< Isaiah 23 >

1 The Burden of Tyre. Howl, you ships of Tarshish, For it has been destroyed, Without house, without entrance, From the land of Chittim it was revealed to them.
تۇر توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ ــ ئى تارشىشتىكى كېمىلەر، ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار! چۈنكى ئۇ خاراب قىلىندى، شۇ يەردە ئۆي يوق، پورتمۇ يوق. سېپرۇس ئارىلىدىن بۇ خەۋەر [كېمىدىكىلەر]گە ئايان قىلىنىدۇ.
2 Be silent, you inhabitants of the island, Trader of Sidon, passing the sea, they filled you.
زىدوندىكى سودىگەرلەر دېڭىزدىن ئۆتۈپ سىلەرنى تەمىنلەپ كەلدى، ئى ئارالدىكىلەر، ئەمدى شۈك بولۇڭلار!
3 And the seed of Sihor [is] in many waters, Her increase [is] the harvest of the brook, And she is a market of nations.
شىھوردىكى بىپايان سۇلار ئۈستىدىن يۆتكىگەن دانلار، يەنى نىل دەرياسىنىڭ ھوسۇلى تۇرنىڭ دارامىتى بولغانىدى؛ ئۇ ئەللەرنىڭ بازىرى بولغانىدى!
4 Be ashamed, O Sidon; for the sea spoke, The strength of the sea, saying, “I have not been pained, nor have I brought forth, Nor have I nourished young men, [nor] brought up virgins.”
ئى زىدون، خىجالەت بول، چۈنكى دېڭىز ــ يەنى تۇرغا قورغان بولغان دېڭىز دەيدۇكى: ــ «مەندە ھېچ تولغاق بولمىدى، ھېچ تۇغمىدىم، يىگىتلەرنى ياكى قىزلارنى ھېچ باقمىغاندەكمەن!»
5 As they are pained [at] the report of Egypt, So [at] the report of Tyre.
مۇشۇ خەۋەر مىسىرغا يەتكەندە، ئۇلارمۇ بۇ خەۋەر خۇددى تۇرغا كەلگەندەك قاتتىق ئازابلىنىدۇ.
6 Pass over to Tarshish, howl, you inhabitants of the island,
ــ سىلەر دېڭىزدىن ئۆتۈپ تارشىشقا كېتىڭلار! ئى دېڭىز بويىدىكىلەر، ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار!
7 Is this your exulting one? Her antiquity [is] from the days of old, Her own feet carry her far off to sojourn.
سىلەرنىڭ قەدىم ئەييامدىن بار بولغان، شاد-خۇراملىققا تولغان شەھىرىڭلار مۇشۇمۇ؟! مانا ئۇلارنىڭ پۇتلىرى ئۆزلىرىنى مۇساپىر قىلىشقا يىراقلارغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ!
8 Who has counseled this against Tyre, The crowning one, whose traders [are] princes, Her merchants—the honored of earth?
تاجلارنى ئىلتىپات قىلغۇچى بولغان، سودىگەرلىرى ئەمىرلەر بولغان، دەللاللىرى جاھاندا ئابرۇيلۇقلار ھېسابلانغان تۇرنىڭ بۇ تەغدىرىنى كىم بېكىتكەن؟
9 YHWH of Hosts has counseled it, To defile the excellence of all beauty, To make light all the honored of earth.
ــ بۇلارنى بېكىتكۈچى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگاردۇر! مەقسىتى بولسا شان-شۆھرەتتىن كېلىپ چىققان جىمى تەكەببۇرلۇقنى رەسۋا قىلىش، جاھاندىكى جىمىكى يۈز-ئابرۇيلۇقلارنى پەسلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت!
10 Pass through your land as a brook, Daughter of Tarshish, There is no longer a girdle.
تارشىشنىڭ قىزى، نىل دەرياسىدەك ئۆز زېمىنىڭدا ئەركىن-ئازادە يايرا! چۈنكى [تۇردىن] كەلگەن تىزگىن ھازىر يوق.
