< 1 Kings 9 >

1 And it came to pass, when Solomon had finished the building of the house of the LORD, and the king's house, and all Solomon's delight which he was pleased to do,
سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى، پادىشاھ ئوردىسى ۋە شۇنداقلا قۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان باشقا قۇرۇلۇشلارنى كۆڭلىدىكىدەك پۈتكۈزۈپ بولغاندا،
2 that the LORD appeared to Solomon the second time, as He had appeared unto him at Gibeon.
پەرۋەردىگار سۇلايمانغا گىبېئوندا كۆرۈنگەندەك ئەمدى ئىككىنچى قېتىم ئۇنىڭغا كۆرۈندى.
3 And the LORD said unto him: 'I have heard thy prayer and thy supplication, that thou hast made before Me: I have hallowed this house, which thou hast built, to put My name there for ever; and Mine eyes and My heart shall be there perpetually.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن مېنىڭ ئالدىمدا قىلغان دۇئا ۋە ئىلتىجايىڭنى ئاڭلىدىم؛ مېنىڭ نامىم ئۇنىڭدا ئەبەدگىچە ئايان قىلىنىشى ئۈچۈن، سەن ياسىغان بۇ ئۆينى ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلدىم. مېنىڭ كۆزلىرىم ۋە كۆڭلۈم شۇ يەردە ھەمىشە بولىدۇ.
4 And as for thee, if thou wilt walk before Me, as David thy father walked, in integrity of heart, and in uprightness, to do according to all that I have commanded thee, and wilt keep My statutes and Mine ordinances;
سەن بولساڭ، ئاتاڭ داۋۇتنىڭ ئالدىمدا ماڭغىنىدەك، سەنمۇ ساڭا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق ئەمەل قىلىش ئۈچۈن، بەلگىلىمىلىرىم ۋە ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ، پاك كۆڭۈل ۋە دۇرۇسلۇق بىلەن ئالدىمدا ماڭساڭ،
5 then I will establish the throne of thy kingdom over Israel for ever; according as I promised to David thy father, saying: There shall not fail thee a man upon the throne of Israel.
مەن ئەمدى ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئولتۇرۇشقا بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ ۋەدە قىلغىنىمدەك، مەن پادىشاھلىق تەختىڭنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە ئەبەدگىچە مەھكەم قىلىمەن.
6 But if ye shall turn away from following Me, ye or your children, and not keep My commandments and My statutes which I have set before you, but shall go and serve other gods, and worship them;
لېكىن ئۆزۈڭ يا ئوغۇللىرىڭ ماڭا ئەگىشىشتىن ۋاز كېچىپ مەن ئالدىڭلاردا قويغان ئەمرلىرىم بىلەن بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتماي، بەلكى باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ ئۇلارغا سەجدە قىلساڭلار،
7 then will I cut off Israel out of the land which I have given them; and this house, which I have hallowed for My name, will I cast out of My sight; and Israel shall be a proverb and a by word among all peoples;
شۇ چاغدا مەن ئىسرائىلنى ئۇلارغا تەقدىم قىلغان زېمىنىدىن ئۈزۈپ چىقىرىمەن؛ ۋە ئۆز نامىمنى كۆرسىتىشكە ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلغان بۇ ئۆينى نەزىرىمدىن تاشلايمەن ۋە ئىسرائىل ھەممە خەلقلەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەك ۋە تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى بولىدۇ؛
8 and this house which is so high shall become desolate, and every one that passeth by it shall be astonished, and shall hiss; and when they shall say: Why hath the LORD done thus unto this land, and to this house?
بۇ ئۆي گەرچە ھازىر كۆركەم كۆرۈنسىمۇ، شۇ زاماندا ئۇنىڭدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى زور ھەيران قېلىشىپ ئۈشقىرتىپ: «پەرۋەردىگار بۇ زېمىنغا ۋە بۇ ئۆيگە نېمىشقا شۇنداق قىلدى؟» دەپ سورايدۇ.
