< Numbers 14 >

1 Wherefore the whole multitude crying wept that night.
شۇنىڭ بىلەن بارلىق جامائەت داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلىدى؛ ئۇلار كېچىچە يىغا-زار قىلىشىپ چىقتى.
2 And all the children of Israel murmured against Moses and Aaron, saying:
ئىسرائ‍ىللار مۇسا بىلەن ھارۇنغا تاپا-تەنە قىلىپ: — بىز بالدۇرلا مىسىردا ئۆلۈپ كەتسەك بوپتىكەن! مۇشۇ چۆل-جەزىرىدە ئۆلۈپ كەتسەك بوپتىكەن!
3 Would God that we had died in Egypt and would God we may die in this vast wilderness, and that the Lord may not bring us into this land, lest we fall by the sword, and our wives and children be led away captives. Is it not better to return into Egypt?
پەرۋەردىگار نېمىشقا بىزنى قىلىچ ئاستىدا ئۆلسۇن، خوتۇن بالا-چاقىلىرىمىز بۇلىنىپ، [دۈشمەننىڭ] ئولجىسى بولسۇن دەپ بىزنى بۇ يەرگە باشلاپ كەلگەندۇ؟ ئۇنىڭدىن كۆرە، مىسىرغا قايتىپ كەتكىنىمىز ياخشى ئەمەسمۇ؟ — دەپ غوتۇلداشتى.
4 And they said one to another: Let us appoint a captain, and let us return into Egypt.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر-بىرىگە: — باشقىدىن بىر باشلىق تىكلەپ مىسىرغا قايتىپ كېتەيلى، — دېيىشتى.
5 And when Moses and Aaron heard this, they fell down flat upon the ground before the multitude of the children of Israel.
مۇسا بىلەن ھارۇن پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا يىقىلىپ دۈم ياتتى.
6 But Josue the son of Nun, and Caleb the son of Jephone, who themselves also had viewed the land, rent their garments,
شۇ يەرنى چارلاپ كەلگەنلەر ئىچىدىكى نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا بىلەن يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب كىيىملىرىنى يىرتىپ،
7 And said to all the multitude of the children of Israel: The land which we have gone round is very good:
پۈتۈن ئىسرائىل جامائەتچىلىكىگە: — بىز چارلاپ كېلىشكە ئۆتۈپ بارغان زېمىن ئىنتايىن بەك ياخشى زېمىن ئىكەن.
8 If the Lord be favourable, he will bring us into it, and give us a land flowing with milk and honey.
ئەگەر پەرۋەردىگار بىزدىن سۆيۈنسە، بىزنى شۇ زېمىنغا، يەنى ھەسەل بىلەن سۈت ئېقىپ تۇرىدىغان شۇ زېمىنغا باشلاپ بېرىپ، ئۇنى بىزگە بېرىدۇ.
9 Be not rebellious against the Lord: and fear ye not the people of this land, for we are able to eat them up as bread. All aid is gone from them: the Lord is with us, fear ye not.
سىلەر پەقەت پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلماڭلار! ئۇ زېمىنىدىكىلەردىن قورقماڭلار، چۈنكى ئۇلار بىزگە نىسبەتەن بىر غىزادۇر؛ ئۇلارنىڭ پاناھدارلىرى ئۇلاردىن كەتتى، پەرۋەردىگار بولسا بىز بىلەن بىللە؛ ئۇلاردىن قورقماڭلار، — دېدى.
10 And when all the multitude cried out, and would have stoned them, the glory of the Lord appeared over the tabernacle of the covenant to all the children of Israel.
ھالبۇكى، پۈتكۈل جامائەت تەرەپ-تەرەپتىن: — ئۇ ئىككىسىنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، دېيىشتى. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى جامائەت چېدىرىدا ئىسرائ‍ىللارغا ئايان بولدى.
11 And the Lord said to Moses: How long will this people detract me? how long will they not believe me for all the signs that I have wrought before them?
پەرۋەردىگار مۇساغا: — بۇ خەلق مېنى قاچانغىچە مەنسىتمەيدۇ؟ گەرچە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۇنچە مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ياراتقان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار ماڭا قاچانغىچە ئىشىنىشمەيدىكەن؟
12 I will strike them therefore with pestilence, and will consume them: but thee I will make a ruler over a great nation, and a mightier than this is.
