< Acts 17 >

1 SO journeying through Amphipolis and Apollonia, they came to Thessalonica, where there was a synagogue of Jews:
ئۇلار سەپىرىنى داۋام قىلىپ ئامفىپولىس ۋە ئاپوللونىيا شەھەرلىرىدىن ئۆتۈپ، تېسالونىكا شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگى بار ئىدى.
2 And Paul, according to his usual custom, went in to them, and for three sabbaths he reasoned with them from the scriptures,
پاۋلۇس ئادىتى بويىچە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، ئۇدا ئۈچ شابات كۈنى ئۇ يەردە جەم بولغانلار بىلەن مۇقەددەس يازمىلارنى شەرھلەپ مۇنازىرىلىشىپ،
3 opening them clearly, and laying it evidently down that the Messiah must suffer, and rise again from the dead; and that this man is the Messiah, even Jesus, whom I preach unto you.
ئۇلارغا مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلەر تارتقاندىن كېيىن ئۆلۈمدىن تىرىلىشى مۇقەررەر دەپ چۈشەندۈردى ھەم ئىسپاتلىدى ۋە: ــ مەن سىلەرگە جاكارلىغان مۇشۇ ئەيسا دەل مەسىھنىڭ ئۆزى شۇ! ــ دېدى.
4 And some of them believed, and associated themselves with Paul and Silas; and of the religious Greeks a vast multitude, and of the wives of the first people not a few.
[يەھۇدىيلارنىڭ] ئىچىدىن بەزىلەر قايىل بولۇپ ئىشىنىپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسقا قوشۇلدى؛ شۇنداقلا خۇدادىن قورقىدىغان گرېكلەردىن زور بىر توپ ئادەملەر ۋە ئاز بولمىغان يۇقىرى تەبىقىدىكى گرېك ئاياللارمۇ شۇنداق ئىشەندى.
5 But the unbelieving Jews, roused to a fit of zeal, and taking some of the lowest vulgar men of vile characters, and raising a mob, set the city in an uproar, and besetting the house of Jason, sought them to bring them unto the people.
بىراق يەھۇدىيلار بۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ، بىرنەچچە قەبىھ ئادەملەرنى يىغىپ، بىر توپ كىشىلەرنى توپلاپ، شەھەرنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. يەھۇدىيلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى شەھەر خەلق [كېڭەشمىسىگە] تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنى تۇتۇش مەقسىتىدە ياسون ئىسىملىك بىرسىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ باردى.
6 But not finding them there, they dragged Jason and certain brethren to the city magistrates, roaring out, These are the men who are movers of sedition through the world, and are come in hither;
لېكىن ئۇلار ئىككىيلەننى تاپالماي ئۇلار ياسون ۋە باشقا بىرنەچچە قېرىشداشنى شەھەر ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا تارتىپ ئاپىرىپ: ــ ھەممە جايلاردا ئالەمنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن ئاشۇ ئادەملەر مۇشۇ يەرگىمۇ يېتىپ كەلدى؛
7 whom Jason has entertained in his house: and the practice of all these fellows is in direct opposition to all Caesar’s ordinances, for they affirm that another is king, one Jesus.
ياسون ئۇلارنى ئۆيىدە قوبۇل قىلدى. ئۇلار ئەيسا ئىسىملىك باشقا بىر پادىشاھ بار دەپ جاكارلاپ، قەيسەرنىڭ پەرمانلىرىغا قارشى چىقىۋاتىدۇ! ــ دەپ چۇقان سېلىشتى.
8 And they greatly agitated the people and the city magistrates when they heard these things.
ئۇلار بۇ سۆزلەر بىلەن خالايىقنى ۋە شەھەر ئەمەلدارلىرىنى دەككە-دۈككىگە سېلىپ قويدى.
9 So after taking sufficient security from Jason and the rest, they dismissed them.
ئەمەلدارلار ياسون ۋە باشقا تۇتۇپ كېلىنگەنلەردىن كاپالەت پۇلى ئالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى قويۇۋەتتى.
10 Then the disciples immediately by night sent off both Paul and Silas to Berea; who were no sooner arrived, than they went into the synagogue of the Jews.
قېرىنداشلار ھايال بولماي پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى شۇ كۈنى كېچىدە بېرىيا شەھىرىگە ئەۋەتىۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىردى.
11 Now these were more liberally minded men than those of Thessalonica, for they received the word with all readiness of mind, daily, examining the Scriptures if these things were really so.
ئۇ يەردىكى [سىناگوگدىكىلەر] تېسالونىكادىكىلەرگە قارىغاندا ئېسىل خىسلەتلىك بولۇپ، سۆز-كالامنى قىزىقىپ ئاڭلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئېنىقالاپ بىلىش ئۈچۈن، ھەركۈنى مۇقەددەس يازمىلارنى قېتىرقىنىپ ئىزلەندى.
