< Acts 28 >

1 AND being safe landed, we then understood that the island was called Melita.
بىز قۇتۇلۇپ ساق-سالامەت قىرغاققا چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئارالنىڭ مالتا دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلدۇق.
2 And the rude people treated us with singular humanity; for, lighting a fire, they received us all, because of the violent rain, and because of the cold.
يەرلىك خەلق بىزگە ئىنتايىن مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى؛ چۈنكى ئۇ چاغدا يامغۇر يېغىپ، ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، ئۇلار گۈلخان يېقىپ بىزنى كۈتۈۋالدى.
3 But as Paul was gathering up a faggot of sticks, and laying them on the fire, there came a viper out of the heat, and fastened on his hand.
پاۋلۇس بىر باغلام ئوتۇن تېرىپ كېلىپ ئوتقا تاشلىۋىدى، ئىسسىقتىن ئېتىلىپ چىققان بىر زەھەرلىك يىلان ئۇنىڭ قولىنى چىشلىگىنىچە چاپلىشىۋالدى.
4 Now when the rude people saw the venomous animal hanging from his hand, they said one to another, Surely this man is a murderer, whom though preserved from the sea, righteous vengeance suffereth not to live.
شۇ يەرلىكلەر پاۋلۇسنىڭ قولىغا يېپىشىپ تۇرغان يىلاننى كۆرۈپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئادەم چوقۇم بىر قاتىل ئىكەن! دېڭىزدىن قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، «ئادىللىق» ئۇنىڭ تىرىك قېلىشىغا يول قويمىدى، ــ دېيىشتى.
5 But he then shaking off the venomous animal into the fire, suffered no manner of inconvenience.
لېكىن پاۋلۇس يىلاننى ئوتنىڭ ئىچىگە سىلكىپ ئاتتى، ئۆزى بولسا ھېچقانداق زەخىم يېمىدى.
6 Now they expected that a violent inflammation would ensue, or that he would have fallen suddenly dead: but when, after waiting a considerable time, they saw no inconvenience arise to him, they changed their opinion, and said that he was a divinity.
خەلق ئۇنىڭغا بەدىنى ئىششىپ كېتىدۇ ياكى ئۇ تۇيۇقسىز يىقىلىپ ئۆلىدۇ دەپ قاراپ تۇراتتى. لېكىن ئۇزۇن ۋاقىت قاراپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق بىنورمال ھالەتنىڭ بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئويلىغىنىدىن يېنىپ: ــ بۇ بىر ئىلاھ بولسا كېرەك! ــ دېيىشتى.
7 Now in the vicinity of that place was the estate of the principal person on the island, named Publius, who received us into his house, and lodged us with great humanity three days.
ئۇ يەرنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتتا، ئارال باشلىقى (پۇبلىيۇس دەپ ئاتالغان)نىڭ بىرنەچچە يەر-ئېتىزلىرى بار ئىدى. ئۇ بىزنى ئۆيىگە باشلاپ، ئۈچ كۈن قىزغىن مېھمان قىلىپ كۈتتى.
8 And it so happened that the father of Publius was then confined to his bed with an attack of fever and dysentery: unto whom Paul went in, and after praying, laid his hands upon him, and healed him.
ئۇ چاغدا شۇنداق بولدىكى، پۇبلىيۇسنىڭ ئاتىسىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، تولغاق بولۇپ يېتىپ قالغانىكەن. پاۋلۇس ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، دۇئا قىلىپ ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزۈپ، ئۇنى ساقايتىپ قويدى.
9 This then being the case, all the rest also who had diseases in the island came to him, and were healed.
شۇنىڭدىن كېيىن ئارالدىكى قالغان كېسەللەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ساقايتىلدى.
10 Then they honoured us with many tokens of respect; and when we were about to sail, laid in for us every necessary store.
ئۇلار بىزنىڭ ھۆرمىتىمىزگە نۇرغۇن سوۋغاتلارنى بېغىشلىغان بولۇپ، ئاخىردا بۇ يەردىن يەنە يولغا چىققان ۋاقتىمىزدا، بىزنى يولغا لازىملىق نەرسە-كېرەكلەر بىلەن تەمىنلىدى.
