< 1 Kings 10 >

1 And the queen of Sheba is hearing of the fame of Solomon concerning the Name of YHWH, and comes to try him with enigmas,
شېبانىڭ ئايال پادىشاھى بولسا سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان داڭق-شۆھرىتىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن چىگىش-سوئاللار بىلەن سىنىغىلى كەلدى.
2 and she comes to Jerusalem, with a very great company, camels carrying spices, and very much gold, and precious stone, and she comes to Solomon, and speaks to him all that has been with her heart.
ئۇ خۇشبۇي بۇيۇملار، ئىنتايىن تولا ئالتۇن ۋە ياقۇت-گۆھەرلەر ئارتىلغان تۆگىلەرنى ئېلىپ، چوڭ دەبدەبە بىلەن يېرۇسالېمغا كەلدى. سۇلايماننىڭ قېشىغا كەلگەندە ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن ھەممە ئىش توغرۇلۇق ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتى.
3 And Solomon declares to her all her matters—there has not been a thing hid from the king that he has not declared to her.
سۇلايمان ئۇنىڭ ھەممە سورىغانلىرىغا جاۋاب بەردى. ھېچنېمە پادىشاھقا قاراڭغۇ ئەمەس ئىدى، بەلكى ھەممىسىدە ئۇنىڭغا جاۋاب بەردى.
4 And the queen of Sheba sees all the wisdom of Solomon, and the house that he built,
شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايماننىڭ دانالىقىغا، ياسىغان ئوردا-سارايغا،
5 and the food of his table, and the sitting of his servants, and the standing of his ministers, and their clothing, and his butlers, and his burnt-offering that he causes to ascend in the house of YHWH, and there has not been anymore spirit in her.
داستىخاندىكى تائاملارغا، ئەمەلدارلارنىڭ قاتار-قاتار ئولتۇرۇشلىرىغا، خىزمەتكارلىرىنىڭ قاتار-قاتار تۇرۇشلىرىغا، ئۇلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرىگە، ئۇنىڭ ساقىيلىرىغا ۋە ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئاتاپ سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىغا قاراپ، ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.
6 And she says to the king, “The word that I heard in my land has been true concerning your matters and your wisdom;
ئۇ پادىشاھقا: ــ مەن ئۆز يۇرتۇمدا سىلىنىڭ ئىشلىرى ۋە دانالىقلىرى توغرىسىدا ئاڭلىغان خەۋەر راست ئىكەن؛
7 and I gave no credence to the words until I have come, and my eyes see, and behold, not [even] half was declared to me; you have added wisdom and goodness to the report that I heard.
ئەمما مەن كېلىپ ئۆز كۆزلىرىم بىلەن كۆرمىگۈچە بۇ سۆزلەرگە ئىشەنمىگەنىدىم؛ ۋە مانا، مەن يېرىمىنىمۇ ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن؛ سىلىنىڭ دانالىقلىرى بىلەن بەرىكەت-باياشاتلىقلىرى مەن ئاڭلىغان خەۋەردىن زىيادە ئىكەن.
8 O the blessedness of your men, O the blessedness of your servants—these—who are standing before you continually, who are hearing your wisdom!
سىلىنىڭ ئادەملىرى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! ھەمىشە سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا تۇرۇپ دانالىقلىرىنى ئاڭلايدىغان بۇ خىزمەتكارلار نەقەدەر بەختلىكتۇر!
9 Your God YHWH is blessed, who delighted in you, to put you on the throne of Israel; in YHWH’s loving Israel for all time He sets you for king, to do judgment and righteousness.”
سىلىدىن سۆيۈنگەن، سىلىنى ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزغان پەرۋەردىگار خۇدالىرى مۇبارەكتۇر! پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا مەڭگۈلۈك باغلىغان مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئۇ سىلىنى توغرا ھۆكۈم ۋە ئادالەت سۈرگىلى پادىشاھ قىلدى، دېدى.
10 And she gives to the king one hundred and twenty talents of gold, and very many spices, and precious stone; there never again came in abundance like that spice that the queen of Sheba gave to King Solomon.
ئۇ پادىشاھقا بىر يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇن، ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي بۇيۇملار ۋە ياقۇت-گۆھەرلەرنى سوۋغا قىلدى. شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا سۇنغان شۇنچە زور مىقداردىكى خۇشبۇي بۇيۇملار ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچ كۆرۈنگەن ئەمەس
11 And also, the navy of Hiram that bore gold from Ophir, brought in very much almug-trees and precious stone from Ophir;
(ھىرامنىڭ ئوفىردىن ئالتۇن ئەپكېلىدىغان كېمىلىرىمۇ ئوفىردىن يەنە ئىنتايىن زور مىقداردىكى سەندەل ياغىچى ۋە ياقۇت-گۆھەرلەرنى ئېلىپ كەلدى.
