< Matthew 22 >

1 Then Iesus answered, and spake vnto them againe in parables, saying,
ئەيسا ئۇلارغا يەنە تەمسىللەر بىلەن مۇنداق دېدى:
2 The kingdome of heauen is like vnto a certaine King which maried his sonne,
ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى ئۆز ئوغلى ئۈچۈن توي زىياپىتىنى تەييارلىغان بىر پادىشاھقا ئوخشايدۇ.
3 And sent foorth his seruants, to call them that were bidde to the wedding, but they woulde not come.
ئۇ چاكارلىرىنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىنغانلارنى چاقىرىشقا ئەۋەتىپتۇ، لېكىن ئۇلار كېلىشكە ئۇنىماپتۇ.
4 Againe hee sent foorth other seruants, saying. Tell them which are bidden, Beholde, I haue prepared my dinner: mine oxen and my fatlings are killed, and all thinges are readie: come vnto the mariage.
ئۇ يەنە باشقا چاكارلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا تاپىلاپ: «چاقىرىلغانلارغا: ــ مانا، مەن زىياپىتىمنى تەييار قىلدىم؛ مېنىڭ تورپاقلىرىم، بورداق ماللىرىم سويۇلدى، ھەممە نەرسە تەييار. زىياپەتكە مەرھەمەت قىلغاي، دەيدۇ، دەپ ئېيتىڭلار، ــ دەپتۇ.
5 But they made light of it, and went their wayes, one to his farme, and another about his marchandise.
بىراق ئۇلار تەكلىپىنى ئېتىبارغا ئالماي، بىرسى ئېتىزلىقىغا كەتسە، يەنە بىرى سودىسىغا كېتىپتۇ.
6 And the remnant tooke his seruants, and intreated them sharpely, and slewe them.
قالغانلىرى بولسا [پادىشاھنىڭ] چاكارلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، خورلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ.
7 But when the King heard it, he was wroth, and sent foorth his warriers, and destroyed those murtherers, and burnt vp their citie.
پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئەسكەرلىرىنى چىقىرىپ، ئۇ قاتىللارنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ شەھىرىگە ئوت قويۇۋېتىپتۇ.
8 Then saide hee to his seruants, Truely the wedding is prepared: but they which were bidden, were not worthy.
ئاندىن ئۇ چاكارلىرىغا: «توي زىياپىتى تەييار بولدى، لېكىن چاقىرىلغانلار [مېھمانلىققا] مۇناسىپ كەلمىدى.
9 Go ye therefore out into the high wayes, and as many as ye finde, bid them to the mariage.
ئەمدى سىلەر ئاچا يوللارغا بېرىپ، ئۇدۇل كەلگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىڭلار» دەپتۇ.
10 So those seruantes went out into the hie wayes, and gathered together all that euer they found, both good and bad: so the wedding was furnished with ghestes.
بۇنىڭ بىلەن چاكارلار يوللارغا چىقىپ، ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، ئۇدۇل كەلگەنلىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئەكەپتۇ. توي سورۇنى مېھمانلار بىلەن لىق تولۇپتۇ.
11 Then the King came in, to see the ghestes, and sawe there a man which had not on a wedding garment.
پادىشاھ مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكىلى كىرگەندە، ئۇ يەردە زىياپەت كىيىمى كىيمىگەن بىر كىشىنى كۆرۈپتۇ.
12 And he sayd vnto him, Friend, how camest thou in hither, and hast not on a wedding garment? And he was speachlesse.
پادىشاھ ئۇنىڭدىن: «بۇرادەر، زىياپەت كىيىمى كىيمەي، بۇ يەرگە قانداق كىردىڭ؟» دەپ سوراپتۇ، بىراق ئۇ كىشى جاۋاب بېرەلمەي قاپتۇ.
13 Then sayd the King to the seruants, Binde him hand and foote: take him away, and cast him into vtter darkenes: there shalbe weeping and gnashing of teeth.
