< Genesis 41 >

1 And it came to pass at the end of two full years, that Pharaoh dreamed: and, behold, he stood by the river.
توپتوغرا ئىككى يىل ئۆتۈپ، پىرەۋن بىر چۈش كۆردى. چۈشىدە ئۇ [نىل] دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرغۇدەك.
2 And, behold, there came up out of the river seven kine, well-favoured and fat-fleshed; and they fed in the reed-grass.
ھەم چىرايلىق ھەم سېمىز يەتتە تۇياق ئىنەك دەريادىن چىقىپ، قۇمۇشلۇقتا ئوتلاپتۇدەك.
3 And, behold, seven other kine came up after them out of the river, ill favoured and lean-fleshed; and stood by the other kine upon the brink of the river.
ئاندىن يەنە يەتتە تۇياق ئىنەك دەريادىن چىقىپتۇ؛ ئۇلار سەت ھەم ئورۇق بولۇپ، ئالدىنقى ئىنەكلەرنىڭ يېنىدا، دەريانىڭ بويىدا تۇرۇپتۇ.
4 And the ill-favoured and lean-fleshed kine did eat up the seven well-favoured and fat kine. So Pharaoh awoke.
بۇ سەت ھەم ئورۇق ئىنەكلەر ئۇ يەتتە چىرايلىق ھەم سېمىز ئىنەكلەرنى يەۋېتىپتۇ. شۇ ۋاقىتتا پىرەۋن ئويغىنىپ كېتىپتۇ.
5 And he slept and dreamed a second time: and, behold, seven ears of corn came up upon one stalk, rank and good.
ئۇ يەنە ئۇخلاپ، ئىككىنچى قېتىم چۈش كۆردى: ــ مانا، بىر تۈپ بۇغداي شېخىدىن توق ۋە چىرايلىق يەتتە باشاق چىقىپتۇ.
6 And, behold, seven ears, thin and blasted with the east wind, sprung up after them.
ئۇلاردىن كېيىن يەنە يەتتە باشاق چىقىپتۇ؛ ئۇلار ھەم ئورۇق ۋە پۇچەك بولۇپ، شەرق شامىلىدا سولىشىپ قالغانىدى.
7 And the thin ears swallowed up the seven rank and full ears. And Pharaoh awoke, and, behold, it was a dream.
بۇ ئورۇق باشاقلار ئۇ يەتتە سېمىز، توق باشاقنى يۇتۇپ كېتىپتۇ. ئاندىن پىرەۋن ئويغىنىپ كېتىپتۇ، بۇ ئۇنىڭ چۈشى ئىكەن.
8 And it came to pass in the morning that his spirit was troubled; and he sent and called for all the magicians of Egypt, and all the wise men thereof; and Pharaoh told them his dream; but there was none that could interpret them unto Pharaoh.
ئەتىسى ئۇنىڭ كۆڭلى ناھايىتى بىئارام بولۇپ، مىسىردىكى ھەممە پالچى-جادۇگەرلەر بىلەن بارلىق دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ كەلدى. پىرەۋن ئۆز چۈشىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى؛ لېكىن ھېچكىم پىرەۋنگە چۈشلەرنىڭ تەبىرىنى دەپ بېرەلمىدى.
9 Then spoke the chief butler unto Pharaoh, saying: 'I make mention of my faults this day:
ئۇ چاغدا باش ساقىي پىرەۋنگە: ــ بۈگۈن مېنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىم ئېسىمگە كەلدى.
10 Pharaoh was wroth with his servants, and put me in the ward of the house of the captain of the guard, me and the chief baker.
بۇرۇن پىرەۋن جانابلىرى قۇللىرىغا، يەنى پېقىر ۋە باش ناۋايغا ئاچچىقلىنىپ، بىزنى پاسىبان بېشىنىڭ سارىيىدا سولاققا تاشلىغانىدىلا؛
11 And we dreamed a dream in one night, I and he; we dreamed each man according to the interpretation of his dream.
شۇ چاغلاردا ھەربىرىمىز بىر كېچىدە بىردىن چۈش كۆردۇق؛ ھەر قايسىمىز كۆرگەن چۈشنىڭ تەبىرى باشقا-باشقا ئىدى.
12 And there was with us there a young man, a Hebrew, servant to the captain of the guard; and we told him, and he interpreted to us our dreams; to each man according to his dream he did interpret.