12 Then many of them truly believed: and of the Grecian proselyte women of respectability, and of the men not a few.
نەتىجىدە، ئۇلاردىن نۇرغۇن يەھۇدىيلار، ئېسىلزادە گرېك ئاياللاردىن بىر قىسمى ۋە شۇنداقلا خېلى كۆپ گرېك ئەرلەر ئېتىقاد قىلدى.
13 But when the Jews of Thessalonica knew that at Berea also the word of God was preached by Paul, they came thither, and stirred up the populace.
لېكىن تېسالونىكادىكى يەھۇدىيلار خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ پاۋلۇس ئارقىلىق بېرىيادىمۇ جاكارلىنىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگىمۇ بېرىپ توپىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولۇپ، ئاممىنى قۇتراتتى.
14 Then immediately on this the brethren sent off Paul, to go as if by sea: but Silas and Timothy abode there still.
شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلار پاۋلۇسنى دەرھال دېڭىز بويىغا ئەۋەتىۋەتتى. سىلاس بىلەن تىموتىي بولسا بېرىيادا قالدى.
15 And those who conduced Paul brought him as far as Athens, and receiving an injunction for Silas and Timothy that they should come to him as speedily as possible, they departed.
پاۋلۇسنى ئۇزىتىپ ماڭغانلار ئۇنى ئافىنا شەھىرىگىچە ئېلىپ باردى. ئاندىن ئۇلار پاۋلۇسنىڭ: ــ «سىلەر سىلاس بىلەن تىموتىيغا مۇمكىنقەدەر مېنىڭ يېنىمغا تېزراق كەلسۇن دەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭلار» دېگەن تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ، [بېرىياغا] قايتىپ كەلدى.
16 Now while Paul waited for them at Athens, his spirit within him was greatly grieved, beholding the city so devoted to idolatry.
پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدە سىلاس بىلەن تىموتىينى كۈتۈپ تۇرغاندا، پۈتكۈل شەھەردىكىلەرنىڭ بۇتپەرەسلىككە بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، روھى قاتتىق ئازابلاندى.
17 Therefore he reasoned in the synagogue with the Jews, and those who worshipped there, and in the forum every day with those he happened to meet.
شۇڭا ئۇ سىناگوگدا يەھۇدىيلار ۋە خۇدادىن قورقىدىغانلار بىلەن ھەم شۇنىڭدەك ھەركۈنى بازاردا ئۇچرىغانلا كىشىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشەتتى.
18 Then certain of the Epicurean and Stoic philosophers attacked him: and some said, What will this chattering fellow say? but others, He seemeth to be a preacher of foreign deities, because he preached to them Jesus and the resurrection.
«ئېپىكۇرلار» ۋە «ستوئىكلار» دەپ ئاتالغان بەزى پەيلاسوپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. ئۇلاردىن بەزىلەر: ــ بۇ بىلەرمەن پوچى نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىدۇ؟ ــ دېيىشتى. يەنە بەزىلەر پاۋلۇسنىڭ ئەيسا ۋە ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىغانلىقىدىن: ــ ئۇ يات ئىلاھلارنىڭ تەرغىباتچىسى ئوخشايدۇ! ــ دېيىشتى.
19 So they took him and led him to the hill of Mars, saying, May we know what this novel doctrine taught by thee is?
شۇڭا، ئۇلار پاۋلۇسنى ئېلىپ «ئارېئوپاگۇس» دېگەن [كېڭەش] مەيدانىغا ئاپىرىپ: ــ سەن تارقىتىۋاتقان يېڭى تەلىمىڭنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىزمۇ بىلسەك قانداق؟
20 For thou bringest some strange stories to our ears; we wish therefore to know what these things mean.
چۈنكى سەن بەزى غەيرىي ئىشلارنى قۇلىقىمىزغا يەتكۈزۈۋاتىسەن، بىز ئۇلارنىڭ مەنىسى زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگۈمىز بار، ــ دېيىشتى
21 Now all the Athenians and the strangers who come to sojourn there, take pleasure in spending their time in nothing else but in talking, or hearing of some novelty.
(ئەمدى ئافىنالىقلار ۋە ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭ ھەممىسى ۋاقتىنى بىرەر يېڭىلىقنى يەتكۈزۈش ياكى ئاڭلاشتىن باشقا ئىشقا سەرپ قىلمايتتى).
22 Then Paul standing in the midst of the Areopagus said, Ye men of Athens, I observe that in all things ye are too much devoted to the worship of daemons.
شۇڭا پاۋلۇس ئارېئوپاگۇس مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىپ مۇنداق دېدى: ئەي ئافىنا خەلقى! سىلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن جىن-ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا قاتتاق بېرىلگەنلىكىڭلارنى كۆردۇم.
23 For as I walked about, and attentively viewed the objects of your worship, I found even an altar on which was this inscription, TO THE UNKNOWN GOD. Whom therefore you in ignorance adore, him I preach unto you.