پادىشاھ چاكارلىرىغا: «ئۇنى پۇت-قوللىرىدىن باغلاپ، تېشىدىكى قاراڭغۇلۇققا ئاچىقىپ تاشلاڭلار! ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ» دەپتۇ.
14 For many are called, but fewe chosen.
چۈنكى چاقىرىلغانلار كۆپ، لېكىن تاللانغانلار ئازدۇر.
15 Then went the Pharises and tooke counsell how they might tangle him in talke.
بۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەر ئۇ يەردىن چىقىپ، قانداق قىلىپ ئۇنى ئۆز سۆزى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈش ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى.
16 And they sent vnto him their disciples with the Herodians, saying, Master, we knowe that thou art true, and teachest the way of God truely, neither carest for any man: for thou considerest not the person of men.
ئۇلار مۇخلىسلىرىنى ھېرودنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن بىللە ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ: ــ ئۇستاز، سىلىنى سەمىمىي ئادەم، كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتىدۇ ۋە ئادەملەرگە قەتئىي يۈز-خاتىرە قىلماي ھېچكىمگە يان باسمايدۇ، دەپ بىلىمىز.
17 Tell vs therefore, how thinkest thou? Is it lawfull to giue tribute vnto Cesar, or not?
قېنى، قانداق ئويلايلا؟ [رىم ئىمپېراتورى] قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟ ــ دېيىشتى.
18 But Iesus perceiued their wickednes, and sayd, Why tempt ye me, ye hypocrites?
لېكىن ئەيسا ئۇلارنىڭ رەزىل نىيىتىنى بىلىپ: ــ ئەي ساختىپەزلەر، مېنى نېمىشقا سىنىماقچىسىلەر؟
19 Shewe me the tribute money. And they brought him a peny.
قېنى، باجغا تاپشۇرۇلىدىغان بىر تەڭگە ماڭا كۆرسىتىڭلار، ــ دېدى. ئۇلار بىر دىنار پۇلىنى ئەكەلدى.
20 And he sayde vnto them, Whose is this image and superscription?
ئۇ ئۇلاردىن: ــ بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە نام-ئىسىم كىمنىڭ؟ ــ دەپ سورىدى.
21 They sayd vnto him, Cesars. Then sayd he vnto them, Giue therefore to Cesar, the things which are Cesars, and giue vnto God, those things which are Gods.
قەيسەرنىڭ، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، ــ دېدى.
22 And when they heard it, they marueiled, and left him, and went their way.
ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ھەيران بولۇپ قېلىشتى-دە، ئۇنىڭ يېنىدىن كېتىپ قالدى.
23 The same day the Sadduces came to him (which say that there is no resurrection) and asked him,
شۇ كۈنى، «ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەيدىغان سادۇقىيلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ قىستاپ سوئال قويدى:
24 Saying, Master, Moses sayd, If a man die, hauing no children, his brother shall marie his wife by the right of alliance, and raise vp seede vnto his brother.
ــ ئۇستاز، مۇسا [پەيغەمبەر تەۋراتتا]: «بىر كىشى پەرزەنتسىز ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ تاپىلىغان.
25 Nowe there were with vs seuen brethren, and the first maried a wife, and deceased: and hauing none yssue, left his wife vnto his brother.
بۇرۇن ئارىمىزدا يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى. پەرزەنت كۆرمىگەنلىكتىن، ئايالىنى ئىككىنچى قېرىندىشىنىڭ ئەمرىگە قالدۇردى.
26 Likewise also the second, and the third, vnto the seuenth.
بىراق ئىككىنچىسىدىكى ئەھۋالمۇ ئۇنىڭكىگە ئوخشاش بولدى، ئاندىن بۇ ئىش ئۈچىنچىسىدە تاكى يەتتىنچى قېرىنداشقىچە ئوخشاش داۋاملاشتى.
27 And last of all the woman died also.
ئاخىردا، ئۇ ئايالمۇ ئۆلۈپ كەتتى.