شۇ يەردە بىز بىلەن بىللە پاسىبان بېشىنىڭ قۇلى بولغان بىر ئىبرانىي يىگىت بار ئىدى. ئۇنىڭغا چۈشلىرىمىزنى ئېيتىۋىدۇق، ئۇ بىزگە چۈشلىرىمىزنىڭ تەبىرىنى بايان قىلدى؛ ئۇ ھەربىرىمىزنىڭ كۆرگەن چۈشىگە قاراپ تەبىر بەرگەنىدى.
13 And it came to pass, as he interpreted to us, so it was: I was restored unto mine office, and he was hanged.'
شۇنداق بولدىكى، ئىشلار دەل ئۇنىڭ بەرگەن تەبىرىدە دېيىلگەندەك يۈز بەردى؛ جانابلىرى پېقىرنى ئۆز مەنسىپىمگە قايتىدىن تەيىنلىدىلە، باش ناۋاينى دارغا ئاستىلا، ــ دېدى.
14 Then Pharaoh sent and called Joseph, and they brought him hastily out of the dungeon. And he shaved himself, and changed his raiment, and came in unto Pharaoh.
شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن ئادەم ئەۋەتىپ، يۈسۈپنى چاقىردى؛ ئۇلار دەرھال ئۇنى زىنداندىن چىقاردى. يۈسۈپ بۇرۇت-ساقىلىنى چۈشۈرۈپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پىرەۋننىڭ ئالدىغا كىردى.
15 And Pharaoh said unto Joseph: 'I have dreamed a dream, and there is none that can interpret it; and I have heard say of thee, that when thou hearest a dream thou canst interpret it.'
پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ مەن بىر چۈش كۆردۈم، ئەمما ئۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان ھېچكىم چىقمىدى. ئاڭلىسام، سەن چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىكەنسەن، ــ دېدى.
16 And Joseph answered Pharaoh, saying: 'It is not in me; God will give Pharaoh an answer of peace.'
يۈسۈپ پىرەۋنگە جاۋاب بېرىپ: ــ تەبىر بېرىش ئۆزۈمدىن ئەمەس؛ لېكىن خۇدا پىرەۋنگە خاتىرجەملىك بېرىدىغان بىر جاۋاب بېرىدۇ، ــ دېدى.
17 And Pharaoh spoke unto Joseph: 'In my dream, behold, I stood upon the brink of the river.
پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ چۈشۈمدە مەن دەريانىڭ قىرغىقىدا تۇرۇپتىمەن.
18 And, behold, there came up out of the river seven kine, fat-fleshed and well-favoured; and they fed in the reed-grass.
قارىسام، دەريادىن ھەم سېمىز ھەم چىرايلىق يەتتە تۇياق ئىنەك چىقىپ قۇمۇشلۇقتا ئوتلاپتۇ.
19 And, behold, seven other kine came up after them, poor and very ill-favoured and lean-fleshed, such as I never saw in all the land of Egypt for badness.
ئاندىن ئۇلاردىن كېيىن ئاجىز، تولىمۇ سەت ھەم ئورۇق يەتتە تۇياق ئىنەك چىقىپتۇ. مەن مىسىر زېمىنىدا شۇنداق سەت ئىنەكلەرنى كۆرگەن ئەمەسمەن.
20 And the lean and ill-favoured kine did eat up the first seven fat kine.
بۇ ئورۇق، ئەسكى ئىنەكلەر بولسا ئاۋۋالقى يەتتە سېمىز ئىنەكنى يەۋېتىپتۇ.
21 And when they had eaten them up, it could not be known that they had eaten them; but they were still ill-favoured as at the beginning. So I awoke.
ئۇلارنى يەۋەتكەن بولسىمۇ، قورسىقىغا بىر نېمىنىڭ كىرگەنلىكى ھېچ ئايان بولماپتۇ، ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى بەلكى بۇرۇنقىدەك سەت ئىمىش. ئاندىن مەن ئويغىنىپ كەتتىم.
22 And I saw in my dream, and, behold, seven ears came up upon one stalk, full and good.
ئاندىن يەنە بىر چۈش كۆردۇم، مانا بىر شاختىن يەتتە ھەم توق ھەم چىرايلىق باشاق چىقىپتۇ.
