< Job 31 >

1 I made an agreement with my eyes; how then might my eyes be looking on a virgin?
«مەن كۆزۈم بىلەن ئەھدىلەشكەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قانداقمۇ قىزلارغا ھەۋەس قىلىپ كۆز تاشلاپ يۈرەي؟
2 For what is God's reward from on high, or the heritage given by the Ruler of all from heaven?
ئۇنداق قىلسام ئۈستۈمدىكى تەڭرىدىن ئالىدىغان نېسىۋەم نېمە بولار؟ ھەممىگە قادىردىن ئالىدىغان مىراسىم نېمە بولار؟
3 Is it not trouble for the sinner, and destruction for the evil-doers?
بۇ گۇناھنىڭ نەتىجىسى ھەققانىيسىزلارغا بالا-قازا ئەمەسمۇ؟ قەبىھلىك قىلغانلارغا كۈلپەت ئەمەسمۇ؟
4 Does he not see my ways, and are not my steps all numbered?
ئۇ مېنىڭ يوللىرىمنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ھەربىر قەدەملىرىمنى ساناپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟
5 If I have gone in false ways, or my foot has been quick in working deceit;
ئەگەر ساختىلىققا ھەمراھ بولۇپ ماڭغان بولسامئىدى! ئەگەر پۇتۇم ئالدامچىلىق بىلەن بىللە بولۇشقا ئالدىرىغان بولسا،
6 (Let me be measured in upright scales, and let God see my righteousness: )
(مەن ئادىللىق مىزانىغا قويۇلغان بولسامئىدى! ئۇنداقتا تەڭرى ئەيىبسىزلىكىمدىن خەۋەر ئالالايتتى!)
7 If my steps have been turned out of the way, or if my heart went after my eyes, or if the property of another is in my hands;
ئەگەر قەدىمىم يولدىن چىققان بولسا، كۆڭلۈم كۆزۈمگە ئەگىشىپ ماڭغان بولسا، ئەگەر قولۇمغا ھەرقانداق داغ چاپلاشقان بولسا،
8 Let me put seed in the earth for another to have the fruit of it, and let my produce be uprooted.
ئۇنداقتا مەن تېرىغاننى باشقا بىرسى يېسۇن! بىخلىرىم يۇلۇنۇپ تاشلىۋېتىلسۇن!
9 If my heart went after another man's wife, or if I was waiting secretly at my neighbour's door;
ئەگەر قەلبىم مەلۇم بىر ئايالدىن ئازدۇرۇلغان بولسا، شۇ نىيەتتە قوشنامنىڭ ئىشىك ئالدىدا پايلاپ تۇرغان بولسام،
10 Then let my wife give pleasure to another man and let others make use of her body.
ئۆز ئايالىم باشقىلارنىڭ تۈگمىنىنى تارتىدىغان كۈنگە قالسۇن، باشقىلار ئۇنى ئاياق ئاستى قىلسۇن.
11 For that would be a crime; it would be an act for which punishment would be measured out by the judges:
چۈنكى بۇ ئەشەددىي نومۇسلۇق گۇناھتۇر؛ ئۇ سوراقچىلار تەرىپىدىن جازالىنىشى كېرەكتۇر.
12 It would be a fire burning even to destruction, and taking away all my produce.
[بۇ گۇناھ] بولسا ئادەمنى ھالاك قىلغۇچى ئوتتۇر؛ ئۇ مېنىڭ بارلىق تاپقانلىرىمنى يۇلۇپ ئالغان بولاتتى.
13 If I did wrong in the cause of my man-servant, or my woman-servant, when they went to law with me;
ئەگەر قۇلۇمنىڭ ياكى دېدىكىمنىڭ ماڭا قارىتا ئەرزى بولغان بولسا، ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى كۆزۈمگە ئىلمىغان بولسام،
14 What then will I do when God comes as my judge? and what answer may I give to his questions?
ئۇنداقتا تەڭرى مېنى سوراققا تارتىشقا ئورنىدىن تۇرغاندا قانداق قىلىمەن؟ ئەگەر ئۇ مەندىن سوئال-سوراق ئالىمەن دەپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىمەن؟
