< Acts 20 >

1 After the uproar had ceased, Paul sent for the disciples and, after encouraging them, took leave of them, and departed to go into Macedonia.
توپىلاڭ بېسىققاندىن كېيىن، پاۋلۇس مۇخلىسلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈردى ۋە ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ماكېدونىيەگە قاراپ كەتتى.
2 When he had gone through those parts, and had encouraged them with many words, he came into Greece.
ئۇ شۇ ئەتراپتىكى يۇرتلارنى ئارىلاپ، ئېتىقادچىلارنى نۇرغۇن سۆز-تەلىملەر بىلەن رىغبەتلەندۈرگەندىن كېيىن، يۇنانغا بېرىپ،
3 When he had spent three months there, and a plot was made against him by Jews as he was about to set sail for Syria, he determined to return through Macedonia.
ئۇ يەردە ئۈچ ئاي تۇردى. پاۋلۇس كېمىگە ئولتۇرۇپ سۇرىيەگە ماڭاي دەپ تۇرغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى بىلىنىپ قېلىپ، ماكېدونىيە ئارقىلىق [قۇرۇقلۇق بىلەن] قايتىپ كېتىش قارارىغا كەلدى.
4 He was accompanied by Sopater son of Pyrrhus of Beroea; Aristarchus and Secundus of the Thessalonians; Gaius of Derbe; Timothy; and Tychicus and Trophimus of Asia.
ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغانلار بېرىيالىق پىررۇسنىڭ ئوغلى سوپاتېر، تېسالونىكالىقلاردىن ئارىستارخۇس بىلەن سېكۇندۇس، دەربەلىك گايۇس، تىموتىي ۋە ئاسىيا ئۆلكىسىدىن تىكىكۇس بىلەن تروفىمۇسلار ئىدى.
5 But these had gone ahead, and were waiting for us at Troas.
ئۇلار ئاۋۋال تروئاس شەھىرىگە بېرىپ، بىزنىڭ يېتىپ بېرىشىمىزنى كۈتۈپ تۇردى.
6 We sailed away from Philippi after the days of Unleavened Bread, and came to them at Troas in five days, where we stayed seven days.
بىز بولساق «پېتىر نان ھېيتى» كۈنلىرىدىن كېيىن، فىلىپپى شەھىرىدىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، بەش كۈندىن كېيىن تروئاسقا كېلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇچراشتۇق ۋە ئۇ يەردە يەتتە كۈن تۇردۇق.
7 On the first day of the week, when we were gathered together to break bread, Paul talked with them, intending to depart on the next day, and continued his speech until midnight.
ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، بىز نان ئوشتۇشقا جەم بولغاندا، پاۋلۇس ئەتىسى كەتمەكچى بولغاچقا، جامائەتكە سۆز قىلىشقا باشلىدى؛ ئۇ سۆزىنى تۈن يېرىمگىچە ئۇزارتتى.
8 There were many lights in the upper chamber where we were gathered together.
بىز جەم بولغان يۇقىرىقى قەۋەتتىكى ئۆيدە نۇرغۇن قارا چىراغلار يېنىپ تۇراتتى.
9 A certain young man named Eutychus sat in the window, weighed down with deep sleep. As Paul spoke still longer, being weighed down by his sleep, he fell down from the third story, and was taken up dead.
ئەۋتىكۇس ئىسىملىك بىر يىگىت دېرىزىدە ئولتۇرغانىدى. پاۋلۇس سۆزلەپ خېلى بىر يەرگە بارغاندا، ئۇنى مۈگدەك بېسىۋاتقانىدى. ئاندىن ئۇ غەرق ئۇيقۇغا كېتىپ، ئۇ ئۈچىنچى قەۋەتتىن يەرگە يىقىلىپ چۈشتى. كۆپچىلىك ئۇنى يەردىن كۆتۈرۈپ قارىسا، ئۇ ئۆلۈپ بولغانىدى.
10 Paul went down, and fell upon him, and embracing him said, "Do not be troubled, for his life is in him."
پاۋلۇس پەسكە چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېتىلىپ، قۇچاقلاپ تۇرۇپ: ئازابلانماڭلار، ئۇ تىرىككەن! ــ دېدى.
11 When he had gone up, and had broken bread, and eaten, and had talked with them a long while, even until break of day, he departed.
قايتىدىن ئۆيگە چىقىپ، ناننى ئوشتۇپ يېگەندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇلار بىلەن تاڭ ئاتقۇچە ئۇزۇن سۆزلەشتى ۋە ئۇ بۇ يەردىن يولغا چىقتى.
12 They brought the boy in alive, and were greatly comforted.
[تروئاستىكىلەر] بولسا ھېلىقى يىگىتنى ئۆيىگە ھايات ئاپىرىپ قويدى. ئۇلار بۇنىڭدىن چەكسىز تەسەللى تاپتى.
13 But we who went ahead to the ship set sail for Assos, intending to take Paul aboard there, for he had so arranged, intending himself to go by land.
