< Joshua 14 >

1 This is what the children of Israel possessed in the land of Chanaan, which Eleazar the priest, and Josue the son of Nun, and the princes of the families by the tribes of Israel gave to them:
ئىسرائىللارنىڭ قانائان زېمىنىدىن ئالغان مىراسلىرى تۆۋەندىكىدەك؛ ئەلىئازار كاھىن بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى جەمەت-ئائىلە باشلىقلىرى مۇشۇ مىراسلارنى ئۇلارغا بۆلۈپ بەرگەن.
2 Dividing all by lot, as the Lord had commanded by the hand of Moses, to the nine tribes, and the half tribe.
پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن توققۇز يېرىم قەبىلە توغرىسىدا بۇيرۇغىنىدەك، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈلۈشى چەك تاشلاش بىلەن بۆلۈپ بېرىلدى.
3 For to two tribes and a half Moses had given possession beyond the Jordan: besides the Levites, who received no land among their brethren:
چۈنكى قالغان ئىككى قەبىلە بىلەن ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىنىڭ مىراسىنى بولسا مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئۇلارغا تەقسىم قىلغانىدى؛ لېكىن ئۇ لاۋىيلارغا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچ مىراس بەرمىگەنىدى
4 But in their place succeeded the children of Joseph divided into two tribes, of Manasses and Ephraim: neither did the Levites receive other portion of land, but cities to dwell in, and their suburbs to feed their beasts and flocks.
(يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسەھ ۋە ئەفرائىم دېگەن ئىككى قەبىلىگە بۆلۈنگەنىدى. لاۋىيلارغا بولسا، تۇرۇشقا بولىدىغان شەھەرلەر بېكىتىلىپ، شۇنداقلا شۇ شەھەرلەرگە تەۋە يايلاقلاردىن چارپايلىرىنى باقىدىغان ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان يەرلەردىن باشقا ئۇلارغا ھېچ ئۈلۈشلەرنى بەرمىگەنىدى).
5 As the Lord had commanded Moses, so did the children of Israel, and they divided the land.
پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ زېمىننى بۆلۈشۈۋالدى.
6 Then the children of Juda came to Josue in Galgal, and Caleb the son of Jephone the Cenezite spoke to him: Thou knowest what the Lord spoke to Moses the man of God concerning me and thee in Cadesbarne.
يەھۇدالار گىلگالغا، يەشۇئانىڭ قېشىغا كەلدى، كەنىززىي يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب يەشۇئاغا مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار ئۆز ئادىمى بولغان مۇساغا مەن بىلەن سېنىڭ توغراڭدا قادەش-بارنېئادا نېمە دېگەنلىكىنى بىلىسەنغۇ؛
7 I was forty Bears old when Moses the servant of the Lord sent me from Cadesbarne, to view the land, and I brought him word again as to me seemed true.
پەرۋەردىگارنىڭ ئادىمى مۇسا مېنى قادەش-بارنېئادىن زېمىننى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتكەندە، مەن قىرىق ياشتا ئىدىم؛ چىن [ئېتىقادلىق] كۆڭلۈم بىلەن ئۇنىڭغا خەۋەر يەتكۈزگەنىدىم.
8 But my brethren, that had gone up with me, discouraged the heart of the people: and I nevertheless followed the Lord my God.
ئەمما مەن بىلەن چىققان قېرىنداشلىرىم خەلقنىڭ كۆڭلىنى سۇ قىلىۋەتكەنىدى. لېكىن مەن بولسام پۈتۈن قەلبىم بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا ئەگەشتىم.
9 And Moses swore in that day, saying: The land which thy foot hath trodden upon shall be thy possession, and thy children’s for ever, because thou hast followed the Lord my God.
ئۇ كۈنى مۇسا قەسەم قىلىپ: ــ «سەن پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئەگەشكىنىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ پۇتۇڭ دەسسىگەن زېمىن جەزمەن ئەبەدگىچە سېنىڭ بىلەن نەسلىڭنىڭ مىراسى بولىدۇ» ــ دېگەنىدى.
10 The Lord therefore hath granted me life, as he promised until this present day. It is forty and five years since the Lord spoke this word to Moses, when Israel journeyed through the wilderness: this day I am eighty-five years old,
ــ مانا ئىسرائىل چۆلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندە، پەرۋەردىگار مۇساغا شۇ سۆزلەرنى دېگەن كۈنىدىن كېيىنكى قىرىق بەش يىل ئىچىدە ئۆزى ئېيتقىنىدەك مېنى تىرىك ساقلىدى. مانا مەن بۈگۈن سەكسەن بەش ياشقا كىردىم.
11 As strong as I was at that time when I was sent to view the land: the strength of that time continueth in me until this day, as well to fight as to march.
مەن مۇشۇ كۈندىمۇ مۇسا مېنى چارلاشقا ئەۋەتكەن كۈندىكىدەك كۈچلۈكمەن، مەيلى جەڭ قىلىش بولسۇن ياكى بىر يەرگە بېرىپ-كېلىش بولسۇن، مېنىڭ يەنىلا بالدۇرقىدەك كۈچ-دەرمانىم باردۇر.
12 Give me therefore this mountain, which the Lord promised, in thy hearing also, wherein are the Enacims, and cities great and strong: if so be the Lord will be with me, and I shall be able to destroy them, as he promised me.
ئەمدى پەرۋەردىگار شۇ كۈنىدە ۋەدە قىلغان بۇ تاغلىق يۇرتنى ماڭا مىراس قىلىپ بەرگىن؛ چۈنكى ئۇ كۈنى سەنمۇ ئۇ يەردە ئاناكىيلار تۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا چوڭ ھەم مۇستەھكەم شەھەرلەر بارلىقىنى ئاڭلىدىڭغۇ. لېكىن پەرۋەردىگار مەن بىلەن بىللە بولسىلا، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك مەن ئۇلارنى قوغلىۋېتىمەن».
13 And Josue blessed him, and gave him Hebron in possession.
بۇنى ئاڭلاپ يەشۇئا يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبكە بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ھېبروننى ئۇنىڭغا مىراس قىلىپ بەردى.
14 And from that time Hebron belonged to Caleb the son of Jephone the Cenezite, until this present day: because he followed the Lord the God of Israel.
شۇڭا ھېبرون تاكى بۈگۈنگىچە كەنىززىي يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبنىڭ مىراسى بولۇپ تۇرماقتا؛ چۈنكى ئۇ پۈتۈن قەلبى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئەگەشكەن
15 The name of Hebron before was called Cariath-Arbe: Adam the greatest among the Enacims was laid there: and the land rested from wars.
(ئىلگىرى ھېبرون بولسا كىرىئات-ئاربا دەپ ئاتىلاتتى. ئاربا دېگەن ئادەم ئاناكىيلار ئارىسىدا ئەڭ داڭقى چىققان ئادەم ئىدى). شۇنداق قىلىپ زېمىن جەڭدىن ئارام تاپتى.

< Joshua 14 >