< Nehemiah 6 >

1 When Sanballat, Tobiah, Geshem the Arab, and our other enemies heard that I had rebuilt the wall and there were no gaps left—though at that time I still had not put the doors into the gates—
شۇنداق بولدىكى، سانباللات، توبىيا، ئەرەب بولغان گەشەم ۋە دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قالغان قىسمى مېنىڭ سېپىلنى يېڭىۋاشتىن ئوڭشاپ چىققانلىقىمنى، سېپىلنىڭ ئەمدى بۆسۈكلىرىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئاڭلاپ (لېكىن ئۇ چاغدا مەن تېخى سېپىل قوۋۇقلىرىنىڭ قاناتلىرىنى ئورناتمىغانىدىم)،
2 they sent a message to me, saying, “Come on, let's meet in one of the villages on the plain of Ono.” But they intended to kill me.
سانباللات بىلەن گەشەم ماڭا: ــ كەلسىلا، بىز ئونو تۈزلەڭلىكىدىكى كەفىرىم كەنتىدە كۆرۈشەيلى! ــ دەپ ئادەم ئەۋەتىپتۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ماڭا قەست قىلماقچى ئىكەن.
3 So I sent messengers to tell them, “I'm busy with important work and I can't come down. Why should I stop what I'm doing and leave it to come and see you?”
شۇڭلاشقا مەن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: ــ مەن ئۇلۇغ بىر ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىمدىن سىلەر تەرەپكە چۈشمەيمەن. مەن قانداقمۇ سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا بارىمەن دەپ، ئىشنى تاشلاپ ئۇنى توختىتىپ قوياي؟ ــ دېدىم.
4 They sent me the same message four times, and every time my reply was the same.
ئۇلار ئۇدا تۆت قېتىم مۇشۇ تەرىقىدە ئادەم ئەۋەتتى، مەن ھەر قېتىم شۇنداق جاۋاپ بەردىم.
5 Sanballat sent me the same message the fifth time by his servant, who brought in his hand an open letter.
ئاندىن سانباللات بەشىنچى قېتىم شۇ تەرىقىدە ئۆز خىزمەتكارىغا پېچەتلەنمىگەن خەتنى قولىغا تۇتقۇزۇپ ئەۋەتىپتۇ.
6 The letter read: “People around are saying, and Geshem confirms it, that you and the Jews are planning a rebellion, and that's why you're building the wall. You also plan to become their king, so they say,
خەتتە: «ھەرقايسى ئەللەر ئارىسىدا مۇنداق بىر گەپ تارقىلىپ يۈرىدۇ، ۋە گەشەممۇ شۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ۋە يەھۇدالار بىرگە ئىسيان كۆتۈرمەكچى ئىكەنسىلەر؛ شۇڭا سەن سېپىلنىمۇ يېڭىۋاشتىن ئوڭشاشقا كىرىشىپسەن؛ ئېيتىشلارغا قارىغاندا سەن ئۆزۈڭنى ئۇلارغا پادىشاھ قىلماقچىكەنسەن.
7 and you have even arranged for prophets in Jerusalem to announce for you, ‘There is a king in Judah.’ The king will soon get to hear about this. So come, and let's talk this over.”
سەن يەنە يېرۇسالېمدا ئۆزۈڭ توغرۇلۇق: «مانا، يەھۇدىيەدە ئۆزىمىزنىڭ بىر پادىشاھىمىز بار!» دەپ جار سېلىپ تەشۋىق قىلىشقا بىرنەچچە پەيغەمبەر قويۇپسەن. ئەمدى بۇ گەپلەر سۆزسىز پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بايان قىلىنىدۇ. شۇڭا، كەلگىن، بىز بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىۋالايلى» دېيىلگەنىكەن.
8 I replied, telling him, “Nothing's happening like you're saying! In fact you're just making it all up!”
مەن ئۇنىڭغا: «سەن ئېيتقان ئىشلار ھېچقاچان قىلىنغان ئەمەس؛ بۇلار بەلكى ئۆز كۆڭلۈڭدىن ئويدۇرۇپ چىقارغىنىڭ، خالاس» دەپ جاۋاپ قايتۇردۇم.
9 They were all just trying to scare us, telling themselves, “They won't have the strength to work so it won't ever get finished.” But I prayed, now make me strong!
ئەمەلىيەتتە، ئۇلار: «مۇشۇنداق قىلساق ئۇلارنىڭ قولى ماغدۇرسىزلىنىپ، قۇرۇلۇش ئىشى ئادا قىلىنماي قالىدۇ!» دەپ ئويلاپ بىزنى قورقاتماقچى ئىدى. ــ «ئەمدى مېنىڭ قولۇمنى ئىشتا تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەيسەن!».
10 Later on, I went to Shemaiah's house (he was the son of Delaiah, son of Mehetabel) who had shut himself in his house. He said: “Come and meet me at the house of God inside the Temple. Then we can bolt the Temple doors shut because they are coming to kill you! They're coming to kill you tonight!”