بىز بولساق پاۋلۇستىن بۇرۇن ئاسسوس شەھىرىگە كېمە بىلەن باردۇق. چۈنكى پاۋلۇس شۇ يەرگە پىيادە باراي، سىلەر مەندىن ئاۋۋال يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردە مېنى كېمىگە ئېلىۋېلىشنى كۈتۈڭلار، دەپ ئورۇنلاشتۇرغانىدى.
14 When he met us at Assos, we took him aboard, and came to Mitylene.
ئاسسوستا ئۇ بىز بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن بىز ئۇنى كېمىگە ئېلىپ مىتۇلىن شەھىرىگە كەلدۇق.
15 Sailing from there, we came the following day opposite Chios. The next day we landed at Samos, and the day after we came to Miletus.
ئاندىن شۇ يەردىن چىقىپ، ئەتىسى خىيوس ئارىلىنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ تۇردۇق. ئۈچىنچى كۈنى ساموس ئارىلىغا يېتىپ كەلدۇق ۋە تروگىللىئۇم شەھىرىدە قوندۇق؛ ئۇنىڭ ئەتىسى مىلېتۇس شەھىرىگە باردۇق.
16 For Paul had determined to sail past Ephesus, that he might not have to spend time in Asia; for he was hastening, if it were possible for him, to be in Jerusalem on the day of Pentecost.
چۈنكى پاۋلۇس ئاسىيا ئۆلكىسىدە كۆپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، دېڭىز سەپىرىدە ئەفەسۇستا توختىماي ئۆتۈپ كېتىشنى قارار قىلغانىدى. سەۋەبى، ئۇ «ئورما ھېيتى» كۈنىنى مۇمكىنقەدەر يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىرايتتى.
17 From Miletus he sent to Ephesus, and called to himself the elders of the church.
ئەمدى مىلېتۇس شەھىرىدىن ئەفەسۇسقا ئادەم ئەۋەتىپ، جامائەتتىكى ئاقساقاللارنى چاقىردى.
18 When they had come to him, he said to them, "You yourselves know, from the first day that I set foot in Asia, how I was with you all the time,
ئۇلار كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن ئاسىيا ئۆلكىسىگە ئاياغ باسقان بىرىنچى كۈندىن تارتىپ، سىلەر بىلەن قانداق ئۆتكەنلىكىم ھەربىرىڭلارغا مەلۇم.
19 serving the Lord with all humility, with many tears, and with trials which happened to me by the plots of the Jews;
رەبنىڭ خىزمىتىدە ھەر تەرەپتە كەمتەر بولۇپ، كۆز ياشلىرىم تۆكۈلگەنلىكىنى، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ سۇيىقەستلىرى تۈپەيلىدىن بېشىمدىن ئۆتكەن سىناقلاردا چىدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر،
20 how I did not hold back from declaring to you anything that was profitable, and teaching you publicly and from house to house,
ۋە يەنە مەيلى ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن ياكى ئۆي-ئۆيلەردە بولسۇن، سىلەرگە تەلىم بەرگىنىمدە، سىلەرگە پايدىلىق بولسىلا ھېچنېمىنى ئايىماي جاكارلاپ،
21 testifying both to Jews and to Greeks repentance toward God, and faith toward our Lord Jesus.
يەھۇدىيلار ھەم گرېكلەرگىمۇ خۇدا ئالدىدا توۋا قىلىش ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھگە ئېتىقاد قىلىش كېرەكلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ جېكىلىگەنلىكىم ھەممىڭلارغا مەلۇم.
22 And now, look, compelled by the Spirit, I am going to Jerusalem, not knowing what will happen to me there;
ھازىر مانا، روھتا باغلانغان ھالدا يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن. ئۇ يەردە نېمە ئىشلارنىڭ بېشىمغا چۈشىدىغانلىقىنى ئۇقمايمەن؛
23 except that the Holy Spirit testifies in every city, saying that bonds and afflictions wait for me.
پەقەت شۇنى بىلىمەنكى، مۇقەددەس روھ مەن بارغانلا شەھەرلەردە زىندان كىشەنلىرى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ مېنى كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېنىق ئېيتىپ كەلمەكتە.
24 But I make my life an account of nothing precious to myself, so that I may finish my race, and the ministry which I received from the Lord Jesus, to fully testify to the Good News of the grace of God.
لېكىن مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەب ئەيسادىن تاپشۇرۇۋالغان خىزمەتنى ئادا قىلىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ تولۇق گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىمايمەن.
25 "And now, look, I know that you all, among whom I went about proclaiming the Kingdom, will see my face no more.
مەن سىلەر بىلەن ئارىلىشىپ، ھەممىڭلار ئارىسىدا يۈرۈپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلىدىم؛ ئەمدى مانا ماڭا مەلۇمكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەردىن ھېچكىم يۈزۈمنى قايتا كۆرەلمەيسىلەر.
