< Job 5 >

1 Call, I pray thee! Is there any that answereth thee? and to which of the holy ones wilt thou turn?
قېنى، ئىلتىجا قىلىپ باق، ساڭا جاۋاب قىلغۇچى بارمىكىن؟ مۇقەددەسلەرنىڭ قايسىسىدىن پاناھ تىلەيسەن؟
2 For vexation killeth the foolish man, and envy slayeth the simple.
چۈنكى ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى ئۆزىنى ئۆلتۈرىدۇ، قەھرى ناداننىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ.
3 I myself saw the foolish taking root, but suddenly I cursed his habitation.
مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن ئەخمەقنىڭ يىلتىز تارتقانلىقىنى كۆرگەنمەن؛ لېكىن شۇ ھامان ئۇنىڭ ماكانىنى «لەنەتكە ئۇچرايدۇ!» دەپ بىلدىم،
4 His children are far from safety, and they are crushed in the gate, and there is no deliverer:
ئۇنىڭ بالىلىرى ئامانلىقتىن يىراقتۇر؛ ئۇلار شەھەر دەرۋازىسىدا سوت قىلىنغاندا باستۇرۇلدى؛ ئۇلارغا ھېچكىم ھىمايىچى بولمايدۇ.
5 Whose harvest the hungry eateth up, and taketh even out of the thorns; and the snare gapeth for his substance.
ئۇنىڭ ھوسۇلىنى ئاچلار يەپ تۈگىتىدۇ؛ ئۇلار ھەتتا تىكەن ئارىسىدا قالغانلىرىنىمۇ ئېلىپ تۈگىتىدۇ؛ قىلتاقچىمۇ ئۇنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى يۇتۇۋېلىشقا تەييار تۇرىدۇ.
6 For evil cometh not forth from the dust, neither doth trouble spring out of the ground;
چۈنكى ئاۋارىچىلىك ئەزەلدىن توپىدىن ئۈنۈپ چىقمايدۇ، كۈلپەتمۇ يەردىن ئۆسۈپ چىققانمۇ ئەمەس.
7 For man is born to trouble, as the sparks fly upwards.
بىراق ئۇچقۇن يۇقىرىغا ئۇچىدىغاندەك، ئىنسان كۈلپەت تارتىشقا تۇغۇلغاندۇر.
8 But as for me I will seek unto God, and unto God commit my cause;
ئورنۇڭدا مەن بولسام، تەڭرىغىلا مۇراجىئەت قىلاتتىم، مەن ئىشىمنى خۇدايىمغىلا تاپشۇرىۋېتەتتىم.
9 Who doeth great things and unsearchable, marvellous things without number;
ئۇ ھېسابسىز كارامەتلەرنى، سان-ساناقسىز مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ.
10 Who giveth rain on the face of the earth, and sendeth waters on the face of the fields;
ئۇ يەرگە يامغۇر تەقدىم قىلىدۇ؛ ئۇ دالا ئۈستىگە سۇ ئەۋەتىپ بېرىدۇ.
11 Setting up on high those that are low; and mourners are exalted to prosperity.
ئۇ پەس ئورۇندا تۇرىدىغانلارنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ؛ ماتەم تۇتقانلار ئامانلىققا كۆتۈرۈلىدۇ.
12 He disappointeth the devices of the crafty, and their hands carry not out the enterprise.
ئۇ ھىيلىگەرلەرنىڭ نىيەتلىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ، نەتىجىدە ئۇلار ئىشىنى پۈتتۈرەلمەيدۇ.
13 He taketh the wise in their own craftiness; and the counsel of the wily is carried headlong:
ئۇ مەككارلارنى ئۆز ھىيلىگەرلىكىدىن تۇزاققا ئالىدۇ؛ ئەگرىلەرنىڭ نەيرەڭلىرى ئېقىتىپ كېتىلىدۇ.
14 They meet with darkness in the daytime, and grope at midday as in the night.
كۈندۈزدە ئۇلار قاراڭغۇلۇققا ئۇچرايدۇ؛ چۈشتە تۈن كېچىدەك سىلاشتۇرۇپ ماڭىدۇ.
