< John 4 >

1 When Jesus therefore understood that the Pharisees had heard that Jesus maketh more disciples, and baptizeth more than John,
ئەمدى پەرىسىيلەرنىڭ «ئەيسانىڭ مۇخلىس قىلىپ چۆمۈلدۈرگەنلىرى يەھيانىڭكىدىن كۆپ ئىكەن» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغىنىنى رەب ئۇققاندىن كېيىن
2 (Though Jesus himself did not baptize, but his disciples, )
(ئەمەلىيەتتە ئەيسا ئۆزى ئەمەس، مۇخلىسلىرى چۆمۈلدۈرەتتى)
3 He left Judea, and went again into Galilee.
ئۇ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن چىقىپ يەنە گالىلىيەگە كەتتى.
4 And he was of necessity to pass through Samaria.
ئەمدى ئۇ يول ئۈستىدە سامارىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى.
5 He cometh therefore to a city of Samaria, which is called Sichar, near the land which Jacob gave to his son Joseph.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياقۇپ ئۆز ئوغلى يۈسۈپكە بەرگەن يەرگە يېقىن بولغان سامارىيەنىڭ سىخار دېگەن بىر شەھىرىگە كەلدى.
6 Now Jacob’s well was there. Jesus therefore being wearied with his journey, sat thus on the well. It was about the sixth hour.
شۇ يەردە «ياقۇپنىڭ قۇدۇقى» بار ئىدى. ئەيسا سەپىرىدە چارچىغىنىدىن قۇدۇقنىڭ قېشىغا كېلىپ ئولتۇردى. بۇ تەخمىنەن ئالتىنچى سائەت ئىدى.
7 There cometh a woman of Samaria, to draw water. Jesus saith to her: Give me to drink.
ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى يېمەكلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن شەھەرگە كىرىپ كەتكەنىدى. شۇ چاغدا، سامارىيەلىك بىر ئايال سۇ ئالغىلى كەلدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئىچكىلى سۇ بەرگىن، ــ دېدى.
8 For his disciples were gone into the city to buy meats.
9 Then that Samaritan woman saith to him: How dost thou, being a Jew, ask of me to drink, who am a Samaritan woman? For the Jews do not communicate with the Samaritans.
ئايال ئۇنىڭدىن: ــ ئۆزىڭىز يەھۇدىي تۇرسىڭىز، مەندەك سامارىيەلىك بىر ئايالدىن قانداقلارچە ئىچكىلى سۇ تەلەپ قىلىپ قالدىڭىز؟ ــ دەپ سورىدى (چۈنكى يەھۇدىيلار سامارىيەلىكلەر بىلەن ھېچقانداق باردى-كەلدى قىلمايتتى).
10 Jesus answered, and said to her: If thou didst know the gift of God, and who he is that saith to thee, Give me to drink; thou perhaps wouldst have asked of him, and he would have given thee living water.
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئەگەر سەن خۇدانىڭ سوۋغىتىنىڭ نېمىلىكى ۋە سەندىن سۇ سورىغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسەڭىدى، ئۇنداقتا سەن ئۇنىڭدىن تىلەيتتىڭ ۋە ئۇ ساڭا ھاياتلىق سۈيىنى بېرەتتى.
11 The woman saith to him: Sir, thou hast nothing wherein to draw, and the well is deep; from whence then hast thou living water?
ئايال ئۇنىڭدىن: ــ تەقسىر، سۇ تارتقۇدەك ھېچنەرسىڭىز بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇدۇق چوڭقۇر تۇرسا، ھاياتلىق سۈيىنى نەدىن ئالىسىز؟
12 Art thou greater than our father Jacob, who gave us the well, and drank thereof himself, and his children, and his cattle?
ئەجەبا، بۇ قۇدۇقنى بىزگە [مىراس] قالدۇرغان ئاتىمىز ياقۇپتىن ئۇلۇغمۇسىز؟ بۇ قۇدۇقتىن ئۆزى، ئوغۇللىرى ۋە مال-ۋارانلىرىمۇ سۇ ئىچكەن ــ دېدى.
13 Jesus answered, and said to her: Whosoever drinketh of this water, shall thirst again;
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بۇ سۇنى ئىچكەن ھەركىم يەنە ئۇسسايدۇ.
