< Job 27 >

1 Moreouer Iob proceeded and continued his parable, saying,
ئايۇپ بايانىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ
2 The liuing God hath taken away my iudgement: for the Almightie hath put my soule in bitternesse.
«مېنىڭ ھەققىمنى تارتىۋالغان تەڭرىنىڭ ھاياتى بىلەن، جېنىمنى ئاغرىتقان ھەممىگە قادىرنىڭ ھەققى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
3 Yet so long as my breath is in me, and the Spirit of God in my nostrels,
تېنىمدە نەپەس بولسىلا، تەڭرىنىڭ بەرگەن روھى دىمىغىمدا تۇرسىلا،
4 My lips surely shall speake no wickednesse, and my tongue shall vtter no deceite.
لەۋلىرىمدىن ھەققانىيسىز سۆزلەر چىقمايدۇ، تىلىم ئالدامچىلىق بىلەن ھېچ شىۋىرلىمايدۇ!
5 God forbid, that I should iustifie you: vntill I dye, I will neuer take away mine innocencie from my selfe.
سىلەرنىڭكىنى توغرا دېيىش مەندىن يىراق تۇرسۇن! جېنىم چىققانغا قەدەر دۇرۇسلۇقۇمنى ئۆزۈمدىن ئايرىمايمەن!
6 I will keepe my righteousnesse, and wil not forsake it: mine heart shall not reprooue me of my dayes.
ئادىللىقىمنى چىڭ تۇتۇۋېرىمەن، ئۇنى قويۇپ بەرمەيمەن، ۋىجدانىم ياشىغان ھېچبىر كۈنۈمدە مېنى ئەيىبلىمىسۇن!
7 Mine enemie shall be as the wicked, and he that riseth against me, as the vnrighteous.
مېنىڭ دۈشمىنىم رەزىللەرگە ئوخشاش بولسۇن، ماڭا قارشى چىققانلار ھەققانىيسىز دەپ قارالسۇن.
8 For what hope hath the hypocrite when he hath heaped vp riches, if God take away his soule?
چۈنكى تەڭرى ئىپلاس ئادەمنى ئۈزۈپ تاشلىغاندا، ئۇنىڭ جېنىنى ئالغاندا، ئۇنىڭ يەنە نېمە ئۈمىدى قالار؟
9 Will God heare his cry, when trouble commeth vpon him?
بالايىئاپەت ئۇنى بېسىپ چۈشكەندە، تەڭرى ئۇنىڭ نالە-پەريادىنى ئاڭلامدۇ؟
10 Will he set his delight on the Almightie? will he call vpon God at all times?
ئۇ ھەممىگە قادىردىن سۆيۈنەمدۇ؟ ئۇ ھەردائىم تەڭرىگە ئىلتىجا قىلالامدۇ؟
11 I will teache you what is in the hande of God, and I wil not conceale that which is with the Almightie.
مەن تەڭرىنىڭ قولىنىڭ قىلغانلىرى توغرىسىدا سىلەرگە مەلۇمات بېرەي؛ ھەممىگە قادىردا نېمە بارلىقىنى يوشۇرۇپ يۈرمەيمەن.
12 Beholde, all ye your selues haue seene it: why then doe you thus vanish in vanitie?
مانا سىلەر ئاللىبۇرۇن بۇلارنى كۆرۈپ چىقتىڭلار؛ سىلەر نېمىشقا ئاشۇنداق پۈتۈنلەي قۇرۇق خىياللىق بولۇپ قالدىڭلار؟
13 This is the portion of a wicked man with God, and the heritage of tyrants, which they shall receiue of the Almightie.
رەزىل ئادەملەرنىڭ تەڭرى بېكىتكەن ئاقىۋىتى شۇنداقكى، زوراۋانلارنىڭ ھەممىگە قادىردىن ئالىدىغان نېسىۋىسى شۇنداقكى: ــ
14 If his children be in great nomber, the sworde shall destroy them, and his posteritie shall not be satisfied with bread.
ئۇنىڭ بالىلىرى كۆپەيسە، قىلىچلىنىش ئۈچۈنلا كۆپىيىدۇ؛ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نېنى يېتىشمەيدۇ.
15 His remnant shall be buried in death, and his widowes shall not weepe.
ئۇنىڭ ئۆزىدىن كېيىن قالغان ئادەملىرى ئۆلۈم بىلەن بىۋاسىتە دەپنە قىلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قالغان تۇل خوتۇنلىرى ماتەم تۇتمايدۇ.
16 Though he shoulde heape vp siluer as the dust, and prepare rayment as the clay,
ئۇ كۈمۈشلەرنى توپا-چاڭدەك يىغىپ دۆۋىلىسىمۇ، كىيىم-كېچەكلەرنى لايدەك كۆپ يىغسىمۇ،
17 He may prepare it, but the iust shall put it on, and the innocent shall deuide the siluer.
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەييارلىسىمۇ، بىراق كىيىملەرنى ھەققانىيلار كىيىدۇ؛ بىگۇناھلارمۇ كۈمۈشلەرنى بۆلۈشىدۇ.
18 He buildeth his house as the moth, and as a lodge that the watchman maketh.
ئۇنىڭ ياسىغان ئۆيى پەرۋانىنىڭ غوزىسىدەك، ئۈزۈمزارنىڭ كۆزەتچىسى ئۆزىگە سالغان كەپىدەك بوش بولىدۇ.
19 When the rich man sleepeth, he shall not be gathered to his fathers: they opened their eyes, and he was gone.
ئۇ باي بولۇپ يېتىپ دەم ئالغىنى بىلەن، بىراق ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كېلىدۇكى، كۆزىنى ئاچقاندا، ئەمدى تۈگەشتىم دەيدۇ.
20 Terrours shall take him as waters, and a tempest shall cary him away by night.
ۋەھىمىلەر كەلكۈندەك بېشىغا كېلىدۇ؛ كەچتە قارا قۇيۇن ئۇنى چاڭگىلىغا ئالىدۇ.
21 The East winde shall take him away, and he shall depart: and it shall hurle him out of his place.
شەرق شامىلى ئۇنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ؛ شىددەت بىلەن ئۇنى ئورنىدىن ئېلىپ يىراققا ئېتىپ تاشلايدۇ.
22 And God shall cast vpon him and not spare, though he would faine flee out of his hand.
بوران ئۇنى ھېچ ئايىماي، بېشىغا ئۇرۇلىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھە دەپ ئۇرۇنىدۇ؛
23 Euery man shall clap their hands at him, and hisse at him out of their place.
بىراق [شامال] ئۇنىڭغا قاراپ چاۋاك چالىدۇ، ئۇنى ئورنىدىن «ئۇش-ئۇش» قىلىپ قوغلىۋېتىدۇ».

< Job 27 >