< 1 Chronicles 1 >

1 Adam, Seth, Enosh,
ئادەمئاتا، شېت، ئېنوش،
2 Kenan, Mahalaleel, Jered,
كېنان، ماھالالېل، يارەد،
3 Enoch, Methuselah, Lamech,
ھانوخ، مەتۇشەلاھ، لەمەخ،
4 Noah, Shem, Ham, and Japheth.
نۇھ. نۇھتىن شەم، ھام، يافەتلەر تۆرەلگەن.
5 Sons of Japheth: Gomer and Magog, and Madai, and Javan, and Tubal, and Meshech, and Tiras.
يافەتنىڭ ئوغۇللىرى گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس ئىدى.
6 And sons of Gomer: Ashchenaz, and Riphath, and Togarmah.
گومەرنىڭ ئوغۇللىرى ئاشكىناز، دىفات ۋە توگارماھ ئىدى.
7 And sons of Javan: Elisha, and Tarshishah, Kittim, and Dodanim.
ياۋاننىڭ ئوغۇللىرى ئېلىشاھ، تارشىش ئىدى، كىتتىيلار بىلەن رودانىيلار ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
8 Sons of Ham: Cush, and Mizraim, Put, and Canaan.
ھامنىڭ ئوغۇللىرى كۇش، مىسىر، پۇت ۋە قانائان ئىدى.
9 And sons of Cush: Seba and Havilah, and Sabta, and Raamah, and Sabtecka. And sons of Raamah: Sheba and Dedan.
كۇشنىڭ ئوغۇللىرى سېبا، ھاۋىلاھ، سابتاھ، رائاماھ ۋە سابتىكا ئىدى. رائامانىڭ ئوغلى شېبا ۋە دېدان ئىدى.
10 And Cush begot Nimrod: he began to be a mighty one in the land.
كۇشتىن يەنە نىمرود تۆرەلگەن؛ ئۇ يەر يۈزىدە ناھايىتى زەبەردەس بىر ئادەم بولۇپ چىقتى.
11 And Mizraim begot the Ludim, and the Anamim, and the Lehabim, and the Naphtuhim,
مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرى لۇدىيلار، ئانامىيلار، لەھابىيلار، نافتۇھىيلار،
12 and the Pathrusim, and the Casluhim (from whom the Philistim came out), and the Caphtorim.
پاتروسىيلار، كاسلۇھىيلار (فىلىستىيلەر كاسلۇھىيلاردىن چىققان) ۋە كافتورىيلار ئىدى.
13 And Canaan begot Sidon his firstborn, and Heth,
قانائاندىن تۇنجى ئوغۇل زىدون تۆرىلىپ، كېيىن يەنە ھەت تۆرەلگەن.
14 and the Jebusite, and the Amorite, and the Girgashite,
ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يەنە يەبۇسىيلار، ئامورىيلار، گىرگاشىيلار،
15 and the Hivite, and the Arkite, and the Sinite,
ھىۋىيلار، ئاركىيلار، سىنىيلار،
16 and the Arvadite, and the Zemarite, and the Hamathite.
ئارۋادىيلار، زەمارىيلار ۋە خاماتىيلار ئىدى.
17 Sons of Shem: Elam and Asshur, and Arphaxad, and Lud, and Aram, and Uz, and Hul, and Gether, and Meshech.
شەمنىڭ ئوغۇللىرى ئېلام، ئاشۇر، ئارفاخشاد، لۇد، ئارام؛ [ئارامنىڭ ئوغۇللىرى] ئۇز، ھۇل، گەتەر، مەشەك ئىدى.
18 And Arphaxad begot Shelah, and Shelah begot Eber.
ئارفاخشادتىن شېلاھ تۆرەلدى، شېلاھتىن ئېبەر تۆرەلدى.
19 And two sons have been born to Eber, the name of the first [is] Peleg, for in his days the earth has been divided, and the name of his brother is Joktan.
ئېبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلگەن بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ ئىدى، چۈنكى ئۇ ياشىغان دەۋردە يەر يۈزى بۆلۈنۈپ كەتكەنىدى؛ پەلەگنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى.