26 Therefore I testify to you today that I am innocent of everyone's blood,
شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سىلەرگە گۇۋاھلىق قىلىپ ئېيتىپ قويايكى، مەن ھېچبىرىنىڭ قېنىغا قەرزدار ئەمەسمەن.
27 for I did not hold back from declaring to you the whole plan of God.
چۈنكى مەن خۇدانىڭ تولۇق مەقسەت-ئىرادىسىنى قىلچە ئېلىپ قالماي سىلەرگە بايان قىلىپ يەتكۈزۈشتىن باش تارتمىدىم.
28 Watch out for yourselves and to all the flock, in which the Holy Spirit has made you overseers, to shepherd the church of God which he purchased with his own blood.
مۇقەددەس روھ سىلەرنى خۇدانىڭ جامائىتىنى بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ پادىسى ئىچىدە يېتەكچى قىلىپ تىكلىگەنىدى؛ ئەمدى ئۆزۈڭلارغا ھەم ئۆز ئوغلىنىڭ قېنى بىلەن سېتىۋالغان بارلىق پادىسىغا سەگەك بولۇڭلار!
29 For I know that after my departure, vicious wolves will enter in among you, not sparing the flock.
چۈنكى ماڭا ئايانكى، مەن كەتكەندىن كېيىن، چىلبۆرىلەر ئاراڭلارغا كىرىپ، پادىنى ھېچ ئايىمايدۇ،
30 Men will arise from among your own selves, speaking perverse things, to draw away the disciples after them.
ھەمدە ھەتتا ئاراڭلاردىنمۇ بەزىلەر مۇخلىسلارنى ئۆزلىرىگە تارتىۋېلىش ئۈچۈن ھەقىقەتنى بۇرمىلىغان تۈرلۈك ئىشلارنى سۆزلەيدۇ.
31 Therefore watch, remembering that for a period of three years I did not cease to admonish everyone night and day with tears.
شۇڭا، سەگەك بولۇڭلار، مېنىڭ ئۈچ يىل كېچە-كۈندۈز دېمەي، ھەربىرىڭلارغا كۆز ياشلىرىم بىلەن توختىماي نەسىھەت بېرىپ تۇرغانلىقىمنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار.
32 Now I entrust you to God, and to the word of his grace, which is able to build up, and to give you the inheritance among all those who are sanctified.
ئەمدى مەن سىلەرنى خۇداغا ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزىدىغان سۆز-كالامىغا تاپشۇرىمەن. بۇ سۆز-كالام ئېتىقادىڭلارنى قۇرۇشقا ھەم پاك-مۇقەددەس قىلىنغان بارلىق خەلقى ئارىسىدا ئىلتىپات قىلىنىدىغان مىراستىن سىلەرنى نېسىپ قىلىشقا قادىردۇر.
33 I coveted no one's silver, or gold, or clothing.
مەن ھېچقاچان ھېچكىمدىن كىيىم-كېچەك ياكى ئالتۇن-كۈمۈش تاما قىلىپ باقمىغانمەن.
34 You yourselves know that these hands served my necessities, and those who were with me.
سىلەرگە مەلۇمكى، مەن ئىككى بىلىكىمگە تايىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ۋە ھەمراھلىرىمنىڭ ھاجىتىدىن چىقتىم.
35 In all things I gave you an example, that so laboring you ought to help the weak, and to remember the words of the Lord Jesus, that he himself said, 'It is more blessed to give than to receive.'"
بۇنداق قىلىپ ھەربىر ئىشلاردا مەن سىلەرگە مۇشۇنداق ئەجىر-ئەمگەك ئارقىلىق ئاجىز-ھاجەتمەنلەرگە ياردەم بېرىش لازىملىقىنى، شۇنداقلا رەب ئەيسا ئۆزى ئېيتقان: «بەرمەك ئالماقتىنمۇ بەختلىكتۇر» دېگىنىنى ئېسىڭلاردىن چىقارماسلىقىڭلار كېرەكلىكىنى كۆرسەتتىم.
36 When he had spoken these things, he knelt down and prayed with them all.
بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇ ھەممەيلەن بىلەن بىرلىكتە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلدى.
37 They all wept a lot, and fell on Paul's neck and kissed him,
ھەممەيلەن قاتتىق يىغلىشىپ كەتتى؛ پاۋلۇسنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ قۇچاقلاپ، قىزغىن سۆيۈشتى.
38 sorrowing most of all because of the word which he had spoken, that they should see his face no more. And they accompanied him to the ship.
ئۇلارنى ئەڭ ئازابلىغىنى پاۋلۇسنىڭ، «بۇنىڭدىن كېيىن يۈزۈمنى قايتا كۆرەلمەيسىلەر» دېگەن سۆزى بولدى. كېيىن، ئۇلار ئۇنى كېمىگە چىقىرىپ ئۇزىتىپ قويدى.

< Acts 20 >