< Proverbs 1 >

1 Proverbs of Solomon, son of David, king of Israel:
ئىسرائىل پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ
2 to know wisdom and instruction; to discern the words of understanding;
بۇ پەند-نەسىھەتلەر ساڭا ئەقىل-پاراسەت، ئەدەپ-ئەخلاقنى ئۆگىتىپ، سېنى ئىبرەتلىك سۆزلەرنى چۈشىنىدىغان قىلىدۇ؛
3 to receive the instruction of wisdom, righteousness and judgment, and equity;
ساڭا دانالىق، ھەققانىيلىق، پەم-پاراسەت ۋە دۇرۇسلۇقنىڭ يوليورۇق-تەربىيىسىنى قوبۇل قىلدۇرىدۇ.
4 to give prudence to the simple, to the young man knowledge and discretion.
بۇ [پەند-نەسىھەتلەر] نادانلارنى زېرەك قىلىپ، ياشلارنى بىلىملىك ۋە سەزگۈر قىلىدۇ؛
5 He that is wise will hear, and will increase learning; and the intelligent will gain wise counsels:
بۇلارغا قۇلاق سېلىشى بىلەن دانالار بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ، يورۇتۇلغان كىشىلەر تېخىمۇ دانا مەسلىھەتكە ئېرىشىدۇ،
6 to understand a proverb and an allegory, the words of the wise and their enigmas.
شۇنداقلا پەند-نەسىھەتلەر ھەم تەمسىللەرنىڭ مەنىسىنى، دانىشمەنلەرنىڭ ھېكمەتلىرى ھەم تىلسىم سۆزلىرىنى چۈشىنىدىغان قىلىنىدۇ.
7 The fear of Jehovah is the beginning of knowledge: fools despise wisdom and instruction.
پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلىمنىڭ باشلىنىشىدۇر؛ ئەخمەقلەر دانالىقنى ۋە تەربىيىنى كۆزگە ئىلمايدۇ.
8 Hear, my son, the instruction of thy father, and forsake not the teaching of thy mother;
ئى ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ تەربىيىسىگە قۇلاق سال، ئاناڭنىڭ سۆز-نەسىھەتىدىن ئايرىلما؛
9 for they shall be a garland of grace unto thy head, and chains about thy neck.
چۈنكى ئۇلار سېنىڭ بېشىڭغا تاقالغان گۈل چەمبىرەك، بوينۇڭغا ئېسىلغان مارجان بولىدۇ.
10 My son, if sinners entice thee, consent not.
ئى ئوغلۇم، يامانلار سېنى ئازدۇرسا، ئۇلارغا ئەگەشمىگىن.
11 If they say, Come with us, let us lay wait for blood, let us lurk secretly for the innocent without cause;
ئەگەر ئۇلار: ــ يۈر، تۇزاق قۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرەيلى؛ يوشۇرۇنىۋېلىپ، بىرەر بىگۇناھ كەلگەندە ئۇرايلى!
12 let us swallow them up alive as Sheol, and whole, as those that go down into the pit; (Sheol h7585)
تەھتىسارادەك ئۇلارنى يۇتۇۋېتەيلى، ساق بولسىمۇ، ھاڭغا چۈشكەنلەردەك ئۇلارنى يىقىتايلى؛ (Sheol h7585)
13 we shall find all precious substance, we shall fill our houses with spoil:
ئۇلاردىن خىلمۇخىل قىممەتلىك مال-دۇنياغا ئىگە بولۇپ، ئۆيلىرىمىزنى ئولجا بىلەن تولدۇرىمىز.
14 cast in thy lot among us; we will all have one purse:
بىز بىلەن شېرىك بول، ھەميانىمىز بىر بولسۇن، دېسە، ــ
15 — my son, walk not in the way with them, keep back thy foot from their path;
ئى ئوغلۇم، ئۇلارغا يولداش بولما، ئۆزۈڭنى ئۇلارنىڭ ئىزىدىن نېرى قىل!
16 for their feet run to evil, and they make haste to shed blood.
چۈنكى ئۇلارنىڭ پۇتلىرى رەزىللىككە يۈگۈرىدۇ، قولىنى قان قىلىش ئۈچۈن ئالدىرايدۇ.
17 For in vain the net is spread in the sight of anything which hath wings.
ھەرقانداق ئۇچار قانات تۇيۇپ قالغاندا تۇزاق قويۇش بىكار ئاۋارىچىلىكتۇر؛
18 And these lay wait for their own blood; they lurk secretly for their own lives.
لېكىن بۇلار دەل ئۆز قېنىنى تۆكۈش ئۈچۈن ساقلايدۇ؛ ئۆز جانلىرىغا زامىن بولۇشنى كۈتىدۇ.