14 but he that shall drink of the water that I will give him, shall not thirst for ever: But the water that I will give him, shall become in him a fountain of water, springing up into life everlasting. (aiōn g165, aiōnios g166)
ئەمما مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكۈچى ھەركىم مەڭگۈگە ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ ۋە بەلكى مەن ئۇنىڭغا بېرىدىغان سۇ ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان، ئۇرغۇپ چىقىدىغان بىر بۇلاق بولىدۇ، ــ دېدى. (aiōn g165, aiōnios g166)
15 The woman saith to him: Sir, give me this water, that I may not thirst, nor come hither to draw.
ئايال: ــ تەقسىر، ماڭا بۇ سۇدىن بەرگەيسىزكى، مەن يەنە ئۇسسىمايدىغان ۋە مۇشۇ يەرگە سۇ تارتقىلى ئىككىنچى كەلگۈچى بولمايدىغان بولاي! ــ دېدى.
16 Jesus saith to her: Go, call thy husband, and come hither.
ئەيسا: ــ بېرىپ ئېرىڭنى بۇ يەرگە چاقىرىپ كەلگىن، ــ دېدى.
17 The woman answered, and said: I have no husband. Jesus said to her: Thou hast said well, I have no husband:
ــ ئېرىم يوق، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئايال. ــ ئېرىم يوق دەپ، راست ئېيتتىڭ.
18 For thou hast had five husbands: and he whom thou now hast, is not thy husband. This thou hast said truly.
چۈنكى بەش ئەرگە تەگدىڭ ۋە ھازىر سەندە بولغىنى سېنىڭ ئېرىڭ ئەمەس. بۇنى توغرا ئېيتتىڭ! ــ دېدى ئەيسا.
19 The woman saith to him: Sir, I perceive that thou art a prophet.
ئايال ئۇنىڭغا: ــ تەقسىر، ئەمدى كۆردۈمكى، سىز ئەسلىدە پەيغەمبەر ئىكەنسىز!
20 Our fathers adored on this mountain, and you say, that at Jerusalem is the place where men must adore.
ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ تاغدا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن، لېكىن سىلەر [يەھۇدىيلار] «ئىبادەتنى يېرۇسالېمدا قىلىش كېرەك!» دەۋالىسىلەرغۇ؟ ــ دېدى.
21 Jesus saith to her: Woman, believe me, that the hour cometh, when you shall neither on this mountain, not in Jerusalem, adore the Father.
ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ خانىم، ماڭا ئىشەنگىن، شۇنداق بىر ۋاقتى-سائىتى كېلىدۇكى، سىلەرنىڭ ئاتىغا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن نە بۇ تاغدا ياكى نە يېرۇسالېمدا بولۇشۇڭلارنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.
22 You adore that which you know not: we adore that which we know; for salvation is of the Jews.
سىلەر ئىبادەت قىلغىنىڭلارنى بىلمەيسىلەر؛ بىراق بىز كىمگە ئىبادەت قىلغىنىمىزنى بىلىمىز. چۈنكى نىجات-قۇتقۇزۇلۇش يەھۇدىيلار ئارقىلىق بولىدۇ.
23 But the hour cometh, and now is, when the true adorers shall adore the Father in spirit and in truth. For the Father also seeketh such to adore him.
لېكىن شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇ ــ ۋە شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى، ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار ئاتىغا روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ. ئاتا ئۆزىگە ئەنە شۇنداق ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئىزدىمەكتە.
24 God is a spirit; and they that adore him, must adore him in spirit and in truth.
خۇدا روھتۇر ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغۇچىلار روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشى كېرەكتۇر.
25 The woman saith to him: I know that the Messias cometh (who is called Christ). Therefore, when he is come, he will tell us all things.
ئايال ئۇنىڭغا: ــ مەسىھنىڭ، يەنى «خرىستوس» دېگەننىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇ كەلگەندە، بىزگە ھەممە ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ ــ دېدى.
26 Jesus saith to her: I am he, who am speaking with thee.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقۇچى مەن دەل شۇدۇرمەن! ــ دېدى.
27 And immediately his disciples came; and they wondered that he talked with the woman. Yet no man said: What seekest thou? or, why talkest thou with her?