11 He has stretched out His hand over the sea, He has caused kingdoms to tremble, YHWH has charged concerning the merchant one, To destroy her strong places.
چۈنكى پەرۋەردىگار قولىنى دېڭىز ئۈستىگە ئۇزىتىپ، دۆلەتلەرنى تەۋرىتىدۇ. ئۇ قانائان توغرۇلۇق ئەمر قىلغان، ئۇنىڭدىكى قەلئە-قورغانلارنى يوقۇتۇلسۇن دەپ پەرمان چۈشۈرگەن.
12 And He says, “You do not add to exult anymore, O oppressed one, virgin daughter of Sidon, To Chittim arise, pass over, Even there—there is no rest for you.”
ۋە: ــ «ئى باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان زىدون قىزى، سەن ئىككىنچى ھېچ تەنتەنە قىلمايسەن، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، سېپرۇس ئارىلىغا ئۆتۈپ كەتكىن، ھەتتا شۇ يەردە سەن ھېچ ئارام تاپمايسەن» ــ دېدى.
13 Behold, the land of the Chaldeans—this people was not, Asshur founded it for desert-dwellers, They raised its watchtowers, They lifted up her palaces—He has appointed her for a ruin!
قاراڭلار، بابىل-كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى! بۇ يەرنىڭ خەلقى بولۇپ باقمىغاندەك قىلىدۇ؛ ئاسۇرىيە ئۇنى چۆل-باياۋان جانىۋارلىرى ئۈچۈن ماكان قىلغان؛ پوتەيلەرنى ياساپ، ئۇلارنىڭ ساراي-ئوردىلىرىنى ۋەيران قىلىپ، خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتكەن.
14 Howl, you ships of Tarshish, For your strength has been destroyed.
ئى تارشىشتىكى كېمىلەر، ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار! چۈنكى قورغىنىڭلار خاراب قىلىندى.
15 And it has come to pass in that day, That Tyre is forgotten seventy years, According to the days of one king. At the end of seventy years there is to Tyre as the song of the harlot.
ۋە شۇ كۈنى بولىدۇكى، پادىشاھنىڭ كۈنلەرنى ھېسابلىغىنىدەك، تۇر يەتمىش يىل ئۇنتۇلىدۇ. يەتمىش يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تۇرنىڭ ئەھۋالى پاھىشە ئايالنىڭ ناخشىسىدەك بولىدۇ؛
16 Take a harp, go around the city, O forgotten harlot, play well, Multiply song that you may be remembered.
چىلتارنى ئېلىپ، شەھەرنى ئايلىنىپ يۈر، ئى ئۇنتۇلغان پاھىشە ئايال! ئۆزۈڭگە يەنە خەقنىڭ دىققىتىنى تارتاي دېسەڭ، يېقىملىق بىر پەدە چېلىپ، كۆپرەك ناخشىلارنى ئېيت!
17 And it has come to pass, At the end of seventy years YHWH inspects Tyre, And she has returned to her wage, And she committed fornication With all kingdoms of the earth on the face of the ground.
ئەمدى شۇنداق بولىدۇكى، يەتمىش يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، پەرۋەردىگار تۇرنى يوقلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە ئۆزىنى ئىجارىگە بېرىپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە پادىشاھلىقلار بىلەن يەنە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ؛
18 And her merchandise and her wage have been holy to YHWH, Not treasured up nor stored, For her merchandise is to those sitting before YHWH, To eat to satiety, and for a lasting covering!
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ماللىرى ۋە ئۆزىنى سېتىپ، تاپقان پۇلى بولسا پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ مۇقەددەس بولىدۇ؛ ئۇ خەزىنىگە سېلىنمايدۇ ياكى توپلانمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ مۇشۇ سودىسى بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغانلار ئۈچۈن ئايرىم قىلىنىدۇ؛ ئۇ ئۇلارغا قانغۇچە يەپ-ئىچىشكە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېسىل كىيىم-كېچەكلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

< Isaiah 23 >