مەن ئۇلارنى ۋابا بىلەن ئۇرۇپ يوقىتىمەن، شۇنىڭ بىلەن سېنى ئۇلاردىن تېخىمۇ چوڭ ۋە قۇدرەتلىك بىر ئەل قىلىمەن، — دېدى.
13 And Moses said to the Lord: That the Egyptians, from the midst of whom thou hast brought forth this people,
مۇسا بولسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: — «بۇنداق بولىدىغان بولسا بۇ ئىشنى مىسىرلىقلار ئاڭلاپ قالىدۇ، چۈنكى سەن ئۇلۇغ قۇدرىتىڭ بىلەن بۇ خەلقنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئېلىپ چىققانىدىڭ؛
14 And the inhabitants of this land, (who have heard that thou, O Lord, art among this people, and art seen face to face, and thy cloud protecteth them, and thou goest before them in a pillar of a cloud by day, and in a pillar of fire by night, )
ۋە مىسىرلىقلار بۇ ئىشنى شۇ زېمىندىكى خەلقلەرگىمۇ ئېيتىدۇ. ئۇ زېمىندىكى ئاھالىمۇ سەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ خەلقنىڭ ئارىسىدا ئىكەنلىكىڭنى، سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يۈزمۇيۈز كۆرۈنگەنلىكىڭنى، سېنىڭ بۇلۇتىڭ دائىم ئۇلارغا سايە چۈشۈرۈپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا سېنىڭ كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكىدە، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭغانلىقىڭنى ئاڭلىغانىدى.
15 May hear that thou hast killed so great a multitude as it were one man and may say:
ئەمدى سەن بۇ خەلقنى خۇددى بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرۈۋەتسەڭ، سېنىڭ نام-شۆھرىتىڭنى ئاڭلىغان ئەللەرنىڭ ھەممىسى:
16 He could not bring the people into the land for which he had sworn, therefore did he kill them in the wilderness.
«پەرۋەردىگار بۇ خەلقنى ئۆزى ئۇلارغا بېرىشكە قەسەم قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، شۇڭا ئۇلارنى ئەشۇ چۆل-جەزىرىدە ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ» دەپ قالىدۇ.
17 Let their the strength of the Lord be magnified, as thou hast sworn, saying:
ئەمدى ئۆتۈنىمەنكى، رەببىم قۇدرىتىڭنى جارى قىلدۇرغايسەن، ئۆزۈڭنىڭ:
18 The Lord is patient and full of mercy, taking away iniquity and wickedness, and leaving no man clear, who visitest the sins of the fathers upon the children unto the third and fourth generation.
«پەرۋەردىگار ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدۇ، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى تېشىپ تۇرىدۇ؛ ئۇ گۇناھ ۋە ئىتائەتسىزلىكنى كەچۈرىدۇ، لېكىن گۇناھكارلارنى ھەرگىز گۇناھسىز دەپ قارىمايدۇ، ئاتىلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئاتىسىدىن بالىسىغىچە، ھەتتا نەرۋە-چەۋرىلىرىگىچە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەيدۇ» دېگىنىڭدەك قىلغايسەن.
19 Forgive, I beseech thee, the sins of this people, according to the greatness of thy mercy, as thou hast been merciful to them from their going out of Egypt unto this place.
مېھرىي-شەپقىتىڭنىڭ كەڭرىلىكى بويىچە، مىسىردىكى چاغدىن تاكى ھازىرغىچە دائىم كەچۈرۈپ كەلگىنىڭدەك، بۇ خەلقنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرگەيسەن!».
20 And the Lord said: I have forgiven according to thy word.
پەرۋەردىگار: — «بوپتۇ، سەن دېگەندەك ئۇلارنى كەچۈردۈم.
21 As I live: and the whole earth shall be filled with the glory of the Lord.
لېكىن ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پۈتكۈل يەر يۈزى مەن پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بىلەن تولىدۇ.
22 But yet all the men that have seen my majesty, and the signs that I have done in Egypt, and in the wilderness, and have tempted me now ten times, and have not obeyed my voice,
ھالبۇكى، مېنىڭ جۇلايىمنى، مىسىردا ۋە چۆل-جەزىرىدە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى مۇشۇنداق ئون قېتىملاپ سىناپ يەنە ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىغانلار،
23 Shall not see the land for which I aware to their fathers, neither shall any one of them that hath detracted me behold it.