چۈنكى ھەممە يەرنى ئارىلاپ، سىلەرنىڭ تاۋاپگاھلىرىڭلارنى كۆزدىن كەچۈرگىنىمدە، ئۈستىگە «نامەلۇم بىر خۇداغا ئاتالغان» دەپ پۈتۈلگەن بېغىشلىمىسى بار يەنە بىر قۇربانگاھنى كۆردۈم. ئەمدى مەن سىلەر تونۇماي تۇرۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان شۇ [خۇدانى] مانا ھازىر سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ جاكارلاي.
24 The God who created the world, and all things in it, he that is Lord of heaven and earth, dwelleth not in temples of man’s construction;
پۈتكۈل ئالەمنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدا ئاسمان-زېمىننىڭ ئىگىسى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن ياسالغان ئىبادەتخانىلاردا تۇرمايدۇ،
25 nor is he served by human hands, as if he needed any creature, himself imparting to all beings life, and breath, and all things.
ياكى بىرەر نەرسىگە ھاجىتى چۈشكەندەك ئىنسانلارنىڭ قوللىرىنىڭ ئەجرىگە موھتاج ئەمەستۇر، چۈنكى ئۇ ئۆزى ھەممە جانىۋارغا ھاياتلىق، نەپەس، شۇنداقلا [ئېھتىياجلىق بولغان] ھەممە نەرسىنى ئاتا قىلىدۇ.
26 And hath made from one man’s blood all the nations of mankind, to dwell upon the whole face of the earth, fixing the predetermined periods of their existence, and the boundaries of their several abodes;
ئۇ بىرلا ئادەمدىن ئىنسانىيەتتىكى بارلىق مىللەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا خاس بولغان پەيت-پەسىللەر ھەمدە تۇرىدىغان جايلىرىنىڭ پاسىللىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ بەردى.
27 that they should seek the Lord, if indeed they might haply grope him out, and find him, though truly he is not far from any individual of us:
بۇلارنىڭ مەقسىتى «ئىنسانلار مېنى ئىزدىسۇن، بەلكىم سىلاشتۇرۇپ تاپسۇن» دېگەنلىكتۇر. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ھېچقايسىمىزدىن يىراق ئەمەس.
28 for from him we derive life, and power of motion, and existence; as also some of your own poets have said, “For we are even his offspring.”
چۈنكى بىز ئۇنىڭدا ياشايمىز، ھەرىكەت قىلىمىز ۋە ئۇنىڭدا ۋۇجۇدىمىز باردۇر؛ ئاراڭلاردىكى بەزى شائىرلار ئېيتقىنىدەك: «بىز ئۇنىڭ نەسلىدۇرمىز!».
29 Being then the offspring of God, we ought not to imagine that the Divinity is like to gold, or silver, or stone sculptured by human art or contrivance.
شۇڭا، خۇدانىڭ نەسلى بولغاچقا، بىز تەڭرى بولغۇچىنى ئالتۇن-كۈمۈش ياكى تاشتىن ياسالغان، ھۈنەرۋەننىڭ ماھارىتى ۋە تەسەۋۋۇرى بىلەن ئويۇلغان بىرەر نەرسىگە ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك.
30 These times indeed of ignorance God then overlooked; but he now commands all men in every place to repent:
شۇڭا خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردىكىلەرنىڭ شۇنداق غەپلەتلىك ۋاقىتلىرىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلغىنى بىلەن، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ھەممىلا يەردە پۈتۈن ئىنسانلارنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشقا ئەمر قىلماقتا!
31 because he hath fixed the day in which he will judge the whole world in righteousness by the man whom he hath appointed; affording evidence of this to all, by raising him from the dead.
چۈنكى ئۇ ئۆزى تىكلىگەن ئىنسان ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنيانى ھەققانىيلىق بىلەن سوراق قىلىدىغان بىر كۈنىنى بەلگىلىدى؛ ئۇ ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكى بىلەن بۇ ئىشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىگە ئىسپات بەرگەنىدى.
32 But when they heard of the resurrection from the dead, Some scoffed: and others said, We will hear thee again on this subject.
[پاۋلۇسنىڭ] «ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى» ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىغاندا بەزىلەر ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا باشلىدى. يەنە بەزىلەر: ــ بۇ ئىش ھەققىدە سەندىن يەنە ئاڭلايلى، ــ دېدى.
33 And so Paul departed from the midst of them.
بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس مەيداندىن چىقىپ كەتتى.
34 But certain persons cleaving to him, believed: among whom was even Dionysius the Areopagite, and a woman named Damaris, and others with them.
بىراق بەزىلەر ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ئېتىقاد قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە «ئارېئوپاگۇس» كېڭەشمە ھەيئەتلىرىدىن بىرى بولغان دىيونىسىيۇس ۋە دامارىس ئىسىملىك بىر ئايال، شۇنىڭدەك باشقا بىرقانچە كىشىمۇ بار ئىدى.

< Acts 17 >