< Isaiah 46 >

1 Bel is bowed down, Nebo bendeth; their idols are upon the beasts, and upon the cattle: the things ye carried are laid on, a burden to the weary [beast].
بەل بولسا تىز پۈكتى، نېبو ئېڭىشىۋاتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى ئۇلاغلارنىڭ زېممىسىگە، كالىلارنىڭ زىممىسىگە چۈشتى؛ سىلەر كۆتۈرگەن نەرسىلىرىڭلار ئەمدى ئۇلاغلارغا ئارتىلغان بولۇپ، ھالسىز ئۇلاغلارغا ئېغىر يۈك بولىدۇ!
2 They bend, they are bowed down together; they could not deliver the burden, and themselves are gone into captivity.
ئۇلار ئېڭىشىدۇ، بىرلىكتە تىز پۈكىشىدۇ؛ ئۇلار مۇشۇ يۈكنى قۇتقۇزالمايدۇ، بەلكى ئۆزلىرى ئەسىرگە چۈشىدۇ.
3 Hearken unto me, house of Jacob, and all the remnant of the house of Israel, ye who have been borne from the belly, who have been carried from the womb:
ئى ياقۇپنىڭ جەمەتى، شۇنداقلا ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قالدىسى، ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ ئۈستۈمگە ئارتىلغانلار، بالىياتقۇدىكى چاغدىن تارتىپ كۆتۈرۈلۈپ كەلگەنلەر، ــ ماڭا قۇلاق سېلىڭلار!
4 Even to old age, I [am] HE, and unto hoary hairs I will carry [you]: It is I that have made, and I will bear, and I will carry, and will deliver.
سىلەر قېرىغۇچىمۇ مەن يەنىلا شۇنداقتۇرمەن، چېچىڭلار ئاقارغۇچىمۇ مەن سىلەرنى يۈدۈپ يۈرىمەن؛ سىلەرنى ياسىغان مەندۇرمەن، سىلەرنى كۆتۈرىمەن؛ سىلەرنى يۈدۈپ قۇتقۇزىمەن.
5 To whom will ye liken me and make me equal, or compare me, that we may be like?
ئەمدى مېنى كىمگە ئوخشاتماقچى، ياكى كىمنى ماڭا تەڭ قىلماقچىسىلەر؟ ئۇنى ماڭا ئوخشاش دەپ، سىلەر كىمنى مەن بىلەن سېلىشتۇرماقچىسىلەر؟
6 — They lavish gold out of the bag, and weigh silver in the balance; they hire a goldsmith, and he maketh it a god: they fall down, yea, they worship.
ئۇلار بولسا ھەميانىدىن ئالتۇننى چېچىپ بېرىپ، كۈمۈشنىمۇ تارازىغا سالىدۇ، بىر زەرگەرنى ياللىۋالىدۇ، ئۇ بىر مەبۇدنى ياساپ بېرىدۇ؛ ئۇلار يىقىلىدۇ، دەرۋەقە چوقۇنىدۇ!
7 They bear him on the shoulder, they carry him, and set him in his place; there he standeth, he doth not remove from his place: yea, one crieth unto him, and he answereth not; he saveth him not out of his trouble.
ئۇلار ئۇنى مۈرىسىگە ئارتىدۇ، ئۇنى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئورنىغا قويىدۇ؛ ئاندىن ئۇ ئاشۇ يەردە ئۆرە تۇرىدۇ؛ ئۇ ئورنىدىن قوزغىلالمايدۇ؛ بىرسى ئۇنىڭغا يېلىنىپ تىلەيدۇ، لېكىن ئۇ جاۋاب بەرمەيدۇ؛ ئۇ كىشىنى ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتقۇزمايدۇ.
8 Remember this, and shew yourselves men; call it to mind, ye transgressors.
مۇشۇ ئىشلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار؛ شۇنداقلا ئۆزۈڭلارنى ھەقىقىي ئەركەكلەردەك كۆرسىتىڭلار؛ ئى، ئىتائەتسىزلەر، بۇنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار؛
9 Remember the former things of old; for I [am] God, and there is none else; [I am] God, and there is none like me;
ئىلگىرىكى ئىشلارنى، يەنى قەدىمدىن بولغان ئىشلارنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار؛ چۈنكى مەن تەڭرىدۇرمەن، باشقا بىرى يوقتۇر؛ مەن خۇدادۇرمەن، ماڭا ئوخشاشلار يوقتۇر؛
10 declaring the end from the beginning, and from ancient times the things that are not yet done, saying, My counsel shall stand, and I will do all my pleasure;
مەن: «مېنىڭ بېكىتكىنىم ئورۇنلىنىدۇ، كۆڭلۈمگە بارلىق پۈككەنلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرماي قويمايمەن» دەپ، ئىشنىڭ نەتىجىسىنى باشتىلا، ئالدىنئالا تېخى قىلىنمىغان ئىشلارنى ئايان قىلىپ ئېيتقۇچىدۇرمەن؛
11 calling a bird of prey from the east, the man of my counsel from a far country. Yea, I have spoken, I will also bring it to pass; I have purposed it, I will also do it.
كۈنچىقىشتىن يىرتقۇچ بىر قۇشنى، يەنى كۆڭلۈمگە پۈككىنىمنى ئادا قىلغۇچى بىر ئادەمنى يىراق يۇرتتىن چاقىرغۇچىدۇرمەن. بەرھەق، مەن سۆز قىلغان، بەرھەق، مەن ئۇنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن؛ بۇنى نىيەت قىلغانمەن، بەرھەق، مەن ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىمەن.
12 Hearken unto me, ye stout-hearted, that are far from righteousness:
ئى ھەققانىيلىقتىن يىراق كەتكەن جاھىللار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار: ــ
13 I bring near my righteousness; it shall not be far off, and my salvation shall not delay; and I will give salvation in Zion, [and] unto Israel my glory.
مەن ھەققانىيلىقىمنى يېقىن قىلىمەن، ئۇ يىراقلاشمايدۇ؛ شۇنىڭدەك مېنىڭ نىجاتىم ھەم كېچىكمەيدۇ؛ مەن زىئونغا نىجات يەتكۈزۈپ، ئىسرائىلغا جۇلالىق-گۈزەللىكىمنى تىكلەپ بېرىمەن».

< Isaiah 46 >