شۇ چاغدا ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىر ئايال بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىغا ھاڭ-تاڭ قېلىشتى؛ لېكىن ھېچقايسىسى ئۇنىڭدىن: «ئۇنىڭدىن نېمە ئىزدەيسەن؟» ياكى «نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىسەن؟» دەپمۇ سورىمىدى.
28 The woman therefore left her waterpot, and went her way into the city, and saith to the men there:
شۇنىڭ بىلەن ئايال كوزىسىنى تاشلاپ قويۇپ، شەھەرگە قايتىپ بېرىپ، كىشىلەرگە:
29 Come, and see a man who has told me all things whatsoever I have done. Is not he the Christ?
ــ يۈرۈڭلار، ھاياتىمدا قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن بىر كىشىنى كۆرۈپ كېلىڭلار. ئەجەبا، مەسىھ شۇمىدۇ؟ ــ دېدى.
30 They went therefore out of the city, and came unto him.
بۇنىڭ بىلەن خالايىق شەھەردىن چىقىپ، ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىشكە باشلىدى.
31 In the mean time the disciples prayed him, saying: Rabbi, eat.
شۇ ئارىلىقتا مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، بىر نەرسە يەۋالساڭچۇ؟ ــ دەپ ئۆتۈنۈشتى.
32 But he said to them: I have meat to eat, which you know not.
لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ مېنىڭ سىلەر بىلمەيدىغان بىر يېمەكلىكىم بار، ــ دېدى.
33 The disciples therefore said one to another: Hath any man brought him to eat?
مۇخلىسلار بىر-بىرىگە: ــ ئەجەبا، بىرسى ئۇنىڭغا يېگىلى بىر نەرسە ئەكېلىپ بەرگەنمىدۇ؟ ــ دېيىشتى.
34 Jesus saith to them: My meat is to do the will of him that sent me, that I may perfect his work.
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ يېمەكلىكىم ــ مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ [ماڭا تاپشۇرغان] خىزمىتىنى تاماملاشتۇر.
35 Do you not say, There are yet four months, and then the harvest cometh? Behold, I say to you, lift up your eyes, and see the countries; for they are white already to harvest.
ــ سىلەر: «ھوسۇل يېغىشقا يەنە تۆت ئاي قالدى» دەۋاتمامسىلەر؟ مانا، سىلەرگە ئېيتايكى، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئېتىزلارغا قاراڭلار، زىرائەتلەر سارغىيىپ ئورۇشقا تەييار بولدى!
36 And he that reapeth receiveth wages, and gathereth fruit unto life everlasting: that both he that soweth, and he that reapeth, may rejoice together. (aiōnios g166)
ۋە ئورمىچى ئىش ھەققىنى ئالىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا توپلانغان ھوسۇلنى يىغىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېرىغۇچى بىلەن ئورمىچى تەڭ شادلىنىدۇ. (aiōnios g166)
37 For in this is the saying true: That it is one man that soweth, and it is another that reapeth.
چۈنكى بۇ ئىشتا «بىرى تېرىيدۇ، يەنە بىرى يىغىدۇ» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
38 I have sent you to reap that in which you did not labour: others have laboured, and you have entered into their labours.
مەن سىلەرنى ئۆزۈڭلار ئەمگەك سىڭدۈرمىگەن ھوسۇلنى يىغىشقا ئەۋەتتىم؛ باشقىلار ئەمگەك قىلدى ۋە سىلەر ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىنى ئېلىشقا نېسىپ بولدۇڭلار.
39 Now of that city many of the Samaritans believed in him, for the word of the woman giving testimony: He told me all things whatsoever I have done.
شۇ شەھەردىكى نۇرغۇن سامارىيەلىكلەر ھېلىقى ئايالنىڭ: «ئۇ ھاياتىمدا قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەردى» دېگەن گۇۋاھلىق سۆزىنى ئاڭلاپ، ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.
40 So when the Samaritans were come to him, they desired that he would tarry there. And he abode there two days.
شۇڭا، ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشىنى ئۆتۈنۈشكىلى تۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇ يەردە ئىككى كۈن تۇردى.
41 And many more believed in him because of his own word.
ئۇنىڭ سۆز-كالامى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى.
42 And they said to the woman: We now believe, not for thy saying: for we ourselves have heard him, and know that this is indeed the Saviour of the world.
