< Jeremiah 20 >

1 When Pashur, the sonne of Immer, the Priest, which was appointed gouernour in the house of the Lord, heard that Ieremiah prophecied these things,
ئەمدى ئىممەرنىڭ ئوغلى، كاھىن پاشخۇر ــ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە «ئامانلىق ساقلاش بېگى»مۇ ئىدى، يەرەمىيانىڭ بۇ بېشارەتلەرنى بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدى.
2 Then Pashur smote Ieremiah the Prophet, and put him in the stockes that were in the hie gate of Beniamin which was by the House of the Lord.
پاشخۇر يەرەمىيا پەيغەمبەرنى ئۇرغۇزدى ۋە ئۇنىڭ پۇتىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى «بىنيامىننىڭ يۇقىرى دەرۋازىسى»نىڭ يېنىدىكى تاقاققا سالدى.
3 And on the morning, Pashur brought Ieremiah out of the stockes. Then said Ieremiah vnto him, The Lord hath not called thy name Pashur, but Magor-missabib.
ئىككىنچى كۈنى، پاشخۇر يەرەمىيانى تاقاقتىن بوشاتتى؛ يەرەمىيا ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار ئىسمىڭنى پاشخۇر ئەمەس، بەلكى «ماگور-مىسسابىب» دەپ ئاتىدى، دېدى.
4 For thus saith the Lord, Behold, I will make thee to be a terrour to thy self, and to al thy friends, and they shall fall by the sword of their enemies, and thine eyes shall beholde it, and I will giue all Iudah into the hande of the King of Babel, and he shall cary them captiue into Babel, and shall slay them with the sworde.
ــ چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سېنى ئۆزۈڭگە ۋە بارلىق ئاغىنىلىرىڭگە ۋەھىمە سالغۇچى ئوبيېكت قىلىمەن؛ ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ قىلىچى بىلەن يىقىلىدۇ؛ سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن بۇنى كۆرىسەن؛ مەن بارلىق يەھۇدانى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇ ئۇلارنى بابىلغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ كېتىدۇ ھەمدە ئۇلارنى قىلىچ بىلەن ئۇرىدۇ.
5 Moreouer, I will deliuer all the substance of this citie, and all the labours thereof, and al the precious things thereof, and all the treasures of the Kings of Iudah will I giue into the hande of their enemies, which shall spoyle them, and take them away and cary them to Babel.
مەن بۇ شەھەرنىڭ ھەممە بايلىقلىرى ــ بارلىق مەھسۇلاتلىرى، بارلىق قىممەت نەرسىلىرى ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ بارلىق خەزىنىلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار ئۇلارنى ئولجا قىلىپ بۇلىۋېلىپ بابىلغا ئېلىپ كېتىدۇ.
6 And thou Pashur, and all that dwell in thine house, shall go into captiuitie, and thou shalt come to Babel, and there thou shalt die, and shalt be buryed there, thou and all thy friendes, to whome thou hast prophecied lyes.
سەن بولساڭ، ئى پاشخۇر، ھەممە ئۆيدىكىلىرىڭ بىرگە سۈرگۈن بولۇپ كېتىسىلەر؛ سەن بابىلغا كېلىسەن؛ سەن شۇ يەردە دۇنيادىن كېتىسەن، شۇ يەرگە كۆمۈلىسەن؛ سەن ھەم سېنىڭ يالغان بېشارەتلىرىڭگە قۇلاق سالغان ئاغىنىلىرىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ.
7 O Lord, thou hast deceiued me, and I am deceiued: thou art stronger then I, and hast preuailed: I am in derision daily: euery one mocketh me.
ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى قايىل قىلىپ [پەيغەمبەرلىككە] كۆندۈردۈڭ، مەن شۇنداقلا كۆندۈرۈلدۈم؛ سەن مەندىن زور كەلدىڭ، شۇنداقلا غەلىبە قىلدىڭ؛ مەن پۈتۈن كۈن تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى بولىمەن؛ ھەممە كىشى مېنى مازاق قىلىدۇ.
8 For since I spake, I cryed out of wrong, and proclaimed desolation: therefore the word of the Lord was made a reproche vnto me, and in derision daily.
مەن قاچانلا سۆز قىلسام، «زوراۋانلىق ھەم بۇلاڭچىلىق كېلىدۇ» دەپ جاكارلىشىم كېرەك؛ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى مېنى پۈتۈن كۈن ئاھانەت ۋە مەسخىرىنىڭ ئوبيېكتى قىلىدۇ.
9 Then I said, I will not make mention of him, nor speake any more in his Name. But his worde was in mine heart as a burning fire shut vp in my bones, and I was weary with forbearing, and I could not stay.