12 and the king makes the almug-trees a support for the house of YHWH, and for the house of the king, and harps and psalteries for singers; there have not come such almug-trees, nor have there been seen [such] to this day.
پادىشاھ سەندەل ياغىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئۈچۈن پەلەمپەي-سالاسۇنلار ياساتتى ھەم نەغمە-ناۋاچىلار ئۈچۈن چىلتارلار ۋە سازلارنى شۇنىڭدىن ياساتتى. شۇ ۋاقىتتىن كېيىن شۇنداق زور مىقداردىكى ئېسىل سەندەل ياغىچى بۇ ۋاقىتقىچە ھېچ كەلتۈرۈلمىدى يا كۆرۈلۈپ باقمىدى).
13 And King Solomon gave to the queen of Sheba all her desire that she asked, apart from that which he gave to her as a memorial of King Solomon, and she turns and goes to her land, she and her servants.
سۇلايمان پادىشاھ شېبانىڭ ئايال پادىشاھىغا ئۆز شاھانە ساخاۋىتىدىن بەرگەندىن باشقا، ئايال پادىشاھنىڭ كۆڭلى تارتقان ھەممىنى ــ نېمە سورىسا، شۇنى بەردى؛ ئاندىن ئۇ خىزمەتكارلىرى بىلەن يولغا چىقىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى.
14 And the weight of the gold that has come to Solomon in one year is six hundred sixty-six talents of gold,
سۇلايمانغا ھەر يىلى كەلتۈرۈلگەن ئالتۇننىڭ ئۆزى ئالتە يۈز ئاتمىش ئالتە تالانت ئىدى.
15 apart from [that of] the tourists, and of the traffic of the merchants, and of all the kings of Arabia, and of the governors of the land.
بۇ كىرىمدىن باشقا، تىجارەتچىلەردىن، ئوقەتچىلەرنىڭ سودىسىدىن، بارلىق ئەرەبىيە پادىشاھلىرىدىن ۋە ئۆز زېمىنىدىكى ئەمەلدارلاردىن ھەم ئالتۇن كەلتۈرۈلدى.
16 And King Solomon makes two hundred bucklers of alloyed gold—six hundred [shekels] of gold go up on the one buckler;
سۇلايمان پادىشاھ ئىككى يۈز چوڭ سىپارنى سوقتۇردى ۋە ھەر سىپارغا ئالتە يۈز شەكەل ئالتۇن كەتتى؛
17 and three hundred shields of alloyed gold—three pounds of gold go up on the one shield; and the king puts them [in] the House of the Forest of Lebanon.
شۇنداقلا ئۈچ يۈز قالقاننى ياپىلاقلانغان ئالتۇندىن ياسىدى؛ ھەربىر قالقاننى ياساشقا ئۈچ مىنا ئالتۇن ئىشلىتىلدى؛ پادىشاھ ئۇلارنى «لىۋان ئورمىنى سارىيى»غا ئېسىپ قويدى.
18 And the king makes a great throne of ivory, and overlays it with refined gold;
پادىشاھ پىل چىشلىرىدىن چوڭ بىر تەختنى ياساپ، ئۇنى تاۋلانغان ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى.
19 the throne has six steps, and a round top [is] to the throne behind it, and hands [are] on this [side] and on that, to the place of the sitting, and two lions are standing near the hands,
تەختنىڭ ئالتە قەۋەتلىك پەلەمپىيى بار ئىدى. تەختنىڭ باش يۆلەنچۈكى يۇمىلاق بولۇپ، ئورۇندۇقنىڭ ئىككى يېنىدا تايانغۇچىسى بار ئىدى، ھەربىر تايانغۇچنىڭ يېنىدا بىردىن ئۆرە تۇرغان شىرنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى.
20 and twelve lions are standing there on the six steps, on this [side] and on that; it has not been made so for any kingdom.
ئالتە قەۋەتلىك پەلەمپەينىڭ ئۈستىدە، ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە ئۆرە تۇرغان ئون ئىككى شىرنىڭ ھەيكىلى بولۇپ، ھەربىر باسقۇچنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدە بىردىن بار ئىدى؛ باشقا ھېچقانداق ئەلدە ئۇنىڭغا ئوخشاش ياسالغىنى يوق ئىدى.
