< John 11 >

1 Now a certain man was sick, named Lazarus, of Bethany, the town of Mary and her sister Martha.
لازارۇس دېگەن بىر ئادەم كېسەل بولۇپ قالغانىدى. ئۇ مەريەم ۋە ھەدىسى مارتا تۇرغان، بەيت-ئانىيا دېگەن كەنتتە تۇراتتى
2 (It was that Mary which anointed the Lord with ointment, and wiped his feet with her hair, whose brother Lazarus was sick.)
(بۇ مەريەم بولسا، رەبگە خۇشبۇي ماينى سۈركىگەن، پۇتلىرىنى ئۆز چاچلىرى بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتقان ھېلىقى مەريەم ئىدى؛ كېسەل بولۇپ ياتقان لازارۇس ئۇنىڭ ئىنىسى ئىدى).
3 Therefore his sisters sent to him, saying, Lord, behold, he whom you love is sick.
لازارۇسنىڭ ھەدىلىرى ئەيساغا خەۋەرچى ئەۋەتىپ: «ئى رەب، مانا سەن سۆيگەن [دوستۇڭ] كېسەل بولۇپ قالدى» دەپ يەتكۈزدى.
4 When Jesus heard that, he said, This sickness is not to death, but for the glory of God, that the Son of God might be glorified thereby.
لېكىن ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ: ــ بۇ كېسەلدىن ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، بەلكى بۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوغلى ئۇلۇغلىنىپ، خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئايان قىلىنىدۇ ــ دېدى.
5 Now Jesus loved Martha, and her sister, and Lazarus.
ئەيسا مارتا، سىڭلىسى ۋە لازارۇسنى تولىمۇ سۆيەتتى.
6 When he had heard therefore that he was sick, he stayed two days still in the same place where he was.
شۇڭا ئۇ لازارۇسنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدا يەنە ئىككى كۈن تۇردى.
7 Then after that says he to his disciples, Let us go into Judaea again.
ئاندىن كېيىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا: ــ يەھۇدىيەگە قايتا بارايلى! ــ دېدى.
8 His disciples say to him, Master, the Jews of late sought to stone you; and go you thither again?
مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، يېقىندىلا [ئۇ يەردىكى] يەھۇدىيلار سېنى چالما-كېسەك قىلماقچى بولغان تۇرسا، يەنە ئۇ يەرگە قايتا بارامسەن؟ ــ دېيىشتى.
9 Jesus answered, Are there not twelve hours in the day? If any man walk in the day, he stumbles not, because he sees the light of this world.
ئەيسا مۇنداق دېدى: ــ كۈندۈزدە ئون ئىككى سائەت بار ئەمەسمۇ؟ كۈندۈزى يول ماڭغان كىشى پۇتلاشماس، چۈنكى ئۇ بۇ دۇنيانىڭ يورۇقىنى كۆرىدۇ.
10 But if a man walk in the night, he stumbles, because there is no light in him.
لېكىن كېچىسى يول ماڭغان كىشى پۇتلىشار، چۈنكى ئۇنىڭدا يورۇقلۇق يوقتۇر.
11 These things said he: and after that he says to them, Our friend Lazarus sleeps; but I go, that I may awake him out of sleep.
بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ: ــ دوستىمىز لازارۇس ئۇخلاپ قالدى؛ مەن ئۇنى ئۇيقۇسىدىن ئويغاتقىلى بارىمەن، ــ دەپ قوشۇپ قويدى.
12 Then said his disciples, Lord, if he sleep, he shall do well.
شۇڭا مۇخلىسلار ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، ئۇخلىغان بولسا، ياخشى بولۇپ قالىدۇ، ــ دېدى.
13 However, Jesus spoke of his death: but they thought that he had spoken of taking of rest in sleep.
ھالبۇكى، ئەيسا لازارۇسنىڭ ئۆلۈمى توغرۇلۇق ئېيتقانىدى، لېكىن ئۇلار ئۇ دەم ئېلىشتىكى ئۇيقۇنى دەۋاتىدۇ، دەپ ئويلاشتى.
14 Then said Jesus to them plainly, Lazarus is dead.
شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا ئوچۇقىنى ئېيتىپ: ــ لازارۇس ئۆلدى، ــ دېدى.
