< Ephesians 4 >

1 I therefore, the prisoner of the Lord, beseech you that ye walk worthy of the vocation wherewith ye are called,
ئەمدى شۇ سەۋەبلەردىن، رەبنىڭ مەھبۇسى بولغان مەنكى، [خۇدانىڭ] سىلەرنى چاقىرغان [بۈيۈك] چاقىرىقىغا لايىق ھالدا مېڭىشلىرىڭلارنى ئۆتۈنىمەن،
2 With all lowliness and meekness, with longsuffering, forbearing one another in love;
ھەممە ئىشتا كەمتەرلىك ۋە يۇۋاش-مۇلايىملىق بىلەن، سەۋرچانلىق بىلەن، بىر-بىرىڭلارغا مۇھەببەت ئىچىدە كەڭ قورساق بولۇپ،
3 Endeavouring to keep the unity of the Spirit in the bond of peace.
ئىناق-خاتىرجەملىكنىڭ رىشتىسى بىلەن، روھتا بولغان بىرلىكنى تۇتۇشقا ئىنتىلىشىڭلارنى [ئۆتۈنىمەن].
4 [There is] one body, and one Spirit, even as ye are called in one hope of your calling;
تەن بىردۇر، روھ بىردۇر، ــ خۇددى چاقىرىلغىنىڭلاردا، ئوخشاش بىر ئارزۇ-ئۈمىدكە چاقىرىلغىنىڭلاردەك، ــ
5 One Lord, one faith, one baptism,
رەب بىردۇر، ئىمان-ئېتىقاد بىردۇر، چۆمۈلدۈرۈلۈش بىردۇر،
6 One God and Father of all, who [is] above all, and through all, and in you all.
ھەممىنىڭ خۇدائاتىسى بىردۇر؛ ئۇ بولسا ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرغۇچى، ھەممىنى يۈرگۈزگۈچى ۋە ھەممىمىزنىڭ ئىچىدە بولغۇچىدۇر.
7 But unto every one of us is given grace according to the measure of the gift of Christ.
شۇنداقتىمۇ ھازىر ھەربىرىمىزگە مەسىھنىڭ ئىلتىپاتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە شەپقەت تەقدىم قىلىنغاندۇر؛
8 Wherefore he saith, When he ascended up on high, he led captivity captive, and gave gifts unto men.
شۇڭا، مۇقەددەس كىتابتا [خۇدا] ئېيتقىنىدەك: ــ «ئۇ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى، [ئىنسانلارنى] تۇتقۇن قىلغۇچىلارنى ئۇ ئۆزى ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتى، ھەم ئىنسانلارغا ئىلتىپاتلارنى تەقدىم قىلدى».
9 (Now that he ascended, what is it but that he also descended first into the lower parts of the earth?
ئەمدى «كۆتۈرۈلگەن» زات بولسا، [ئاۋۋال] يەرنىڭ تېگىگە چۈشكەن زاتنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ؟
10 He that descended is the same also that ascended up far above all heavens, that he might fill all things.)
چۈشكەن زات بولسا بارلىق ئەرشلەردىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەننىڭ دەل ئۆزىدۇر؛ كۆتۈرۈلۈشىنىڭ مەقسىتى، ئالەمنىڭ بارلىقىنى تولدۇرۇشتىن ئىبارەت؛
11 And he gave some, apostles; and some, prophets; and some, evangelists; and some, pastors and teachers;
شۇڭا، بەزىلەرنى روسۇللار، بەزىلەرنى پەيغەمبەرلەر، بەزىلەرنى خۇش خەۋەرچىلەر، بەزىلەرنى باققۇچى ۋە ياكى تەلىم بەرگۈچىلەر قىلىپ تەيىنلىگەن دەل ئۆزىدۇر.