15 And he saveth the needy from the sword, from their mouth, and from the hand of the mighty.
بىراق ئۇ مىسكىنلەرنى مەككارلارنىڭ قىلىچى ۋە ئاغزىدىن قۇتقۇزىدۇ، ئۇلارنى كۈچلۈكلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇدرەتلىك قولى بىلەن قۇتقۇزىدۇ.
16 So the poor hath what he hopeth for, and unrighteousness stoppeth her mouth.
شۇڭا، ئاجىزلار ئۈچۈن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ، قەبىھلىك ئاغزىنى يۇمىدۇ.
17 Behold, happy is the man whom God correcteth; therefore despise not the chastening of the Almighty.
قارا، تەڭرى ئىبرەت بەرگەن ئادەم بەختلىكتۇر، شۇڭا، ھەممىگە قادىرنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىما جۇمۇ!
18 For he maketh sore, and bindeth up; he woundeth, and his hands make whole.
چۈنكى ئۇ ئادەمنى يارىلاندۇرىدۇ، ئاندىن يارىنى تاڭىدۇ؛ ئۇ سانجىيدۇ، بىراق ئۇنىڭ قوللىرى يەنە ساقايتىدۇ.
19 He will deliver thee in six troubles, and in seven there shall no evil touch thee.
ئۇ سېنى ئالتە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزىدۇ؛ ھەتتا يەتتە كۈلپەتتە ھېچقانداق يامانلىق ساڭا تەگمەيدۇ.
20 In famine he will redeem thee from death, and in war from the power of the sword.
ئاچارچىلىقتا ئۇ سېنىڭ ئۈلۈمىڭگە، ئۇرۇشتا ئۇ ساڭا ئۇرۇلغان قىلىچ زەربىسىگە نىجاتكار بولىدۇ.
21 Thou shalt be hidden from the scourge of the tongue; and thou shalt not be afraid of destruction when it cometh.
سەن زەھەرلىك تىللارنىڭ زەربىسىدىمۇ باشپاناھلىق ئىچىگە يوشۇرۇنىسەن، ۋەيرانچىلىق كەلگەندە ئۇنىڭدىن ھېچ قورقمايدىغان بولىسەن.
22 At destruction and famine thou shalt laugh, and of the beasts of the earth thou shalt not be afraid.
ۋەيرانچىلىق ۋە قەھەتچىلىك ئالدىدا كۈلۈپلا قويىسەن؛ يەر يۈزىدىكى ھايۋانلاردىنمۇ ھېچ قورقمايسەن.
23 For thou shalt be in league with the stones of the field, and the beasts of the field shall be at peace with thee.
سەن دالادىكى تاشلار بىلەن ئەھدىداش بولىسەن؛ ياۋايى ھايۋانلارمۇ سەن بىلەن ئىناق ئۆتىدۇ.
24 And thou shalt know that thy tent is in peace; and thou wilt survey thy fold, and miss nothing.
سەن چېدىرىڭنىڭ تىنچ-ئامانلىقتا بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىسەن؛ مال-مۈلكۈڭنى ئېدىتلىسەڭ، ھەممە نېمەڭنىڭ تەل ئىكەنلىكىنى بايقايسەن.
25 And thou shalt know that thy seed is numerous, and thine offspring as the herb of the earth.
نەسلىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى، پەرزەنتلىرىڭنىڭ ئوت-چۆپتەك كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىسەن.
26 Thou shalt come to the grave in a ripe age, as a shock of corn is brought in in its season.
سەن ئۆز ۋاقتىدىلا يېتىلىپ يىغىلغان بىر باغ بۇغدايدەك، پەقەت ۋاقىت-سائىتىڭ پىشىپ يېتىلگەندىلا يەرلىكىڭگە كىرىسەن.
27 Behold this, we have searched it out, so it is; hear it, and know thou it for thyself.
بىز ئۆزىمىز بۇنى تەكشۈرۈپ كۆرگەنمىز ــ ئۇلار ھەقىقەتەن شۇنداقتۇر. شۇڭا ئۆزۈڭ ئاڭلاپ بىل، بۇلارنى ئۆزۈڭگە تەتبىقلاپ ئويلاپ باق».

< Job 5 >