15 And I am glad for your sakes that I was not there, to the intent you may believe; nevertheless let us go to him.
ــ بىراق سىلەرنى دەپ، سىلەرنىڭ ئېتىقاد قىلىشىڭلار ئۈچۈن، [ئۇنىڭ قېشىدا] بولمىغانلىقىمغا خۇشالمەن. ئەمدى ئۇنىڭ يېنىغا بارايلى، ــ دېدى.
16 Then said Thomas, which is called Didymus, to his fellow disciples, Let us also go, that we may die with him.
«قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس باشقا مۇخلىسداشلىرىغا: ــ بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارايلى ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلەيلى، ــ دېدى.
17 Then when Jesus came, he found that he had lain in the grave four days already.
ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن بەيت-ئانىياغا بارغاندا، لازارۇسنىڭ يەرلىككە قويۇلغىنىغا ئاللىقاچان تۆت كۈن بولغانلىقى ئۇنىڭغا مەلۇم بولدى.
18 Now Bethany was near to Jerusalem, about fifteen furlongs off:
بەيت-ئانىيا يېرۇسالېمغا يېقىن بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئالتە چاقىرىمچە يىراقلىقتا ئىدى،
19 And many of the Jews came to Martha and Mary, to comfort them concerning their brother.
شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن يەھۇدىيلار مارتا بىلەن مەريەمگە ئىنىسى توغرىسىدا تەسەللى بەرگىلى ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى.
20 Then Martha, as soon as she heard that Jesus was coming, went and met him: but Mary sat still in the house.
مارتا ئەمدى ئەيسانىڭ كېلىۋاتقىنىنى ئاڭلاپلا، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. لېكىن مەريەم بولسا ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قالدى.
21 Then said Martha to Jesus, Lord, if you had been here, my brother had not died.
مارتا ئەمدى ئەيساغا: ــ ئى رەب، بۇ يەردە بولغان بولساڭ، ئىنىم ئۆلمىگەن بولاتتى.
22 But I know, that even now, whatever you will ask of God, God will give it you.
ھېلىھەم خۇدادىن نېمىنى تىلىسەڭ، ئۇنىڭ ساڭا شۇنى بېرىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ــ دېدى.
23 Jesus says to her, Your brother shall rise again.
ــ ئىنىڭ قايتا تىرىلىدۇ، ــ دېدى ئەيسا.
24 Martha says to him, I know that he shall rise again in the resurrection at the last day.
مارتا: ــ ئاخىرقى كۈنىدە، يەنە تىرىلىش كۈنىدە ئۇنىڭ جەزمەن تىرىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ــ دېدى.
25 Jesus said to her, I am the resurrection, and the life: he that believes in me, though he were dead, yet shall he live:
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ تىرىلىش ۋە ھاياتلىق مەن ئۆزۈمدۇرمەن؛ ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشى ئۆلسىمۇ، ھايات بولىدۇ؛
26 And whoever lives and believes in me shall never die. Believe you this? (aiōn g165)
ۋە ھايات تۇرۇپ، ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى ئەبەدىلئەبەد ئۆلمەس؛ بۇنىڭغا ئىشىنەمسەن؟ (aiōn g165)
27 She says to him, Yes, Lord: I believe that you are the Christ, the Son of God, which should come into the world.
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئىشىنىمەن، ئى رەب؛ سېنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان مەسىھ، خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىڭگە ئىشىنىمەن.
28 And when she had so said, she went her way, and called Mary her sister secretly, saying, The Master is come, and calls for you.
بۇنى دەپ بولۇپ، ئۇ بېرىپ سىڭلىسى مەريەمنى ئاستىغىنا چاقىرىپ: ــ ئۇستاز كەلدى، سېنى چاقىرىۋاتىدۇ، ــ دېدى.
29 As soon as she heard that, she arose quickly, and came to him.
مەريەم بۇنى ئاڭلاپ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى
30 Now Jesus was not yet come into the town, but was in that place where Martha met him.
(شۇ پەيتتە ئەيسا تېخى يېزىغا كىرمىگەن بولۇپ، مارتا ئۇنىڭ ئالدىغا مېڭىپ، ئۇچرىشىپ قالغان يەردە ئىدى).
31 The Jews then which were with her in the house, and comforted her, when they saw Mary, that she rose up hastily and went out, followed her, saying, She goes to the grave to weep there.
