< Isaiah 41 >

1 Keep silence before me, O islands; and let nations acquire new strength: let them approach, then let them speak, together let us come near to judgment.
ــ «ئى ئاراللار، سۈكۈت قىلىپ مېنىڭ ئالدىمغا كېلىڭلار؛ خەلقلەرمۇ كۈچىنى يېڭىلىسۇن! ئۇلار يېقىن كەلسۇن، سۆز قىلسۇن؛ توغرا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن ئۆزئارا يېقىنلىشايلى!»
2 Who waked up from the east the man whom righteousness met in his steps? he giveth up nations before him, and maketh him rule over kings; that his sword may render them as the dust, as driven stubble, his bow.
«كىم شەرقتىكى بىرسىنى ئويغىتىپ، ئۇنى ھەققانىيلىق بىلەن ئۆز خىزمىتىگە چاقىردى؟ ئۇ ئەللەرنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، ئۇنى پادىشاھلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدۇرىدۇ؛ ئۇلارنى ئۇنىڭ قىلىچىغا تاپشۇرۇپ توپا-چاڭغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇلارنى ئۇنىڭ ئوقياسى ئالدىدا شامال ئۇچۇرغان پاخال-توپاندەك قىلىدۇ.
3 He pursueth them, passeth along in safety, by a path which his feet have not gone over before.
ئۇ ئۇلارنى قوغلىۋېتىپ، پۇتىنى يەرگە تەگكۈزمەي دېگۈدەك ماڭىدۇ، ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە ئۆتىۋېرىدۇ؛
4 Who hath wrought and done it? he who called the generations from the beginning; I the Lord, [who am] the first, and with the latest I am the same.
ئەلمىساقتىن تارتىپ دەۋرلەرنى «بارلىققا كەل» دەپ چاقىرىپ، بۇلارنى بېكىتىپ ئادا قىلغان كىم؟ مەن پەرۋەردىگار ئاۋۋال بولغۇچىدۇرمەن، ئاخىرى بولغانلار بىلەنمۇ بىللە بولغۇچىدۇرمەن؛ مەن دېگەن «ئۇ»دۇرمەن.
5 The isles saw it, and are afraid; the ends of the earth tremble; they draw near, and come.
ئاراللار شۇ ئىشلارنى كۆرۈپ قورقىشىدۇ؛ جاھاننىڭ چەت-چېتىدىكىلەر تىترەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار بىر-بىرىگە يېقىنلىشىپ، ئالدىغا كېلىدۇ؛
6 They help one another; and each one saith to his brother, Be strong!
ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قوشنىسىغا ياردەم قىلىپ، ئۆز قېرىندىشىغا: «يۈرەكلىك بول!» ــ دەيدۇ.
7 So the smith encouraged the melter, he that smootheth with the hammer him that striketh on the anvil; saying of the solder, It is good; and he fastened it with nails, that it should not be moved.
شۇنىڭ بىلەن نەققاشچى زەرگەرنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، مېتالنى ياپىلاقلاپ بولقا ئويناتقۇچى سەندەلنى بازغان بىلەن سوققۇچىنى رىغبەتلەندۈرۈپ: «كەپشەرلىگىنى ياخشى!» دەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنى لىڭشىپ قالمىسۇن دەپ بۇتنىڭ پۇتىنى مىخلار بىلەن بېكىتىدۇ.
8 But thou, Israel, art my servant, Jacob whom I have chosen, the seed of Abraham my friend;
بىراق سەن، ئى قۇلۇم ئىسرائىل، ئى ئۆزۈم تاللىغان ياقۇپ، ئىبراھىم مېنىڭ دوستۇمنىڭ ئەۋلادى: ــ
9 Thou, whom I have taken hold of from the ends of the earth, and called thee from the midst of its chiefs, and said unto thee, Thou art my servant, I have chosen thee, and not cast thee away.
مەن جاھاننىڭ قەرىدىن ئېلىپ كەلگەن، يەرنىڭ ئەڭ چەتلىرىدىن چاقىرىغىنىم سەن ئىكەنسەن؛ مەن ساڭا «سەن مېنىڭ قۇلۇمدۇرسەن، مەن سېنى تاللىغان، سېنى ھەرگىز چەتكە قاقمايمەن» ــ دېگەنىدىم.
10 Fear thou not, for I am with thee; be not dismayed, for I am thy God; I strengthen thee, yea, I help thee, yea, I uphold thee with the right hand of my righteousness.