11 And after three months stay we sailed in a ship which had wintered in the island, from Alexandria, whose sign was Castor and Pollux:
مالتا ئارىلىدا ئىسكەندەرىيەدىن كەلگەن، بېشىغا «ساماۋىي قوشكېزەك» ئىلاھلىرىنىڭ نەقىشلىرى ئويۇلغان بىر كېمە قىشلىغانىدى. ئارالدا ئۈچ ئاي تۇرغاندىن كېيىن، بىز بۇ كېمە بىلەن يولغا چىقتۇق.
12 and proceeding on our voyage to Syracuse, we tarried there three days:
سىراكوزا شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇردۇق.
13 from whence we came round, and arrived opposite to Rhegium; and after one day the south wind arising, we came in two more to Puteoli:
ئاندىن ئايلىنىپ مېڭىپ، [ئىتالىيەدىكى] رېگىيۇم شەھىرىگە كەلدۇق. ئەتىسى شامال يۆنىلىشى ئۆزگىرىپ جەنۇبتىن چىقىشى بىلەن، ئىككىنچى كۈنى پۇتېئولى شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق.
14 where finding brethren, we were solicited by them to tarry seven days; and so we went for Rome.
ئۇ يەردە بىرنەچچە قېرىنداشلارنى تاپتۇق، ئۇلارنىڭ ئۆتۈنۈشلىرى بىلەن بىز ئۇلاردا بىر ھەپتە تۇردۇق. شۇنداق قىلىپ بىز رىم شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق.
15 And the brethren from thence, when they heard of our motions, came out to meet us as far as Appii Forum and the Three Taverns: whom when Paul saw, he gave thanks to God, and felt fresh courage.
كېلىۋاتقانلىقىمىزدىن خەۋەر تاپقان شۇ يەردىكى قېرىنداشلار بىزنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن شەھەردىن چىقىپ ھەتتا «ئاپىيۇس بازىرى»غىچە، [بەزىلىرى] «ئۈچ ساراي»غىچە كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئۇلارنى كۆرگەندە، خۇداغا رەھمەت ئېيتىپ، غەيرەتلەندى.
16 And when we were come to Rome, the centurion delivered the prisoners to the captain of the guard; but he permitted Paul to have an apartment by himself, with a soldier only who guarded him.
رىم شەھىرىگە كىرگىنىمىزدە، يۈزبېشى مەھبۇسلارنى ئوردا قاراۋۇل بېگىگە تاپشۇردى؛ لېكىن پاۋلۇسنىڭ بىرلا كۆزەتكۈچى لەشكەر بىلەن بىر ئۆيدە ئايرىم تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىندى.
17 Now it came to pass that after three days Paul called together the principal persons of the Jews. And when they were assembled, he said unto them, Men and brethren, though I have done nothing contrary to the people and the customs of our ancestors, yet have I been delivered up a prisoner into the hands of the Romans.
ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئۇ ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىنى ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشكە چاقىردى. ئۇلار جەم بولغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: ــ قېرىنداشلار! مەن خەلقىمىزگە ياكى ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالدۇرۇلغان ئۆرپ-ئادەتلەرگە قارشى ھېچقانداق ئىش قىلمىغان بولساممۇ، يېرۇسالېمدا تۇرغىنىمدا تۇتقۇن قىلىنىپ رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدۇم.
18 Who, after a full examination, would have discharged me, because there was not the least cause found in me for death.
رىملىقلار مېنى سوراققا تارتىپ، مەندە ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلغۇدەك بىرەر جىنايەت بولمىغاچقا، مېنى قويۇۋەتمەكچى بولدى.
19 But when the Jews opposed it, I was constrained to appeal unto Caesar; not that I have any accusation to bring against my countrymen.
لېكىن يەھۇدىيلار بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرگەچكە، قەيسەرگە مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. بۇلارنى دېگىنىم بىلەن، بۇ مېنىڭ ئۆز خەلقىم ئۈستىدىن شىكايىتىم بار دېگەنلىكىم ئەمەس.
20 For this cause therefore have I invited you hither, to see and to converse with you; for on account of the hope of Israel am I bound with this chain.
شۇ سەۋەبتىن مەن سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ۋە بۇ ھەقتە سىلەرگە ئېيتىش ئۈچۈن سىلەرنى بۇ يەرگە چاقىردىم. چۈنكى بۇ زەنجىر بىلەن باغلىنىشنىڭ سەۋەبى دەل ئىسرائىلنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىدۇر.
21 Then they said to him, We have neither received letters concerning thee from Judea, nor hath any one of the brethren who is arrived reported or spoken any thing evil of thee.
