< Proverbs 19 >

1 Better [is] the poor walking in his integrity, Than the perverse [in] his lips—who [is] a fool.
پەزىلەتلىك يولدا ماڭغان كەمبەغەل، ھىيلىگەر سۆزلۈك ئەخمەقتىن ياخشىدۇر.
2 Also, without knowledge the soul [is] not good, And the hasty in feet is sinning.
يەنە، غەيرىتى بار كىشى بىلىمسىز بولسا بولماس؛ ئالدىراڭغۇ يولدىن چىقار.
3 The folly of man perverts his way, And his heart is angry against YHWH.
كىشىنىڭ ئەخمەقلىقى ئۆز يولىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتەر؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ كۆڭلىدە پەرۋەردىگاردىن رەنجىپ ئاغرىنار.
4 Wealth adds many friends, And the poor is separated from his neighbor.
بايلىق دوستنى كۆپ قىلار؛ مىسكىنلەر بار دوستىدىنمۇ ئايرىلىپ قالار.
5 A false witness is not acquitted, Whoever breathes out lies is not delivered.
يالغان گۇۋاھلىق قىلغان جازالانماي قالماس؛ يالغان ئېيتقۇچىمۇ جازادىن قۇتۇلالماس.
6 Many beg the face of the noble, And all have made friendship to a man of gifts.
تولا ئادەم سېخىيدىن ئىلتىپات كۆزلەر؛ سوۋغات بېرىپ تۇرغۇچىغا ھەممە كىشى دوستتۇر.
7 All the brothers of the poor have hated him, Surely his friends have also been far from him, He is pursuing words—they are not!
نامراتلاشقاندىن قېرىنداشلىرىمۇ زېرىكەر؛ ئۇنىڭ دوستلىرى تېخىمۇ يىراق قاچار؛ يالۋۇرۇپ قوغلىسىمۇ، ئۇلار تېپىلماس.
8 Whoever is getting heart is loving his soul, He is keeping understanding to find good.
پەم-پاراسەتكە ئېرىشكۈچى ئۆزىگە كۆيۈنەر؛ نۇرنى ساقلىغان كىشىنىڭ بەختى بولار.
9 A false witness is not acquitted, And whoever breathes out lies perishes.
يالغان گۇۋاھلىق قىلغان جازالانماي قالماس؛ يالغان ئېيتقۇچىمۇ ھالاك بولار.
10 Luxury is not fitting for a fool, Much less for a servant to rule among princes.
ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئەخمەققە ياراشماس؛ قۇلنىڭ ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشى تېخىمۇ قاملاشماس.
11 The wisdom of a man has deferred his anger, And his glory [is] to pass over transgression.
دانىشمەنلىك ئىگىسىنى ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدىغان قىلار؛ خاتالىقنى يوپۇتۇپ كەچۈرۈش ئۇنىڭ شۆھرىتىدۇر.
12 The wrath of a king [is] a growl as of a young lion, And his goodwill as dew on the herb.
پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۇۋلىشىغا ئوخشاش دەھشەتلىك بولار؛ ئۇنىڭ شەپقىتى يۇمران ئوت-چۆپكە چۈشكەن شەبنەمدەك شېرىندۇر.
13 A foolish son [is] a calamity to his father, And the contentions of a wife [are] a continual dropping.
ئەخمەق ئوغۇل ئاتىسى ئۈچۈن بالايىقازادۇر؛ ئۇرۇشقاق خوتۇننىڭ زارلاشلىرى توختىماي تېمىپ چۈشكەن تامچە-تامچە يېغىنغا ئوخشاشتۇر.
14 House and wealth [are] the inheritance of fathers, And an understanding wife [is] from YHWH.
ئۆي بىلەن مال-مۈلۈك ئاتا-بوۋىلاردىن مىراستۇر؛ بىراق پەم-پاراسەتلىك خوتۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىدىندۇر.
15 Sloth causes deep sleep to fall, And an indolent soul hungers.
ھۇرۇنلۇق كىشىنى غەپلەت ئۇيقۇغا غەرق قىلار؛ بىكار تەلەپ ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى تارتار.