مەن قەسەم ئىچىپ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا مىراس قىلىپ بېرىمەن دېگەن ئۇ زېمىننى ھەرگىز كۆرەلمەيدۇ؛ مېنى مەنسىتمىگەنلەردىن بىرىمۇ ئۇ يۇرتنى كۆرەلمەيدۇ.
24 My servant Caleb, who being full of another spirit hath followed me, I will bring into this land which he hath gone round: and his seed shall possess it.
لېكىن ئۆزىدە باشقىچە بىر روھنىڭ بولغىنى، پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشكىنى ئۈچۈن قۇلۇم كالەبنى ئۇ كىرگەن يەرگە باشلاپ كىرىمەن؛ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ ئۇ يەرگە مىراسخور بولىدۇ.
25 For the Amalecite and the Chanaanite dwell in the valleys. Tomorrow remove the camp, and return into the wilderness by the way of the Red Sea.
‹شۇ چاغدا ئامالەكلەر بىلەن قانائانىيلار [تاغلىق] جىلغىلاردا تۇرۇۋاتاتتى› — ئەتە سىلەر يولۇڭلاردىن بۇرۇلۇپ، قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يول بىلەن مېڭىپ چۆلگە سەپەر قىلىڭلار» — دېدى.
26 And the Lord spoke to Moses and Aaron, saying:
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
27 How long doth this wicked multitude murmur against me? I have heard the murmurings of the children of Israel.
— مەن مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلىپ غوتۇلدىشىدىغان بۇ رەزىل جامائەتكە قاچانغىچە چىدىشىم كېرەك؟ ئىسرائ‍ىللارنىڭ مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلغانلىرى، شۇ [توختاۋسىز] غوتۇلداشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىدىم.
28 Say therefore to them: As I live, saith the Lord: According as you have spoken in my hearing, so will I do to you.
سەن ئۇلارغا: — پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، خەپ، مەن سىلەرگە قۇلىقىمغا كىرگەن سۆزلىرىڭلار بويىچە مۇئامىلە قىلمايدىغان بولسام!
29 In the wilderness shall your carcasses lie. All you that were numbered from twenty years old and upward, and have murmured against me,
سىلەرنىڭ ئۆلۈكۈڭلار مۇشۇ چۆلدە ياتىدۇ؛ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر، يەنى يېشى يىگىرمىدىن ئاشقان، مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلىپ غوتۇلدىغانلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن سانى بويىچە
30 Shall not enter into the land, over which I lifted up my bend to make you dwell therein, except Caleb the son of Jephone, and Josue the son of Nun.
سىلەرگە قول كۆتۈرۈپ [قەسەم قىلىپ]، تۇرالغۇڭلار قىلىپ بېرىمەن دېگەن زېمىنغا ھېچ كىرەلمەيدۇ؛ پەقەت يەفۇنمەهنىڭ ئوغلى كالەب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئالا كىرىدۇ.
31 But your children, of whom you said, that they should be a prey to the enemies, will I bring in: that they may see the land which you have despised.
سىلەرنىڭ كىچىك بالىلىرىڭلار، يەنى «بۇلىنىپ، دۈشمەننىڭ ئولجىسى بولۇپ قالىدۇ» دېيىلگەنلەرنى مەن باشلاپ كىرىمەن، ئۇلار سىلەر كەمسىتكەن ئۇ زېمىندىن بەھرىمەن بولىدۇ.
32 Your carcasses shall lie in the wilderness.
بىراق سىلەر بولساڭلار، سىلەر يىقىلىپ، ئۆلۈكۈڭلار بۇ چۆلدە قالىدۇ.
33 Your children shall wander in the desert forty years, and shall bear your fornication, until the carcasses of their fathers be consumed ill the desert,
سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بۇزۇقلۇق-ۋاپاسىزلىقىڭلارنىڭ ئەلىمىنى تارتىپ، ئۆلۈكۈڭلار چۆلدە يوقالغۇچە، بۇ چۆلدە قىرىق يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرىدۇ.
