< Joshua 1 >

1 And it came to pass after the death of Moses, that the Lord spoke to Joshua the son of Naue, the minister of Moses, saying,
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار مۇسانىڭ خىزمەتكارى، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئاغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
2 Moses my servant is dead; now then arise, go over Jordan, thou and all this people, into the land, which I give them.
مېنىڭ قۇلۇم مۇسا ۋاپات بولدى. ئەمدى سەن قوزغىلىپ، بۇ خەلقنىڭ ھەممىسىنى باشلاپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، مەن ئۇلارغا، يەنى ئىسرائىللارغا تەقدىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرگىن.
3 Every spot on which ye shall tread I will give it to you, as I said to Moses.
مەن مۇساغا ئېيتقىنىمدەك، پۇتۇڭلارنىڭ تاپىنى قەيەرگە تەگكەن بولسا، شۇ جاينى سىلەرگە بەردىم؛
4 The wilderness and Antilibanus, as far as the great river, the river Euphrates, and as far as the extremity of the sea; your costs shall be from the setting of the sun.
چېگراڭلار چۆل-باياۋاندىن تارتىپ لىۋانغىچە، ھىتتىيلارنىڭ زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، ئەفرات دەرياسىدىن كۈن پېتىشتىكى ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولىدۇ.
5 Not a man shall stand against you all the days of thy life; and as I was with Moses, so will I also be with thee, and I will not fail thee, or neglect thee.
سېنىڭ بارلىق ھايات كۈنلىرىڭدە ھېچكىم ساڭا قارشى تۇرالمايدۇ. مەن ئۆزۈم مۇسا بىلەن بىللە بولغاندەك سېنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، سېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمەن.
6 Be strong and 'quit thyself like a man, for thou shalt divide the land to this people, which I sware to give to your fathers.
سەن جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن؛ چۈنكى سەن بۇ خەلقنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا بېرىشكە قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا مىراسخور قىلىپ ئىگىلىتىسەن.
7 Be strong, therefore, and quit thyself like a man, to observe and do as Moses my servant commanded thee; and thou shalt not turn therefrom to the right hand or to the left, that thou mayest be wise in whatsoever thou mayest do.
مېنىڭ قۇلۇم مۇسا ساڭا بۇيرۇغان بارلىق قانۇنغا ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، قەتئىي جۈرئەتلىك ۋە تولىمۇ قەيسەر بولغىن؛ سەن قەيەرگىلا بارساڭ ئىشلىرىڭ غەلىبىلىك بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن يا ئوڭ يا سولغا چەتنەپ كەتمە؛
8 And the book of this law shall not depart out of thy mouth, and thou shalt meditate in it day and night, that thou mayest know how to do all the things that are written [in it]; then shalt thou prosper, and make thy ways prosperous, and then shalt thou be wise.
بۇ قانۇن كىتابىنى ئۆز ئاغزىڭدىن نېرى قىلماي، ئۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئۇنى كېچە-كۈندۈز زىكىر قىلىپ ئويلا؛ شۇنداق قىلساڭ يوللىرىڭدا غەلىبىلىك بولۇپ، ئۆزۈڭ روناق تاپىسەن.
9 Lo! I have commanded thee; be strong and courageous, be not cowardly nor fearful, for the Lord thy God is with thee in all places whither thou goest.
مانا ساڭا: ــ جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بول، دەپ بۇيرۇغانىدىمغۇ؟ شۇڭا ھېچ ۋەھىمىگە چۈشمە، يۈرەكسىز بولما؛ چۈنكى قەيەرگە بارساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەن بىلەن بىرگىدۇر.
10 And Joshua commanded the scribes of the people, saying,
شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا خەلقنىڭ باشلىرىغا بۇيرۇپ: ــ
11 Go into the midst of the camp of the people, and command the people, saying, Prepare provisions; for yet three days and ye shall go over this Jordan, entering in to take possession of the land, which the Lord God of your fathers gives to you.
سىلەر چېدىرگاھتىن ئۆتۈپ خەلققە: ــ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئوزۇق-تۈلۈك تەييار قىلىڭلار، چۈنكى ئۈچ كۈن توشقاندا سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن كىرىسىلەر، ــ دەڭلار، دېدى.
12 And to Ruben, and to Gad, and to the half tribe of Manasse, Joshua said,
يەشۇئا رۇبەنلەر بىلەن گادلار ۋە ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە سۆز قىلىپ: ــ
13 Remember the word which Moses the servant of the Lord commanded you, saying, the Lord your God has caused you to rest, and has given you this land.
خۇدانىڭ قۇلى بولغان مۇسانىڭ سىلەرگە بۇيرۇپ: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئاراملىق ئاتا قىلىپ بۇ زېمىننى سىلەرگە بەرگەن، دەپ ئېيتقىنىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار.
14 Let your wives and your children and your cattle dwell in the land, which he has given you; and ye shall go over well armed before your brethren, every one of you who is strong; and ye shall fight on their side;
خوتۇن بالا-چاقاڭلار ۋە چارپايلىرىڭلار مۇسا ئۆزى سىلەرگە تەقسىم قىلغان، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدىكى زېمىندا قالسۇن، لېكىن ئاراڭلاردا قانچىلىك باتۇر پالۋان بولساڭلار، سىلەر ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئالدىدا سەپتە تۇرۇپ ئۇلارغا ياردەم بېرىپ جەڭ قىلىڭلار؛ تاكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار قېرىنداشلىرىڭلارغا سىلەرگە ئاتا قىلغىنىغا ئوخشاش ئارام ئاتا قىلىپ، قېرىنداشلىرىڭلارغا ئۇ ئۇلارغا مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىننى ئىگىلەتگۈچە شۇنداق قىلىڭلار. ئاندىن سىلەر تەۋەلىكىڭلار بولغان زېمىننى، يەنى خۇدانىڭ قۇلى بولغان مۇسا سىلەرگە تەقسىم قىلغان، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى بۇ زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن قايتىپ بېرىڭلار، ــ دېدى.
15 until the Lord your God shall have given your brethren rest, as also to you, and they also shall have inherited the land, which the Lord your God gives them; then ye shall depart each one to his inheritance, which Moses gave you beyond Jordan eastward.
16 And they answered Joshua and said, We will do all things which thou commandest us, and we will go to every place whither thou shalt send us.
ئۇلار يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: ــ سەن بىزگە ئەمر قىلغاننىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىمىز، سەن بىزنى قەيەرگە ئەۋەتسەڭ، شۇ يەرگە بارىمىز.
17 Whereinsoever we hearkened to Moses we will hearken to thee; only let the Lord our God be with thee, as he was with Moses.
بىز ھەممە ئىشتا مۇسانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغىنىمىزدەك ساڭا قۇلاق سالىمىز؛ بىردىنبىر تىلىكىمىز، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ مۇسا بىلەن بىللە بولغاندەك سېنىڭ بىلەنمۇ بىللە بولغاي!
18 And whosoever shall disobey thee, and whosoever shall not hearken to thy words as thou shalt command him, let him die; but be thou strong and courageous.
كىمكى سېنىڭ ئەمرىڭگە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، سەن بىزگە بۇيرۇغان ھەرقانداق سۆزلىرىڭگە قۇلاق سالمىسا، ئۆلتۈرۈلىدۇ! سەن پەقەتلا جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن، ــ دېدى.

< Joshua 1 >