16 Whoever is keeping the command is keeping his soul, Whoever is despising His ways dies.
[پەرۋەردىگارنىڭ] ئەمرىگە ئەمەل قىلغان كىشى ئۆز جېنىنى ساقلار؛ ئۆز يوللىرىدىن ھېزى بولمىغان كىشى ئۆلەر.
17 Whoever is lending [to] YHWH is favoring the poor, And He repays his deed to him.
كەمبەغەللەرگە رەھىمدىللىق قىلغان، پەرۋەردىگارغا قەرز بەرگەن بىلەن باراۋەردۇر؛ ئۇنىڭ شەپقىتىنى [پەرۋەردىگار] قايتۇرار.
18 Discipline your son, for there is hope, And do not lift up your soul to put him to death.
پەرزەنتىڭنىڭ تەربىيىنى قوبۇل قىلىشىغا ئۈمىدۋار بولۇپ، ئۇنى جازالاپ تەربىيە بېرىپ تۇرغىن؛ لېكىن ئۇنى ئۆلگۈچە خار بولسۇن دېگۈچى بولما.
19 A man of great wrath is bearing punishment, For if you deliver, yet again you add.
قەھرلىك كىشى جازا تارتار؛ ئۇنى قۇتقۇزماقچى بولساڭ، قايتا-قايتا قۇتقۇزۇشۇڭ كېرەك.
20 Hear counsel and receive instruction, So that you are wise in your latter end.
نەسىھەتنى ئاڭلىغىن، تەربىيەنى قوبۇل قىلغىن، ئۇنداق قىلغاندا كېيىنكى كۈنلىرىڭدە دانا بولىسەن.
21 The purposes in a man’s heart [are] many, And the counsel of YHWH—it stands.
كىشىنىڭ كۆڭلىدە نۇرغۇن نىيەتلەر بار؛ ئاخىرىدا پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ دالالەت-ھىدايىتىدىن چىققان ئىش ئاقار.
22 The desirableness of a man [is] his kindness, And the poor [is] better than a liar.
كىشىنىڭ يېقىملىقى ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىندۇر؛ مىسكىن بولۇش يالغانچىلىقتىن ياخشىدۇر.
23 The fear of YHWH [is] to life, And he remains satisfied—he is not charged with evil.
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش كىشىنى ھاياتقا ئېرىشتۈرەر؛ ئۇ كىشى خاتىرجەم، توق ياشاپ، بالايىقازا چۈشۈرۈلۈشىدىن خالىي بولار.
24 The slothful has hidden his hand in a dish, Even to his mouth he does not bring it back.
ھۇرۇن قولىنى سۇنۇپ قاچىغا تىققىنى بىلەن، غىزانى ئاغزىغا سېلىشقىمۇ ھۇرۇنلۇق قىلار.
25 Strike a scorner, and the simple acts prudently, And give reproof to the intelligent, He understands knowledge.
ھاكاۋۇرغا قىلىنغان تاياق جازاسى ساددىغا قىلىنغان ئىبرەتتۇر؛ يورۇتۇلغان كىشىگە بېرىلگەن تەنبىھ، ئۇنىڭ بىلىمىنى تېخىمۇ زىيادە قىلار.
26 Whoever is spoiling a father causes a mother to flee, A son causing shame, and bringing confusion.
ئاتىسىنىڭ مېلىنى بۇلىغان، ئانىسىنى ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقارغان، رەسۋالىق، ئىزا-ئاھانەت قالدۇرغۇچى ئوغۇلدۇر.
27 Cease, my son, to hear instruction—To err from sayings of knowledge.
ئى ئوغۇل، نەسىھەتكە قۇلىقىڭنى يۇپۇرۇۋالساڭ، ئەقىلنىڭ تەلىملىرىدىن يىراقلاشقىنىڭدۇر.
28 A worthless witness scorns judgment, And the mouth of the wicked swallows iniquity.
پەسكەش گۇۋاھچى ئادالەتنى مازاق قىلغۇچىدۇر؛ يامان ئادەمنىڭ ئاغزى رەزىللىكنى يۇتار.
29 Judgments have been prepared for scorners, And stripes for the back of fools!
ھاكاۋۇرلار ئۈچۈن جازالار تەيياردۇر، ئەخمەقلەرنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرىدىغان قامچا تەيياردۇر.

< Proverbs 19 >