28 Therefore in the resurrection, whose wife shall she be of the seuen? for all had her.
ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە بۇ ئايال يەتتە ئاكا-ئۇكىنىڭ قايسىسىنىڭ ئايالى بولىدۇ؟ چۈنكى ئۇنى ھەممىسى ئەمرىگە ئالغان-دە!
29 Then Iesus answered, and sayd vnto them, Ye are deceiued, not knowing the Scriptures, nor the power of God.
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ سىلەر نە مۇقەددەس يازمىلارنى نە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئازغانسىلەر.
30 For in the resurrection they neither marie wiues, nor wiues are bestowed in mariage, but are as the Angels of God in heauen.
چۈنكى ئۆلۈمدىن تىرىلگەندە ئىنسانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ، بەلكى خۇدانىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرىگە ئوخشاش بولىدۇ.
31 And concerning the resurrection of the dead, haue ye not read what is spoken vuto you of God, saying,
ئەمدى ئۆلۈمدىن تىرىلىش مەسىلىسى ھەققىدە خۇدانىڭ سىلەرگە ئېيتقان:
32 I am the God of Abraham, and the God of Isaac, and the God of Iacob? God is not the God of the dead, but of the liuing.
«مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن!» دېگەن شۇ سۆزىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ خۇدا ئۆلۈكلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر!».
33 And when the multitude heard it, they were astonied at his doctrine.
بۇ سۆزنى ئاڭلىغان خەلق ئۇنىڭ تەلىمىدىن ھەيرانۇھەس قېلىشتى.
34 But when the Pharises had heard, that he had put the Sadduces to silence, they assembled together.
پەرىسىيلەر ئۇنىڭ سادۇقىيلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر يەرگە جەم بولۇشتى.
35 And one of them, which was an expounder of the Lawe, asked him a question, tempting him, and saying,
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تەۋرات-قانۇن ئۇستازى ئۇنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن:
36 Master, which is ye great commandement in the Lawe?
ــ ئۇستاز، تەۋرات قانۇنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەمر قايسى؟ ــ دەپ قىستاپ سورىدى.
37 Iesus sayd to him, Thou shalt loue the Lord thy God with all thine heart, with all thy soule, and with all thy minde.
ئۇ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن»
38 This is the first and the great commandement.
ــ ئەڭ ئۇلۇغ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەمر مانا شۇ.
39 And the second is like vnto this, Thou shalt loue thy neighbour as thy selfe.
ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىككىنچى ئەمر بولسا «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي».
40 On these two commandements hangeth the whole Lawe, and the Prophets.
پۈتۈن تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرى بۇ ئىككى ئەمرگە ئېسىلغان ھالدا ماڭىدۇ.
41 While the Pharises were gathered together, Iesus asked them,
پەرىسىيلەر جەم بولۇپ تۇرغان ۋاقىتتا، ئەيسا ئۇلاردىن:
42 Saying, What thinke ye of Christ? whose sonne is he? They sayd vnto him, Dauids.
ــ مەسىھ توغرىسىدا قانداق ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ كىمنىڭ ئوغلى؟ ــ دەپ سورىدى. داۋۇتنىڭ ئوغلى، ــ دېيىشتى ئۇلار.
43 He sayd vnto them, How then doeth Dauid in spirit call him Lord, saying,
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن [زەبۇردا] داۋۇت مەسىھنى روھتا «رەببىم» دەپ ئاتاپ، ــ
44 The Lord sayd to my Lord, Sit at my right hand, till I make thine enemies thy footestoole?
«پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە، ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!» ــ دەيدۇ؟
45 If then Dauid call him Lord, howe is he his sonne?
داۋۇت [مەسىھنى] شۇنداق «رەببىم» دەپ ئاتىغان تۇرسا، ئەمدى مەسىھ قانداقمۇ داۋۇتنىڭ ئوغلى بولىدۇ؟
46 And none could answere him a worde, neither durst any from that day foorth aske him any moe questions.
ۋە ھېچكىم ئۇنىڭغا جاۋابەن بىر ئېغىزمۇ سۆز قايتۇرالمىدى؛ شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، ھېچكىم ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى.

< Matthew 22 >