15 Did not God make him as well as me? did he not give us life in our mothers' bodies?
مېنى بالىياتقۇدا ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارنىمۇ ئاپىرىدە قىلغان ئەمەسمۇ. مەن بىلەن ئۇ ئىككىمىزنى ئانىلىرىمىزنىڭ بالىياتقۇسىدا تۆرەلدۈرگۈچى بىر ئەمەسمۇ؟
16 If I kept back the desire of the poor; if the widow's eye was looking for help to no purpose;
ئەگەر مىسكىنلەرنى ئۆز ئارزۇ-ئۈمىدلىرىدىن توسقان بولسام، ئەگەر تۇل خوتۇننىڭ كۆز نۇرىنى قاراڭغۇلاشتۇرغان بولسام،
17 If I kept my food for myself, and did not give some of it to the child with no father;
ياكى ئۆزۈمنىڭ بىر چىشلەم نېنىمنى يالغۇز يېگەن بولسام، ئۇنى يېتىم-يېسىر بىلەن بىللە يېمىگەن بولسام
18 (For I was cared for by God as by a father from my earliest days; he was my guide from the body of my mother; )
(ئەمەلىيەتتە ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ ئوغلى ئاتا بىلەن بىللە بولغاندەك ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە تۇرغانىدى، ئاپامنىڭ قورسىقىدىن چىققاندىن تارتىپلا تۇل خوتۇننىڭ يۆلەنچۈكى بولۇپ كەلدىم)،
19 If I saw one near to death for need of clothing, and that the poor had nothing covering him;
ئەگەر كىيىم-كېچەك كەملىكىدىن ھالاك بولاي دېگەن بىرىگە، ياكى چاپانسىز بىر يوقسۇلغا قاراپ ئولتۇرغان بولسام،
20 If his back did not give me a blessing, and the wool of my sheep did not make him warm;
ئەگەر ئۇنىڭ بەللىرى [كىيىمسىز قېلىپ] ماڭا بەخت تىلىمىگەن بولسا، ئەگەر ئۇ قوزىلىرىمنىڭ يۇڭىدا ئىسسىنمىغان بولسا،
21 If my hand had been lifted up against him who had done no wrong, when I saw that I was supported by the judges;
ئەگەر شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا «[ھۆكۈم چىقارغانلار ئارىسىدا] مېنىڭ يۆلەنچۈكۈم بار» دەپ، يېتىم-يېسىرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا قول كۆتۈرگەن بولسام،
22 May my arm be pulled from my body, and be broken from its base.
ئۇنداقتا مۈرەم تاغىقىدىن ئاجرىلىپ چۈشسۇن! بىلىكىم ئۈگىسىدىن سۇنۇپ كەتسۇن!
23 For the fear of God kept me back, and because of his power I might not do such things.
چۈنكى تەڭرى چۈشۈرگەن بالايىئاپەت مېنى قورقۇنچقا سالماقتا ئىدى، ئۇنىڭ ھەيۋىتىدىن ئۇنداق ئىشلارنى قەتئىي قىلالمايتتىم.
24 If I made gold my hope, or if I ever said to the best gold, I have put my faith in you;
ئەگەر ئالتۇنغا ئىشىنىپ ئۇنى ئۆز تايانچىم قىلغان بولسام، ياكى ساپ ئالتۇنغا: «يۆلەنچۈكۈمسەن!» دېگەن بولسام،
25 If I was glad because my wealth was great, and because my hand had got together a great store;
ئەگەر بايلىقلىرىم زور بولغانلىقىدىن، ياكى قولۇم ئالغان غەنىيمەتتىن شادلىنىپ كەتكەن بولسام،
26 If, when I saw the sun shining, and the moon moving on its bright way,
ئەگەر مەن قۇياشنىڭ جۇلاسىنى چاچقانلىقىنى كۆرۈپ، ياكى ئاينىڭ ئايدىڭدا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ،
27 A secret feeling of worship came into my heart, and my hand gave kisses from my mouth;
كۆڭلۈم ئاستىرتىن ئازدۇرۇلغان بولسا، شۇنداقلا [بۇلارغا چوقۇنۇپ] ئاغزىم قولۇمنى سۆيگەن بولسا،
28 That would have been another sin to be rewarded with punishment by the judges; for I would have been false to God on high.