34 According to the number of the forty days, wherein you viewed the land: year shall be counted for a day. And forty years you shall receive your iniquities, and shall know my revenge:
سىلەرنىڭ شۇ زېمىننى چارلىغان كۈنلىرىڭلارنىڭ سانى بويىچە، قىرىق كۈننىڭ ھەربىر كۈنىنى بىر يىل ھېسابلاپ، قەبىھلىكلىرىڭلارنى قىرىق يىل ئۆز ئۈستۈڭلارغا ئېلىپ يۈرىسىلەر؛ شۇ چاغدا مېنىڭ ئۆزۈڭلاردىن ياتلاشقىنىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىسىلەر» — دېگىن.
35 For as I have spoken, so will I do to all this wicked multitude, that hath risen up together against me: in this wilderness shall it faint away and die.
مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دېگەنىكەنمەن، يىغىلىپ ماڭا قارشى چىققان بۇ رەزىل خەلق جامائىتىگە مەن چوقۇم شۇنداق قىلىمەن؛ ئۇلار مۇشۇ چۆل-جەزىرىدە يەۋېتىلىدۇ، شۇ يەردە ئۆلىدۇ.
36 Therefore all the men, whom Moses had sent to view the land, and who at their return had made the whole multitude to murmur against him, speaking ill of the land that it was naught,
مۇسا ئۇ زېمىننى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتكەنلەر قايتىپ كەلگەندە، ئۇ زېمىن توغرۇلۇق يامان خەۋەر ئېلىپ كېلىش بىلەن پۈتۈن جامائەتنى غوتۇلدىتىپ، مۇسانىڭ يامان گېپىنى قىلغۇزغانلار،
37 Died and were struck in the sight of the Lord.
يەنى ئۇ زېمىن توغرۇلۇق يامان خەۋەر ئەكەلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ۋابا كېسىلى تېگىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆلدى.
38 But Josue. the son of Nun. and Caleb the son of Jephone lived, of all them that had gone to view the land.
زېمىننى چارلاپ كېلىشكە بارغان ئادەملەر ئىچىدىن پەقەت نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا بىلەن يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبلا ھايات قالدى.
39 And Moses spoke all these words to all the children of Israel, and the people mourned exceedingly.
مۇسا بۇ گەپلەرنى پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە ئېيتىۋىدى، ھەممىسى بەك ھەسرەت چەكتى.
40 And behold rising up very early in the morning, they went up to the top of the mountain, and said: We are ready to go up to the place, of which the Lord hath spoken: for we have sinned.
ئۇلار ئەتىگەن تاڭ ئاتقاندا تۇرۇپ تاغقا چىقىپ: — مانا بىز كەلدۇق! پەرۋەردىگار ئېيتقان يۇرتقا چىقىپ ھۇجۇم قىلايلى؛ چۈنكى بىز گۇناھ قىلدۇق، — دېيىشتى.
41 And Moses said to them: Why transgress you the word of the Lord, which shall not succeed prosperously with you?
— سىلەر يەنە نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ — دېدى مۇسا، — بۇ ئىش غەلىبىلىك بولمايدۇ!
42 Go not up, for the Lord is not with you: lest you fall before your enemies.
پەرۋەردىگار ئاراڭلاردا بولمىغاچقا، دۈشمەننىڭ قىلىچى ئاستىدا ئۆلۈپ، مەغلۇپ بولماسلىقىڭلار ئۈچۈن ھۇجۇمغا چىقماڭلار.
43 The Amalecite and the Chanaanite are before you, and by their sword you shall fall, because you would not consent to the Lord, neither will the Lord be with you.
چۈنكى ئامالەكلەر بىلەن قانائانىيلار ئۇ يۇرتتا، سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرىدۇ؛ سىلەر قىلىچ ئاستىدا ئۆلۈپ كېتىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگاردىن تېنىپ كەتتىڭلار، پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە بولمايدۇ.
44 But they being blinded went up to the top of the mountain. But the ark of the testament of the Lord and Moses departed not from the camp.
لېكىن، گەرچە پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ۋە مۇسا بارگاھتىن قوزغالمىغان بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۆز مەيلىچە تاغقا چىقىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى.
45 And the Amalecite came down, and the Chanaanite that dwelt in the mountain: and smiting and slaying them pursued them as far as Horma.
شۇنىڭ بىلەن ئامالەكلەر بىلەن شۇ تاغدا تۇرۇشلۇق قانائانىيلار چۈشۈپ ئۇلارنى تاكى خورماھغىچە قوغلاپ، بىتچىت قىلىپ قىرغىن قىلدى.

< Numbers 14 >