< Proverbs 20 >

1 Wine is a mocker, strong drink is riotous; and whosoever reeleth thereby is not wise.
شاراب كىشىنى رەسۋا قىلار، ھاراق كىشىنى غالجىرلاشتۇرار؛ كىمكى ئۇنىڭغا بېرىلىپ ئېزىپ كەتسە، ئەقىلسىزدۇر.
2 The terror of a king is as the roaring of a lion: he that provoketh him to anger forfeiteth his life.
پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاش قورقۇنچلۇقتۇر؛ ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن، ئۆز جېنىغا جازا چۈشۈرەر.
3 It is an honour for a man to keep aloof from strife; but every fool will be snarling.
ئۆزىنى ماجىرادىن نېرى قىلىش كىشىنىڭ ئىززىتىدۇر؛ بىراق ھەربىر ئەخمەق ئۆزىنى باسالماس.
4 The sluggard will not plow when winter setteth in; therefore he shall beg in harvest, and have nothing.
ھۇرۇن ئادەم قىشتا يەر ھەيدىمەس؛ يىغىم ۋاقتىدا يوقلۇقتا قېلىپ ئاشلىق تىلەر.
5 Counsel in the heart of man is like deep water; but a man of understanding will draw it out.
كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي-نىيەتلىرى چوڭقۇر سۇغا ئوخشاشتۇر؛ يورۇتۇلغان ئادەم ئۇلارنى تارتىپ ئالالايدۇ.
6 Most men will proclaim every one his own goodness; but a faithful man who can find?
ئۆزىنى سادىق دەيدىغانلار كۆپتۇر؛ بىراق ئىشەنچلىك بىر ئادەمنى كىم تاپالىسۇن؟
7 He that walketh in his integrity as a just man, happy are his children after him.
ھەققانىي ئادەم دىيانەتلىك يولدا ماڭار؛ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە بەخت-بەرىكەت قالدۇرۇلار!
8 A king that sitteth on the throne of judgment scattereth away all evil with his eyes.
پادىشاھ ئادالەت تەختىدە ئولتۇرغاندا، ھەممە يامانلىقنى كۆزى بىلەن قوغلايدۇ.
9 Who can say: 'I have made my heart clean, I am pure from my sin'?
كىم ئۆزىنى گۇناھدىن تازىلاندىم، ۋىجدانىم پاكلاندى، دېيەلەيدۇ؟
10 Divers weights, and divers measures, both of them alike are an abomination to the LORD.
ئىككى خىل تارازا تېشى، ئىككى خىل كۈرە ئىشلىتىش، ئوخشاشلا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر.
11 Even a child is known by his doings, whether his work be pure, and whether it be right.
ھەتتا بالا ئۆز خىسلىتى بىلەن بىلىنەر؛ ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ پاك، دۇرۇس ياكى ئەمەسلىكى ھەرىكەتلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرار.
12 The hearing ear, and the seeing eye, the LORD hath made even both of them.
كۆرىدىغان كۆزنى، ئاڭلايدىغان قۇلاقنى، ھەر ئىككىسىنى پەرۋەردىگار ياراتتى.
13 Love not sleep, lest thou come to poverty; open thine eyes, and thou shalt have bread in plenty.
ئۇيقۇغا ئامراق بولما، نامراتلىققا ئۇچرايسەن؛ كۆزۈڭنى ئېچىپ ئويغاق بول، نېنىڭ مول بولار.
14 'It is bad, it is bad', saith the buyer; but when he is gone his way, then he boasteth.
خېرىدار مال ئالغاندا: «ناچار ئىكەن، ناچار ئىكەن!» دەپ قاقشايدۇ؛ ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن [«ئېسىل نەرسە، ئەرزان ئالدىم» دەپ] ماختىنىدۇ.
15 There is gold, and a multitude of rubies; but the lips of knowledge are a precious jewel.
ئالتۇن بار، لەئەل-ياقۇتلارمۇ كۆپتۇر؛ بىراق بىلىمنى بېغىشلىغان لەۋلەر نېمىدېگەن قىممەتلىك گۆھەردۇر!
