< Numbers 3 >

1 Now these are the generations of Aaron and Moses, in the day when the word of the Lord came to Moses on Mount Sinai.
پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇسا بىلەن سۆزلەشكەن كۈنلەردە، ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىدى.
2 These are the names of the sons of Aaron: Nadab the oldest, and Abihu, Eleazar, and Ithamar.
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى مۇنداق: تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ناداب ئىدى، ئۇنىڭ يەنە ئابىھۇ، ئەلىئازار، ئىتامار دېگەن ئوغۇللىرى بار ئىدى.
3 These are the names of the sons of Aaron, the priests, on whom the holy oil was put, who were marked out as priests.
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى ئەنە شۇنداق ئىدى، ئۇلار مەسىھلەنگەن كاھىنلار ئىدى؛ [مۇسا] ئۇلارنى كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە خۇداغا ئاتاپ ئايرىغانىدى.
4 And Nadab and Abihu were put to death before the Lord when they made an offering of strange fire before the Lord, in the waste land of Sinai, and they had no children: and Eleazar and Ithamar did the work of priests before Aaron their father.
لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ سىناي چۆلىدە غەيرىي بىر ئوتنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنغىنى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار ئالدىدا ئۆلدى ۋە ئۇلارنىڭ ھېچ نەسلى قالدۇرۇلمىدى؛ ئەلىئازار بىلەن ئىتامار ئۆز ئاتىسى ھارۇن ئالدىدا كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى.
5 And the Lord said to Moses,
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: —
6 Make the tribe of Levi come near, and put them before Aaron the priest, to be his helpers,
سەن لاۋىي قەبىلىسىنى ئالدىڭغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى كاھىن ھارۇننىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىل.
7 In order that they may be responsible to him and to all Israel for the care of the Tent of meeting, and to do the work of the House;
ئۇلار ھارۇننىڭ ھاجىتى ۋە پۈتكۈل جامائەتنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىدا ۋەزىپە ئۆتەپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ خىزمىتىنى بېجىرسۇن.
8 And they will have the care of all the vessels of the Tent of meeting, and will do for the children of Israel all the necessary work of the House.
ئۇلار يەنە جامائەت چېدىرىدىكى بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى باشقۇرۇش بىلەن ئىسرائ‍ىللارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى بېجىرسۇن.
9 Give the Levites to Aaron and his sons; so that they may be his without question from among the children of Israel.
سەن لاۋىيلارنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەقسىملەپ بەرگىن؛ ئۇلار ئىسرائ‍ىللار ئىچىدىن مەخسۇس ئۇنىڭغا تاللاپ بېرىلگەن.
10 And give orders that Aaron and his sons are to keep their place as priests; any strange person who comes near is to be put to death.
ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىنى بولسا سەن ئۆزىنىڭ كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە بېكىتكىن؛ ھەرقانداق يات كىشى يېقىنلاشسا ئۆلتۈرۈلسۇن، — دېدى.
11 And the Lord said to Moses,
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: —
12 See, I have taken the Levites out of the children of Israel to be mine in place of the first sons of the children of Israel;
— قارا، مەن ئىسرائ‍ىللار ئىچىدىن لاۋىيلارنى تاللىدىم، ئۇلارنى ئىسرائىل ئىچىدە بالىياتقۇنىڭ بارلىق تۇنجى مېۋىسىنىڭ ئورنىغا، يەنى چوڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىغا قويىمەن، شۇڭا لاۋىيلار مېنىڭ بولىدۇ.
13 For all the first sons are mine; on the day when I put to death all the first sons in the land of Egypt, I took for myself every first male birth of man and beast. They are mine; I am the Lord.