23 And, behold, seven ears, withered, thin, and blasted with the east wind, sprung up after them.
ئاندىن يەنە يەتتە پۇچەك، ئورۇق باشاق چىقىپتۇ؛ ئۇلار شەرق شامىلى بىلەن سولىشىپ قۇرۇپ كېتىپتۇ.
24 And the thin ears swallowed up the seven good ears. And I told it unto the magicians; but there was none that could declare it to me.'
بۇ ئورۇق باشاقلار يەتتە چىرايلىق باشاقنى يەپ كېتىپتۇ. مەن بۇ ئىشنى پالچى-جادۇگەرلەرگە دەپ بەرسەم، ماڭا تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىدىغان ھېچ كىشى چىقمىدى، دېدى.
25 And Joseph said unto Pharaoh: 'The dream of Pharaoh is one; what God is about to do He hath declared unto Pharaoh.
يۈسۈپ پىرەۋنگە: ــ [جانابلىرى] پىرەۋننىڭ چۈشلىرى بىر مەنىدىدۇر. خۇدا ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى پىرەۋنگە ئالدىن بىلدۈردى.
26 The seven good kine are seven years; and the seven good ears are seven years: the dream is one.
بۇ يەتتە ياخشى ئىنەك يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ؛ يەتتە ياخشى باشاقمۇ يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ چۈشلەر ئوخشاش بىر چۈشتۇر.
27 And the seven lean and ill-favoured kine that came up after them are seven years, and also the seven empty ears blasted with the east wind; they shall be seven years of famine.
ئۇلاردىن كېيىن چىققان يەتتە ئورۇق، يامان سەت ئىنەك يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ؛ شەرق شامىلى بىلەن سولىشىپ قالغان يەتتە قۇرۇق باشاقمۇ شۇنداق بولۇپ، ئاچارچىلىق بولىدىغان يەتتە يىلدۇر.
28 That is the thing which I spoke unto Pharaoh: what God is about to do He hath shown unto Pharaoh.
مەن پىرەۋنگە دەيدىغان سۆزۈم شۇكى، خۇدا يېقىندا قىلماقچى بولغان ئىشنى پىرەۋنگە ئايان قىلدى.
29 Behold, there come seven years of great plenty throughout all the land of Egypt.
مانا، پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا يەتتە يىلغىچە مەمۇرچىلىق بولىدۇ؛
30 And there shall arise after them seven years of famine; and all the plenty shall be forgotten in the land of Egypt; and the famine shall consume the land;
ئاندىن يەتتە يىلغىچە ئاچارچىلىق بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مىسىر زېمىنىدا پۈتكۈل مەمۇرچىلىقنى ئۇنۇتقۇزىدىغان ئاچارچىلىق زېمىننى ۋەيران قىلىدۇ.
31 and the plenty shall not be known in the land by reason of that famine which followeth; for it shall be very grievous.
كېلىدىغان ئاچارچىلىقنىڭ سەۋەبىدىن زېمىندا بولغان مەمۇرچىلىق كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ؛ چۈنكى ئاچارچىلىق تولىمۇ ئېغىر بولىدۇ.
32 And for that the dream was doubled unto Pharaoh twice, it is because the thing is established by God, and God will shortly bring it to pass.
لېكىن چۈشنىڭ ياندۇرۇلۇپ، پىرەۋنگە ئىككى قېتىم كۆرۈنگىنىنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، بۇ ئىش خۇدا تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولۇپ، خۇدا ئۇنى پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
33 Now therefore let Pharaoh look out a man discreet and wise, and set him over the land of Egypt.
ئەمدى پىرەۋن ئۆزى ئۈچۈن پەم-پاراسەتلىك ھەم دانا بىر كىشىنى تېپىپ، مىسىر زېمىنىغا قويسۇن.
34 Let Pharaoh do this, and let him appoint overseers over the land, and take up the fifth part of the land of Egypt in the seven years of plenty.
پىرەۋن شۇنداق قىلسۇنكى، مەمۇرچىلىق بولغان يەتتە يىلدا مىسىر زېمىنىدىن چىققان ئاشلىقنىڭ بەشتىن بىرىنى توپلاڭلار دەپ زېمىنغا نازارەتچىلەرنى تەيىنلىسۇن.
35 And let them gather all the food of these good years that come, and lay up corn under the hand of Pharaoh for food in the cities, and let them keep it.
