< Galatians 1 >

1 Paul, an apostle, (not of men, neither by man, but by Jesus Christ, and God the Father, who raised him from the dead; )
مەنكى پاۋلۇس، روسۇل بولغان (ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس ياكى ئىنسانلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنى ئۆلگەنلەردىن تىرىلدۈرگۈچى خۇدائاتا تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن)
2 And all the brethren which are with me, unto the churches of Galatia:
ۋە مەن بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان بارلىق قېرىنداشلاردىن گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتلەرگە سالام.
3 Grace be to you and peace from God the Father, and from our Lord Jesus Christ,
خۇدائاتا ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي!
4 Who gave himself for our sins, that he might deliver us from this present evil world, according to the will of God and our Father: (aiōn g165)
ئۇ خۇدائاتىمىزنىڭ ئىرادىسى بويىچە بىزنى بۇ ھازىرقى رەزىل زاماندىن قۇتقۇزۇشقا ئۆزىنى گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن پىدا قىلدى؛ (aiōn g165)
5 To whom be glory for ever and ever. Amen. (aiōn g165)
خۇداغا بارلىق شان-شەرەپ ئەبەدىل-ئەبەدگىچە بولغاي، ئامىن! (aiōn g165)
6 I marvel that all of you are so soon removed from him that called you into the grace of Christ unto another gospel:
سىلەر ئۆزۈڭلارنى مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق چاقىرغۇچىنىڭ يېنىدىن شۇنچە تېز يىراقلاشتۇرۇپ باشقىچە بىر خىل «خۇش خەۋەر»گە ئەگىشىپ كېتىۋاتقىنىڭلارغا ئىنتايىن ھەيران قالماقتىمەن!
7 Which is not another; but there be some that trouble you, and would pervert the gospel of Christ.
ئەمەلىيەتتە ئۇ ھېچقانداق باشقا «خۇش خەۋەر» ئەمەستۇر! ــ پەقەتلا بەزى كىشىلەر سىلەرنى قايماقتۇرۇپ، مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى بۇرمىلىماقچى بولغان، خالاس.
8 But though we, or an angel from heaven, preach any other gospel unto you than that which we have preached unto you, let him be accursed.
لېكىن ھەتتا بىز ئۆزىمىز بولايلى ياكى ئاسماندىن چۈشكەن پەرىشتە بولسۇن، بىرسى بىزنىڭ سىلەرگە جاكارلىغىنىمىزغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر «خۇش خەۋەر»نى سىلەرگە جاكارلىسا، بېشىغا لەنەت ياغسۇن!
9 As we said before, so say I now again, if any man preach any other gospel unto you than that all of you have received, let him be accursed.
بىز بۇرۇن ئېيتقىنىمىزدەك، ھازىرمۇ مەن شۇنى ئېيتىمەنكى، بىرسى سىلەرنىڭ قوبۇل قىلغىنىڭلارغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر خۇش خەۋەرنى جاكارلىسا، بېشىغا لەنەت ياغسۇن!
10 For do I now persuade men, or God? or do I seek to please men? for if I yet pleased men, I should not be the servant of Christ.
مەن خۇدانى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ ياكى ئىنسانلارنى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ؟ ياكى ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشىم كېرەكمۇ؟ مەن ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشنى نىشان قىلغان بولسام، مەسىھنىڭ قۇلى بولمىغان بولاتتىم.
11 But I certify you, brethren, that the gospel which was preached of me is not after man.
ئەمدى، ئى قېرىنداشلار، سىلەرگە شۇنى ئۇقتۇرىمەنكى، مەن جاكارلايدىغان خۇش خەۋەر ئىنسانلاردىن كەلگەن ئەمەس.
12 For I neither received it of man, neither was I taught it, but by the revelation of Jesus Christ.
چۈنكى مەن ئۇنى ئىنساندىن قوبۇل قىلغىنىم يوق ياكى بىرەر كىشى ئۇنى ماڭا ئۆگەتكىنى يوق، بەلكى ئەيسا مەسىھ ماڭا ۋەھىي ئارقىلىق يەتكۈزگەن.
13 For all of you have heard of my conversation in time past in the Jews' religion, how that beyond measure I persecuted the church of God, and wasted it:
چۈنكى سىلەر مېنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي يولىدا قانداق ھايات كەچۈرگەنلىكىم توغرۇلۇق ــ مېنىڭ خۇدانىڭ جامائىتىگە ئەشەددىي زىيانكەشلىك قىلىپ ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىمنى ئاڭلىغانسىلەر.
14 And profited in the Jews' religion above many my equals in mine own nation, being more exceedingly zealous of the traditions of my fathers.
ھەمدە مەن يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي يولىدا ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن تەڭتۇشلىرىمدىن خېلىلا ئالدىدا تۇراتتىم ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ ئەنئەنىلىرىنى ساقلاشقا پەۋقۇلئاددە قىزغىن ئىدىم.
15 But when it pleased God, who separated me from my mother's womb, and called me by his grace,
ئەمما ئانامنىڭ قورسىقىدىن تارتىپ مېنى ئۆزى ئۈچۈن ئايرىپ، مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق مېنى چاقىرغان خۇدا ئۆز ئوغلىنى ئەللەر ئارىسىدا جاكارلاش ئۈچۈن مەندە ئۇنى ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگىنىدە، مەن ھېچقانداق قان-ئەت ئىگىسى بىلەن مەسلىھەتلەشمەي،
16 To reveal his Son in me, that I might preach him among the heathen; immediately I conferred not with flesh and blood:
17 Neither went I up to Jerusalem to them which were apostles before me; but I went into Arabia, and returned again unto Damascus.
ياكى يېرۇسالېمغا مەندىن ئىلگىرى روسۇل بولغانلار بىلەن كۆرۈشۈشكە بارماي، بەلكى ئۇدۇل ئەرەبىستانغا ئاتلاندىم. كېيىن دەمەشققە قايتىپ كەلدىم.
18 Then after three years I went up to Jerusalem to see Peter, and abode with him fifteen days.
ئاندىن ئۈچ يىلدىن كېيىن يېرۇسالېمغا پېترۇس بىلەن تونۇشۇشقا باردىم ۋە ئۇنىڭ قېشىدا ئون بەش كۈن تۇردۇم.
19 But other of the apostles saw I none, save James the Lord's brother.
ئەمما شۇ چاغدا رەبنىڭ ئىنىسى ياقۇپتىن باشقا روسۇللارنىڭ ھېچقايسىسى بىلەن كۆرۈشمىدىم.
20 Now the things which I write unto you, behold, before God, I lie not.
مانا، مېنىڭ سىلەرگە ھازىر يازغىنىم خۇدا ئالدىدا ھېچ يالغان ئەمەس!
21 Afterwards I came into the regions of Syria and Cilicia;
كېيىن، مەن سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىگە باردىم.
22 And was unknown by face unto the churches of Judaea which were in Christ:
ئەمما يەھۇدىيەدىكى مەسىھدە بولغان جامائەتلەر مېنى چىرايىمدىن تونۇمايتتى.
23 But they had heard only, That he which persecuted us in times past now preaches the faith which once he destroyed.
ئۇلار پەقەت بۇرۇن بىزگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەمنىڭ ئۆزى شۇ چاغدا يوقاتماقچى بولغان ئېتىقادنى ھازىر خۇش خەۋەر دەپ جاكارلىماقتا، دەپ ئاڭلىغانىدى؛
24 And they glorified God in me.
شۇنىڭدەك ئۇلار مېنىڭ سەۋەبىمدىن خۇدانى ئۇلۇغلىدى.

< Galatians 1 >