9 they shall be answered: Because they forsook the LORD their God, who brought forth their fathers out of the land of Egypt, and laid hold on other gods, and worshipped them, and served them; therefore hath the LORD brought all this evil upon them.'
كىشىلەر: ــ چۈنكى [زېمىندىكى خەلقلەر] ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان پەرۋەردىگار خۇداسىنى تاشلاپ، ئۆزلىرىنى باشقا ئىلاھلارغا باغلاپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ قۇللۇقىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار بۇ پۈتكۈل كۈلپەتنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈپتۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
10 And it came to pass at the end of twenty years, wherein Solomon had built the two houses, the house of the LORD and the king's house —
شۇنداق بولدىكى، يىگىرمە يىل ئۆتۈپ، سۇلايمان ئۇ ئىككى ئۆينى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى بىلەن پادىشاھ ئۆيىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن،
11 now Hiram the king of Tyre had furnished Solomon with cedar-trees and cypress-trees, and with gold, according to all his desire — that then king Solomon gave Hiram twenty cities in the land of Galilee.
تۇرنىڭ پادىشاھى ھىرام سۇلايمانغا بارلىق تەلەپلىرى بويىچە كېدىر دەرەخلىرى، ئارچا دەرەخلىرى ۋە ئالتۇن تەمىنلىگىنى ئۈچۈن سۇلايمان پادىشاھ ئۇنىڭغا گالىلىيە ئۆلكىسىدىن يىگىرمە شەھەرنى بەردى.
12 And Hiram came out from Tyre to see the cities which Solomon had given him: and they pleased him not.
ھىرام سۇلايمان ئۇنىڭغا بەرگەن شەھەرلەرنى كۆرۈشكە تۇردىن چىقىپ كەلدى؛ لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا ھېچ ياقمىدى.
13 And he said: 'What cities are these which thou hast given me, my brother?' And they were called the land of Cabul, unto this day.
ئۇ: ــ ھەي بۇرادىرىم، سەن مۇشۇ ماڭا بەرگىنىڭ زادى قانداق شەھەرلەر؟! ــ دېدى. ئۇ ئۇلارنى «كابۇلنىڭ يۇرتى» دەپ ئاتىدى، ۋە ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق ئاتىلىدۇ.
14 And Hiram sent to the king sixscore talents of gold.
ھىرام بولسا پادىشاھقا بىر يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇن ئەۋەتكەنىدى.
15 And this is the account of the levy which king Solomon raised; to build the house of the LORD, and his own house, and Millo, and the wall of Jerusalem, and Hazor, and Megiddo, and Gezer.
سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى، ئۆز ئۆيىنى، مىللونى، يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى، ھازورنى، مەگىددونى ۋە گەزەر شەھەرلىرىنى ياساش ئۈچۈن ھاشارغا تۇتقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىشلىرى مۇنداق: ــ
16 Pharaoh king of Egypt had gone up, and taken Gezer, and burnt it with fire, and slain the Canaanites that dwelt in the city, and given it for a portion unto his daughter, Solomon's wife.
(مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋن چىقىپ گەزەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، ئۇنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ، شەھەردە تۇرۇۋاتقان قانائانىيلارنى قىرىپ، شەھەرنى توي سوۋغىسى سۈپىتىدە سۇلايماننىڭ خوتۇنى بولغان ئۆز قىزىغا بەرگەنىدى)
17 And Solomon built Gezer, and Beth-horon the nether,
سۇلايمان گەزەر بىلەن تۆۋەنكى بەيت-ھوروننى بىنا قىلدى؛
18 and Baalath, and Tadmor in the wilderness, in the land,
ئۇ بائالات بىلەن ئۆز زېمىنىدىكى چۆلگە جايلاشقان تادمورنىمۇ يېڭىدىن ياسىدى،
19 and all the store-cities that Solomon had, and the cities for his chariots, and the cities for his horsemen, and that which Solomon desired to build for his pleasure in Jerusalem, and in Lebanon, and in all the land of his dominion.