ئۇلار ئايالغا: ــ بىزنىڭ ئېتىقاد قىلىشىمىز ئەمدى سېنىڭ سۆزلىرىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس، چۈنكى ئۆزىمىز ئۇنى ئاڭلىدۇق ۋە بىلدۇقكى، دۇنيانىڭ قۇتقۇزغۇچىسى دەل شۇ كىشىدۇر! ــ دېيىشتى.
43 Now after two days, he departed thence, and went into Galilee.
بۇ ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇ شۇ يەردىن چىقىپ گالىلىيەگە قاراپ ماڭدى
44 For Jesus himself gave testimony that a prophet hath no honour in his own country.
(چۈنكى ئەيسا ئۆزى: «ھېچبىر پەيغەمبەرنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئىززىتى يوقتۇر» دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنىدى).
45 And when he was come into Galilee, the Galileans received him, having seen all the things he had done at Jerusalem on the festival day; for they also went to the festival day.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ گالىلىيەگە كەلگىنىدە، گالىلىيەلىكلەر ئۇنىڭ [ئۆتۈپ كېتىش] ھېيتىدا يېرۇسالېمدا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرگەچكە، ئۇنى قارشى ئېلىشتى (چۈنكى ئۇلارمۇ ھېيتقا چىققانىدى).
46 He came again therefore into Cana of Galilee, where he made the water wine. And there was a certain ruler, whose son was sick at Capharnaum.
ئەمدى ئەيسا بۇ قېتىم گالىلىيەدىكى كانا يېزىسىغا يەنە باردى (ئۇ دەل شۇ يەردە سۇنى شارابقا ئايلاندۇرغانىدى). [شۇ كۈنلەردە]، كەپەرناھۇم شەھىرىدە ئوغلى كېسەل بولۇپ ياتقان بىر ئوردا ئەمەلدارى بار ئىدى.
47 He having heard that Jesus was come from Judea into Galilee, went to him, and prayed him to come down, and heal his son; for he was at the point of death.
ئۇ ئەيسانىڭ يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى ۋە: ــ [ئۆيۈمگە] چۈشۈپ، سەكراتتا ياتقان ئوغلۇمنى ساقايتىپ بەرگەيلا! ــ دەپ توختىماي ئىلتىجا قىلدى.
48 Jesus therefore said to him: Unless you see signs and wonders, you believe not.
شۇنىڭ بىلەن، ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ سىلەر [گالىلىيەلىكلەر] مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرمىگۈچە، ھېچ ئېتىقاد قىلمايسىلەر! ــ دېدى.
49 The ruler saith to him: Lord, come down before that my son die.
ئوردا ئەمەلدارى ئەيساغا: ــ تەقسىر، بالام ئۆلمەستە چۈشكەيلا! ــ دېدى.
50 Jesus saith to him: Go thy way; thy son liveth. The man believed the word which Jesus said to him, and went his way.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ بارغىن، ئوغلۇڭ ھايات قالدى! ــ دېدى. ھېلىقى ئادەم ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.
51 And as he was going down, his servants met him; and they brought word, saying, that his son lived.
يولدا كېتىپ بارغىنىدا، ئۇنىڭ قۇللىرى ئالدىغا چىقىپ، بالىلىرى ھايات، دەپ ئۇقتۇردى.
52 He asked therefore of them the hour wherein he grew better. And they said to him: Yesterday, at the seventh hour, the fever left him.
ئەمەلدار ئۇلاردىن ئوغلىنىڭ قايسى سائەتتىن باشلاپ ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى سورىۋىدى، ئۇلار: ــ تۈنۈگۈن يەتتىنچى سائەتتە قىزىتمىسى ياندى، ــ دېيىشتى.
53 The father therefore knew, that it was at the same hour that Jesus said to him, Thy son liveth; and himself believed, and his whole house.
بالىنىڭ ئاتىسى بۇنىڭ دەل ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «ئوغلۇڭ ھايات قالدى!» دېگەن سائەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزى پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئېتىقاد قىلىشتى.
54 This is again the second miracle that Jesus did, when he was come out of Judea into Galilee.
بۇ ئەيسانىڭ يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى كۆرسەتكەن ئىككىنچى مۆجىزىلىك ئالامىتى ئىدى.

< John 4 >