مەھەتابەلنىڭ نەۋرىسى، دېلايانىڭ ئوغلى شېمايا ئۆزىنى ئۆز ئۆيىگە قامىۋالغانىدى؛ مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلسەم ئۇ: ــ بىز خۇدانىڭ ئۆيىدە، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدە كۆرۈشەيلى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازا قاناتلىرىنى ئېتىپ قويايلى؛ چۈنكى ئۇلار سېنى ئۆلتۈرگىلى كېلىدۇ؛ شۈبھىسىزكى، كېچىسى كېلىپ سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى! ــ دېدى.
11 I replied, “Should someone like me run away? Should someone like me go and hide in the Temple so I can survive? I'm not going!”
مەن: ــ ماڭا ئوخشاش بىر ئادەم قانداقمۇ قېچىپ كەتسۇن؟ مەندەك بىر ئادەم جېنىمنى قۇتقۇزىمەن دەپ قانداقمۇ ئىبادەتخانىغا كىرىۋالغۇدەكمەن؟ مەن ھەرگىز ئۇ يەرگە كىرىۋالمايمەن! ــ دەپ جاۋاپ بەردىم.
12 I thought about it and saw that God hadn't sent him, but that he had spoken this prophecy against me because Tobiah and Sanballat had hired him.
چۈنكى مەن قارىسام، ئۇنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەمەس، بەلكى توبىيا بىلەن سانباللات تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، ماڭا زېيان يەتكۈزمەكچى بولۇپ بۇ بېشارەت بەرگەنلىكىگە كۆزۈم يەتتى.
13 They'd hired him thinking I'd be scared into doing something wrong. Then they'd be able to point the finger and ruin my reputation.
ئۇنى سېتىۋېلىشىدىكى مەقسەت، مېنى قورقۇتۇپ، شۇلارنىڭ دېگىنىدەك قىلغۇزۇپ گۇناھ قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. شۇنداق قىلغان بولسام، نامىمنى بۇلغاپ مېنى قارىلاشقا شىكايەت قىلالايدىغان بولاتتى.
14 My God, remember Tobiah and Sanballat for doing this, and Noadiah the prophetess and the other prophets too who tried to frighten me.
ــ «ئاھ خۇدا، توبىيا بىلەن سانباللاتنى ئېسىڭدا تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىغا يارىشا ئۆز بېشىغا ياندۇرغايسەن، شۇنداقلا مېنى قورقاتماقچى بولغان ئايال پەيغەمبەر نوئادىيا بىلەن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ قىلغانلىرىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرغايسەن!».
15 The wall was finished on the twenty-fifth day of the month Elul. It took fifty-two days.
ئېلۇل ئېيىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنى سېپىل پۈتتى، پۈتۈن قۇرۇلۇشقا ئەللىك ئىككى كۈن ۋاقىت كەتتى.
16 When all our enemies found out they were frightened; all the nations around were very discouraged, for they recognized that this had been done by our God.
شۇنداق بولدىكى، دۈشمەنلىرىمىز بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى ۋە ئەتراپىمىزدىكى بارلىق ئەللەر قورقۇپ كېتىشتى؛ ئۆز نەزىرىدە ھەيۋىتى بەك چۈشۈپ كەتتى ۋە بۇ [قۇرۇلۇشنى] خۇدايىمىزنىڭ ئۆزى ئېلىپ بارغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى.
17 At that time the nobles of Judah were exchanging many letters with Tobiah,
شۇ كۈنلەردە يەھۇدىيەدىكى مۆتىۋەرلەر توبىياغا نۇرغۇن خەت يازدى، توبىيامۇ ئۇلارغا جاۋابەن دائىم خەت يېزىپ تۇردى.
18 because many people in Judah had sworn an oath of loyalty to him as he was a son-in-law of Shecaniah, son of Arah, and his son Jehohanan was married to the daughter of Meshullam, son of Berechiah.
چۈنكى يەھۇدىيەدە توبىياغا باغلىنىپ قېلىپ، قەسەم ئىچكەن نۇرغۇن كىشىلەر بار ئىدى؛ چۈنكى ئۇ ئاراھنىڭ ئوغلى، شېكانىيانىڭ كۈيئوغلى ئىدى، ھەمدە ئۇنىڭ ئوغلى يوھانان بەرەكىيانىڭ ئوغلى مەشۇللامنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئالغانىدى.
19 They kept on telling me all the good things Tobiah was doing, and they reported to him what I said. Tobiah also sent letters to try and scare me.
شۇنىڭدەك ئۇلار يەنە مېنىڭ ئالدىمدا پات-پات توبىيانىڭ ياخشى ئىشلىرىنى تىلغا ئېلىپ قويۇشاتتى ھەم مېنىڭ گەپلىرىمنىمۇ ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ تۇرۇشاتتى؛ توبىيا بولسا ماڭا پات-پات تەھدىت سېلىپ خەت يېزىپ تۇراتتى.

< Nehemiah 6 >