< Isaiah 22 >

1 The burden of the valley of vision. What aileth thee nowe that thou art wholy gone vp vnto the house toppes?
ئالامەت كۆرۈنۈش بېرىلگەن جىلغا توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ سىلەر ھەممىڭلار ئۆگزىلەرنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغىنىڭلار زادى نېمە قىلغىنىڭلار؟
2 Thou that art full of noise, a citie full of brute, a ioyous citie: thy slaine men shall not bee slaine with sworde, nor die in battell.
سىلەر خۇشاللىق دەبدەبىسىنى كۆتۈرىدىغان، ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان يۇرت، شادلىنىدىغان شەھەر؛ سىلەردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر قىلىچ بىلەن چېپىلغان ئەمەس، ياكى جەڭلەردە ئۆلگەن ئەمەس؛
3 All thy princes shall flee together from the bowe: they shalbe bound: all that shall be found in thee, shall be bound together, which haue fled from farre.
ئەمىرلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى بىراقلا قېچىشتى؛ ئۇلار ئوقياسىز ئەسىر بولدى؛ يىراققا قاچقان بولسىمۇ، سىلەردىن تېپىۋېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە ئەسىر بولدى.
4 Therefore said I, Turne away from me: I wil weepe bitterly: labour not to comfort mee for the destruction of the daughter of my people.
شۇڭا مەن: ــ «نەزىرىڭلارنى مېنىڭدىن ئېلىڭلار؛ مېنى قاتتىق يىغلاشقا قويۇڭلار؛ خەلقىمنىڭ بۇلىنىپ كېتىشى توغرۇلۇق ماڭا تەسەللى بېرىشكە ئالدىراپ ئۆزۈڭلارنى ئۇپراتماڭلار» ــ دېدىم.
5 For it is a day of trouble, and of ruine, and of perplexitie by the Lord God of hostes in the valley of vision, breaking downe the citie: and a crying vnto the mountaines.
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگاردىن «ئالامەت كۆرۈنۈش بېرىلگەن جىلغا»نىڭ بېشىغا بىر كۈن چۈشىدۇ، ئۇ بولسا ئاۋارىچىلىك بولىدىغان، ئاياغ ئاستى قىلىنىپ پېتىقدىلىدىغان، ئادەملەر قايمۇقتۇرۇلىدىغان، سېپىل سوقۇلۇپ چېقىلىدىغان، تاغلارغا قاراپ يالۋۇرۇپ چىرقىرايدىغان بىر كۈنى بولىدۇ.
6 And Elam bare the quiuer in a mans charet with horsemen, and Kir vncouered the shield.
ئېلام جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئادەملىرى بىلەن، ئاتلىق ئەسكەرلىرى بىلەن ئوقداننى كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، كىر بولسا قالقاننى ئېچىپ تەييار قىلىدۇ.
7 And thy chiefe valleis were full of charets, and the horsemen set themselues in aray against the gate.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئەڭ گۈزەل جىلغىلىرىڭ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن تولۇپ كېتىدۇ، ئاتلىق ئەسكەرلەر دەرۋازاڭ ئالدىدا سەپ تارتىپ تۇرىدۇ.
8 And hee discouered the couering of Iudah: and thou didest looke in that day to the armour of the house of the forest.
ئۇلار يەھۇدانىڭ ئۈستىدىكى قالقاننى ئېلىپ تاشلايدۇ؛ بىراق سەن [زىئون] شۇ كۈنىدە «ئورمان سارايى»دىكى قوراللارغا ئۈمىد باغلىغانسەن؛
9 And ye haue seene the breaches of the citie of Dauid: for they were many, and ye gathered the waters of the lower poole.
سىلەر داۋۇتنىڭ شەھىرىنىڭ بۆسۈلگەن جايلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، پەستىكى كۆلچەك سۇلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ سۇ ئامبىرى قىلدىڭلار؛
10 And yee nombred the houses of Ierusalem, and the houses haue yee broken downe to fortifie the wall,
يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەرنى ساناپ، ئۇلاردىن بەزىلىرىنى بۇزۇپ سېپىلنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلەتتىڭلار،
11 And haue also made a ditche betweene the two walles, for the waters of the olde poole, and haue not looked vnto the maker thereof, neither had respect vnto him that formed it of olde.
شۇنداقلا كونا كۆلچەكتىكى سۇلارنى ئىككى سېپىل ئوتتۇرىسىغا يىغىپ ئامبار قىلدىڭلار؛ بىراق مۇشۇلارنى ياراتقۇچىغا ھېچ قارىمىدىڭلار، بۇرۇندىن بۇرۇن بۇلارنى شەكىللەندۈرۈپ بېكىتكۈچىگە ھېچ ئۈمىد باغلىمىدىڭلار!
12 And in that day did the Lord God of hosts call vnto weeping and mourning, and to baldnes and girding with sackecloth.
شۇ كۈنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار سىلەرنى يىغلاپ ماتەم تۇتۇشقا، چاچنى چۈشۈرۈپ پاينەكباش بولۇشقا، بۆز كىيىم كىيىشكە مۇراجىئەت قىلدى.
13 And beholde, ioy and gladnes, slaying oxen and killing sheepe, eating flesh, and drinking wine, eating and drinking: for to morowe we shall die.