ئەمدى [مەريەمگە] تەسەللى بېرىۋاتقان، ئۆيدە ئۇنىڭ بىلەن ئولتۇرغان يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئالدىراپ قوپۇپ سىرتقا چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، ئۇنى قەبرىگە بېرىپ شۇ يەردە يىغا-زار قىلغىلى كەتتى، دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىشتى.
32 Then when Mary was come where Jesus was, and saw him, she fell down at his feet, saying to him, Lord, if you had been here, my brother had not died.
مەريەم ئەمدى ئەيسا بار يەرگە بارغاندا ئۇنى كۆرۈپ، ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ: ــ ئى رەب، بۇ يەردە بولغان بولساڭ، ئىنىم ئۆلمىگەن بولاتتى! ــ دېدى.
33 When Jesus therefore saw her weeping, and the Jews also weeping which came with her, he groaned in the spirit, and was troubled.
ئەيسا مەريەمنىڭ يىغا-زار قىلغىنىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن يەھۇدىي خەلقنىڭ يىغا-زار قىلىشقىنىنى كۆرگەندە، روھىدا قاتتىق پىغان چېكىپ، كۆڭلى تولىمۇ بىئارام بولدى ۋە:
34 And said, Where have you laid him? They said to him, Lord, come and see.
ــ ئۇنى قەيەرگە قويدۇڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ئى رەب، كېلىپ كۆرگىن، ــ دېيىشتى ئۇلار.
35 Jesus wept.
ئەيسا كۆز يېشى قىلدى.
36 Then said the Jews, Behold how he loved him!
يەھۇدىي خەلقى: ــ قاراڭلار، ئۇ ئۇنى قانچىلىك سۆيگەن! ــ دېيىشتى.
37 And some of them said, Could not this man, which opened the eyes of the blind, have caused that even this man should not have died?
ۋە ئۇلاردىن بەزىلىرى: ــ قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقان بۇ كىشى كېسەل ئادەمنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالالماسمىدى؟ ــ دېيىشتى.
38 Jesus therefore again groaning in himself comes to the grave. It was a cave, and a stone lay on it.
ئەيسا ئىچىدە يەنە قاتتىق پىغان چېكىپ، قەبرىنىڭ ئالدىغا باردى. قەبرى بىر غار ئىدى؛ ئۇنىڭ كىرىش ئاغزىغا چوڭ بىر تاش قويۇقلۇق ئىدى.
39 Jesus says, Take you away the stone. Martha, the sister of him that was dead, said to him, Lord, by this time he stinks: for he has been dead four days.
ئەيسا: ــ تاشنى ئېلىۋېتىڭلار! ــ دېدى. ئۆلگۈچىنىڭ ھەدىسى مارتا: ــ ئى رەب، يەرلىككە قويغىلى تۆت كۈن بولدى، ھازىر ئۇ پۇراپ كەتكەندۇ، ــ دېدى.
40 Jesus says to her, Said I not to you, that, if you would believe, you should see the glory of God?
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا: «ئېتىقاد قىلساڭ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىسەن» دېگەنىدىمغۇ! ــ دېدى.
41 Then they took away the stone from the place where the dead was laid. And Jesus lifted up his eyes, and said, Father, I thank you that you have heard me.
بۇنىڭ بىلەن خالايىق تاشنى ئېلىۋەتتى. ئەيسا كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكىپ مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئى ئاتا، تىلىكىمنى ئاڭلىغىنىڭ ئۈچۈن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن.
42 And I knew that you hear me always: but because of the people which stand by I said it, that they may believe that you have sent me.
تىلەكلىرىمنى ھەمىشە ئاڭلايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن؛ لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، ئەتراپىمدىكى مۇشۇ خالايىق سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن دەپ، بۇنى ئېيتىۋاتىمەن!
43 And when he thus had spoken, he cried with a loud voice, Lazarus, come forth.
بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا: ــ لازارۇس، تاشقىرىغا چىق! ــ دەپ توۋلىدى.
44 And he that was dead came forth, bound hand and foot with grave clothes: and his face was bound about with a napkin. Jesus says to them, Loose him, and let him go.