21 And all the drinking vessels of King Solomon [are] of gold, and all the vessels of the House of the Forest of Lebanon [are] of refined gold—there are none of silver; it was not reckoned in the days of Solomon for anything,
سۇلايمان پادىشاھنىڭ بارلىق جام-پىيالىلىرى ئالتۇندىن ياسالغان؛ «لىۋان ئورمىنى سارىيى»دىكى بارلىق قاچا-قۇچىلار تاۋلانغان ئالتۇندىن ياسالغان؛ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى كۈمۈشتىن ياسالمىغان؛ سۇلايماننىڭ كۈنلىرىدە كۈمۈش ھېچنېمىگە ئەرزىمەيتتى.
22 for the king has a navy of Tarshish at sea with a navy of Hiram; once in three years the navy of Tarshish comes, carrying gold, and silver, ivory, and apes, and peacocks [[or monkeys]].
چۈنكى پادىشاھقا قاراشلىق دېڭىزدا يۈرىدىغان، ھىرامنىڭ كېمىلىرىگە قوشۇلۇپ «تارشىش كېمە» ئەترىتىمۇ بار ئىدى؛ «تارشىش كېمە ئەترىتى» ئۈچ يىلدا بىر قېتىم كېلىپ ئالتۇن-كۈمۈش، پىل چىشلىرى، مايمۇنلار ۋە توزلارنى ئەكېلەتتى.
23 And King Solomon is greater than any of the kings of the earth for riches and for wisdom,
سۇلايمان پادىشاھ يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلاردىن بايلىقتا ۋە دانالىقتا ئۈستۈن ئىدى.
24 and all the earth is seeking the presence of Solomon, to hear his wisdom that God has put into his heart,
خۇدا سۇلايماننىڭ كۆڭلىگە سالغان دانالىقنى ئاڭلاش ئۈچۈن يەر يۈزىدىكىلەر ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشىش ئارزۇسى بىلەن كېلەتتى.
25 and they are each bringing his present, vessels of silver, and vessels of gold, and garments, and armor, and spices, horses, and mules, the matter of a year in a year.
كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز سوۋغىتىنى ئېلىپ كېلەتتى؛ يەنى كۈمۈش قاچا-قۇچىلار، ئالتۇن قاچا-قۇچىلار، كىيىم-كېچەكلەر، دۇبۇلغا-ساۋۇتلار، تېتىتقۇلار، ئاتلار ۋە قېچىرلارنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلار ھەر يىلى بەلگىلىك مىقداردا شۇنداق قىلاتتى.
26 And Solomon gathers chariots, and horsemen, and he has one thousand and four hundred chariots, and twelve thousand horsemen, and he places them in the cities of the chariot, and with the king in Jerusalem.
ۋە سۇلايمان جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەرنى يىغدى؛ ئۇنىڭ بىر مىڭ تۆت يۈز جەڭ ھارۋىسى، ئون ئىككى مىڭ ئاتلىق ئەسكىرى بار ئىدى؛ ئۇ ئۇلارنى «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»گە ۋە ئۆزى تۇرۇۋاتقان يېرۇسالېمغا ئورۇنلاشتۇردى.
27 And the king makes the silver in Jerusalem as stones, and he has made the cedars as the sycamores that [are] in the low country, for abundance.
پادىشاھ يېرۇسالېمدا كۈمۈشنى تاشتەك كۆپ، كېدىر دەرەخلىرىنى جەنۇبىي تۈزلەڭلىكتىكى ئۈجمە دەرەخلىرىگە ئوخشاش نۇرغۇن قىلدى.
28 And the outgoing of the horses that King Solomon has [is] from Egypt, and from Keveh; merchants of the king take from Keveh at a price;
سۇلايمان ئالغان ئاتلار مىسىردىن ۋە كۇۋەدىن ئىدى؛ پادىشاھنىڭ تىجارەتچىلىرى ئۇلارنى كۇۋەدىن بېكىتىلگەن باھادا ئالاتتى.
29 and a chariot comes up and comes out of Egypt for six hundred pieces of silver, and a horse for one hundred and fifty, and so for all the kings of the Hittites, and for the kings of Aram; they bring out by their hand.
مىسىردىن ئېلىپ كەلگەن بىر جەڭ ھارۋىسىنىڭ باھاسى ئالتە يۈز كۈمۈش تەڭگە، ھەر ئات بولسا يۈز ئەللىك تەڭگە ئىدى؛ ۋە ئۇلار يەنە ھىتتىيلارنىڭ پادىشاھلىرى ھەم سۇرىيە پادىشاھلىرى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش باھادا ئېلىپ چىقتى.

< 1 Kings 10 >