چۈنكى تۇنجى ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى مېنىڭكىدۇر؛ مەن مىسىر زېمىنىدا تۇنجى تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنى قەتل قىلغان كۈنىدە ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئىچىدىكى تۇنجىلارنىڭ ھەممىسىنى، مەيلى ئادەم بولسۇن ياكى ھايۋان بولسۇن، مۇقەددەس ھېسابلاپ مېنىڭكى قىلغانىدىم. ئۇلار مېنىڭكىدۇر؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
14 And the Lord said to Moses in the waste land of Sinai,
ئاندىن پەرۋەردىگار سىناي چۆل-باياۋىنىدا مۇساغا: —
15 Let all the children of Levi be numbered by their families and their fathers' houses; let every male of a month old and over be numbered.
— سەن لاۋىيلارنى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈز؛ بارلىق ئەركەكلەرنى، يەنى بىر ئايلىقتىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسىنى ساناقتىن ئۆتكۈز، — دېدى.
16 So Moses did as the Lord said, numbering them as he had been ordered.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۆزىگە دېيىلگەندەك لاۋىيلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزدى.
17 These were the sons of Levi by name: Gershon and Kohath and Merari.
لاۋىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى مۇنداق: — گەرشون، كوھات، مەرارى.
18 And these are the names of the sons of Gershon, by their families: Libni and Shimei.
گەرشوننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى ئائىلىلىرى بويىچە لىبنى ۋە شىمەي ئىدى.
19 And the sons of Kohath, by their families: Amram and Izhar and Hebron and Uzziel.
كوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئائىلىلىرى بويىچە ئامرام، ئىزھار، ھېبرون ۋە ئۇززىئەل ئىدى.
20 And the sons of Merari by their families: Mahli and Mushi. These are the families of the Levites in the order of their fathers' houses.
مەرارىنىڭ ئوغۇللىرى ئائىلىلىرى بويىچە ماھلى ۋە مۇشى ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتا جەمەتى بويىچە لاۋىيلارنىڭ جەمەتى بولدى.
21 From Gershon come the Libnites and the Shimeites; these are the families of the Gershonites.
گەرشوندىن لىبنىلارنىڭ جەمەتى بىلەن شىمەيلەرنىڭ جەمەتى ۋۇجۇدقا كەلدى؛ بۇلار گەرشونلارنىڭ جەمەتلىرى ئىدى.
22 Those who were numbered of them, the males from one month old and over, were seven thousand, five hundred.
بارلىق ئەرلەرنىڭ سانىغا ئاساسەن، بىر ئايلىقتىن ئاشقانلىرىنىڭ ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلىرى جەمئىي يەتتە مىڭ بەش يۈز كىشى بولدى.
23 The tents of the Gershonites are to be placed at the back of the House, to the west.
گەرشوننىڭ جەمەتى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئارقا تەرىپىدە، يەنى غەرب تەرەپتە بارگاھ قۇردى؛
24 The chief of the Gershonites is Eliasaph, the son of Lael.
گەرشون جەمەتىنىڭ ئەمىرى لائەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف ئىدى.
25 In the Tent of meeting, the Gershonites are to have the care of the House, and the Tent with its cover, and the veil for the door of the Tent of meeting,
گەرشونلارنىڭ جامائەت چېدىرىدىكى ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۆزىدىكى ئاستىنقى ئىككى ياپقۇچ-پەردە، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يوپۇق ۋە جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشىك پەردىسىگە،
26 And the hangings for the open space round the House and the altar, and the curtain for its doorway, and all the cords needed for its use.
شۇنداقلا ھويلا ئەتراپىدىكى پەردىلەر، ھويلا دەرۋازىسىنىڭ پەردىسى ‹ھويلا پەردىلىرى ئىبادەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنى چۆرىدەپ تۇراتتى› ۋە ھويلىدا ئىشلىتىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك بارلىق تانىلارغاقاراش ئىدى.
27 From Kohath come the Amramites and the Izharites and the Hebronites and the Uzzielites; these are the families of the Kohathites.
كوھاتتىن ئامراملارنىڭ جەمەتى، ئىزھارلارنىڭ جەمەتى، ھېبرونلارنىڭ جەمەتى ۋە ئۇززىئەللەرنىڭ جەمەتى ۋۇجۇدقا كەلدى؛ بۇ كوھاتلارنىڭ جەمەتلىرى ئىدى.
