< Zechariah 7 >

1 The Lord sent a message to Zechariah on the fourth day of the ninth month, the month of Chislev. This was during the fourth year of king Darius' reign.
دارىئۇس پادىشاھنىڭ تۆتىنچى يىلى توققۇزىنچى ئاي، يەنى «خىسلەۋ»نىڭ تۆتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى زەكەرىياغا كەلدى.
2 Bethel-sharezer sent Regem-melech and his men to ask for the Lord's blessing.
شۇ چاغدا بەيت-ئەل شەھىرىدىكىلەر شېرەزەر ۋە رەگەم-مەلەكلەرنى پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات سوراشقا ئەۋەتكەنىدى.
3 They were to ask the priests of the Temple of the Lord Almighty and the prophets, “Should I go on mourning and fasting in the fifth month, as I have done for so many years?”
بەيت-ئەلدىكىلەر: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى كاھىنلاردىن، شۇنىڭدەك پەيغەمبەرلەردىن: «ھەربىرىمىز كۆپ يىللاردىن بېرى قىلغىنىمىزدەك، بەشىنچى ئايدا ھەربىرىمىز يەنىلا ئۆزىمىزنى باشقىلاردىن ئايرىپ، يىغا-زارغا ئولتۇرۇشىمىز كېرەكمۇ؟» ــ دەپ سوراڭلار» دەپ تاپىلىغانىدى.
4 The Lord Almighty sent a message to me saying,
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
5 Tell everyone in the land and the priests, when you fasted and mourned in the fifth month and the seventh month during these seventy years, was it really me you were fasting for?
«زېمىندىكى بارلىق تۇرۇۋاتقان خەلققە ھەم كاھىنلارغا سۆز قىلىپ مۇنداق سورىغىن: ــ «سىلەر مۇشۇ يەتمىش يىلدىن بېرى بەشىنچى ئاي ۋە يەتتىنچى ئايلاردا روزا تۇتۇپ يىغا-زار قىلغىنىڭلاردا، سىلەر ماڭا، ھەقىقەتەن ماڭا روزا تۇتتۇڭلارمۇ؟
6 And when you eat and drink, don't you eat and drink for yourselves?
يېگىنىڭلار، ئىچكىنىڭلار، بۇ پەقەت ئۆزۈڭلار ئۈچۈنلا يەپ-ئىچكىنىڭلاردىن ئىبارەت بولدى ئەمەسمۇ؟
7 Isn't this what the Lord told you to do through the former prophets, when Jerusalem was prosperous and inhabited, and when people were living in the Negev and the Shephelah?
بۇلار يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى ئاھالىلىك بولغان، تازا ئاۋاتلاشقان چاغلاردا، جەنۇبىي يەھۇدا ۋە تۆۋەن تۈزلەڭلىك ئاھالىلىك بولغان چاغلاردا، پەرۋەردىگار بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق جاكارلىغان سۆزلەر ئەمەسمۇ؟
8 The Lord Almighty sent another message to me.
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى زەكەرىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
9 This is what the Lord says. Judge fairly and truthfully. Show mercy and kindness to one another.
«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھەقىقىي ئادالەتنى يۈرگۈزۈڭلار، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت ۋە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىڭلار،
10 Don't exploit those who are widowed or fatherless, foreigners or the poor. Don't think up ways of mistreating one other.
تۇل خوتۇن ۋە يېتىم-يېسىرلارنى، يات ئادەملەر ۋە نامراتلارنى بوزەك قىلماڭلار؛ ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىغا كۆڭلىدە يامانلىق ئويلىمىسۇن.
11 But they refused to listen. They were obstinate, turning their backs and closing their ears.
بىراق [ئاتا-بوۋىلىرىڭلار] ئاڭلاشنى رەت قىلغان، ئۇلار جاھىللىق بىلەن بوينىنى تولغاپ، ئاڭلىماسقا قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلغان؛
12 They made their minds unreceptive, as hard as stone. They refused to listen to the law or to what the Lord Almighty told them by his Spirit through the former prophets. That's why the Lord Almighty became very angry with them.
ئۇلار تەۋرات قانۇنىنى ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز روھى بىلەن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن كۆڭلىنى ئالماستەك قاتتىق قىلغانىدى؛ شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن ئىنتايىن قاتتىق غەزەپ چۈشكەن؛
13 So since they didn't listen when I called out to them, I wouldn't listen when they called out to me, says the Lord Almighty.
شۇنداق بولدىكى، مەن ئۇلارنى چاقىرغاندا ئۇلار ئاڭلاشنى رەت قىلغاندەك، ئۇلار چاقىرغاندا مەنمۇ ئاڭلاشنى رەت قىلدىم» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار،
14 With the winds of a storm I scattered them among the nations where they lived as foreigners. The land they left became so desolate that no one even traveled through it. They turned the Promised Land into a desert.
ــ «ۋە مەن ئۇلارنى ئۇلار تونۇمايدىغان بارلىق ئەللەر ئارىسىغا قارا قۇيۇن بىلەن تارقىتىۋەتتىم؛ ئۇلارنىڭ كېتىشى بىلەن زېمىن ۋەيران بولغان، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۆتكەنلەرمۇ، قايتقانلارمۇ بولغان ئەمەس؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ئىللىق زېمىن ۋەيرانە قىلىنغان».

< Zechariah 7 >