< Hosea 7 >

1 when I would heal Israel, then is the iniquity of Ephraim uncovered, and the wickedness of Samaria, for they commit falsehood; and the thief entereth in, and the troop of robbers maketh a raid without.
مەن ئۆز خەلقىمنىڭ ئاسارىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرەي دېگەندە، مەن ئىسرائىلنى ساقايتاي دېگەندە، ئەمدى ئەفرائىمنىڭ قەبىھلىكى، سامارىيەنىڭ رەزىللىكىمۇ ئاشكارىلىنىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئالدامچىلىق قىلىدۇ؛ ئوغرىلار بولسا بۆسۈپ كىرىۋاتىدۇ، قاراقچىلار توپى سىرتتا بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىدۇ.
2 And let them not say to their heart — I remember all their wickedness; now their own doings have beset them about, they are before My face.
ئۇلار كۆڭلىدە مېنىڭ ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتقانلىقىمنى ئويلىمايدۇ؛ ھازىر ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۆزلىرىنى قىستاۋاتىدۇ؛ بۇ ئىشلار كۆز ئالدىمدىدۇر.
3 They make the king glad with their wickedness, and the princes with their lies.
ئۇلار پادىشاھنى رەزىللىكلىرى بىلەن، ئەمىرلەرنى يالغان گەپلىرى بىلەن خۇرسەن قىلىدۇ؛
4 They are all adulterers, as an oven heated by the baker, who ceaseth to stir from the kneading of the dough until it be leavened.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىناخورلار؛ ئۇلار ناۋاي ئوت سالغان تونۇردەك؛ ناۋاي خېمىرنى يۇغۇرۇپ، خېمىر بولغۇچە ئۇنىڭ ئوتىنى يەنە ئۇلغايتمايدۇ؛
5 On the day of our king the princes make him sick with the heat of wine, he stretcheth out his hand with scorners.
پادىشاھىمىز [تەبرىكلەنگەن] كۈنىدە، ئەمىرلەر شارابنىڭ كەيپى بىلەن ئۆزلىرىنى زەئىپلەشتۈردى؛ [پادىشاھ] بولسا مازاق قىلغۇچىلار بىلەن قول ئېلىشىشقا ئىنتىلدى!
6 For they have made ready their heart like an oven, while they lie in wait; their baker sleepeth all the night, in the morning it burneth as a flaming fire.
چۈنكى ئۇلار كۆڭلىنى تونۇردەك قىزىتىپ سۇيىقەست پۈكۈپ قويغانىدى؛ كېچىچە ئۇلارنىڭ غەزىپى چوغلىنىپ تۇرىدۇ؛ سەھەردىلا ئۇ يانغان ئوتتەك يالقۇنلاپ كېتىدۇ.
7 They are all hot as an oven, and devour their judges; all their kings are fallen, there is none among them that calleth unto Me.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى تونۇردەك قىزىقتۇر، ئۇلار ئۆز سوراقچىلىرىنى يەپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى يىقىلدى ــ ئۇلاردىن ھېچكىم مېنى نىدا قىلىپ چاقىرمايدۇ!
8 Ephraim, he mixeth himself with the peoples; Ephraim is become a cake not turned.
ئەفرائىم يات قوۋملار بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى؛ ئۇ «ئۆرۈلمىگەن بىر قوتۇرماچ»دەكتۇر.
9 Strangers have devoured his strength, and he knoweth it not; yea, gray hairs are here and there upon him, and he knoweth it not.
يات ئادەملەر ئۇنىڭ كۈچىنى يەپ كەتتى، بىراق ئۇ ھېچ سەزمەيدۇ؛ بەرھەق، [بېشىنىڭ] ئۇ يەر-بۇ يېرىدە ئاق چاچلار كۆرۈنىدۇ، بىراق ئۇ ھېچ بىلمەيدۇ؛
10 And the pride of Israel testifieth to his face; but they have not returned unto the LORD their God, nor sought Him, for all this.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ تەكەببۇرلۇقى ئۆزىگە قارشى گۇۋاھ بېرىدۇ؛ ئۇلار پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ يېنىغا قايتمايدۇ؛ ياكى شۇنداق ئىشلار [بېشىغا] چۈشكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنى ئىزدىمەيدۇ.
11 And Ephraim is become like a silly dove, without understanding; they call unto Egypt, they go to Assyria.
ئەفرائىم ھېچ ئەقلى يوق نادان بىر پاختەكتەك؛ مىسىرغا قاراپ سايرايدۇ، ئاسۇرىيەنى ئىزدەپ بارىدۇ؛
12 Even as they go, I will spread My net upon them; I will bring them down as the fowls of the heaven; I will chastise them, as their congregation hath been made to hear.
ئۇلار بارغاندا، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تورۇمنى تاشلايمەن؛ خۇددى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارنى تورغا چۈشۈرگەندەك ئۇلارنى چۈشۈرىمەن؛ [بۇ خەۋەر] ئۇلارنىڭ جامائىتىگە يېتىشى بىلەنلا، ئۇلارنى جازالايمەن.
13 Woe unto them! for they have strayed from Me; Destruction unto them! for they have transgressed against Me; Shall I then redeem them, seeing they have spoken lies against Me?
ئۇلارغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار مەندىن يىراقلىشىپ تېنىپ كەتتى! ئۇلار ھالاك بولسۇن! چۈنكى ئۇلار ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلدى! مەن ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ ھۆرلۈككە چىقىراي دېگەندە، ئۇلار مەن توغرۇلۇق يالغان گەپ قىلىدۇ!
14 And they have not cried unto Me with their heart, though they wail upon their beds; they assemble themselves for corn and wine, they rebel against Me.
ئۇلار ئورنىدا يېتىپ نالە قىلغاندا، ماڭا كۆڭلىدە ھېچ نىدا قىلمىدى؛ ئۇلارنىڭ جامائەتكە يىغىلىشى پەقەت ئاش ۋە يېڭى شاراب ئۈچۈندۇر، خالاس؛ ئۇلار مەندىن چەتلەپ كەتتى.
15 Though I have trained and strengthened their arms, yet do they devise evil against Me.
بەرھەق، مەن ئەسلى ئۇلارنى تەربىيىلىگەنمەن، ئۇلارنىڭ بىلەكلىرىنى چېنىقتۇرۇپ كۈچەيتكۈزگەنىدىم؛ بىراق ئۇلار ماڭا قارشى يامانلىق قەستلەۋاتىدۇ.
16 They return, but not upwards; they are become like a deceitful bow; their princes shall fall by the sword for the rage of their tongue; this shall be their derision in the land of Egypt.
ئۇلار بۇرۇلدى ــ بىراق بۇرۇلۇشى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قايتىش ئۈچۈن ئەمەس؛ ئۇلار ئالدامچى بىر ئوقياغا ئوخشاش. ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ غالجىرانە تىل-ئاھانەتلىرى ۋەجىدىن قىلىچلىنىدۇ؛ بۇ ئىش مىسىر زېمىنىدا ئۇلارنى مەسخىرىگە قالدۇرىدۇ.

< Hosea 7 >