28 Those who were numbered of them, the males from one month old and over, were eight thousand, six hundred, who were responsible for the care of the holy place.
بارلىق ئەركەكلەرنىڭ سانى بويىچە، بىر ئايلىقتىن ئاشقانلار جەمئىي سەككىز مىڭ ئالتە يۈز ئادەم بولۇپ چىقتى؛ ئۇلار مۇقەددەس جايغا قاراش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان بولدى.
29 The tents of the Kohathites are to be placed on the south side of the House.
كوھات ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى جامائەت چېدىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بارگاھ تىكتى.
30 Their chief is Elizaphan, the son of Uzziel.
كوھات جەمەتىنىڭ ئەمىرى ئۇززىئەلنىڭ ئوغلى ئەلىزافان ئىدى.
31 In their care are the ark, and the table, and the lights, and the altars, and all the vessels used in the holy place, and the veil, and all they are used for.
ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئەھدە ساندۇقى، شىرە، چىراغدان، ئىككى قۇربانگاھ، شۇنىڭدەك مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىدە ئىشلىتىدىغان قاچا-قۇچا، پەردە ۋە ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىدە ئىشلىتىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە قاراش ئىدى.
32 Eleazar, the son of Aaron the priest, will be head over all the Levites and overseer of those responsible for the care of the holy place.
لاۋىيلارنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئەمىرى بولسا كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازار ئىدى؛ ئۇ مۇقەددەسخانىغا قاراش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلار ئۈستىدىن نازارەت قىلىدىغان بولدى.
33 From Merari come the Mahlites and the Mushites; these are the families of Merari.
مەرارىدىن ماھلى جەمەتى بىلەن مۇشى جەمەتى ۋۇجۇدقا كەلدى؛ بۇلار مەرارىنىڭ جەمەتلىرى بولدى.
34 Those who were numbered of them, the males of a month old and over, were six thousand, two hundred.
بارلىق ئەركەكلەرنىڭ سانىغا ئاساسەن، بىر ئايلىقتىن يۇقىرى بولغانلار ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئالتە مىڭ ئىككى يۈز كىشى چىقتى.
35 The chief of the families of Merari was Zuriel, the son of Abihail: their tents are to be placed on the north side of the House.
مەرارىنىڭ جەمەتىنىڭ ئەمىرى ئابىھايىلنىڭ ئوغلى زۇرىيەل بولدى؛ ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ شىمال تەرىپىگە بارگاھ قۇردى.
36 And in their care are to be all the boards of the Tent, with their rods and pillars and bases, and all the instruments, and all they are used for,
مەرارى ئەۋلادلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنىڭ تاختايلىرى، بالداقلىرى، خادىلىرىغا، تەگلىكلىرى بارلىق ئەسۋاب-جابدۇقلىرىغا قاراش، شۇنىڭدەك بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىتىلىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە،
37 And the pillars of the open space round it, with their bases and nails and cords.
شۇنداقلا ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى خادىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرى، قوزۇق ۋە تانىلارغا مەسئۇل بولۇشقا بەلگىلەنىدى.
38 And those whose tents are to be placed on the east side of the House in front of the Tent of meeting, looking to the dawn, are Moses and Aaron and his sons, who will do the work of the holy place for the children of Israel; and any strange person who comes near will be put to death.
ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا، شەرق تەرىپىگە، يەنى جامائەت چېدىرىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىگە بارگاھ قۇرغانلار مۇسا، ھارۇن ۋە ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى؛ ئۇلار ئىسرائ‍ىللارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، مۇقەددەس جايغا قارايدىغان بولدى؛ ئۇلارغا يات بولغان ھەرقانداق ئادەم [مۇقەددەس] جايغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلەتتى.
39 All the Levites numbered by Moses and Aaron at the order of the Lord, all the males of one month old and over numbered in the order of their families, were twenty-two thousand.
مۇسا بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ساناقتىن ئۆتكۈزگەن بارلىق لاۋىيلار، جەمەتلىرى بويىچە، يەنى بىر ئايلىقتىن يۇقىرى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئەركەكلەر جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ چىقتى.
