نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، ئاساف يازغان كۈي: ــ ئاۋازىم خۇداغا كۆتۈرۈلدى، مەن پەرياد قىلىمەن؛ ئاۋازىم خۇداغا كۆتۈرۈلدى، ئۇ ماڭا قۇلاق سالىدۇ. |
بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، مەن رەبنى ئىزدىدىم؛ كېچىچە قولۇمنى [دۇئاغا] كۆتۈرۈپ، بوش قويمىدىم؛ جېنىم تەسەللىنى خالىماي رەت قىلدى. |
مەن خۇدانى ئەسلەپ سېغىندىم، ئاھ-زار قىلدىم؛ سېغىنىپ ئويلىنىپ، روھىم پاراكەندە بولدى. سېلاھ. |
سەن مېنىڭ كۆزۈمنى يۇمدۇرمىدىڭ؛ چوڭقۇر غەشلىك ئىلكىدە بولغانلىقىمدىن سۆزلىيەلمەيتتىم. |
مەن: «كونا زاماندىكى كۈنلەرنى، قەدىمكى يىللارنى خىيال قىلىمەن؛ |
كېچىلەردە ئېيتقان ناخشامنى ئەسلەيمەن؛ كۆڭلۈمدە چوڭقۇر خىيال سۈرىمەن» ــ [دېدىم]؛ روھىم ئىنتىلىپ ئىزدىمەكتە ئىدى؛ |
ــ «رەب مەڭگۈگە تاشلىۋېتەمدۇ؟ ئۇ قايتىدىن ئىلتىپات كۆرسەتمەمدۇ؟ |
ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەمدى مەڭگۈگە تۈگەپ كەتتىمۇ؟ ئۇنىڭ ۋەدىسى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئىناۋەتسىز بولامدۇ؟ |
تەڭرى مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىشنى ئۈنتۇدىمۇ؟ ئۇ غەزەپلىنىپ ئۆز رەھىمدىللىقىنى توختىتىۋەتتىمۇ؟». سېلاھ. |
ئاندىن مەن مۇنداق دېدىم: ــ «بۇنداق دېسەم بولمايدۇ، بۇ [ئېتىقادىمنىڭ] ئاجىزلىقى ئەمەسمۇ! ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوڭ قولىنىڭ يىللىرىنى، يەنى ياھنىڭ قىلغانلىرىنى ــ ياد ئېتىمەن؛ قەدىمدىن بۇيانقى كارامەتلىرىڭنى ئەسلەيمەن. |
سېنىڭ بارلىق ئىشلىگەنلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛ سېنىڭ قىلغانلىرىڭ ئۈستىدە ئىستىقامەت قىلىمەن؛ |
ئى خۇدا، يولۇڭ بولسا پاك-مۇقەددەسلىكتىدۇر؛ خۇدادەك ئۇلۇغ بىر ئىلاھ بارمىدۇر؟ |
مۆجىزىلەر ياراتقۇچى ئىلاھدۇرسەن؛ ئەل-مىللەتلەر ئارا سەن كۈچۈڭنى نامايان قىلدىڭ. |
ئۆز بىلىكىڭ بىلەن ئۆز خەلقىڭنى، يەنى ياقۇپ ۋە يۈسۈپنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھۆرلۈككە چىقارغانسەن؛ سېلاھ. |
سۇلار سېنى كۆردى، ئى خۇدا، سۇلار سېنى كۆردى؛ تىترەك ئۇلارنى باستى، دېڭىز تەگلىرى پاتىپاراق بولدى. |
قارا بۇلۇتلار سۇلارنى تۆكۈۋەتتى؛ ئاسمانلار زور ساداسىنى ئاڭلاتتى؛ بەرھەق، سېنىڭ ئوقلىرىڭ تەرەپ-تەرەپكە ئېتىلدى. |
گۈلدۈرماماڭنىڭ ئاۋازى قارا قۇيۇندا ئىدى، چاقماقلار جاھاننى يورۇتتى؛ يەر يۈزى ئالاقزادە بولۇپ تەۋرەندى. |
سېنىڭ يولۇڭ ئوكيان-دېڭىزلاردا، قەدەملىرىڭ چوڭقۇر سۇلاردىدۇر، ئاياغ ئىزلىرىڭنى تاپقىلى بولمايدۇ. |
سەن قوي پادىسىنى باققاندەك، مۇسا ۋە ھارۇننىڭ قولى بىلەن ئۆز خەلقىڭنى يېتەكلىدىڭ». |