ــ قورقما؛ چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن؛ ئۇيان-بۇيان قاراپ ھودۇقماڭلار؛ چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن؛ مەن سېنى كۈچەيتىمەن، بەرھەق، مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن! بەرھەق، مەن ئۆزۈمنىڭ ھەققانىيلىقىمنى بىلدۈرگۈچى ئوڭ قولۇم بىلەن سېنى يۆلەيمەن.
11 Behold, ashamed and confounded shall be all that were incensed against thee; they shall be as naught and perish—the men that strive with thee.
مانا، ساڭا قاراپ غالجىرلىشىپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى خىجىل بولۇپ شەرمەندە بولىدۇ؛ ساڭا شىكايەت قىلغۇچىلار يوق دېيەرلىك بولىدۇ، ھالاك بولىدۇ.
12 Thou wilt seek them, and shalt not find them, the men that contend with thee; they shall be as naught and as nothing, the men that make war against thee.
سەن ئۇلارنى ئىزدىسەڭ، ھېچ تاپالمايسەن؛ سەن بىلەن دەۋالاشقۇچىلار ــ ساڭا قارشى ئۇرۇش قىلغۇچىلار يوق دېيەرلىك، ھېچ بولۇپ باقمىغاندەك تۇرىدۇ.
13 For I the Lord thy God lay hold of thy right hand; [I am he] who saith unto thee, Fear not, I help thee.
چۈنكى مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئوڭ قولۇڭنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ساڭا: ــ «قورقما، مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن!» دەيمەن.
14 Fear not, thou worm Jacob, ye few men of Israel: I myself help thee, saith the Lord, and thy redeemer is the Holy One of Israel.
قورقما، سەن قۇرت بولغان ياقۇپ، ئىسرائىلنىڭ بالىلىرى! مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن!» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، يەنى سېنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى.
15 Behold, I have rendered thee a threshing instrument, sharp, new, having many teeth: thou shalt thresh mountains, and beat them small, and shalt render the hills as chaff.
مانا، مەن سېنى كۆپ ھەم ئۆتكۈر چىشلىق يېڭى بىر دان ئايرىغۇچى تىرنا قىلىمەن؛ سەن تاغلارنى يانجىپ، ئۇلارنى پارە-پارە قىلىۋېتىسەن، دۆڭلەرنىمۇ كۆكۈم-تالقانغا ئايلاندۇرۇۋېتىسەن.
16 Thou shalt scatter them, and the wind shall carry them away, and the storm shall disperse them; but thou shalt rejoice in the Lord, in the Holy One of Israel shalt thou glorify thyself.
سەن ئۇلارنى سورۇيسەن، شامال ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، قۇيۇن ئۇلارنى تارقىتىۋېتىدۇ؛ ۋە سەن پەرۋەردىگار بىلەن شادلىنىسەن، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنى ئىپتىخارلىنىپ مەدھىيەلەيسەن.
17 The poor and the needy seek water, and there is none; their tongue is dried up with thirst: I the Lord will answer them, I the God of Israel will not forsake them.
بوزەكلەر ۋە يوقسۇللار سۇ ئىزدەيدۇ، لېكىن سۇ يوق؛ ئۇلارنىڭ تىلى ئۇسسۇزلۇقتىن قاغجىراپ كېتىدۇ؛ مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئاڭلايمەن؛ مەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۇلاردىن ۋاز كەچمەيمەن.
18 I will open on naked mountain-peaks rivers, and in the midst of valleys fountains; I will change the wilderness into a pool of water, and the dry land into springs of water.
مەن قاقاس ئېگىزلىكلەردە دەريالارنى، جىلغىلار ئىچىدە بۇلاقلارنى ئاچىمەن؛ دالانى كۆلچەككە ئايلاندۇرىمەن، تاتىراڭ يەردىن سۇلارنى ئۇرغۇتۇپ سۇ بىلەن قاپلاپ بېرىمەن.
19 I will place in the wilderness the cedar, the acacia, and the myrtle, and the oil-tree; I will set in the desert the fir-tree, the pine and the box-tree together;
دالادا كېدىر، ئاكاتسىيە، خاداس ۋە زەيتۇن دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈپ بېرىمەن؛ چۆل-باياۋاندا ئارچا، قارىغاي ۋە بوكسۇس دەرەخلىرىنى بىرگە تىكىمەن؛
20 In order that they may see, and know and take [it to heart], and comprehend together, that the hand of the Lord hath done this, and the Holy One of Israel hath created it.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار بۇلارنى كۆرۈپ، بىلىپ، ئويلىنىپ: ــ «پەرۋەردىگارنىڭ قولى مۇشۇلارنى قىلغان، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى ئۇنى ياراتقان!» دەپ تەڭ چۈشىنىشىدۇ.