40 And the Lord said to Moses, Let all the first male children be numbered, and take the number of their names.
پەرۋەردىگار مۇساغا: — سەن ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە بىر ئايلىقتىن ئاشقان تۇنجى ئوغۇللارنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسىم-فامىلىسى بويىچە تىزىملاپ چىق.
41 And give to me the Levites (I am the Lord) in place of the first sons of the children of Israel; and the cattle of the Levites in place of the first births among the cattle of the children of Israel.
سەن لاۋىيلارنى ئىسرائ‍ىللارنىڭ بارلىق تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا خاس قىل ‹مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن›؛ لاۋىيلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىمۇ ئىسرائ‍ىللارنىڭ بارلىق تۇنجى مال-چارۋىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا خاس قىل، — دېدى.
42 So Moses had all the first sons among the children of Israel numbered, as the Lord said to him.
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئىسرائ‍ىللارنىڭ تۇنجىلىرىنى قويماي ساناقتىن ئۆتكۈزدى.
43 Every first son from a month old and over was numbered by name, and the number came to twenty-two thousand, two hundred and seventy-three.
بىر ئايلىقتىن يۇقىرى تۇنجى ئوغۇل بالىلىرىنى ئىسىم-فامىلىسى بىلەن ساناقتىن ئۆتكۈزگەندە، ئۇلار جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ ئىككى يۈز يەتمىش ئۈچ كىشى چىقتى.
44 And the Lord said to Moses,
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: —
45 Take the Levites in place of all the first sons of the children of Israel, and the cattle of the Levites in place of their cattle; the Levites are to be mine; I am the Lord.
سەن لاۋىيلارنى ئىسرائ‍ىللارنىڭ تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تاللا، شۇنداقلا لاۋىيلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىمۇ ئىسرائ‍ىللارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تاللا؛ شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار مېنىڭكى بولىدۇ؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
46 And the price you have to give for the two hundred and seventy-three first sons of the children of Israel which are in addition to the number of the Levites,
ۋە لاۋىيلارنىڭ سانىدىن ئارتۇق چىققان ئىسرائ‍ىللارنىڭ تۇنجىلىرى، يەنى شۇ ئىككى يۈز يەتمىش ئۈچى ئۈچۈن ھۆرلۈك ھەققىنى قوبۇل قىلغىن؛
47 Will be five shekels for every one, by the scale of the holy place (the shekel is twenty gerahs);
شۇلارنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن بەش شەكەل كۈمۈش ئال، كىشى سانىغا قاراپ بولسۇن؛ مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچەۇلاردىن ئالغىن ‹بىر شەكەل يىگىرمە گەراھدۇر›.
48 And this money, the price of those over the number of the Levites, is to be given to Aaron and his sons.
ئارتۇق چىققان ئادەملەرنىڭ، يەنى ھۆرلۈك ھەققىنى تۆلىشى كېرەك بولغانلارنىڭ كۈمۈشىنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەر.
49 So Moses took the money, the price of those whose place had not been taken by the Levites;
ئەمدى لاۋىيلار تەرىپىدىن «ھۆرلۈككە چىقىرىلغان» دەپ ھېسابلانغان تۇنجى ئوغۇللاردىن ئارتۇق چىققانلاردىن بولسا، مۇسا ئۇلاردىن شۇ ھۆرلۈك ھەققىنى ئالدى؛
50 From the first sons of Israel he took it, a thousand, three hundred and sixty-five shekels, by the scale of the holy place;
ئۇ ئىسرائ‍ىللارنىڭ تۇنجىلىرىدىن شۇ كۈمۈشنى، يەنى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە جەمئىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش شەكەل ئالدى.
51 And he gave the money to Aaron and his sons, as the Lord had said.
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە «ھۆرلۈككە چىقىرىلغان»لارنىڭ كۈمۈشىنى دەل پەرۋەردىگار بۇيرۇغىنىدەك، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەردى.

< Numbers 3 >