لېكىن مەن: «مەن ئۇنى تىلغا ئالمايمەن، ۋە ياكى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئىككىنچى سۆز قىلمايمەن» دېسەم، ئۇنىڭ سۆزى قەلبىمدە لاۋۇلداپ ئوت بولۇپ، سۆڭەكلىرىمگە قاپسالغان بىر يالقۇن بولىدۇ؛ ئىچىمگە سىغدۇرۇشقا ھالىم قالماي، ئېيتماي چىداپ تۇرالمايمەن.
10 For I had heard the railing of many, and feare on euery side. Declare, said they, and wee wil declare it: all my familiars watched for mine halting, saying, It may be that he is deceiued: so we shall preuaile against him, and we shall execute our vengeance vpon him.
شۇنداق، قىلىۋېرىمەن، گەرچە مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پىچىرلاشقان قەستلىرىنى ئاڭلىساممۇ؛ تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ! «ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىڭلار! ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلايلى!» دەپ، بارلىق ئۈلپەت-ھەمراھلىرىم پۇتلىشىپ كېتىشىمنى پايلاپ يۈرمەكتە؛ ئۇلار «ئۇ بەلكىم ئالدىنار، شۇنداق بولغاندا بىز ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمىز، ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالالايمىز» دېيىشىۋاتىدۇ.
11 But the Lord is with me like a mightie gyant: therefore my persecuters shall be ouerthrowen, and shall not preuaile, and shalbe greatly confounded: for they haue done vnwisely, and their euerlasting shame shall neuer be forgotten.
لېكىن پەرۋەردىگار بولسا قۇدرەتلىك ۋە دەھشەتلىك بىر پالۋاندەك مەن بىلەن بىللىدۇر؛ شۇڭا ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار پۇتلىشىپ غەلىبە قىلالمايدۇ؛ ئۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغاچقا، قاتتىق خىجىل بولۇپ يەرگە قاراپ قالىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇ رەسۋاچىلىقى مەڭگۈلۈك بولۇپ، ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ.
12 But, O Lord of hostes, that tryest the righteous, and seest the reines and the heart, let me see thy vengeance on them: for vnto thee haue I opened my cause.
ئەمدى سەن، ئى ھەققانىيلارنى سىنايدىغان، ئىنساننىڭ ۋىجدانى ۋە قەلبىنى كۆرىدىغان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بولغان قىساسىڭنى ماڭا كۆرگۈزگەيسەن؛ چۈنكى مەن دەۋايىمنى ئالدىڭغا قويغانمەن.
13 Sing vnto the Lord, praise ye the Lord: for he hath deliuered the soule of the poore from the hande of the wicked.
پەرۋەردىگارنى كۈي ئېيتىپ ماختاڭلار، ئۇنى مەدھىيىلەڭلەر؛ چۈنكى ئۇ نامرات كىشىنى رەزىللىك قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزغان.
14 Cursed be the day wherein I was borne: and let not the day wherein my mother bare me, be blessed.
مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمگە لەنەت بولسۇن؛ ئاپام مېنى تۇغقان كۈنى مۇبارەك بولمىسۇن!
15 Cursed be the man, that shewed my father, saying, A man child is borne vnto thee, and comforted him.
ئاتامغا خەۋەر ئېلىپ: «ساڭا ئوغۇل بالا تۇغۇلدى!» دەپ ئۇنى ئالامەت شادلاندۇرغان ئادەمگە لەنەت بولسۇن!
16 And let that man be as the cities, which the Lord hath ouerturned and repented not: and let him heare the cry in the morning, and the showting at noone tide,
بۇ ئادەم پەرۋەردىگار رەھىم قىلماي غۇلاتقان شەھەرلەردەك بولسۇن؛ ئۇ ئەتىگەندە نالە، چۈشتە ئالاقزادىلىك چۇقانلىرىنى ئاڭلىسۇن ــ
17 Because he hath not slaine me, euen from the wombe, or that my mother might haue bene my graue, or her wobe a perpetual conception.
چۈنكى ئۇ مېنى بالىياتقۇدىن چۈشكىنىمدىلا ئۆلتۈرۈۋەتمىگەن؛ ئاپام مېنىڭ گۆرۈم بولسىئىدى، ئۇنىڭ قورسىقى مەن بىلەن تەڭ ھەمىشە چوڭ بولسىئىدى!
18 How is it, that I came forth of the wombe, to see labour and sorowe, that my dayes shoulde be consumed with shame?
نېمىشقا مەن جاپا-مۇشەققەت، ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆرۈشكە، كۈنلىرىمنى خىجالەت-ئاھانەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە بالىياتقۇدىن چىققاندىمەن؟

< Jeremiah 20 >