< 1 Chronicles 3 >

1 Now these were the sons of David, who were born to him in Hebron: the firstborn, Amnon, of Ahinoam of Jezreel; the second, Daluiah, of Abigail of Carmel;
داۋۇتنىڭ ھېبروندا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى ئامنون بولۇپ، يىزرەئەللىك ئاخىنوئامدىن بولغان؛ ئىككىنچى ئوغلى دانىيال كارمەللىك ئابىگائىلدىن بولغان؛
2 the third, Absalom the son of Maacah the daughter of Talmai king of Geshur; the fourth, Adonijah the son of Haggith;
ئۈچىنچى ئوغلى ئابشالوم گەشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكاھدىن بولغان؛ تۆتىنچى ئوغلى ئادونىيا بولۇپ، ھاگگىتتىن بولغانىدى؛
3 the fifth, Shephatiah of Abital; the sixth, Ithream by Eglah his wife:
بەشىنچى ئوغلى شەفاتىيا بولۇپ، ئابىتالدىن بولغانىدى؛ ئالتىنچى ئوغلى ئىترىيام بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى ئەگلاھدىن بولغانىدى.
4 six were born to him in Hebron; and there he reigned seven years and six months. In Jerusalem he reigned thirty-three years;
بۇ ئالتە ئوغۇل داۋۇتتىن ھېبروندا تۆرەلگەن؛ ئۇ ھېبروندا يەتتە يىل ئالتە ئاي، يېرۇسالېمدا بولسا ئوتتۇز ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلغان.
5 and these were born to him in Jerusalem: Shammua, and Shobab, and Nathan, and Solomon, four, of Bathsheba the daughter of Eliam;
يېرۇسالېمدا ئۇنىڭغا ئاممىيەلنىڭ قىزى بات-شۇئادىن بۇ تۆتەيلەن تۆرەلگەن: ئۇلار شىمىيا، شوباب، ناتان ۋە سۇلايمان ئىدى.
6 and Ibhar, and Elishua, and Eliphelet,
يەنە ئىبھار، ئەلىشاما، ئەلىفەلەت،
7 and Nogah, and Nepheg, and Japhia,
نوگاھ، نەفەگ، يافىيا،
8 and Elishama, and Baaliada, and Eliphelet, nine.
ئەلىشاما، ئەلىيادا، ئەلىفەلەت قاتارلىق توققۇز ئوغۇل بولغان.
9 All these were the sons of David, besides the sons of the secondary wives; and Tamar was their sister.
بۇلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى؛ ئۇنىڭدىن باشقا توقاللىرىدىن بولغان ئوغۇللار بار ئىدى؛ تامار ئۇلارنىڭ سىڭلىسى ئىدى.
10 Solomon's son was Rehoboam, Abijah his son, Asa his son, Jehoshaphat his son,
سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئام، رەھوبوئامنىڭ ئوغلى ئابىيا، ئابىيانىڭ ئوغلى ئاسا، ئاسانىڭ ئوغلى يەھوشافات،
11 Joram his son, Ahaziah his son, Joash his son,
يەھوشافاتنىڭ ئوغلى يورام، يورامنىڭ ئوغلى ئاھازىيا، ئاھازىيانىڭ ئوغلى يوئاش،
12 Amaziah his son, Azariah his son, Jotham his son,
يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازىيا، ئامازىيانىڭ ئوغلى ئازارىيا، ئازارىيانىڭ ئوغلى يوتام،
13 Ahaz his son, Hezekiah his son, Manasseh his son,
يوتامنىڭ ئوغلى ئاھاز، ئاھازنىڭ ئوغلى ھەزەكىيا، ھەزەكىيانىڭ ئوغلى ماناسسەھ،
14 Amon his son, Josiah his son.
ماناسسەھنىڭ ئوغلى ئامون، ئاموننىڭ ئوغلى يوسىيا ئىدى.
15 The sons of Josiah: the firstborn Johanan, the second Jehoiakim, the third Zedekiah, the fourth Shallum.
يوسىيانىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يوھانان، ئىككىنچى ئوغلى يەھوئاكىم، ئۈچىنچى ئوغلى زەدەكىيا، تۆتىنچى ئوغلى شاللۇم ئىدى.
16 The sons of Jehoiakim: Jeconiah his son, Zedekiah his son.
يەھوئاكىمنىڭ ئوغۇللىرى: ئوغلى يەكونىياھ بىلەن ئوغلى زەدەكىيا.
17 The sons of Jeconiah, the captive: Shealtiel his son,
سۈرگۈن قىلىنغان يەكونىياھنىڭ ئوغۇللىرى: ــ شېئالتىئەل ئۇنىڭ ئوغلى ئىدى؛
18 and Malkiram, and Pedaiah, and Shenazzar, Jekamiah, Hoshama, and Nedabiah.
يەنە مالقىرام، پەداياھ، شەناززار، يەكامىيا، ھوشاما ۋە نەبادىيا ئىدى.
19 The sons of Pedaiah: Zerubbabel, and Shimei. The sons of Zerubbabel: Meshullam, and Hananiah; and Shelomith was their sister;
پەداياھنىڭ ئوغۇللىرى زەرۇببابەل بىلەن شىمەي ئىدى؛ زەرۇببابەلنىڭ پەرزەنتلىرى: ــ مەشۇللام بىلەن ھانانىيا ۋە ئۇلارنىڭ سىڭلىسى شېلومىت ئىدى؛
20 and Hashubah, and Ohel, and Berechiah, and Hasadiah, and Jushab Hesed, five.
ئۇنىڭ يەنە ھاشۇباھ، ئوھەل، بەرەكىيا، ھاسادىيا، يۇشاب-ھەسەد قاتارلىق بەش ئوغلى بار ئىدى.
21 The sons of Hananiah: Pelatiah, and Jeshaiah; his son Rephaiah, his son Arnan, his son Obadiah, his son Shecaniah.
ھانانىيانىڭ ئوغۇللىرى پىلاتىيا ۋە يەشايا ئىدى؛ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يەنە رېفايانىڭ ئوغۇللىرى، ئارناننىڭ ئوغۇللىرى، ئوبادىيانىڭ ئوغۇللىرى ۋە شېكانىيانىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
22 The son of Shecaniah: Shemaiah. The sons of Shemaiah: Hattush, and Igal, and Bariah, and Neariah, and Shaphat, six.
شېكانىيانىڭ ئەۋلادلىرى مۇنۇلار: ئۇنىڭ ئوغلى شېمايا؛ شېمايانىڭ ئوغۇللىرى ھاتتۇش، يىگېئال، بارىيا، نېئارىيا، شافات بولۇپ جەمئىي ئالتە ئىدى.
23 The sons of Neariah: Elioenai, and Hizkiah, and Azrikam, three.
نېئارىيانىڭ ئوغۇللىرى ئەليويىناي، ھەزەكىيا، ئازرىكام بولۇپ جەمئىي ئۈچ ئىدى.
24 The sons of Elioenai: Hodaviah, and Eliashib, and Pelaiah, and Akkub, and Johanan, and Delaiah, and Anani, seven.
ئەليويىناينىڭ ئوغۇللىرى خوداۋىيا، ئەلىياشىب، پەلايا، ئاككۇب، يوھانان، دېلايا، ئانانى بولۇپ جەمئىي يەتتە ئىدى.

< 1 Chronicles 3 >