19 So are the paths of every one that is greedy of gain: it taketh away the life of its possessors.
نەپسى يوغىناپ كەتكەن ھەربىر ئادەمنىڭ يوللىرىنىڭ ئاقىۋىتى مانا شۇنداق؛ [ھارام مال-دۇنيا] ئۆز ئىگىلىرىنىڭ جېنىنى ئالىدۇ.
20 Wisdom crieth without; she raiseth her voice in the broadways;
[بۈيۈك] دانالىق كوچىدا ئوچۇق-ئاشكارا خىتاب قىلماقتا، چوڭ مەيدانلاردا ساداسىنى ئاڭلاتماقتا.
21 she calleth in the chief [place] of concourse, in the entry of the gates; in the city she uttereth her words:
كوچا دوقمۇشلىرىدا ئادەملەرنى چاقىرماقتا، شەھەر دەرۋازىلىرىدا سۆزلىرىنى جاكارلىماقتا: ــ
22 How long, simple ones, will ye love simpleness, and scorners take pleasure in their scorning, and the foolish hate knowledge?
ئى ساددىلار، قاچانغىچە مۇشۇنداق نادانلىققا بېرىلىسىلەر؟ مەسخىرە قىلغۇچىلار قاچانغىچە مەسخىرىلىكتىن ھۇزۇر ئالسۇن؟ ئەخمەقلەر قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلەنسۇن؟!
23 Turn you at my reproof: behold, I will pour forth my spirit unto you, I will make known to you my words.
تەنبىھلىرىمگە قۇلاق سېلىپ ماڭغان يولۇڭلاردىن يانغان بولساڭلار ئىدى! روھىمنى سىلەرگە تۆكۈپ بېرەتتىم، سۆزلىرىمنى سىلەرگە بىلدۈرگەن بولاتتىم.
24 Because I have called, and ye refused; I have stretched out my hand, and no one regarded;
لېكىن چاقىرسام، ئاڭلىمىدىڭلار؛ قولۇمنى ئۇزارتسام، ھېچقايسىڭلار قارىمىدىڭلار.
25 and ye have rejected all my counsel, and would none of my reproof:
نەسىھەتلىرىمنىڭ ھەممىسىگە پەرۋا قىلمىدىڭلار، تەنبىھىمنى ئاڭلاشنى قىلچە خالىمىدىڭلار.
26 I also will laugh in your calamity, I will mock when your fear cometh;
شۇڭا، بېشىڭلارغا بالايىقازا كەلگەندە كۈلىمەن، ۋەھىمە سىلەرگە يېتىشى بىلەن مەسخىرە قىلىمەن.
27 when your fear cometh as sudden destruction, and your calamity cometh as a whirlwind; when distress and anguish come upon you:
ھالاكەت ئېلىپ كەلگەن ۋەھىمە ئۈستۈڭلەرگە چۈشكەندە، ۋەيرانچىلىق سىلەرگە قۇيۇنتازدەك كەلگەندە، سىلەر ئېغىر قايغۇغا ۋە ئازابقا مۇپتىلا بولغىنىڭلاردا ــ
28 — then will they call upon me, but I will not answer; they will seek me early, and shall not find me.
ئۇ چاغدا مۇشۇ كىشىلەر مەندىن ئۆتۈنۈپ چاقىرىدۇ، مەن پەرۋا قىلمايمەن، مېنى تەلمۈرۈپ ئىزدىسىمۇ، تاپالمايدۇ.
29 Because they hated knowledge, and did not choose the fear of Jehovah;
ئۇلار بىلىمگە نەپرەتلەنگىنىدىن، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى تاللىمىغىنىدىن،
30 they would none of my counsel, they despised all my reproof:
مېنىڭ نەسىھىتىمنى قىلچە قوبۇل قىلغۇسى يوقلۇقىدىن، تەنبىھىمگىمۇ پەرۋا قىلمىغىنىڭلاردىن،
31 therefore shall they eat of the fruit of their way, and be filled with their own devices.
ئۇلار ئۆز بېشىنى يەيدۇ، ئۆز قەستلىرىدىن تولۇق ئازاب تارتىدۇ؛
32 For the turning away of the simple shall slay them, and the prosperity of the foolish shall cause them to perish.
چۈنكى ساددىلارنىڭ يولدىن چىقىشى ئۆز جېنىغا زامىن بولىدۇ؛ ئەخمەقلەر راھەتلىك تۇرمۇشىدىن ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ.
33 But whoso hearkeneth unto me shall dwell safely, and shall be at rest from fear of evil.
لېكىن ماڭا قۇلاق سالغانلار ئامان-ئېسەن ياشايدۇ، بالايىقازالاردىن، غەم-ئەندىشلەردىن خالىي بولۇپ، خاتىرجەم تۇرىدۇ.

< Proverbs 1 >