بىراق بۇلارنىڭ ئورنىدا، مانا خۇشاللىق ۋە شادلىق، كالىلارنى سويۇش، قويلارنى بوغۇزلاش، گۆشلەرنى يېيىش، شارابلارنى ئىچىش، «يەيلى، ئىچەيلى، چۈنكى ئەتە دۇنيادىن كېتىمىز» ــ دېيىشلەر بولدى!
14 And it was declared in ye eares of the Lord of hostes. Surely this iniquitie shall not be purged from you, til ye die, saith the Lord God of hostes.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قۇلىقىمغا ئايان قىلىندىكى، «بەرھەق، مۇشۇ گۇناھ سىلەر ئۆلمىگۈچە كەچۈرۈلمەيدۇ» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار.
15 Thus sayeth the Lord God of hostes, Goe, get thee to that treasurer, to Shebna, the steward of the house, and say,
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار مانا شۇنداق دەيدۇ: ــ «بارغىن، مۇشۇ غوجىدار، ئوردىنى باشقۇرىدىغان مۇشۇ شەبنانىڭ يېنىغا كىرگىن، ئۇنىڭغا: ــ
16 What haste thou to doe here? and whome hast thou here? that thou shouldest here hewe thee out a sepulchre, as he that heweth out his sepulchre in an hie place, or that graueth an habitation for him selfe in a rocke?
ساڭا مۇشۇ يەردە نېمە بار؟ ياكى مۇشۇ يەردە كىمىڭ بار؟ بىرسى ئېگىزلىككە ئۆزى ئۈچۈن بىر گۆر قازغاندەك، ئۆزى قورام تاشتىن بىر قونالغۇنى يونۇغاندەك، ئۆزۈڭ ئۈچۈن بىر گۆر كولىدىڭمۇ؟
17 Beholde, the Lord wil carie thee away with a great captiuitie, and will surely couer thee.
مانا ھەي پالۋان، پەرۋەردىگار سېنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىپ، چىڭ سىقىمداپ،
18 He wil surely rolle and turne thee like a bal in a large countrey: there shalt thou die, and there the charets of thy glory shalbe the shame of thy lordes house.
ئاندىن پومداقتەك سېنى بىپايان، يىراق بىر زېمىنغا تاشلىۋېتىدۇ. سەن ئاشۇ يەردە ئۆلىسەن، ھەم ئاشۇ يەردە ھەيۋەتلىك جەڭ ھارۋىلىرىڭمۇ قالىدۇ، ئى غوجاڭنىڭ جەمەتىگە شەرمەندىلىك كەلتۈرگۈچى!
19 And I wil driue thee from thy station, and out of thy dwelling will he destroy thee.
مەن سېنى مەنسىپىڭدىن ئېلىۋېتىمەن، شۇنىڭ بىلەن سېنى ئورنۇڭدىن چۈشۈرىۋېتىمەن.
20 And in that day will I call my seruant Eliakim the sonne of Hilkiah,
شۇ كۈنىمۇ شۇنداق بولىدۇكى، مەن ھىلقىيانىڭ ئوغلى ئۆز قۇلۇم بولغان ئېلىئاكىمنى چاقىرىمەن؛
21 And with thy garments will I clothe him, and with thy girdle will I strengthen him: thy power also will I commit into his hande, and hee shalbe a father of the inhabitats of Ierusalem, and of the house of Iudah.
سېنىڭ تونۇڭنى كىيدۈرىمەن، سېنىڭ پوتاڭ بىلەن ئۇنىڭ بېلىنى چىڭ قىلىمەن؛ ھۆكۈمرانلىقىڭنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېرۇسالېمدىكىلەرگە ۋە يەھۇدا جەمەتىگە ئاتا بولىدۇ.
22 And the key of the house of Dauid will I lay vpon his shoulder: so hee shall open, and no man shall shut: and he shall shut, and no man shall open.
داۋۇت جەمەتىنىڭ ئاچقۇچىنى مەن ئۇنىڭ مۈرىسىدە قويىمەن؛ ئۇ ئاچسا، ھېچكىم ئېتەلمەيدۇ، ئەتسە، ھېچكىم ئاچالمايدۇ.
23 And I will fasten him as a naile in a sure place, and hee shall be for the throne of glorie to his fathers house.
مەن ئۇنى مۇقىم بىر جايغا قوزۇق قىلىپ بېكىتىمەن؛ ئۇ بولسا ئاتىسىنىڭ جەمەتى ئۈچۈن شەرەپلىك ھوقۇق-تەخت بولىدۇ؛
24 And they shall hang vpon him all the glorie of his fathers house, euen of the nephewes and posteritie all small vessels, from the vessels of the cuppes, euen to all the instruments of musike.
خەلق ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتىسىنىڭ جەمەتىنىڭ بارلىق شۆھرەتلىرىنى يۈكلەيدۇ؛ يەنى بارلىق ئۇرۇق-نەسىللىرىنى، بارلىق كىچىك قاچا-قۇچىلارنى، پىيالە-جاملاردىن تارتىپ بارلىق كۈپ-ئىدىشلارغىچە ئاسىدۇ.
25 In that day, sayeth the Lord of hostes, shall the naile, that is fastned in the sure place, depart and shall be broken, and fall: and the burden, that was vpon it, shall bee cut off: for the Lord hath spoken it.
شۇ كۈنىدە ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ مۇقىم جايغا بېكىتىلگەن قوزۇق بولسا، ئېگىلىپ كېتىدۇ ۋە كېسىپ تاشلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېسىلغان يۈكلەر ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ»، ــ چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق دېگەنىدى.

< Isaiah 22 >