< Genesis 47 >

1 Joseph went to report to Pharaoh and told him, “My father and brothers, along with their flocks and herds and all their possessions, have arrived from the land of Canaan and now they're here in Goshen.”
يۈسۈپ پىرەۋننىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ ئاتام بىلەن قېرىنداشلىرىم قوي-كالىلىرى، شۇنداقلا ھەممە مال-مۈلۈكلىرىنى بىللە ئېلىپ قانائان زېمىنىدىن كەلدى. مانا، ئۇلار ھازىر گوشەن يۇرتىغا چۈشتى، دەپ خەۋەر بېرىپ،
2 Joseph took five of his brothers to go with him and introduced them to Pharaoh.
قېرىنداشلىرىنىڭ ئىچىدىن بەشەيلەننى ئېلىپ، پىرەۋننىڭ ئالدىغا ھازىر قىلدى.
3 Pharaoh asked the brothers, “What work do you do?” “Your servants are shepherds, just like our fathers before us,” they replied.
پىرەۋن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن: ــ نېمە ئوقىتىڭلار بار، دەپ سورىۋىدى، ئۇلار پىرەۋنگە جاۋاب بېرىپ: ــ كەمىنىلىرى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش مال باققۇچىلارمىز، ــ دېدى.
4 “We have come to live in Egypt because there's no grass left in Canaan for our flocks to eat,” they explained. “The famine is really bad in Canaan. So we would like to please ask permission to live in Goshen.”
ئاندىن ئۇلار پىرەۋنگە ئىلتىماس قىلىپ: ــ قانائان زېمىنىدا قاتتىق قەھەتچىلىك بولغاچقا، كەمىنىلىرىنىڭ قويلىرىمىزنى باقىدىغانغا يايلاقمۇ يوق؛ شۇڭا بۇ زېمىندا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇشقا كەلدۇق؛ جانابلىرىدىن تەلەپ قىلىمىزكى، كەمىنىلىرىنىڭ گوشەن يۇرتىدا تۇرۇشىغا ئىجازەت بەرگەيلا، ــ دېدى.
5 Pharaoh said to Joseph, “Now that your father and brothers have arrived to join you,
پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ ئاتاڭ ۋە قېرىنداشلىرىڭ قېشىڭغا كەلدى؛
6 you can choose wherever you like in Egypt, the best place, for them to live. Let them live in Goshen. If you know any of them who are good at what they do, put them in charge of my livestock as well.”
مانا مىسىر زېمىنى سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ؛ ئاتاڭ ۋە قېرىنداشلىرىڭنى زېمىننىڭ ئەڭ ئېسىل يېرىدە ئولتۇرغۇزغىن؛ ئۇلار گوشەن يۇرتىدا ماكان قىلسۇن. شۇنىڭدەك، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قابىل كىشىلەرنى بىلسەڭ، بۇلارنى مېنىڭ چارپايلىرىمغا نازارەتچى قىلغىن، ــ دېدى.
7 Then Joseph went with his father Jacob and introduced him Pharaoh. After Jacob blessed Pharaoh,
كېيىن، يۈسۈپ ئاتىسى ياقۇپنى ئېلىپ، پىرەۋننىڭ ئالدىغا ھازىر قىلدى؛ ياقۇپ پىرەۋنگە بەخت-بەرىكەت تىلىدى.
8 Pharaoh asked him, “So how long have you lived?”
ئاندىن پىرەۋن ياقۇپتىن: ــ ئۆمرۈڭنىڭ يىل-كۈنلىرى نەچچىگە يەتتى؟ ــ دەپ سورىدى.
9 “I have been wandering for 130 years,” Jacob replied. “My life has been short and difficult—I have not lived as long as my forefathers who also wandered from place to place.”
ياقۇپ پىرەۋنگە جاۋاب بېرىپ: ــ مۇساپىرلىق سەپىرىمنىڭ كۈنلىرى بىر يۈز ئوتتۇز يىلغا يەتتى؛ ئۆمرۈمنىڭ كۈنلىرى ئاز ھەم جاپا-مۇشەققەتلىك بولۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ مۇساپىرلىق ئۆمۈر سەپىرىنىڭ كۈنلىرىگە تېخى يەتمىدى، ــ دېدى.
10 Then Jacob blessed Pharaoh again before leaving him.
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ پىرەۋنگە بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئالدىدىن چىقىپ كەتتى.
11 So Joseph arranged for his father and brothers to live in Egypt and gave them land in the best part near Rameses, as Pharaoh had ordered.
شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاتىسى بىلەن قېرىنداشلىرىنى مىسىر زېمىنىدا ئولتۇراقلاشتۇرۇپ قويدى؛ پىرەۋننىڭ بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارغا زېمىننىڭ ئەڭ ئېسىل يېرىدىن، يەنى رامسەس دېگەن يۇرتتىن تەۋەلىك بەردى.