شۇنداقلا ئۆزىگە خاس ھەممە ئامبار شەھەرلىرىنى، «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»نى، «ئاتلىقلار شەھەرلىرى»نى ۋە يېرۇسالېمدا، لىۋاندا ۋە ئۆزى سورايدىغان بارلىق زېمىندا خالىغىنىنى بىنا قىلدى.
20 All the people that were left of the Amorites, the Hittites, the Perizzites, the Hivites, and the Jebusites, who were not of the children of Israel;
ئىسرائىللاردىن بولمىغان ئامورىيلار، ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلاردىن [ئىسرائىل] زېمىنىدا قېلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى بولسا،
21 even their children that were left after them in the land, whom the children of Israel were not able utterly to destroy, of them did Solomon raise a levy of bondservants, unto this day.
سۇلايمان بۇلارنى، يەنى ئىسرائىللار پۈتۈنلەي يوقىتالمىغان ئەللەرنىڭ قالدۇق ئەۋلادلىرىنى قۇللۇق ھاشارغا تۇتتى. ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق بولۇپ كەلدى.
22 But of the children of Israel did Solomon make no bondservants; but they were the men of war, and his servants, and his princes, and his captains, and rulers of his chariots and of his horsemen.
لېكىن سۇلايمان ئىسرائىللاردىن ھېچكىمنى قۇل قىلماي، بەلكى ئۇلارنى لەشكەر، خىزمەتكار، ھۆكۈمدار-ئەمەلدار، ھارۋا بىلەن ئاتلىقلارنىڭ سەردارلىرى قىلدى.
23 These were the chief officers that were over Solomon's work, five hundred and fifty, who bore rule over the people that wrought in the work.
بۇلاردىن سۇلايماننىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان، يەنى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان چوڭ نازارەتچىلەر بەش يۈز ئەللىك ئىدى.
24 But Pharaoh's daughter came up out of the city of David unto her house which Solomon had built for her; then did he build Millo.
پىرەۋننىڭ قىزى داۋۇتنىڭ شەھىرىدىن كۆچۈپ سۇلايمان ئۇنىڭ ئۈچۈن ياسىغان ئۆيدە ئولتۇرغىنىدا، ئۇ مىللو قەلئەسىنى ياسىدى.
25 And three times in a year did Solomon offer burnt-offerings and peace-offerings upon the altar which he built unto the LORD, offering thereby, upon the altar that was before the LORD. So he finished the house.
سۇلايمان پەرۋەردىگارغا ياسىغان قۇربانگاھدا يىلدا ئۈچ قېتىم كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇناتتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى [خۇشبۇيگاھتا] خۇشبۇي ياقاتتى. شۇ تەرىقىدە ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئىشلىرىنى پۈتكۈزدى.
26 And king Solomon made a navy of ships in Ezion-geber, which is beside Eloth, on the shore of the Red Sea, in the land of Edom.
سۇلايمان پادىشاھ ئېزىئون-گەبەردە بىر تۈركۈم كېمىلەرنى ياسىدى. ئۇ يەر بولسا ئېدوم زېمىنىدا، قىزىل دېڭىز بويىدىكى ئېلوتنىڭ يېنىدا ئىدى.
27 And Hiram sent in the navy his servants, shipmen that had knowledge of the sea, with the servants of Solomon.
ھىرام ئۆز خىزمەتكارلىرى، يەنى دېڭىزچىلىقنى ئوبدان بىلىدىغان نەچچە كېمىچىلەرنى سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىغا قوشۇلۇپ كېمىلەردە ئىشلەشكە ئەۋەتتى.
28 And they came to Ophir, and fetched from thence gold, four hundred and twenty talents, and brought it to king Solomon.
ئۇلار ئوفىرغا بېرىپ، ئۇ يەردىن تۆت يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇننى ئېلىپ كېلىپ، سۇلايمان پادىشاھقا ئاپاردى.

< 1 Kings 9 >