ئۇلار پاۋلۇسقا: ــ بىز بولساق يەھۇدىيەدىن سەن توغرۇلۇق خەت ئالمىدۇق، ياكى ئۇ يەردىن كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ ھېچقايسىسىمۇ سەن توغرۇلۇق بىرەر يامان خەۋەر ئەكەلمىدى ياكى يامان گېپىڭنى قىلمىدى.
22 But we think it highly proper to hear from thee what thy sentiments are; for indeed as to this sect, it is well known to us that everywhere it meets with opposition.
لېكىن سېنىڭ پىكىرلىرىڭنى ئاڭلىغۇمىز بار. چۈنكى ھەممە يەردە كىشىلەرنىڭ [سەن تەۋە بولغان] بۇ مەزھەپكە قارشى سۆزلەۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار! ــ دېيىشتى.
23 Then having fixed a day with him, still more of them came to him at his lodging, to whom bearing his testimony, he set forth the kingdom of God, and persuaded them of the things relating to Jesus, both out of the law of Moses and the prophets, from morning until evening:
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاۋلۇس بىلەن كۆرۈشۈشكە بىر كۈننى بېكىتتى. ئۇ كۈنى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ تۇرالغۇسىغا كەلگەنىدى؛ ئۇ تاڭ ئاتقاندىن كەچكىچە ئۇلارغا [سۆز-كالامنى] شەرھلەپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە تولۇق گۇۋاھلىق بېرىپ، تەۋرات ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئەيسا توغرۇلۇق قايىل قىلىشقا كۈچىدى.
24 and some were convinced by the things which were spoken, but others continued in their unbelief.
ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بەزىلەر ئىشەندۈرۈلدى، بەزىلەر ئىشىنىشنى رەت قىلدى.
25 So being divided in sentiment among themselves, they broke up, Paul adding one word, That well had the Holy Ghost spoken by Isaiah the prophet unto our fathers,
ئۇلار پاۋلۇسنىڭ مۇنداق بىر سۆزنى قىلىشى بىلەن ئۆزئارا كېلىشەلمەي قايتىپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ــ مۇقەددەس روھ يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا مۇنۇ سۆزنى دەل جايىدا ئېيتقان:
26 saying, Go to this people, and say, “In hearing ye shall hear, and shall not understand; and seeing ye shall see, yet in nowise perceive.
ــ «بارغىن؛ مۇشۇ خەلققە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: ــ «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛ كۆرۈشنى كۆرۈسىلەر، بىراق بىلىپ يەتمەيسىلەر.
27 For the heart of this people is waxed gross, and with their ears they are thick of hearing, and their eyes have they shut; lest at any time they should see with their eyes, and hear with their ears, and understand with their hearts, and become converts, and I should heal them.”
چۈنكى مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى ماي قاپلاپ كەتكەن، ئۇلار ئاڭلىغاندا قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلىۋالغان، ئۇلار كۆزلىرىنى يۇمۇۋالغان؛ ئۇنداق بولمىسىدى، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ، قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ، كۆڭلى بىلەن چۈشىنىپ، ئۆز يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم»».
28 Be it known therefore unto you, that to the Gentiles is the salvation of God sent, and they will hear.
شۇڭا بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدانىڭ بۇ نىجاتلىقى يات ئەللىكلەرگە ئەۋەتىلىۋاتىدۇ. ئۇلار بولسا ئۇنىڭغا قۇلاق سالماي قالمايدۇ! ــ دېدى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا يەھۇدىيلار ئۆز-ئارا قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىشىپ كەتتى.
29 And when he had thus spoken, the Jews went away, and had much disputing among themselves.
30 But Paul abode two whole years in his own hired apartment, and received all who came to him,
[پاۋلۇس] ئۆزى ئىجارىگە ئالغان ئۆيدە تولۇق ئىككى يىل تۇردى ۋە بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كەلگەن ھەممە كىشىلەرنى قوبۇل قىلىپ،
31 preaching the kingdom of God, and teaching the things which concern the Lord Jesus Christ with all freedom of discourse, and without the least interruption.
تولىمۇ يۈرەكلىك بىلەن ھەم ھېچ توسالغۇغا ئۇچرىماي، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جار قىلىپ، رەب ئەيسا مەسىھكە دائىر ھەقىقەتلەرنى يەتكۈزۈپ تەلىم بەردى.

< Acts 28 >