20 And Joktan begot Almodad, and Sheleph, and Hazarmaveth, and Jerah,
يوقتاندىن ئالموداد، شەلەف، خازارماۋەت، يېراھ،
21 and Hadoram, and Uzal, and Diklah,
ھادورام، ئۇزال، دىكلاھ،
22 and Ebal, and Abimael, and Sheba,
ئېبال، ئابىمائەل، شېبا،
23 and Ophir, and Havilah, and Jobab; all these [are] sons of Joktan.
ئوفىر، ھاۋىلاھ، يوباب تۆرەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
24 Shem, Arphaxad, Shelah,
شەم، ئارفاخشات، شېلاھ،
25 Eber, Peleg, Reu,
ئېبەر، پەلەگ، رەئۇ،
26 Serug, Nahor, Terah,
سېرۇگ، ناھور، تەراھ،
27 Abram—he [is] Abraham.
ئاندىن ئابرام دۇنياغا كەلدى (ئابرام بولسا ئىبراھىمنىڭ ئۆزى).
28 Sons of Abraham: Isaac and Ishmael.
ئىبراھىمنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق بىلەن ئىسمائىل ئىدى.
29 These [are] their generations: [the] firstborn of Ishmael [was] Nebaioth, then Kedar, and Adheel, and Mibsam,
تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى: ئىسمائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى نېبايوت بولۇپ، قالغانلىرى كېدار، ئادبەئەل، مىبسام،
30 Mishma, and Dumah, Massa, Hadad, and Tema,
مىشما، دۇماھ، ماسسا، ھاداد، تېما،
31 Jetur, Naphish, and Kedema. These are sons of Ishmael.
يەتۇر، نافىش، قەدەماھ؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
32 And sons of Keturah, Abraham’s concubine: she bore Zimran, and Jokshan, and Medan, and Midian, and Ishbak, and Shuah. And sons of Jokshan: Sheba and Dedan.
ئىبراھىمنىڭ توقىلى كەتۇراھدىن تۆرەلگەن ئوغۇللار زىمران، يوقشان، مېدان، مىدىيان، ئىشباك ۋە شۇئاھ ئىدى. يوقشاننىڭ ئوغۇللىرى شېبا بىلەن دېدان ئىدى.
33 And sons of Midian: Ephah and Epher, and Enoch, and Abida, and Eldaah; all these [are] sons of Keturah.
مىدىياننىڭ ئوغۇللىرى ئەفاھ، ئېفەر، ھانوخ، ئابىدا، ئەلدائاھ ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كەتۇراھنىڭ ئەۋلادلىرى.
34 And Abraham begets Isaac. Sons of Isaac: Esau and Israel.
ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى. ئىسھاقنىڭ ئوغۇللىرى ئەساۋ بىلەن ئىسرائىل ئىدى.
35 Sons of Esau: Eliphaz, Reuel, and Jeush, and Jaalam, and Korah.
ئەساۋنىڭ ئوغۇللىرى ئېلىفاز، رېئۇئەل، يەئۇش، يائالام ۋە كوراھ ئىدى.
36 Sons of Eliphaz: Teman, and Omar, Zephi, and Gatam, Kenaz, and Timna, and Amalek.
ئېلىفازنىڭ ئوغۇللىرى تېمان، ئومار، زەفى، گاتام، كېناز، تىمنا ۋە ئامالەك ئىدى.
37 Sons of Reuel: Nahath, Zerah, Shammah, and Mizzah.
رېئۇئەلنىڭ ئوغۇللىرى ناھات، زەراھ، شامماھ بىلەن مىززاھ ئىدى.
38 And sons of Seir: Lotan, and Shobal, and Zibeon, and Anah, and Dishon, and Ezar, and Dishan.
سېئىرنىڭ ئوغۇللىرى لوتان، شوبال، زىبىئون، ئاناھ، دىشون، ئېزەر ۋە دىشان ئىدى.
39 And sons of Lotan: Hori and Homam, and sister of Lotan [is] Timna.
ھورى بىلەن ھومام لوتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى (تىمنا لوتاننىڭ سىڭلىسى ئىدى).
40 Sons of Shobal: Alian, and Manahath, and Ebal, Shephi, and Onam. And sons of Zideon: Aiah and Anah.
شوبالنىڭ ئوغۇللىرى ئاليان، ماناھات، ئەبال، شەفى بىلەن ئونام ئىدى. زىبىئوننىڭ ئوغۇللىرى ئاياھ بىلەن ئاناھ ئىدى.