21 Produce your cause, saith the Lord: bring forward your strong reasons, saith the King of Jacob.
ــ مۇھاكىمىلىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇڭلار، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ كۈچلۈك سەۋەبلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار، دەيدۇ ياقۇپنىڭ پادىشاھى.
22 Let them bring them forward and tell us what shall happen: the former things—what are they?—tell us, that we may take it to heart, and know the result of them; or let us hear the things that are to come.
ــ [بۇتلىرىڭلار] ئېلىپ كىرىلسۇن، بىزگە نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتسۇن؛ ئىلگىرىكى ئىشلارنى، ئۇلارنىڭ ئۈجۈر-بۈجۈرلىرىگىچە كۆز ئالدىمىزدا كۆرسەتسۇن، شۇنداقلا بۇلاردىن چىقىدىغان نەتىجىلەرنى بىزگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتىپ بەرسۇن؛ ــ ياكى بولمىسا، كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى ئاڭلاپ بىلەيلى؛
23 Tell the events that are to happen hereafter, that we may know that ye are gods: yea, do good, or do evil, that we may be astonished, and see it together.
سىلەرنىڭ ئىلاھلىق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىشىمىز ئۈچۈن، كېيىنكى يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى بىزگە بايان قىلىڭلار؛ قانداقلا بولمىسۇن، بىزنى ھاڭ-تاڭ قىلىپ ئۇنى تەڭ كۆرىدىغان قىلىش ئۈچۈن، بىرەر ياخشى ئىش ياكى يامان بىر ئىشنى قىلىڭلار!
24 Behold, ye are less than nothing, and your work less than a breath: [he that is] an abomination [alone] chooseth you.
مانا، سىلەر يوقنىڭ ئارىلىقىدا، ئىشلىگىنىڭلارمۇ يوق ئىشتۇر؛ سىلەرنى تاللىغۇچى بىر لەنىتىدۇر.
25 I have waked up one from the north, and he cometh; from the rising of the sun one who will call on my name: and he shall [over-]come princes as mortar, and as the potter treadeth down the clay.
بىرسىنى شىمال تەرەپتىن قوزغىدىم، ئۇ كېلىدۇ؛ ئۇ كۈنچىقىشتىن مېنىڭ نامىمنى جاكارلاپ كېلىدۇ؛ ئۇ بىرسى ھاك لاينى دەسسىگەندەك، ساپالچى لاي چەيلىگەندەك ئەمەلدارلارنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىدۇ؛
26 Who hath told it from the beginning, that we may know it? and aforetimes, that we may say, “it is right?” but indeed there is none that telleth, indeed there is none that letteth us hear, indeed there is none that heareth your words.
بىزگە ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن، كىم مۇقەددەمدىن بۇيان بۇنى ئېيتقان؟ ياكى بىزنى «ئۇ ھەقىقەتتۇر» دېگۈزۈپ بۇ ئىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئالدىنئالا ئېيتقان؟ ياق، ھېچكىم ئېيتمايدۇ؛ بەرھەق، ھېچكىم بايان قىلمايدۇ؛ سۆزۈڭلارنى ئاڭلىيالىغۇچى بەرھەق يوقتۇر!
27 The first [was I to say] to Zion, Behold, there they are; and to Jerusalem will I give one that bringeth good tidings.
مەن دەسلەپتە زىئونغا: ــ «مۇشۇ ئىشلارغا كۆز تىكىپ تۇرۇڭلار! كۆز تىكىپ تۇرۇڭلار!» دېدىم، يېرۇسالېمغا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىنى ئەۋەتىپ بەردىم.
28 And I ever look, and there is no man; and among these there is no counsellor, that they could answer a word.
مەن قارىسام، شۇلار ئارىسىدا ھېچكىم يوق ــ مەسلىھەت بەرگۈدەك ھېچكىم يوق، شۇلاردىن سورىسام، جاۋاب بەرگۈدەك ھېچكىممۇ يوق.
29 Behold, they all are naught; their works are nothing: wind and vanity are their molten images.
قاراڭلار، ئۇلار ھەممىسى قۇرۇق؛ ئۇلارنىڭ ياسىغانلىرى يوق ئىشتۇر، قۇيما مەبۇدلىرى قۇرۇق شامالدەك مەنىسىزدۇر.

< Isaiah 41 >