16 Take his garment that is surety for a stranger; and hold him in pledge that is surety for an alien woman.
ياتقا كېپىل بولغان كىشىدىن قەرزگە تونىنى تۇتۇپ ئالغىن؛ يات خوتۇنغا كاپالەت بەرگەن كىشىدىن كاپالەت پۇلى ئال.
17 Bread of falsehood is sweet to a man; but afterwards his mouth shall be filled with gravel.
ئالداپ ئېرىشكەن تاماق تاتلىقتۇر؛ كېيىن، ئۇنىڭ يېگىنى شېغىل بولار.
18 Every purpose is established by counsel; and with good advice carry on war.
پىلانلار مەسلىھەت بىلەن بېكىتىلەر؛ پىشقان كۆرسەتمە بىلەن جەڭ قىلغىن.
19 He that goeth about as a talebearer revealeth secrets; therefore meddle not with him that openeth wide his lips.
گەپ توشۇغۇچى سىرلارنى ئاشكارىلار؛ شۇڭا ۋالاقتەككۈر بىلەن ئارىلاشما.
20 Whoso curseth his father or his mother, his lamp shall be put out in the blackest darkness.
كىمكى ئاتا-ئانىسىنى ھاقارەت قىلسا، ئۇنىڭ چىرىغى زۇلمەت قاراڭغۇسىدا ئۆچەر!
21 An estate may be gotten hastily at the beginning; but the end thereof shall not be blessed.
تېز ئېرىشكەن مىراس ھامان بەرىكەتلىك بولماس.
22 Say not thou: 'I will requite evil'; wait for the LORD, and He will save thee.
يامانلىققا يامانلىق قايتۇراي دېمە؛ پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كۈت، ئۇ دەردىڭگە يېتەر.
23 Divers weights are an abomination to the LORD; and a false balance is not good.
ئىككى خىل تارازا تېشى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ ساختا ئۆلچەم قەتئىي يارىماس.
24 A man's goings are of the LORD; how then can man look to his way?
ئىنساننىڭ ھاياتلىق قەدەملىرىنى پەرۋەردىگار بەلگىلەيدۇ؛ ئۇنداقتا ئىنسان ئۆز مۇساپىسىنى نەدىن بىلسۇن؟
25 It is a snare to a man rashly to say: 'Holy', and after vows to make inquiry.
بىر نەرسىسىنى يېنىكلىك بىلەن «[خۇداغا] ئاتالغان!» دەپ ۋەدە بېرىش، قەسەملەردىن كېيىن ئىككىلىنىپ قايتا ئويلىنىش، ئۆز جېنىنى قىلتاققا چۈشۈرگەنگە باراۋەر.
26 A wise king sifteth the wicked, and turneth the wheel over them.
دانا پادىشاھ يامانلارنى توپاننى سورۇغاندەك سورۇۋېتىدۇ، خامان تەپكەندەك تۇلۇق بىلەن يانجىۋېتەر.
27 The spirit of man is the lamp of the LORD, searching all the inward parts.
ئادەمنىڭ روھ-ۋىجدانى ــ پەرۋەردىگارنىڭ چىرىغىدۇر، ئۇ قەلبنىڭ ھەربىر تەگلىرىنى تەكشۈرۈپ پەرق ئېتەر.
28 Mercy and truth preserve the king; and his throne is upheld by mercy.
مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت پادىشاھنى ساقلايدۇ؛ ئۇ مېھىر-شەپقەت بىلەنلا ئۆز تەختىنى مۇستەھكەملەيدۇ.
29 The glory of young men is their strength; and the beauty of old men is the hoary head.
ياش يىگىتلەرنىڭ قاۋۇللۇقى ئۇلارنىڭ پەخرىدۇر؛ قېرىلارنىڭ ئىززىتى ئاق چاچلىرىدۇر.
30 Sharp wounds cleanse away evil; so do stripes that reach the inward parts.
تەربىيە يارىلىرى يامانلىقنى تازىلاپ چىقىرار، تاياق ئىزلىرى ئىچ-باغىرنى تازا قىلار.

< Proverbs 20 >