ئۆلگۈچى قول-پۇتلىرى كېپەنلەنگەن، ئېڭىكى تېڭىلغان ھالدا تاشقىرىغا چىقتى. ئەيسا ئۇلارغا: ــ كېپەننى يېشىۋېتىپ، ئۇنى ئازاد قىلىڭلار! ــ دېدى.
45 Then many of the Jews which came to Mary, and had seen the things which Jesus did, believed on him.
مەريەمنىڭ يېنىغا پەتە قىلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئەمىللىرىنى كۆرگەن يەھۇدىيلار ئىچىدىن نۇرغۇنلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى.
46 But some of them went their ways to the Pharisees, and told them what things Jesus had done.
لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى پەرىسىيلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئەيسانىڭ قىلغان ئىشلىرىنى مەلۇم قىلىشتى.
47 Then gathered the chief priests and the Pharisees a council, and said, What do we? for this man does many miracles.
شۇڭا پەرىسىيلەر ۋە باش كاھىنلار يەھۇدىيلارنىڭ بىر كېڭەشمىسىنى يىغىپ: ــ قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇ ئادەم نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى يارىتىۋاتىدۇ.
48 If we let him thus alone, all men will believe on him: and the Romans shall come and take away both our place and nation.
ئۇنىڭغا شۇنداق يول قويۇپ بېرىۋەرسەك، ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىپ كېتىدۇ. شۇنداق بولغاندا، رىملىقلار كېلىپ بۇ بىزنىڭ جايىمىز ۋە قوۋمىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ! ــ دېيىشتى.
49 And one of them, named Caiaphas, being the high priest that same year, said to them, You know nothing at all,
ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى، يەنى شۇ يىلى باش كاھىن بولغان قايافا: ــ سىلەر ھېچنېمىنى بىلمەيدىكەنسىلەر!
50 Nor consider that it is expedient for us, that one man should die for the people, and that the whole nation perish not.
پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ ئورنىغا، بىرلا ئادەمنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئۆلۈشىنىڭ ئەۋزەللىكىنى چۈشىنىپ يەتمەيدىكەنسىلەر، ــ دېدى
51 And this spoke he not of himself: but being high priest that year, he prophesied that Jesus should die for that nation;
(بۇ سۆزنى ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئېيتمىغانىدى؛ بەلكى ئۇ شۇ يىلى باش كاھىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەيسانىڭ [يەھۇدىي] خەلقى ئۈچۈن، شۇنداقلا پەقەت ئۇ خەلق ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەر يانغا تارقىلىپ كەتكەن پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆلىدىغانلىقىدىن ئالدىن بېشارەت بېرىپ شۇنداق دېگەنىدى).
52 And not for that nation only, but that also he should gather together in one the children of God that were scattered abroad.
53 Then from that day forth they took counsel together for to put him to death.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئەيسانى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى قەستلىدى.
54 Jesus therefore walked no more openly among the Jews; but went there to a country near to the wilderness, into a city called Ephraim, and there continued with his disciples.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەيسا ئەمدى يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئاشكارا يۈرمەيتتى، ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ چۆلگە يېقىن رايوندىكى ئەفرائىم ئىسىملىك بىر شەھىرىگە بېرىپ، مۇخلىسلىرى بىلەن ئۇ يەردە تۇردى.
55 And the Jews’ passover was near at hand: and many went out of the country up to Jerusalem before the passover, to purify themselves.
ئەمدى يەھۇدىيلارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا ئاز قالغانىدى. نۇرغۇن كىشىلەر تاھارەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ھېيتتىن ئىلگىرى يېزىلاردىن يېرۇسالېمغا كېلىشتى.
56 Then sought they for Jesus, and spoke among themselves, as they stood in the temple, What think you, that he will not come to the feast?
شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ كىشىلەر ئەيسانى ئىزدەشتى. ئۇلار ئىبادەتخانىدا يىغىلغاندا بىر-بىرىگە: ــ قانداق ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ ھېيت ئۆتكۈزگىلى كەلمەسمۇ؟ ــ دېيىشتى.
57 Now both the chief priests and the Pharisees had given a commandment, that, if any man knew where he were, he should show it, that they might take him.
باش كاھىنلار بىلەن پەرىسىيلەر بولسا ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن، ھەركىمنىڭ ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلسە، مەلۇم قىلىشى توغرۇلۇق پەرمان چىقارغانىدى.

< John 11 >