12 For the perfecting of the saints, for the work of the ministry, for the edifying of the body of Christ:
بۇلارنىڭ مەقسىتى مۇقەددەس بەندىلەرنى خىزمەت ۋەزىپىسىگە، جۈملىدىن مەسىھنىڭ تېنىنى قۇرۇپ چىقىشقا قوراللاندۇرۇپ كامالەتكە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت؛
13 Till we all come in the unity of the faith, and of the knowledge of the Son of God, unto a perfect man, unto the measure of the stature of the fulness of Christ:
ۋەزىپە ھەممىمىزنىڭ ئېتىقادتا ھەم خۇدانىڭ ئوغلىنى تولۇق تونۇشتا بىرلىككە كېلىشىمىزگىچە، كامىل ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىمىزغىچە، ــ يەنى مەسىھنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرى گەۋدىلەنگەن قەددى-قامەت ئۆلچىمىگە يېتىشىمىزگىچە داۋاملاشتۇرۇلماقتا؛
14 That we [henceforth] be no more children, tossed to and fro, and carried about with every wind of doctrine, by the sleight of men, [and] cunning craftiness, whereby they lie in wait to deceive;
شۇنداق بولغاندا، يەنە گۆدەك بالىلاردىن بولماي، ئادەملەرنىڭ قۇۋلۇقىدىن ئويلاپ چىققان ئالدامچى نىيەت-پىلانلىرى بىلەن، ئۇلارنىڭ ھىيلە-نەيرىڭىدىن چىققان تەلىماتىنىڭ دولقۇنلىرىدىن ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ھەرخىل شامىلىدا ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇرۇلۇپ كەتمەيمىز؛
15 But speaking the truth in love, may grow up into him in all things, which is the head, [even] Christ:
ئەكسىچە، مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە تۇرۇپ ھەقىقەتكە بېرىلىپ ئىش كۆرۈپ، بېشىمىز بولغان مەسىھكە باغلىنىشتا ھەر جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان بولىمىز؛
16 From whom the whole body fitly joined together and compacted by that which every joint supplieth, according to the effectual working in the measure of every part, maketh increase of the body unto the edifying of itself in love.
ئۇنىڭدىن پۈتكۈل تەن، ئەزالىرى بىر-بىرىگە جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، ئوزۇقلۇق تەمىنلىگۈچى ھەربىر ئۆگە ئارقىلىق بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ، ھەربىر ئەزانىڭ ئۆزىگە خاس ئۆلچەنگەن ۋەزىپىنى ئۆتىشى بىلەن بارغانچە ئۆستۈرۈلۈپ، مۇھەببەت ئىچىدە ئۆز-ئۆزىنى قۇرۇپ چىقىشقا ئىشلىمەكتە.
17 This I say therefore, and testify in the Lord, that ye henceforth walk not as other Gentiles walk, in the vanity of their mind,
شۇڭا شۇنى ئېيتىمەنكى، رەبتە ئۇنى تاپىلايمەنكى، يات ئەللەرنىڭكىدەك، يەنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنىڭ بىمەنىلىكىدە ماڭغىنىدەك مېڭىۋەرمەسلىكىڭلار كېرەك؛
18 Having the understanding darkened, being alienated from the life of God through the ignorance that is in them, because of the blindness of their heart:
ئۇلار قەلبىنىڭ قاتتىقلىقىدىن كېلىپ چىققان بىلىمسىزلىك تۈپەيلىدىن، خۇدانىڭ ھاياتىدىن ئادا-جۇدا قىلىنىپ، چۈشەنچىسى قاراڭغۇلىشىپ كەتكەن،
19 Who being past feeling have given themselves over unto lasciviousness, to work all uncleanness with greediness.
ئار-نومۇسنى تاشلىۋېتىپ، نەپسانىيەتچىلىكى ئاۋۇپ ھەرخىل ئىپلاسلىقلارنى يۈرگۈزۈشكە، كەيپ-ساپاغا بېرىلگەن.