بۇمۇ سوراقچى ئالدىدا گۇناھ دەپ ھېسابلىناتتى، چۈنكى شۇنداق قىلغان بولسام مەن يۇقىرىدا تۇرغۇچى تەڭرىگە ۋاپاسىزلىق قىلغان بولاتتىم.
29 If I was glad at the trouble of my hater, and gave cries of joy when evil overtook him;
ئەگەر ماڭا نەپرەتلەنگەن كىشىنىڭ ھالاكىتىگە قارىغىنىمدا شادلىنىپ كەتكەن بولسام، بېشىغا كۈلپەت چۈشكەنلىكىدىن خۇشال بولغان بولسام ــ
30 (For I did not let my mouth give way to sin, in putting a curse on his life; )
(ئەمەلىيەتتە ئۇ تۈگەشسۇن دەپ قارغاپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەپ ئاغزىمنى گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە يول قويمىغانمەن)
31 If the men of my tent did not say, Who has not had full measure of his meat?
ئەگەر چېدىرىمدىكىلەر مەن توغرۇلۇق: «خوجايىنىمىزنىڭ داستىخىنىدىن يەپ تويۇنمىغان قېنى كىم بار؟» دېمىگەن بولسا،
32 The traveller did not take his night's rest in the street, and my doors were open to anyone on a journey;
(مۇساپىرلاردىن كوچىدا قالغىنى ئەزەلدىن يوقتۇر؛ چۈنكى ئىشىكىمنى ھەردائىم يولۇچىلارغا ئېچىپ كەلگەنمەن)
33 If I kept my evil doings covered, and my sin in the secret of my breast,
ئەگەر ئادەمئاتىمىزدەك ئىتائەتسىزلىكلىرىمنى ياپقان، قەبىھلىكىمنى كۆڭلۈمگە يوشۇرغان بولسام،
34 For fear of the great body of people, or for fear that families might make sport of me, so that I kept quiet, and did not go out of my door;
ھەمدە شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل خالايىق ئالدىدا ئۇنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن قورقۇپ يۈرگەن بولسام، جەمئىيەتنىڭ كەمسىتىشلىرى ماڭا ۋەھىمە قىلغان بولسا، شۇنىڭ بىلەن مەن تالاغا چىقماي يۈرگەن بولسام،...
35 If only God would give ear to me, and the Ruler of all would give me an answer! or if what he has against me had been put in writing!
ــ ئاھ، ماڭا قۇلاق سالغۇچى بىرسى بولسىدى! مانا، ئىمزايىمنى قويۇپ بېرەي؛ ھەممىگە قادىر ماڭا جاۋاب بەرسۇن! رەقىبىم مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئەرز يازسۇن!
36 Truly I would take up the book in my hands; it would be to me as a crown;
شۇ ئەرزنى زىممەمگە ئارتاتتىم ئەمەسمۇ؟ چوقۇم تاجلاردەك بېشىمغا كىيىۋالاتتىم.
37 I would make clear the number of my steps, I would put it before him like a prince! The words of Job are ended.
مەن ئۇنىڭغا قەدەملىرىمنىڭ پۈتۈن سانىنى ھېسابلاپ بېرەتتىم؛ شاھزادىدەك مەن ئۇنىڭ ئالدىغا باراتتىم.
38 If my land has made an outcry against me, or the ploughed earth has been in sorrow;
ئەگەر ئۆز ئېتىزلىرىم ماڭا قارشى گۇۋاھ بولۇپ چۇقان كۆتۈرسە، ئۇنىڭ چۈنەكلىرى بىلەن بىرگە يىغلاشسا،
39 If I have taken its produce without payment, causing the death of its owners;
چۈنكى چىقارغان مېۋىسىنى ھەق تۆلىمەي يېگەن بولسام، ھۆددىگەرلەرنى ھالسىزلاندۇرۇپ نەپىسىنى توختاتقان بولسام،
40 Then in place of grain let thorns come up, and in place of barley evil-smelling plants.
ئۇنداقتا بۇغداينىڭ ئورنىدا شۇمبۇيا ئۆسسۇن! ئارپىنىڭ ئورنىدا مەستەك ئۆسسۇن. مانا شۇنىڭ بىلەن [مەن] ئايۇپنىڭ سۆزلىرى تامام ۋەسسالام!»

< Job 31 >