بۇلار شۇ كېلىدىغان توقچىلىق يىللىرىدا بارلىق ئاشلىقنى توپلاپ، شەھەر-شەھەرلەردە يېمەكلىك بولسۇن دەپ بۇغداي-قوناقلارنى پىرەۋننىڭ قول ئاستىغا جەم قىلىپ ساقلىتىپ قويسۇن.
36 And the food shall be for a store to the land against the seven years of famine, which shall be in the land of Egypt; that the land perish not through the famine.'
[يىغىلغان] شۇ ئاشلىقلار مىسىر زېمىنىدا بولىدىغان يەتتە يىللىق ئاچارچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ساقلانسۇن؛ شۇ تەرىقىدە زېمىن ئاچارچىلىقتىن ھالاك بولمايدۇ، ــ دېدى.
37 And the thing was good in the eyes of Pharaoh, and in the eyes of all his servants.
بۇ سۆز پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ نەزىرىگە تازا ياقتى.
38 And Pharaoh said unto his servants: 'Can we find such a one as this, a man in whom the spirit of God is?'
شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن خىزمەتكارلىرىغا: ــ بۇ كىشىدەك، ئىچىدە خۇدانىڭ روھى بار يەنە بىرسىنى تاپالامدۇق؟! ــ دېدى.
39 And Pharaoh said unto Joseph: 'Forasmuch as God hath shown thee all this, there is none so discreet and wise as thou.
پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ خۇدا ساڭا بۇنىڭ ھەممىسىنى ئايان قىلغانىكەن، سەندەك پەملىك ھەم دانا ھېچكىم چىقمايدۇ.
40 Thou shalt be over my house, and according unto thy word shall all my people be ruled; only in the throne will I be greater than thou.'
سەن ئەمدى مېنىڭ ئۆيۈمنى باشقۇرۇشقا بېكىتىلدىڭ، بارلىق خەلقىم سېنىڭ ئاغزىڭغا قاراپ ئۆزلىرىنى تەرتىپكە تىزسۇن. پەقەت تەختتىلا مەن سەندىن ئۈستۈن تۇرىمەن، ــ دېدى.
41 And Pharaoh said unto Joseph: 'See, I have set thee over all the land of Egypt.'
ئاخىرىدا پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ مانا، مەن سېنى پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە تەيىنلىدىم، ــ دېدى.
42 And Pharaoh took off his signet ring from his hand, and put it upon Joseph's hand, and arrayed him in vestures of fine linen, and put a gold chain about his neck.
بۇنىڭ بىلەن، پىرەۋن ئۆز قولىدىن مۆھۈر ئۈزۈكىنى چىقىرىپ، يۈسۈپنىڭ قولىغا سالدى؛ ئۇنىڭغا نەپىس كاناپ رەختتىن تىكىلگەن لىباسنى كىيگۈزۈپ، بوينىغا بىر ئالتۇن زەنجىر ئېسىپ قويدى.
43 And he made him to ride in the second chariot which he had; and they cried before him: 'Abrech'; and he set him over all the land of Egypt.
ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى شاھانە ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدا: «تىز پۈكۈڭلار!» ــ دەپ جار سالدۇردى. شۇنداق قىلىپ، پىرەۋن ئۇنى پۈتكۈل مىسىر زېمىنىغا تىكلەپ قويدى.
44 And Pharaoh said unto Joseph: 'I am Pharaoh, and without thee shall no man lift up his hand or his foot in all the land of Egypt.'
ئاندىن پىرەۋن يۈسۈپكە يەنە: ــ مەن دېگەن پىرەۋندۇرمەن؛ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا سەنسىز ھېچكىم قول-پۇتىنى مىدىرلاتمىسۇن! ــ دېدى.
45 And Pharaoh called Joseph's name Zaphenath-paneah; and he gave him to wife Asenath the daughter of Poti-phera priest of On. And Joseph went out over the land of Egypt. —
پىرەۋن يۈسۈپكە زافىنات-پائانىياھ دېگەن نامنى بەردى ۋە ئون شەھىرىدىكى كاھىن پوتىفىراھنىڭ قىزى ئاسىناتنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ يۈسۈپ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن چۆرگىلەشكە چىقتى. يۈسۈپ مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا بېكىتىلگەندە ئوتتۇز ياشتا ئىدى؛ ئۇ پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ، مىسىر زېمىنىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.
46 And Joseph was thirty years old when he stood before Pharaoh king of Egypt. — And Joseph went out from the presence of Pharaoh, and went throughout all the land of Egypt.
