بولغانلار، يەنى ئانەر، ئەشكول ۋە مامرەلەرگە تېگىشلىك ئۈلۈشتىن باشقا، مەن [غەنىيمەتتىن] ھېچنەرسە ئالمايمەن؛ شۇلار ئۆزلىرىگە تېگىشلىك ئۈلۈشىنى ئالسۇن، ــ دېدى.

< Genesis 14 >