20 But ye have not so learned Christ;
ئەمما سىلەر بولساڭلار، مەسىھنى شۇنداق يولدا ئۆگىنىپ تونۇغان ئەمەسسىلەر ــ
21 If so be that ye have heard him, and have been taught by him, as the truth is in Jesus:
(ھەقىقەتنىڭ ئەيسادا بولغىنىدەك، ئۇنى ھەقىقەتەن ئاڭلىغان، ئۇنىڭدا ئۆگىتىلگەن بولساڭلار) ــ
22 That ye put off concerning the former conversation the old man, which is corrupt according to the deceitful lusts;
دېمەك، ئىلگىرىكى تۇرمۇشۇڭلارغا خاس بولغان، ئالدامچى ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە ئەگىشىپ ئۆزىنى بۇلغىغۇچى «كونا ئادەم»نى سېلىۋېتىپ،
23 And be renewed in the spirit of your mind;
ئوي-زېھنىڭلارنىڭ روھىدا يېڭىلىنىپ،
24 And that ye put on the new man, which after God is created in righteousness and true holiness.
خۇدانىڭ ئوخشاشلىقىغا ئاساسەن، ھەقىقەتتىن چىققان ھەققانىيلىقتا ۋە پاك-مۇقەددەسلىكتە يارىتىلغان «يېڭى ئادەم»نى كىيىۋېلىشىڭلار كېرەكتۇر.
25 Wherefore putting away lying, speak every man truth with his neighbour: for we are members one of another.
شۇنىڭ بىلەن يالغانچىلىقنى سېلىۋېتىپ، ھەربىرىمىز ئۆز يېقىنلىرىمىز بىلەن ھەقىقەتنى سۆزلىشەيلى؛ چۈنكى بىز بىر-بىرىمىزگە نىسبەتەن بىر تەننىڭ ئەزالىرىدۇرمىز.
26 Be ye angry, and sin not: let not the sun go down upon your wrath:
«ئاچچىقلىنىڭلار، ئەمما گۇناھ قىلماڭلار»؛ غەزىپىڭلار كۈن پاتقۇچە داۋام ئېتىۋەرمىسۇن؛
27 Neither give place to the devil.
ياكى ئىبلىسقا ھېچ ئورۇن قويۇپ بەرمەڭلار.
28 Let him that stole steal no more: but rather let him labour, working with [his] hands the thing which is good, that he may have to give to him that needeth.
ئوغرى ئىككىنچى ئوغرىلىق قىلمىسۇن؛ ئەكسىچە ئۇ مېھنەت قىلىپ ئىككى قولىغا تايىنىپ ھالال ئىش قىلسۇنكى، ھاجىتى بولغانلارغىمۇ بۆلۈپ بەرگۈدەك ئۆز تاپقىنى بولسۇن.
29 Let no corrupt communication proceed out of your mouth, but that which is good to the use of edifying, that it may minister grace unto the hearers.
ئاغزىڭلاردىن ھېچقانداق ئىپلاس سۆز چىقمىسۇن، پەقەت ئاڭلىغۇچىلارغا شەپقەت يەتسۇن ئۈچۈن، ئېھتىياجقا ئۇيغۇن ۋە ئادەمنى قۇرۇپ چىقىدىغان سۆزلەرنى ئېيتىڭلار.
30 And grieve not the holy Spirit of God, whereby ye are sealed unto the day of redemption.
خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا ئازاب بەرمەڭلەر؛ چۈنكى سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ھۆر-نىجات كۈنى ئۈچۈن مۆھۈرلەنگەنسىلەر؛
31 Let all bitterness, and wrath, and anger, and clamour, and evil speaking, be put away from you, with all malice:
ئۆزۈڭلاردىن ھەرقانداق ئۆچ-ئاداۋەت، ئاچچىق-غەزەپ، قەھر، جېدەل-ماجىرالار، تىل-ئاھانەت ھەمدە ھەرخىل قارا نىيەتلەرنى نېرى قىلىڭلار؛
32 And be ye kind one to another, tenderhearted, forgiving one another, even as God for Christ’s sake hath forgiven you.
بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان، يۇمشاق دىللىق بولۇپ، خۇدا مەسىھتە سىلەرنى كەچۈرۈم قىلغىنىدەك بىر-بىرىنىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىڭلار.

< Ephesians 4 >