12 He also provided food for all of them—his father, his brothers, and his father's whole household—depending on family size.
يۈسۈپ ئاتىسى، قېرىنداشلىرى، شۇنداقلا ئاتىسىنىڭ ھەممە ئۆيدىكىلىرىنى بالا-چاقىلىرىنىڭ سانلىرىغا قاراپ ئاشلىق بىلەن تەمىنلەپ باقتى.
13 No food was left in the whole country because the famine had become so bad. Throughout Egypt and Canaan people were starving.
ئەمما ئاچارچىلىق قاتتىق ئېغىر بولغاچقا، زېمىننىڭ ھېچ يېرىدە ئوزۇق-تۈلۈك تېپىلمىدى؛ مىسىر زېمىنى بىلەن قانائان زېمىنى ئاچارچىلىقتىن خاراپلىشىپ كەتتى.
14 By selling grain Joseph collected all the money in Egypt and Canaan, and placed it in Pharaoh's treasury.
يۈسۈپ ئاشلىق سېتىپ مىسىر زېمىنى بىلەن قانائان زېمىنىدىكى بارلىق پۇلنى يىغىۋالدى. ئاندىن يۈسۈپ بۇ پۇلنى پىرەۋننىڭ ئوردىسىغا يەتكۈزۈپ بەردى.
15 Once the money from Egypt and Canaan had run out, the Egyptians all came to Joseph and demanded, “Give us food! Do you want us to die right in front of you? All our money is gone!”
ئەمما مىسىر زېمىنى بىلەن قانائان زېمىنىدىكى پۇل تۈگەپ كەتكەندە مىسىرلىقلارنىڭ ھەممىسى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ بىزگە نان بەرگەيلا! پۇل تۈگەپ كەتكىنى ئۈچۈن سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ئۆلىمىزمۇ؟ ــ دېدى.
16 “Bring me your livestock,” Joseph told them. “I'll give you grain in exchange for your livestock if you've run out of money.”
يۈسۈپ جاۋابەن: ــ پۇلۇڭلار قالمىغان بولسا، چارپايلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىپ بەرسەڭلار، مەن ماللىرىڭلارىغا ئوزۇق-تۈلۈك تېگىشىپ بېرىمەن، ــ دېدى.
17 So they brought Joseph their livestock, and he provided them with grain in exchange for their horses, sheep, goats, cattle, and donkeys. He gave them grain in return for their livestock during that year.
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار چارپايلىرىنى يۈسۈپنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلگىلى تۇردى؛ يۈسۈپ ئۇلارنىڭ ئاتلىرى، قوي پادىلىرى، كالا پادىلىرى ۋە ئېشەكلىرىنىڭ ئورنىغا ئوزۇق-تۈلۈك بەردى؛ شۇ يىلى ماللىرىنىڭ ئورنىغا ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈك بېرىپ باقتى.
18 But when that year was over, they came to him the next year and said, “My lord, we can't hide from you the fact that our money is gone and that you now own our livestock. All we have left to give you are our bodies and our land.
ئۇ يىل ئاياغلىشىپ، ئۇلار ئىككىنچى يىلى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ بىز خوجىمىزدىن ھېچنېمىنى يوشۇرمايمىز؛ پۇلىمىز تۈگىدى، چارپاي مال پادىلىرىمىز بولسا خوجىمىزنىڭ ئىلكىدە، خوجىمىزنىڭ ئالدىدا تەنلىرىمىز بىلەن يېرىمىزدىن باشقا ھېچنەرسە قالمىدى.
19 Do you want us to die right in front of you? So buy us and our land in return for food. Then our land will belong to Pharaoh, and we'll be his slaves. Just give us grain so we can live and won't die, and so the land won't be abandoned.”
نېمىشقا كۆز ئالدىلىرىدا بىز ھەم يېرىمىزمۇ ئۆلۈپ كەتسۇن؟ ئەمدى سىلى ئۆزىمىز ۋە يېرىمىزنى ئوزۇق-تۈلۈككە تېگىشىپ ئېلىۋالغايلا؛ ئۆزىمىز ۋە يېرىمىز پىرەۋننىڭ بولۇپ، ئۇنىڭغا قۇل بولايلى. بىز ئۆلۈپ كەتمەي، تىرىك تۇرۇشىمىز، يېرىمىزمۇ ۋەيران بولماسلىقى ئۈچۈن بىزگە ئۇرۇق-تۈلۈك بەرگەيلا، دېدى.
20 So Joseph bought all the land in Egypt for Pharaoh. Each and every Egyptian sold their fields, because the famine was hurting them so badly. The land ended up being owned by Pharaoh,
بۇ تەرىقىدە يۈسۈپ مىسىرنىڭ پۈتكۈل تېرىلغۇ يېرىنى پىرەۋن ئۈچۈن سېتىۋالدى؛ چۈنكى ئاچارچىلىق قاتتىق بولغاچقا، مىسىرلىقلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئېتىزىنى سېتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىن پىرەۋننىڭ بولۇپ قالدى.