41 The sons of Anah: Dishon. And sons of Dishon: Amram, and Eshban, and Ithran, and Cheran.
ئاناھنىڭ ئوغلى دىشون ئىدى. دىشوننىڭ ئوغۇللىرى ھامران، ئەشبان، ئىتران بىلەن كېران ئىدى.
42 Sons of Ezer: Bilhan, and Zavan, Jakan. Sons of Dishan: Uz and Aran.
ئېزەرنىڭ ئوغۇللىرى بىلھان، زائاۋان، يائاكان ئىدى. دىشاننىڭ ئوغۇللىرى ئۇز بىلەن ئارران ئىدى.
43 And these [are] the kings who reigned in the land of Edom before the reigning of a king of the sons of Israel: Bela son of Beor, and the name of his city [is] Dinhabah.
ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھ بولمىغان زامانلاردا، ئېدوم زېمىنىغا پادىشاھ بولغانلار مۇنۇ كىشىلەر: بېئورنىڭ ئوغلى بېلا؛ ئۇنىڭ پايتەختى دىنھاباھ دەپ ئاتىلاتتى.
44 And Bela dies, and Jobab son of Zerah from Bozrali reigns in his stead;
بېلا ئۆلگەندىن كېيىن بوزراھلىق زەراھنىڭ ئوغلى يوباب ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.
45 and Jobab dies, and Husham from the land of the Temanite reigns in his stead;
يوباب ئۆلگەندىن كېيىن تەمانلارنىڭ يۇرتىدىن بولغان ھۇشام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.
46 and Husham dies, and Hadad son of Bedad reigns in his stead (who strikes Midian in the field of Moab) and the name of his city [is] Avith;
ھۇشام ئۆلگەندىن كېيىن بېدادنىڭ ئوغلى ھاداد ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى؛ ھاداد دېگەن بۇ ئادەم موئاب دالاسىدا مىدىيانلارنى تارمار قىلغان، ئۇنىڭ پايتەختىنىڭ ئىسمى ئاۋىت ئىدى.
47 and Hadad dies, and Samlah from Masrekah reigns in his stead;
ھاداد ئۆلگەندىن كېيىن ماسرەكاھلىق ساملاھ ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.
48 and Samlah dies, and Shaul from Rehoboth of the River reigns in his stead;
ساملاھ ئۆلگەندىن كېيىن دەريا بويىدىكى رەھوبوتتىن كەلگەن سائۇل ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.
49 and Shaul dies, and Ba‘al-Hanan son of Achbor reigns in his stead;
سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-ھانان ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.
50 and Ba‘al-Hanan dies, and Hadad reigns in his stead, and the name of his city [is] Pai, and the name of his wife [is] Mehetabel daughter of Matred, daughter of Me-Zahab; Hadad also dies.
بائال-ھانان ئۆلگەندىن كېيىن ھاداد ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. ئۇنىڭ پايتەختىنىڭ ئىسمى پاي ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مەھېتابەل بولۇپ، مەي-زاھابنىڭ نەۋرىسى، ماترەدنىڭ قىزى ئىدى.
51 And chiefs of Edom are: Chief Timnah, Chief Aliah, Chief Jetheth,
ئاندىن ھاداد ئۆلدى.
52 Chief Aholibamah, Chief Elah, Chief Pinon,
ئېدوملۇقلارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى: قەبىلە باشلىقى تىمنا، قەبىلە باشلىقى ئالىيا ، قەبىلە باشلىقى يەتەت، قەبىلە باشلىقى ئوھولىباماھ، قەبىلە باشلىقى ئەلاھ، قەبىلە باشلىقى پىنون،
53 Chief Kenaz, Chief Teman, Chief Mibzar,
قەبىلە باشلىقى كېناز، قەبىلە باشلىقى تېمان، قەبىلە باشلىقى مىبزار،
54 Chief Magdiel, Chief Iram. These [are] chiefs of Edom.
قەبىلە باشلىقى ماگدىيەل، قەبىلە باشلىقى ئىرام؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېدومدىكى قەبىلە باشلىقلىرىدۇر.

< 1 Chronicles 1 >