47 And in the seven years of plenty the earth brought forth in heaps.
مەمۇرچىلىق بولغان يەتتە يىل ئىچىدە زېمىننىڭ ھوسۇلى دۆۋە-دۆۋە بولدى.
48 And he gathered up all the food of the seven years which were in the land of Egypt, and laid up the food in the cities; the food of the field, which was round about every city, laid he up in the same.
يەتتە يىلدا ئۇ مىسىر زېمىنىدىن چىققان ئاشلىقنى يىغىپ، شەھەر-شەھەرگە توپلىدى؛ ھەرقايسى شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئېتىزلىقنىڭ ئاشلىقىنى ئۇ شۇ شەھەرنىڭ ئۆزىگە جۇغلاپ قويدى.
49 And Joseph laid up corn as the sand of the sea, very much, until they left off numbering; for it was without number.
شۇ تەرىقىدە يۈسۈپ دېڭىزدىكى قۇمدەك ناھايىتى كۆپ ئاشلىق توپلىدى؛ ئاشلىق ھەددى-ھېسابسىز بولغاچقا، ئۇلار ھېسابلاشنى توختاتتى.
50 And unto Joseph were born two sons before the year of famine came, whom Asenath the daughter of Poti-phera priest of On bore unto him.
ئاچارچىلىق يىللىرى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن يۈسۈپكە ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. بۇلارنى ئوندىكى كاھىن پوتىفەراھنىڭ قىزى ئاسىنات ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەردى.
51 And Joseph called the name of the first-born Manasseh: 'for God hath made me forget all my toil, and all my father's house.'
يۈسۈپ: «خۇدا پۈتۈن جاپا-مۇشەققىتىم ۋە ئاتامنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنى كۆڭلۈمدىن كۆتۈرۈۋەتتى» دەپ تۇنجى ئوغلىغا ماناسسەھ دەپ ئات قويدى؛
52 And the name of the second called he Ephraim: 'for God hath made me fruitful in the land of my affliction.'
ئاندىن: «مەن ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن يۇرتتا خۇدا مېنى مېۋىلىك قىلدى» دەپ ئىككىنچىسىگە ئەفرائىم دەپ ئات قويدى.
53 And the seven years of plenty, that was in the land of Egypt, came to an end.
مىسىر زېمىنىدا مەمۇرچىلىق بولغان يەتتە يىل ئاياغلاشتى.
54 And the seven years of famine began to come, according as Joseph had said; and there was famine in all lands; but in all the land of Egypt there was bread.
ئاندىن يۈسۈپنىڭ ئېيتقىنىدەك ئاچارچىلىقنىڭ يەتتە يىلى باشلاندى. ئۇ چاغلاردا باشقا بارلىق يۇرتلاردىمۇ ئاچارچىلىق بولدى؛ لېكىن مىسىر زېمىنىدىكى ھەر يەرلەردە نان بار ئىدى.
55 And when all the land of Egypt was famished, the people cried to Pharaoh for bread; and Pharaoh said unto all the Egyptians: 'Go unto Joseph; what he saith to you, do.'
ئاچارچىلىق پۈتكۈل مىسىر زېمىننى باسقاندا، خەلق ئاشلىق سوراپ پىرەۋنگە پەرياد قىلدى. پىرەۋن مىسىرلىقلارنىڭ ھەممىسىگە: ــ يۈسۈپنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇ سىلەرگە نېمە دېسە، شۇنى قىلىڭلار، ــ دېدى.
56 And the famine was over all the face of the earth; and Joseph opened all the storehouses, and sold unto the Egyptians; and the famine was sore in the land of Egypt.
ئاچارچىلىق پۈتكۈل يەر يۈزىنى بېسىپ كەتتى. يۈسۈپ ھەر يەردىكى ئامبارلارنى ئېچىپ، مىسىرلىقلارغا ئاشلىق ساتاتتى؛ ئاچارچىلىق مىسىر زېمىنىدا ئىنتايىن ئېغىر بولغىلى تۇردى.
57 And all countries came into Egypt to Joseph to buy corn; because the famine was sore in all the earth.
ئاچارچىلىق پۈتكۈل يەر يۈزىنى باسقان بولغاچقا، بارلىق يۇرتلاردىكى خەلقمۇ ئاشلىق ئالغىلى مىسىرغا يۈسۈپنىڭ قېشىغا كېلەتتى.

< Genesis 41 >