21 and all the people became his slaves, from one end of Egypt to the other.
يۈسۈپ خەلقنى مىسىرنىڭ بۇ چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ھەرقايسى شەھەرلەرگە كۆچۈردى.
22 The only land he didn't buy belonged to the priests because they had a food allowance provided to them by Pharaoh, so they didn't have to sell their land.
پەقەت كاھىنلارنىڭ يېرىنى ئۇ ئالمىدى؛ چۈنكى كاھىنلارغا پىرەۋن تەرىپىدىن ئالاھىدە تەمىنات بېرىلگەچكە، ئۇلار پىرەۋن تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن ئۈلۈشىنى يەپ، ئۆز يەرلىرىنى ساتمىغانىدى.
23 Then Joseph told the people, “Listen to me! Now that I have bought you and your land for Pharaoh, I'm giving you some seed for you to sow the fields.
يۈسۈپ خەلققە: ــ مانا، مەن بۈگۈن ئۆزۈڭلار بىلەن يەرلىرىڭلارنى پىرەۋن ئۈچۈن سېتىۋالدىم. مانا سىلەرگە ئۇرۇق! ئەمدى يەر تېرىڭلار.
24 However, when it's harvested, you have to give one fifth of it to Pharaoh. The other four-fifths you can keep as seed for the fields and as food for you, your households, and your children.”
ئەمدى شۇنداق قىلىسىلەركى، چىققان ھوسۇلدىن بەشتىن بىرىنى پىرەۋنگە بېرىپ، قالغان تۆت قىسمىنى ئۆزۈڭلارغا ئېلىپ قېلىڭلار؛ ئۇ ئۇرۇقلۇق ھەمدە ئۆزۈڭلارغا، جۈملىدىن ئۆيۈڭدىكىلەرگە ۋە كىچىك بالىلىرىڭلارغا ئوزۇق بولسۇن، ــ دېدى.
25 “You've saved our lives,” they declared. “May you continue to treat us well, my lord, and we'll be Pharaoh's slaves.”
ئۇلار جاۋابەن: ــ سىلى جېنىمىزنى قۇتقۇزدىلا. خوجىمىزنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپقان بولساقلا، پىرەۋننىڭ قۇللىرى بولۇپ تۇرايلى، ــ دېدى.
26 So Joseph made it a law for Egypt which is still is in effect today that one fifth of all produce from the land belongs to Pharaoh. Only the priests' land was exempt since it did not belong to Pharaoh.
شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ: ــ «ھوسۇلنىڭ بەشتىن بىرى پىرەۋنگە بېرىلسۇن» دەپ بۇ ئىشنى بۈگۈنگە قەدەر مىسىر زېمىنى ئۈچۈن قانۇن-بەلگىلىمە قىلدى. پەقەت كاھىنلارنىڭ يېرىلا بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، پىرەۋنگە تەۋە بولمىدى.
27 The Israelites settled in Goshen in Egypt where they became prosperous landowners and rapidly increased in number.
ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدا، گوشەن ئۆلكىسىدە ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇلار شۇ جايدا يەر-زېمىنلىك بولۇپ، ئاۋۇپ، تولىمۇ كۆپەيدى.
28 Jacob lived in Egypt for seventeen years, so he lived in total 137 years.
ياقۇپ مىسىر زېمىنىدا ئون يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى؛ بۇنىڭ بىلەن ياقۇپنىڭ ئۆمۈر كۈنلىرى بىر يۈز قىرىق يەتتە يىلغا يەتتى.
29 When the time came for Israel to die, he called for his son Joseph and said to him, “If you think well of me, place your hand under my thigh and promise to treat me with trustworthy love and faithfulness. Don't bury me here in Egypt.
ئىسرائىلنىڭ كۈنلىرى سەكراتقا يېقىنلاشقاندا، ئوغلى يۈسۈپنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ماڭا شاپائەت ۋە ساداقەتلىكنى كۆرسىتىپ، مېنى مىسىردا دەپنە قىلما؛
30 When I die, bury me with my forefathers. You must take my body from Egypt to the family tomb and bury me with them.” “I will do as you say,” Joseph promised.
بەلكى مەن ئاتا-بوۋىلىرىم بىلەن ياتىدىغان ۋاقتىمدا مېنى مىسىردىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ گۆرىستانىغا دەپنە قىلغىن، دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئېيتقىنىڭدەك قىلاي، ــ دېدى.
31 “Swear to me that you will,” he said. Joseph swore that he would. Israel bowed in worship at the head of his bed.
ياقۇپ ئۇنىڭغا: ــ ماڭا قەسەم قىلىپ بەرگىن، ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ بەردى؛ ئاندىن ئىسرائىل كارۋاتنىڭ باش تەرىپىدە سەجدە قىلدى.

< Genesis 47 >